ماقالىنىڭ 1-قىسمى:
/read.php?tid=60851 [ ({nj` ماقالىنىڭ 2-قىسمى:
/read.php?tid=60906 kx{{_w ماقالىنىڭ 3-قىسمى:
/read.php?tid=61017 ZY= {8T@ ماقالىنىڭ 4-قىسمى:
/read.php?tid=61104 3
3x{CY15 ماقالىنىڭ 5-قىسمى:
/read.php?tid=61181 6 7.+
.2 ماقالىنىڭ 6-قىسمى:
/read.php?tid=61316 O,
wJR ماقالىنىڭ 7-قىسمى:
/read.php?tid=61387 n1t*sk/J ماقالىنىڭ 8-قىسمى:
/read.php?tid=61590 / }X1W ماقالىنىڭ 9-قىسمى:
/read.php?tid=61734 Wx}8T[A} Tya1/w4 دوزاخ
py!|\00} e7Z32P0ls ;>yxNGV` دوزاخ - كۇپپارلار، گۇناھكار ئاسىلارنىڭ ئاخىرقى قارارگاھى، ئاللاھ تائاللا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان، پەيغەمبەرلەر قەۋملىرىنى شەررىدىن قورقۇتقان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن جەھەننەمدۇر. دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى، ئۇنىڭدىكى ئازاب ۋە ئەھلى دوزاخنىڭ ھالى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسىلەردە ناھايىتى كۆپ بايانلار كەلگەن. پاساھەت-بالاغەت، ئوبرازلىق تىل بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ. دوزاخنىڭ خىلمۇ-خىل، تۈرلۈك ئازابلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ئىنسان نەپسىگە ناھايىتى ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭدىن تەقۋىدارلىق بىلەنلا ساقلىنىش مۇمكىن، خۇددى رەسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك، جەننەت گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن، دوزاخ بولسا ھاۋايى-ھەۋەسلەر بىلەن پەردىلەنگەن. ئۈمۈتكى، ئەھلى دوزاخ ھەققىدىكى بۇ ھەقىقەتلەر مۆمىنلەرگە تەقۋىدارلىق، زالالەتتە تېڭىرقاپ يۈرگەنلەرگە ئويغىنىش سېگنالى بېرەلىسە.
)JLdO*H سۈرە ھىجرىنىڭ 44-ئايىتىدە خەۋەر بېرىلگەندەك، دوزاخنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىلىرى، دەرۋازىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلەك ئادەملەر بار. بۇلار: جەھەننەم، لەزا، ھۇتەمە، سەئەر، سەقەر، جەھىم، ھاۋىيە. سۈرەكەھفىنىڭ 102-ئايىتىدە كەلگىنىدەك جەھەننەم كاپىرلارغا تەييارلانغان مەنزىلگاھتۇر، لەزا بولسا ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل-مال يىغىپ ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جايىدۇر. ھاۋىيە دوزاخنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى، ئازاب جەھەتتىن ئەڭ قاتتىقى بولۇپ، مۇناپىقلار مۇشۇ يەردە جازالىنىدۇ. «مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئازابتىن قۇتقۇزۇدىغان مەدەتكار تاپالمايسىلەر» (سۈرە نىسا 145-ئايەت). دوزاخ ئوتىنىڭ قىزىقلىغى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادا يېقىۋاتقان ئوتۇڭلار قىزىقلىقتا جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ،» «ئى رەسۇلۇللاھ، كاپىرلارنى ئاسىلارنى كۆيدۈرۈشتە بۇ دۇنيانىڭ ئوتىچىلىك بولسىمۇ يېتەتتىغۇ دېگەنلەرگە، رەسۇلۇللاھ: جەھەننەمنىڭ ئوتى قىزىقلىقتا بۇ دۇنيانىڭ ئوتىدىن يەتمىش ھەسسە ئارتۇق. ھەربىر ھەسسىسىنىڭ قىزىقلىقى بۇ دۇنيانىڭ ئوتىچىلىك كېلىدۇ دېگەن. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئوت مىڭ يىل كۆيۈپ قىزىل رەڭگە كىرگەن، يەنە مىڭ يىل كۆيۈپ ئاقارغان، يەنە مىڭ يىل كۆيۈپ قارايغان. مانا مۇشۇ قاپقارا زۇلمەتلىك ئوت دوزاخ ئوتىدۇر. (ئىمام مالىك، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دوزاخنىڭ چوڭقۇرلىقى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدۇق. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. رەسۇلۇللاھ: بۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ دېدى. بىز 《ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر》دېدۇق. رەسۇلۇللاھ 《بۇ دوزاخقا 70 يىل بۇرۇن تاشلانغان تاشتۇر. ئۇ تېخىچە دوزاخقا چۈشۈۋاتاتتى. مانا ئەمدى دوزاخنىڭ تېگىگە يېتىپ باردى. سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلار شۇ تاشنىڭ چۈشكەن ئاۋازى》دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
