مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3171 
  •    ئىنكاس 
       22 

ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار(3)

قەۋەت ئاتلاش
Hidayet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8551

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18187 (سوم)
 ياخشى باھا:   1104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1725  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3666
 سائەت
دەرىجىسى:
3666 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
— بۇ تېمىنى alafasy ماقالە - ئوبزورلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-09-27) —

     ئۆلۈم بوسۇغىسىدا .F2 :!h$  
;rHO&(h-  
    ‹‹ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى» (سۈرە قاف 19-ئايەت) «راستلا جان ھەلقۇمغا يەتكەندە (بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ دىيىلىدۇ. (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ. (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ.» (سۈرە قىيامەت 26-27-28-29-ئايەتلەر) f.xA_Y>  
E gM*d)X  
  يۇقارقى ئايەتلەرنى تىلى بىلەنلا ئەمەس، دىلى بىلەن زىكىر قىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئۆلۈم سەكرىتىنىڭ دەھشىتى يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۆلىمالار ئۆلۈم سەكرىتىنىڭ قاتتىقلىقىنىڭ ئىنساننى مىڭ قېتىم قېلىچ بىلەن چاپقان، ھەرە بىلەن ھەرىدىگەندىنمۇ ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ تومۇر-تومۇرلىرىنىڭ سەكرات ئازاۋىنى تېتىيدىغانلىقىنى تۈرلۈك نەقىللەر بىلەن بايان قىلىدۇ. شەھر ئىبنى ھۇۋشەب رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈمنىڭ قاتتىقلىقى ھەققىدە سۇرالغاندا مۇنداق دىگەن: ئەڭ ئاسان ئۆلۈم يۇڭنىڭ ئىچىدىن بۇدۇشقاق تىكەننى تارتىپ چىقارغانغا ئوخشايدۇ، ھەرقانچە قىلسىمۇ تارتىپ چىقىرىلغان بۇدۇشقاققا ھامان يۇڭ يېپىشقان بولىدۇغۇ؟!. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلىق تىلەشتىن غەپلەتتە قالغان ئۆلۈم سەكرىتىدىن پەيغەمبەر – ئەنبىيالار ناھايتتى كۆپ پاناھ تىلەيتتى. رەسۇلۇللاھ ھەردائىم «ئى پەرۋەردىگارىم، ماڭا ئۆلۈم سەكرىتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن» دەپ دۇئا قىلاتتى. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسەللىك ھالىتىدە ياتقاندا يېنىغا بىر قاچا سۇ قويۇلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ مۇبارەك قولىنى سۇغا تىقىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى سىپايتتى ۋە «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ھەقتۇر» دىدى، ئاندىن قولىنى سوزۇپ «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا» دىگىنىچە قولى چۈشۈپ كىتىپ، نەپەستىن قالدى. \".^K5Pm  
z5 m> H;P  
  ھەدىسلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەقىللىرىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئۆلۈمنىڭ بالاسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچىسى سەكرات ئازاۋى بولۇپ، بۇ روھنىڭ تەندىن تارتىپ چىقىرىلىش جەريانىدۇر.          ساھابىلاردىن ئەمرۇ ئىبنى ئاس  قاتتىق كىسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا، ئوغلى مۇنداق دىگەن: ئى دادا ، ئىلگىرى سىز ئەگەر مەن ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن بىرەر ئاقىل ئادەمنى ئۇچراتسام، چۇقۇم ئۇنىڭدىن ئۆلۈمنى ماڭا سۈپەتلەپ بىرىشنى ئۈتۈنگەن بۇلاتتىم دىگەن ئىدىڭىز. سىز ئۆزىڭىز سۈپەتلىگەن ئاشۇ ئاقىل كىشى، ماڭا ئۆلۈمنى سۈپەتلەپ بېرىڭ دىگەن. ئەمرۇ ئىبنى ئاس: ئى ئوغلۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھازىر ئۆزەمنى قاتتىق قارا تاختاينىڭ ئۈستىدە يېتىۋاتقاندەك، يىڭنىنىڭ تۈشۈگىدىن نەپەس ئېلىۋاتقاندەك، بىرسى شوخىلىق تىكەننى تاپىنىمدىن كىرگۈزۈپ، بېشىمدىن تارتىپ چىقىرىۋاتقاندەك سىزىۋاتىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەئب ئىبنى ئەھبار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئۆلۈم ھەققىدە بىزگە سۆزلەپ بەرسەڭ» دەپ ئۆتۈندى. كەئب: «ئى ئەمىيرۇلمۆئمىنىين، ئۆلۈم گۇيا تىكەنلىك شاخقا ئوخشايدۇ، ئۇ ئىنساننىڭ بەدىنىگە سانچىلغاندا، ھەربىر-ھەربىر تومۇرلىرىغىچە كىرىدۇ. ئاندىن ئۇنى قاتتىق تارتقاندا تىكەنلىك شاخ بىلەن قۇشۇلۇپ چىققىنى چىقىدۇ. تىكەن بىلەن قالغىنى قالىدۇ»دىدى. پەيغەمبەرلەر، سالىھ بەندىلەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سەكرىتى شۇنداق بولسا، ئۆلۈمنى يىراق ساناپ، ئاخىرەتتىن غەپلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھالى نىمە بۇلار؟ l67Jl"v  
%,q. ),F  
  ئىككىنچى تۈرلۈك بالا سەكراتتىكى كىشىنىڭ جان ئالغۇچى پەرىشتە ئەزرائىلنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ سۈر- ھەيۋىسىدىن قاتتىق قورقۇنچقا قېلىشىدۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: « (ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 27-ئايەت) سەلەف ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەزرائىلنىڭ سەكراتتىكى كافىر – مۇناپىققا  ناھايتتى قورقۇنچلۇق، بەد سۈرەتتە كۆرىنىدىغانلىقى، ئىنسان زاتىنىڭ ئۇنىڭغا قاراشقا تاقىتى يوقلىقى، شۇنداقلا مۆئمىنگە  ئەزرائىلنىڭ چىرايلىق سۈرەتتە كۆرىنىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى ھەدىسلەر كەلگەن. مانا بۇ ھەدىسلەر جۈملىسىدىن  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلى تۇشۇپ، ئەزرائىل كەلگەندە ئۇنىڭدىن كۇففارلارنى قەبزى روھ قىلغاندىكى كۆرۈنىشنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەزرائىل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: سەن مېنى ئۇ خىل ھالەتتە كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايسەن، دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام «ياق، مەندە ئۇنچىلىق تاقەت بار» دەپ تۇرۋالىدۇ، ئەزرائىل ئۇنىڭغا « ئەمىسە ئارقاڭنى قىلغىن» دەپ بىر ئازدىن كېيىن ئالدىنى قىلىشنى ئېيتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەزرائىلنىڭ دەھشەتلىك تۇرقىغا قاراپلا ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ. ھۇشىغا كەلگەندە ئەزرائىل ئۇنىڭدىن «قانداق، كۆرۋالدىڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ.ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام : «ئى ئەزرائىل، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر كۇففارلارغا ئاخىرەت ئازابى بولماي سېنى كۆرۈشلا بولسىمۇ، شۇ ئازاپمۇ ئۇلارغا يىتەرلىككەن» دەيدۇ. 0L-!! c3  
  ئۈچىنچىسى، جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ھەربىر ئادەمگە ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقى، روھ تەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كافىرغا: ئى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى! سىنىڭ جايىڭ دوزاخ، مۆئمىنگە: ئى ئاللاھنىڭ دوستى! سىنىڭ جايىڭ جەننەت دىيىلىدىغانلىقى. قۇرئاندا بۇنى دەلىللىگۈچى ئايەتلەر كەلگەن. «شۈبھىسىزكى «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دىگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستۇڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى، مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بىرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ››. (سۈرە فۇسسىلەت 30-32-ئايەتلەر) md Gwh7/3  
TnH\O$  