H>IMf/%5N- دوزاخقا قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل قىلىنغان بولۇپ، سۈرە مۇددەسىرنىڭ 30-ئايىتىدە خەۋەر بېرىلگەندەك، ئۇلارنىڭ سانى 19دۇر. ئەھلى دوزاخنىڭ ئالدىدىن، كەينىدىن، ئاستىدىن، ئۈستىدىن، ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىن ئوت ئوراپ تۇرىدۇ. «دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ». (سۈرە ئەئراف 41-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاق، پۇت-قوللىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان ھالدا ئوتقا سۆرەپ كىرىلىدۇ. «كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ، ئۇلار تۆمۈر-توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ. ھەر قاچان ئۇلار (يېتىۋاتقان) غەم-قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى (دوزاخ) ئازابىنى تېتىڭلار (دېيىلىدۇ)». (سۈرە ھەج 19-22-ئايەتلەر). گۇناھكارلار دوزاخقا كىرگەندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ تېنىنى يوغىنىتىپ زورايتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئازابىنى زىيادە قىلىش ئۈچۈندۇر. ئىمام بۇخارى ئىمام مۇسلىم سەھىھ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كاپىرلارنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقى خۇددى ئالدىراپ تېز ماڭغان يولۇچىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك سەپەر مۇساپىسىدەك ئارىلىقتا بولىدۇ». (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). «كاپىرنىڭ چىشى ئۇھۇد تېغىدەك، تېرىسىنىڭ يىرىكلىكى ئۈچ كۈنلۈك يول مۇساپىسىدەك بولىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دوزاخ ئەھلىنىڭ چىراي-شەكىل جەھەتتىن ئىنتايىن سەت، قەبىھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان مۇنداق بايان قىلىدۇ. «ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ». (سۈرە يۇنۇس 27-ئايەت)، «ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەتبەشىرە) بولۇپ قالىدۇ». (سۈرە مۇئىمنۇن 114-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ئايەتنى شەرھىلەپ: «يەنى كاپىرنىڭ كالپۇكى قورۇلۇپ، ئۈستۈنكى تىلى بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئاستىنقى تىلى كىندىكىگە چۈشۈپ سۆرىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن.
!4RWYMV" ئۆتكۈر زەھىرى بىلەن چېقىپ، بەدەنگە يۆگىشىپ تۇرىدىغان يىلان-چايانلارمۇ دوزاختىكى خىلمۇ-خىل، تۈرلۈك ئازابلارنىڭ بىرىدۇر. ئىبنى ئەبباس رەزەيەللاھۇ ئەنھۇ «كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىندىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب قوشۇپ، زىيادە ئازاب قىلىمىز» (سۈرە نەھىل 88-ئايەت) ئايىتىدىكى زىيادە ئازابنى دوزاختىكى خېچىردەك يوغان چايانلارنىڭ ئەھلى دوزاخنى چېقىشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەفسىر قىلغان. ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە دوزاختىكى تۆگىدەك يىلان، خېچىردەك چوڭ چايانلارنىڭ ئەھلى دوزاخنى چاققاندىكى دەھشەتلىك ئاغرىقىنىڭ تاكى يەتمىش يىلغىچە كەتمەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئاللاھتاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھسىزكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز. ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز» (سۈرە نىسا 56-ئايەت) ھازىرقى زامان مېدتسىنا ئىلىمىنىڭ يېڭى بايقاشلىرىدىن بىرى شۇكى، ئادەمنىڭ ئاغرىق سېزىمى ئۈستۈنكى بىر قەۋەت تېرە قاتلىمىدا بولۇپ، بۇ قەۋەت تېرە كۆيۈپ كەتسە، ئاستىنقى قەۋەت قىسىملىرى ئاغرىقنى سەزمەيدۇ. مانا بۇ ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى تېبابەت ئىلمى تېخى ئىپتىدائى ھالەتتىكى چاغدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئان ئېيتقان ھەقىقەت.