  ھەدىس كىتابلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە بەزى سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. سەكرات ھەقىقەتلىرىنى بىلىشتە ئەنە شۇ سەھىھ ھەدىسلەرگە مۇراجەت قىلىش ئەڭ ئىشەنچىلىك مەنبە ھىسابلىنىدۇ. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇ كىشىگە مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ. ئائىشە: بىز ئۆلۈمنى ھېچ ياقتۇرمايمىز، دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: مىنىڭ دىگىنىم ئۇ ئەمەس، مۆئمىن ئادەمگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن بىشارەت بىرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن سۈيۈملۈك نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كافىرغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە ئوقۇبىتى بىلەن بىشارەت بىرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىنمۇ يامان نەرسە بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ جەننەت ياكى دوزاخ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھالەتتە ئاندىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ». (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالغان چېغىدا بىر قانچەيلەن يوقلاپ كىرگەندە، ئارىدىن بىرى: «ئى ئاللاھ ئەبۇ ھۈرەيرىگە ئاسانلىق بەرگىن دەپ دۇئا قىلغان، بۇ چاغدا ئەبۇ ھۆرەيرە «ياق، ياق» دېگىنىچە يىغلاپ كەتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: ئى قېرىندىشىم ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن دۇنيادىن ئايرىلىشقا قىيماي ھەسرەتلىنىپ ياكى سلەردىن ئايرىلىشتىن قورقۇپ يىغلاۋاتقىنىم يوق. بەلكى ئاخىرەتتىكى ئورنىمنىڭ جەننەت ياكى دوزاخ بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەرۋەردىگارىمدىن بېرلىدىغان بىشارەتتىن قورقۇپ يىغلاۋاتىمەن››. S4o$t -9l  
Y%aWK~O  
  بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كۈنى بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئەنسارلاردىن بىر كىشىنىڭ جىنازىسىنى ئېلىپ قەبرىستانغا چىقتۇق. رەسۇلۇللاھ قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا ئولتۇردى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ خۇددى بېشىمىزغا قۇش قۇنىۋالغاندەك جىمجىت ئولتۇردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى ياغاچ بىلەن يەرگە ئۇرۇپ بىر ئاسمانغا بىر يەرگە قارىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەڭلار» ئۇ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن «ئى پەرۋەردىگارىم، ساڭا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: مۆئمىن دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا، يېنىغا ئاسماندىن ئاق يۈزلۈك، مېھرى قۇياشتەك پەرىشتىلەر چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا جەننەت كېپەنلىرىدىن بىر كېپەنلىك، جەننەت خۇشپۇراقلىرىدىن بىر خىل خۇشپۇراق بولۇپ ئۇ كىشىنىڭ كۆزى كۆرگىدەك يەردە ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئەزرائىل كېلىپ، ئۇ كىشىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ: ئى پاك روھ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مەغپىرىتىگە چىققىن دەيدۇ. ئاندىن ئەزرائىل ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى سۇ ساتقۇچىنىڭ سۈيىدىن سىرغىپ چىققان بىر تامچە سۇدەك سىلىق ئالىدۇ. ئۇنى ئالغان ھامان بىر مىنۇتمۇ قويماستىن كېپەن ۋە خۇشپۇراق بىلەن ئورايدۇ. ئۇنىڭدىن يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولغان ئەڭ خۇشپۇي ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. پەرىشتىلەر روھنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلار: بۇ خۇشبۇي روھ كىمنىڭ روھى؟ دەپ سۇرايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇ ئادەمنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى نامىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ پۇكۇنى ئادەمنىڭ بالىسى پۇستانى» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق ئۆرلىگەنسېرى ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، يەتتىنچى ئاسمانغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا: بەندەمنىڭ نامە ئەمەللىرىنى ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن ئىللىيۇنغا يېزىڭلار، ئۇنىڭ روھىنى زىمىندىكى جەسىتىگە قايتۇرۇڭلار، مەن بەندىلىرىمنى توپىدىن