,X-bJA@( ئەھلى دوزاخنىڭ ئازابلىرى تۈرلۈك، خىلمۇ-خىل بولىدۇ. پۇل-ماللىرىدىن ئاللاھ بۇيرىغان زاكاتنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جازاسى بولسا «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشانلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشىڭلار (سىلەر بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار) يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› دېيىلىدۇ». (سۈرە تەۋبە 35-ئايەت). ئۇسامە ئىبنى زەيىد ئىبنى ھارس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. دوزاختا ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇ ياغۇنچاققا قاتقان ئېشەكتەك چۆگىلەيدۇ. ئەھلى دوزاخ ئۇنى چۆرىدەپ: ھەي پالانى، دۇنيادىكى چاغدا سەن ئەمرى-مەرۇف، نەھى-مۇنكەر قىلاتتىڭغۇ؟ دەيدۇ. ئۇ «مەن سىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيتتىم، ئەمما ئۆزەم قىلمايتتىم، سىلەرنى يامان ئىشتىن توساتتىم، ئەمما ئۆزەم ئۇنىڭدىن يانمايتتىم» دەيدۇ. دوزاخ ئەھلى ئازاب چېكىشتە بىر خىل ئەمەس، پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابى بويىچە بەزىلىرى قاتتىق ئازابتا، بەزىلىرى يەڭگىلرەك ئازابتا بولىدۇ. سەمۇرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئوت ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھوشۇقىغىچە، بەزىلىرىنى تىزىغىچە كۆيدۈرىدۇ، بەزىلىرىنى بېلىگىچە، بەزىلىرىنى ئوقرەك سۆڭەكلىرىگىچە كۆيدۈرىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). «قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يېنىك ئازاب چېكىدىغىنى شۇنداق بىر ئادەمكى، ئۇنىڭ ئىككى تاپىنى ئاستىغا ئىككى چوغ قويۇلىدۇ، چوغنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قايناپ كېتىدۇ. ئۇ مەندىنمۇ قاتتىق ئازابلانغان ئادەم يوق دەپ ئويلايدۇ. ھەقىقەتتە ئۇ ئەڭ يەڭگىل ئازاب چەككەن كېشىدۇر». (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
b\kdKVh& ھاياتلىق قانۇنىيىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دوزاخ ئەھلىمۇ يېمەك-ئىچمەككە مۇھتاج بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئازابىغا ھەسسىلەپ ئازاب قاتىدۇ. ئەھلى دوزاخنىڭ تائامى ئۇلارنىڭ ئاچلىغىنى پەسەيتەلمەيدۇ. ئىچىملىكى ئۇسسۇزلىقىنى باسالمايدۇ. دوزاخ ئەھلىنىڭ يېمەكلىكى بولغان زەققۇم، غىسلىن، زەرئى ھەققىدە قۇرئاندا ناھايىتى ئوچۇق بايانلار كەلگەن. «بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر. ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار شۈبھىسز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ» (سۈرە ساففات 62-67-ئايەتلەر). «زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر. ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق)دۇر. ئۇ قورساقلاردا قاينايدۇ» (سۈرە دۇخان 43-46-ئايەتلەر) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر زەققۇمدىن بىر بۇردا ئېلىپ دۇنياغا ئارىلاشتۇرسا، ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ مەئىشىتىنى بۇزۇۋېتىشكە يېتىدۇ. شۇ زەققۇمنى يىمىكى قىلغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولار؟ غىسلىن بولسا گۇناھكارلارنىڭ بەدىنىدىن ئاققان يىرىڭ-زەرداپ، قان ۋە قوسۇقلىرى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يامان تامىقىدۇر». ئىمام ئىبنى كەسىر تەفسىرىدە ھاققە سۈرىسىنىڭ 35-37-ئايەتلىرىنى ئىكرىمە، قەتادەلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىدە شەرھىلىگەنلىكىنى يازغان. زەرى بولسا ئاچچىق تىكەن بولۇپ، ئەھلى دوزاخنىڭ تائامىدۇر. «ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ. زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ» (سۈرە غاشيە 6-،7-ئايەتلەر). دوزاخ ئەھلى ئۇسسۇزلىقتىن چاكىلدىغاندا ئۇلارغا قايناپ تۇرغان، قىزىقلىقدىن تۆمۈرنى ئېرىتىۋىتىدىغان قايناقسۇ ۋە يىرىڭلىق سېسىق سۇ بېرىلىدۇ. ئۇلار سۇنى ئىچمەكچى بولسا، سۇنىڭ ھارارىتىدىن يۈزىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چۈشىدۇ. ئىچكەندە بولسا ئىچ-باغرى ئۈچەيلىرى ئېرىپ پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ «(مۇنداق تەقۋىدارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: دوزاختىكى كۇففار تەشنالىقتىن قايناپ تۇرغان سۇنى ئىچمەكچى بولۇپ، ئېغىزىنى ئاپىرىشى بىلەن قايناقسۇنىڭ ھارارىتىدىن يۈزى كۆيۈپ، بېشىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چۈشىدۇ. سۇنى ئىچكەندە ئۈچەيلىرى پارە-پارە بولۇپ ئۈزۈلۈپ ھەتتا ئارقا پىشاپ يولىدىن ساڭگىلاپ چىقىپ قالىدۇ (ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
m)t;9J5 ئەھلى دوزاخ ئەنە شۇنداق تەكرار-تەكرار ئازاب چېكىش، قىينىلىش بىلەن نالە-پەرياد قىلىپ خار ھالدا ياشايدۇ، ئازاب ئۇلاردىن بىر مىنۇتمۇ نېرى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللا-توۋا بىلەن يىغا-زار قىلىشىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز. ئاللاھ ئېيتىدۇ: جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار» (سۈرە مۇئمنون 106-108-ئايەتلەر) ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىغا ھېچىكىممۇ قۇلاق سالمايدۇ. دوزاخ ئەھلى قاتتىق ئازابتا ئۆلۈمنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە ئۆلۈم بېرىشنى، بۇنىڭ بىلەن ئازابتىن قۇتۇلۇپ، ئارام تېپىشنى تىلەيدۇ. ئەمما ئاخىرەت ھاياتى مەڭگۈلۈك ھايات بولۇپ، ئۆلۈم بولمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ئازاب ياكى نېمەت ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. قۇرئان بۇنى ئاجايىپ پاساھەت-بالاغەت بىلەن مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: ”ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ“ (سۈرە ئىبراھىم 77-ئايەت). ئىبرەت ۋە ئازاب بولۇشى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىگە جەننەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار جەننەتنىڭ نېمەتلىرى ۋە ئەھلى جەننەتنىڭ راھەت-پاراغىتىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەسرىتىگە ھەسرەت، ئازابىغا ئازاب قوشىدۇ. سۈرە ئەئرافتا ئەھلى جەننەت بىلەن ئەھلى دوزاخ ئارىسىدىكى سۆزلىشىش مۇنداق بايان قىلىنغان. «ئەھلى جەننەت ئەھلى دوزاخقا» بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار «ھەئە» دەيدۇ شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: «زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» (44-ئايەت) «ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! دەپ توۋلايدۇ. ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن) «ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ (50-ئايەت) ئۇلارنىڭ نالە-زارى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلى تولا يىغلاپ ياشلىرى قۇرۇپ، كۆزىدىن ياش ئورنىغا قان ئاقىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدىن يول-يول بولۇپ ئاققان قانلارنى كۆرىسەن، ئەگەر ئۇنىڭدا بىرەر كېمە ماڭسا مېڭىپ كېتەلەيدۇ» (ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان).
wj^3N7_:w ئاخىرەتتىكى دوزاخ ئازابى ئالدىدا ھاياتى دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تەقۋىدارلارغا ۋەدە قىلغان جەننەت نېمەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا فانى دۇنيانىڭ رىيازەتلىرىمۇ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئەڭ باياشاتچىلىقتىن ياشىغان، ئەمما دەۋزىخى بولغان بىر ئادەم كەلتۈرۈلۈپ دوزاخقا چۆكتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا:«ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن ياخشى ياشىغانمۇ؟ نازۇ-نېمەتلەرنى كۆرگەنمۇ؟» دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەم «ياق، رەببىم بىلەن قەسەمكى مەن ھېچقاچان ياخشى ياشاپ باقمىغان» دەيدۇ. دۇنيادا ئەڭ جاپا-مۇشەققەتتە ياشىغان، ئەمما جەننىتى بولغان بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا «ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن جاپا-مۇشەققەت تارتقانمۇ؟ بېشىڭدىن قاتتىقچىلىق ئۆتكەنمۇ؟» دېيىلىدۇ. ئۇ «ياق، ئاللاھتائاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن قىيىنچىلىق تارتىپ باقمىدىم، قاتتىقچىلىقنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزمىدىم» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
3vN_p$ ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ ئەقىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان ھەر قانچە چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، مەڭگۈ دوزاختا قالمايدۇ، بەلكى گۇناھلىرى مىقدارىچە دوزاختا ئازابلانغاندىن كېيىن ئاخىرى بىر كۈنى دوزاختىن چىقىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى ئەمما يامان ئەمەللىرى ياخشىلىقىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە قارىتىلغان. ئاللاھتائاللاھنىڭ «ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دېگىنى ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئىمانسىز كۇففارلار ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىكلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ. خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. كىمىكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ» (سۈرەنسا 48-ئايەت). مانا بۇ ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھتائاللاھ: قەلبىدە تېرىقچىلىق ئىمانى بارلارنى تارتىپ چىقىرىڭلار دەيدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ھالەتتە چىقىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئابىھايات ئۆستىڭىگە تاشلىنىدۇ. بۇ ئادەملەر خۇددىي كەلكۈن لاتقىلىرىدا ئوت-چۆپ ئۈنۈپ چىققاندەك، چىرايلىق ھالەتتە ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئەجىبا سەن ئەشۇنداق يۇمران سېرىق مايسىنى كۆرۈپ باقمىغانمۇ؟ (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى، بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دېسە، قەلبىدە مىسقالچە ياخشىلىق بولىدىكەن، دوزاختىن چىقىدۇ. كىمىكى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېسە، قەلبىدە تېرىقچىلىق ياخشىلىق بولىدىكەن، دوزاختىن چىقىدۇ. كىمىكى، «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق» دەيدىكەن ۋە قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق بولىدىكەن ئۇمۇ دوزاختىن چىقىدۇ (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن دوزاختىن ئەڭ كېيىن چىقىدىغان ئادەمنى ۋە جەننەتكە ئەڭ كېيىن كىرىدىغان ئادەمنى ئەلۋەتتە بىلىمەن. ئۇ شۇنداق بىر ئادەمكى، دوزاختىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ. ئاللاھتائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن، دەيدۇ. ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تويۇلىدۇ. ئۇ قايتىپ بېرىپ: ئى رەببىم، جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. ئاللاھتائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ، ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تويۇلىدۇ. ئۇ قايتىپ بېرىپ: ئى رەببىم، جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. ئاللاھتائاللاھ ئۇنىڭغا: بارغىن، جەننەتكە كىرگىن، ساڭا ئاتا قىلغان جەننەت دۇنيادەك كەڭ ۋە يەنە دۇنيادەك ئون ھەسسە كەڭ دەيدۇ، ئۇ ئادەم ئاللاھتائاللاھغا: سەن پادىشاھ تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن ياكى كۈلۈۋاتامسەن دەيدۇ. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈلگەنلىكىنى ھەتتا ئۇنىڭ ئۇدۇل چىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتىشىچە، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكى ئەنە شۇ كىشىدۇر.
36Zf^cFJ ئاللاھنىڭ رەھمىتى قانداق كەڭ بولسا، ئازابىمۇ شۇنداق قاتتىقتۇر. «ھەر قانداق ئادەم: ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسىرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋىدارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن). (سۈرە زۇمەر 56-،58-ئايەتلەر).
(AaoCa[ XK3tgaH rNWw?_H-H( جەننەت
!}#8)?p p
Z|V
3 &tLgG4pd جەننەت ــ ئاللاھتائاللاھ مۆمىن، تەقۋىدارلار ئۈچۈن تەييارلىغان كاتتا مۇكاپات، ئۇنىڭدا جاپا-مۇشەققەتمۇ، قېرىلىق، ئۆلۈم، قايغۇ-ھەسىرەتمۇ يوق. ئۇنىڭدا بارى ئاللاھنىڭ رەھمەت، مەرھىمىتى، ئەبەدىيلىك خۇشاللىق ۋە تۈگىمەس راھەت-پاراغەتتۇر. جەننەت ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىپ، ئازابىدىن قورققان، ئاللاھ بۇيرىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغان تەقۋىدارلارغا خاستۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدىسىدا ئاللاھتائاللاھ مۇنداق ئېيتىدۇ: مەن سالىھ بەندىلىرىمگە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نېمەتلەرنى تەييارلىدىم. خالىساڭلار مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھ تائاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ». (سۈرە سەجدە 17-ئايەت)
yiXSYD
جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ-نېمەتلەر توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە نۇرغۇن بايانلار كەلگەن. جەننەتنىڭ قەسىرلىرى، باغلىرى، دەرەخلىرى، ئۆستەڭلىرى، مېۋىلىرى، ئالتۇن-كۈمۈشلىرى، ھۆرۈ-غىلمانلىرى ئىنساننىڭ چەكلىك ئەقلى ۋە سەزگۈسىدىن ھالقىغان بولۇپ، بىز بىلىدىغان ھاياتى دۇنيادىكى شەيئىلەر بىلەن پەقەت ئىسىم جەھەتتە ئورتاقتۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈرە بەقەرەدىكى «ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. «ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ» ئايىتىنى تەفسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جەننەتتىكى نېمەتلەر دۇنيادىكى نەرسىلەرگە پەقەت ئىسىم جەھەتتىنلا ئوخشايدۇ. جەننەتنىڭ كەڭلىكى ئاسمان-زىمىنچىلىك بولۇپ، ئال-ئىمران سۈرىسىنىڭ 137-ئايىتى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن. جەننەتنىڭ خۇشبۇي ھىدى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتنىڭ خۇشبۇي ھىدى يۈز يىللىق مۇساپە نېرىسىدىنمۇ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ» (ئىمام تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). كىشىلەر ياخشى ئەمەللەردە پەرقلىق بولغىنىدەك، جەننەتتىمۇ ئەمەللەرگە لايىق يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلەر بولىدۇ. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەتتە يۈز دەرىجە بار، بىر دەرىجە بىلەن يەنە بىر دەرىجىنىڭ ئارىلىقى ئاسمان-زىمىندەك پەرقلىنىدۇ. فىردەۋس ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدۇر. ئۇنىڭدىن تۆت جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەرش بار، ئاللاھتىن سورىساڭلار، جەننىتى فىردەۋسنى سوراڭلار. (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ھەدىسلەردە بۇ دەرىجىلەردىن فىردەۋس، ئاندىن ئەدن، ئاندىن خۇلۇد، ئاندىن مەئۋا تىلغان ئېلىنغان. جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بولۇپ، بۇ دەرۋازىلارنىڭ چوڭلىقى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھەجەرنىڭ ئارىلىقىچىلىك ياكى مەككە بىلەن بۇسرانىڭ ئارىلىقىچىلىك كېلىدۇ. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ياخشى ئەمەل بىلەن باغلانغان بولۇپ، كىم قايسى ئەمەلنى كۆپ قىلغان بولسا شۇ ئىشىكتىن چاقىرىلىدۇ. ناماز ئىشىكىدىن كۆپ ناماز ئوقۇغۇچىلار، رەييان دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكتىن كۆپ روزا تۇتقۇچىلار، سلە-رەھىم ئىشكىدىن كۆپ ئېھسان قىلغۇچىلار كىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرگۈچىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى تىلغان ئالغاندا ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شۇنداق، ئى ئەبۇ بەكىر، مەن سېنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشىڭنى تىلەيمەن“ دەپ جاۋاپ بەردى. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسىلىم رىۋايەت قىلغان)
QC
OM_$ y ئەھلى جەننەت ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرغان ئىسىل قەسىرلەردە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خىشلىرى ئالتۇن-كۆمۈشتىن، تاشلىرى لۇلۇ-ياقۇتتىن، توپىسى زەئىفىراندىن بولىدۇ. جەننەتتىكى ئۆستەڭلەر ھەققىدە قۇرئان مۇنداق خەۋەر بەرگەن: « تەقۇەدارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ. ئۇلارغا جەننەتتە بەھىرىمان بولىدىغان تۈرلۈك مىۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋرىگارى تەرىپىدىن مەغفىرەت بولىدۇ. (مۇنداق تەقۇەدارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغۇرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىندىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت) ھەۋزى كەۋسەر توغرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: مېنىڭ كۆلۈم-مەۋزى كەۋسەرنىڭ توغرىسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر. ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق، ھىدى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ جاملىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىچكەن ئادەم مەڭگە چاڭقىمايدۇ“ (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
kzQ+j8.,U كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشى كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان راھەت-پاراغەت ۋە نازۇ-نىمەتلەر جەملەنگەن جەننەتكە كىرگەن مۆمىنلەرنىڭ ھاياتىنى قۇرئان مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «تەقۇەدارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغۇ-بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە ماي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ، (ئۇلارغا):«جەننەتتە ئامان-ئىسەن، تىنىچ كىرىڭلار» دىيىلىدۇ. (سۈرە ھىجىر 44-ئايەت) (ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن خوشال-خۇرام جەننەتكە كىرىڭلار» دىيىلىدۇ. ئۇلارغا ئالتۇن لىگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراپ) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر، سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر. (سۈرە زۇخرۇف 68-72-ئايەتلەر). «تەقۋىدارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ. باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسدا بولىدۇ. ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرىشىدۇ. (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق. شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز. ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مىۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىلگىرىكى (دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھىچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ.» (سۈرە دۇخان 51-56-ئايەتلەر).
3
جەننەتتىكى ھايات مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. مەيلى قېرى، چوڭ بولسۇن ئەھلى جەننەت نەۋقىران ياش ھالەتتە جەننەتكە كىرىدۇ ۋە مەڭگۈ شۇ نەۋقىران يېشىدا تۇرىدۇ. ئۇلار كېسەل بولمايدۇ. قېرىمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، ھېرىپ چارچىمايدۇ، غەم-قايغۇسى بولمايدۇ. ئاللاھتائالا ئەھلى جەننەتنىڭ قەلبىنى ئۆچ-ئاداۋەت، ھەسەتتىن پاك قىلىپ، مېھىر-مۇھاببەتلىك كۆيۈمچان قېرىنداشلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر نىدا قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مەڭگۈ ياشايسىلەر، ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، ھەرگىز كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر، نازۇ-نىمەتتە، بەخىت سائەدەتتە ئۆتىسەلەر، مەڭگۈ بەختسىزلىككە دۇچار بولمايسىلەر» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلى يەيدۇ-ئىچىدۇ، چوڭ تەرەت قىلمايدۇ، مىشقىرمايدۇ ۋە كىچىك تەرەت قىلمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ يېمىكى ئىپارنىڭ ھېدىدەك خۇشبۇي كېكىرىش بىلەن ھەزىم بولىدۇ. خۇددى ئۇلار تەبئىي نەپەسلىنىپ تۇرغىنىدەك تەسبىھ، تەكبىرلەر ئۇلارنىڭ تىلىغا جارى بولۇپ تۇرىدۇ. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى جەننەتنىڭ يېيىش-ئىچىش، كىيىش ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشتە قانداقتۇ ئۇلاردا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ياكى بەدبۇيلۇق ھېسسىياتى يوق بولىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۈزۈلمەس لەززەتلەر ۋە تۈگىمەس نېمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ». ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ مەزھىپى شۇكى، ئەھلى جەننەت دۇنيا ئەھلىگە ئوخشاشلا نازۇ-نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەززەتلىنىش جەھەتتە پەرق بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە دەسلىپىدە كىرىدىغان جامائە ئون تۆت كۈنلۈك تولۇق ئايدەك بولىدۇ. جەننەتكە ئۇلاردىن كېيىن كىرگۈچىلەر ئاسماندىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلاردەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدۇ، تۈكۈرمەيدۇ ۋە مىشقىرمايدۇ. ئۇلارنىڭ تاغاقلىرى ئالتۇندىن بولىدۇ. تەرلىرى ئىپاردەك خۇش ھىد بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسرىقدىنى خۇشپۇراق ئۇد ياغىچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى شەھلا كۆزلۈك ھۆر-پەرىلەردىن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ شەكلىدە ئېگىزلىكى 60 گەز كېلىدىغان ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ». (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). DZ'P@f)]
ئىنسان شۇنچە چوڭ بىلگەن دۇنيانىڭ جىمى راھەت-پاراغەتلىرى جەننەت ئىنئاملىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «جەننەتتىكى بىر ياچاق دائىرىسىچىلىك جاي ۋە ياكى سىلەرنىڭ جەننەتتە قەدىمڭلارنى قويغان جاي دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بىر ئايال زىمىنغا چىقسا ئۇنىڭ نۇرىدىن دۇنيا يورىغان، ئۇنىڭ خۇشھىدى ھەممە يەرنى قاپلىغان بولاتتى. ئۇنىڭ سالغان چۈمبىلى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەردىن ئارتۇقتۇر». (ئىمام بۇخارى، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). جەننەتتىكى شۇنچىۋالا نېمەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا نېمەت ئاللاھتائاللاھنىڭ مۇبارەك جاملىنى كۆرۈش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتۇر. ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ ئەقىدىسىدە تەقۋىدار مۆمىنلەر ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بولىدۇ. ئەمما گۇناھكارلار ئاللاھنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بۇنى دەلىللىگۈچى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر بار. ئاللاھتائاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈندە(سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ» (سۈرە قىيامەت 22-،23-ئايەتلەر) «ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان». مۇفەسسىرلەر قاف سۈرىسىدىكى «جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە(نېمەتلەر) بار» (35-ئايەت) ئايىتىدىكى زىيادە نېمەت دەل ئاللاھنىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شۇنداق لەززەتلىككى جەننەت ئەھلى بۇ چاغدا باشقا جىمى نېمەتلەرنى ئۇنتۇيدۇ دەپ شەرھىلەيدۇ. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 14 كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: «سىلەر خۇددى مۇشۇ ئاينى ھېچقانداق توسالغۇسىز كۆرگەندەك، پەرۋەردىگارىڭلارنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرىسىلەر» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام مالىك بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتائاللاھ باقى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ فانى كۆزلىرى بىلەن باقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاخىرەتتە بولسا، جەننىتىلەرگە باقى كۆزلەر بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇ كۆز بىلەن ئاللاھتائاللاھنى كۆرگىلى بولىدۇ». سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە، ئاللاھتائاللاھ سىلەرگە مېنىڭ بىرەر نەرسىنى زىيادە قىلىپ بېرىشىمنى خالامسىلەر» دەيدۇ. ئۇلار: يۈزىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ، دوزاختىن قۇتقۇزۇپ جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ، بىز يەنە نىمىنى تەلەپ قىلاتتۇق، دەيدۇ. ئاللاھتائاللاھ ئۆز جامالىدىن پەردىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ. ئۇلارغا ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇشەررەف بولۇشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك نەرسە بولمايدۇ». (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) Z*]
9E^
مانا بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ گۈزەل يېشىمى، ئەمما بۇ ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن، دوزاخنى كۆرمەي تۇرۇپ ئازابىدىن قورققان، جەننەتنى كۆرمەي تۇرۇپ قىزىققان ئادەمگىلا نىسىپ بولىدىغان ياخشى خاتىمە. )1J R#
ئاللاھ تائاللاھنىڭ بەندىگە بەرگەن نېمەتلىرى نۇرغۇن، تەن-ساقلىق، مال-مۈلۈك، بالا-چاقا، مېھرى-مۇھەببەت، شان-شۆھرەت...... ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېمەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، چۈنكى شۇ ھىدايەت بىلەن ئىنسان مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ ئىشكىنى قېقىشقا نائىل بولىدۇ. شۇ ھىدايەت ئىنساننى راھەت-پاراغەتلىك يېڭىچە ھاياتقا ئۇلاشتۇرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي بەختتۇر. چىن ئىخلاسى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، جەينىمازغا ئولتۇرغان مۆمىن پەرۋەردىگارىدىن ئىنسان قەلبىدىكى تەنھا بوشلۇقلارنى تولدۇرۇلايدىغان ئىمان تىلەيدۇ. ئۇ ساغلاملىق، بايلىق، كۆپ پەرزەنت، دۇنيا ھاجەتلىرىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىدىن تەقۋالىق ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى سورايدۇ. ئۇنىڭغا ئايانكى «(ئى ئىنسانلار) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر» (سۈرە نەھىل 96-ئايەت). zx"s*:O
Olt?~}
M>xK+q?O
خاتىمە L2[($
l
5,lEx1{_
1Kw+,.@d
ئۆلۈم ۋەھمىسى قەلبىمىزگە سايە تاشلىغاندا بىز شۇنداق دەيمىز: ئۆلۈم پۈتۈنلەي يوقىلىشمۇ؟ ئەجىبا ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھېكايىسى مۇشۇ دۇنيادىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ ياخشىلار ئەجرىگە لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن، مەزلۇملار ئەنتىنى ئالالمىغان، يامانلار جازاسىنى تارتماي، ئەكسىچە خاتىرجەم ياشاپ ئۆتكەن ھالەتتە ھاياتنىڭ ئاياغلىشىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ياكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كۇففارلار تىلىدىن ئېيتقان «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر. بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ قايتا تىرىلىمىز)» (سۈرە مۇئىمنىنۇن 37-ئايەت) دېگەندەك بولامدۇ؟ ھاياتلىق كارۋىنى داۋام قىلماقتا، ئەمما ئۇنىڭ نىھايىتى بار، ئۇ ھامان ئاخىرقى بېكەتكە كېلىپ توختايدۇ. ھاۋادا، سۇدا، قۇياشتا، ھەربىر ياپراقتا.... ئاللاھتائاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى ئەكس ئېتىدۇ. كائىناتنىڭ ھەربىر زەررىچىسىدىمۇ ياراتقۇچىنىڭ بۈيۈك مۆجىزىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئويغاق قەلبلەر بۇنىڭدىن چوڭقۇر سۈكۈتكە پاتىدۇ. پەقەت ھەقنى كۆرۈشتىن دىلى پەردىلەنگەن ئەڭ شەقى بەندىلا غەپلەت بىلەن ئازغۇنلۇقتا يۈرىدۇ. .]Y$o^mf
6RU~"C
(ھەممە قىسمى تولۇق تۈگىدى.) UawyDs
Fh&G;aEq
d
`=MgHz
خاتىمە سۆزۈم: @|Cz-J;
D
P+
3G~Sr
ھۆرمەتلىك تورداشلار! ئاتاقلىق ئىسلام مۇتەپەككۈرى،ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ پەخرى،‹‹بۈيۈك قۇرئان كەرىم››نى ئۆز تىلىمىزدا چۈشىنىپ ئوقۇش تەقەززاسىنى قاندۇرۇپ،بۇ ساماۋى كىتابنى ئۇيغۇر تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىغان زات-مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىنىڭ قىزى بولمىش-نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ مول-ھوسۇللۇق يازمىسى بولغان‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق بۇ ئىسلامىي ماقالىسىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە‹‹ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار››دىگەن تېمىدا 10پارچىگە بۆلۈپ يوللاپ تۈگەتتىم.بۇ ئەجرىمدىن مۇنبىرىمىزدىكى بىر كىشى بولسىمۇ مەنپەئەتلىنىپ دىللىرى ئېرىپ ھىدايەت يولىغا مېڭىپ،زالالەت يولىدىن ئۆزىنى تارتىپ قالسا، ئەۋۋىلى ئاللاھقا،ئاندىن قالسا ھۆرمەتلىك مۇئەللىفكە مەدھىيەلەر ئوقۇپ، كەمىنە فەقىرنىڭ ئەجرى بىكار كەتمەپتۇ دەپ ئالەمچە خۇرسەن بولغان بولار-ئىدىم.مېنىڭ بۇ ماقالىنى تولۇق نۇسخىسى بىلەن بىر يولىلا يوللاپ مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ نادىرلىتىپ قويۇش،شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تورداشلىرىمىزنىڭ بەھرلىنىشىگە سۇنۇش ئارزۇيۇم تولىمۇ كۈچلۈك ئىدى.ئەپسۇس ماقالە زىيادە ئۇزۇن،ھەجمى كۆپ بولغاچقا،بىر يولى يوللاشقا سەۋىيەم يەتمەي قالدى.بىلىدىغان تورداشلارنىڭ خەيرلىك ئىشقا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئۆتكەندە بىر تورداش ئاۋالقى 6قىسمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلكىتاب شەكلىدە يوللاپ قويۇپتىكەن،بولسا ھازىر تولۇق نۇسخىسىنى بىراقلا ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ دوستلارغا سۇنسا بۇ ساۋابتىن شۇ توردىشىمىزمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالماي قالمايتتى.باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ بۇ ماقالىغا ئېتىبار بىلەن قاراپ نادىرلاپ قويۇشىنى،ھىچبولمىغاندا مۇنبىرىمىزدە ئۇزاقراق تۇرغۇزۇپ چاڭقىغان قەلبلەرگە ئابى كەۋسەر بولۇشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشىغا تىلەكداشمەن.خەير-ئاللاھقا ئامانەت.9-ئۆكتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى. e
}?db
@muRxi
htO+z7
g{]0sn#
[ بۇ يازما Hidayet تەرپىدىن 2011-10-09 02:30 AM دە ق ]