ياراتتىم، يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرىمەن ۋە شۇ توپىدىن يەنە قايتا تىرىلدۈرىمەن دەيدۇ. كاپىر ياكى پاسىق بەندە سەكراتتىكى چېغىدا قاپقارا يۈزلۈك، سۈرلۈك پەرىشتىلەر قۇپاللىقىدىن بەدەنگە سانچىلىدىغان بىر كىيىمنى ئېلىپ چۈشۈپ، كۆز كۆرگىدەك يەردە ئولتۇرىدۇ. ئەزرائىل كېلىپ سەكراتتىكى كىشىنىڭ بېشىدا ئولتۇرىدۇ ۋە ‹‹ئى يامان روھ، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە نەپرىتىگە چىققىن» دەيدۇ، ئاندىن ھۆل يۇڭدىن زىخنى تارتىپ ئالغاندەك روھنى قاتتىق تارتىپ ئالىدۇ. بىر مىنوتمۇ تۇرماستىن ئۇ كىشىنىڭ روھىنى قوپال، سېسىق كىپەنلىككە قويىدۇ. ئۇنىڭدىن يەر يۈزىدىكى ئەڭ سېسىق جەسەتنىڭ بەدبۇي پۇرىقى تارقىلىدۇ. پەرشتىلەر روھنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. قانداقلىكى بىر پەرىشتىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىكەن، ئۇ «بۇ نىمېدىگەن سېسىق پۇراق›› دەيدۇ. پەرىشتىلەر بۇ ئادەمنى يەر يۈزىدىكى ئەڭ سەت ئىسمى بىلەن، «بۇ پۇكۇنىنىڭ ئوغلى پۇستانى» دەيدۇ. بۇ بەدبۇي روھنى ئېلىپ ئاسمانغا  ئۆرلىمەكچى بولغاندا ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ‹‹شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ» (سۈرە ئەئراف 41-ئايەت) ئاندىن ئاللاھ تائالا: ئۇنىڭ نامە-ئەمەللىرىنى يامانلارنىڭ نامە-ئەمەل دەپتىرىگە يېزىڭلار، ئۇنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇڭلار، مەن بەندىلىرىمنى تۇپىدىن يارىتىپ، يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا، ئاندىن شۇ تۇپراقتىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنمەن، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ روھى ئاسماندىن تاشلىنىپ، جەسىتىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گۇيا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ» (سۈرە ھەج 31-ئايەت) ئاندىن قەبرىدىكى سۇئال-سۇراق باشلىنىدۇ........(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە، ھاكىم، ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان.شۇنداقلا ‹‹سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇلمۇسلىم» دا يۇقارقى ھەدىسنى كۈچلەندۈرگۈچى شاھىد ھەدىسلەر بار). 5Fw - d  
  سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئادەم ئىنسانلىق كۆزى بىلەن بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن ئاجىزدۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ «جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر، بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)›› (سۈرە ۋاقىئە 83-84-85-ئايەتلەر) دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. سالىھلارنىڭ ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ ياش تۆكۈشى ئۆلۈمدىن قورققانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى ھاياتنىڭ يامان خاتىمە بىلەن ئاياغلىشىشىدىن، ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ جەھەننەم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قورققانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا ، مۆئمىنلەر ھەر دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈگەتكەندەك: ئى پەرۋەردىگارىمىز، بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىمىزنى خەيرىلىك قىلغىن، ھاياتىمىزنى يامانلىق بىلەن خاتىمىلىنىشتىن ساقلىغىن دەپ دۇئا قىلىدۇ. كاپىر ۋە پاسىقنىڭ سەكرات ئازابى مۆئمىندىن قاتتىق بولىدۇ. كاپىرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى قاتتىق سەكرىتىنى ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ، (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىتىنى كۆرىسەن)، پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سۇزۇپ، سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ. (سۈرە ئەنئام 93-ئايەت) داڭلىق مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى كاپىرلارغا ئۆلۈش ئالدىدا خارلىغۇچى ئازاب بىلەن بىشارەت بىرىدىغانلقى ۋە «پەرىشتىلەرنىڭ قولىنى سوزىشى» ئۇرۇش مەنىسىدە دەپ شەرھىيلەيدۇ. جەڭ مەيدانىدىكى شېھىتكە ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ناھايىتى يەڭگىل بولىدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن مەلۇم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «شېھىد ئۆلۈمنىڭ ئازابىنى پەقەت بىرىڭلارنىڭ قولىغا يىڭنە كىرگەنچىلىك دەرىجىدىلا ھېس قىلىدۇ.» (تىرمىزى، نەسەئى، دارىمى رىۋايەت قىلغان) سەكراتتىكى كىشىنىڭ ئاغزىدا كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىش بىلەن، قەلبىدە ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ياخشى ئارزۇ-تىلەكتە بولىشى مۇستەھەپتۇر. بۇ شۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلىشنى ئىشەنچ بىلەن ئۈمىد قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلۈشتىن ئىلگىرى چۇقۇم ئاللاھقا نىسبەتەن ياخشى ئارزۇ-ئۈمىدتە بولسۇن. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئۆلىمالاردىن سابىت بەنانى مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ. شۇ دەۋىردە بىر ياش بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقى يامان، مىجەز ئىتتىك ئىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا تۇلا نەسىھەت قىلاتتى. ئۆلۈم بېشىغا كەلگەندە، يىگىتنىڭ ئانىسى ئىچ ئاغرىقىدا: « ئى ئوغلۇم، سېنى ئىلگىرى مۇشۇنداق ئېغىر كۈندىن ئاگاھلاندۇرغان ئەمەسمىدىم» دەپ ۋايساپ كەتتى. ئۇ يىگىت بولسا : «ئى ئانا، پەرۋەردىگارىمنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق ئاتاسى كۆپتۇر، بۈگۈن پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنىمۇ شۇ چەكسىز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دىگەن. ئاللاھ تائالا يىگىتنىڭ شۇ ياخشى ئارزۇ-ئىشەنچىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. ‹‹(ئى مۇھەممەد ! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» (سۈرە زۇمەر 53-ئايەت) \2v"YVWw  
`` K#}3  
  ئىنساننىڭ ساغلام چېغىدا ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈمىدتىن ئەۋزەل، ئۆلۈم بېشىغا كەلگەندە بولسا، ئۈمىد قورقۇشتىن ئەۋزەل. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن كىشىنىڭ «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن كەلىمە شاھادەتنى تىلىغا جارى قىلىشى سۈننەتتۇر. بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىمان بىلەن خاتىمىلىنىشى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ «كىمنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى سۆزى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق بولىدىكەن، ئۇ ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ»، دىگەن ھەدىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىغا سالىھ-تەقۋادار ئادەملەرنىڭ ھازىر بولىشى، ئۇ كىشىنىڭ ھاياتلىقىدىكى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ ئەسلىتىپ، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشى تەرغىپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: سىلەر كېسەل ياكى سەكراتقا چۈشكەن ئادەمنىڭ قېشىدا بولساڭلار، ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭلار، سىلەرنىڭ شۇ سۆزلىرىڭلارغا پەرىشتىلەر «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ,. EBOUW^  
  ئىسلام شەرىئىتىدە مېيىتنى تىزراق يۇيۇپ، كېپەنلەپ، دەپنە قىلىش ياخشىدۇر. مېيىت روھىنىڭ يۇيۇش، كېپەنلەش، جىنازىغا ئېلىش، دەپنە ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: قاچانكى مېيىت تاۋۇتقا قۇيۇلۇپ، كىشىلەر ئۇنى يەرلىككە ئېلىپ ماڭسا، ئۆلگۈچى ياخشى ئادەم بولسا ئۇ: ‹‹مېنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار ، مېنى تىز ئېلىپ مېڭىڭىلار!» دەيدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچى شەقى ئادەم بولسا ئۇ «ئىسىت، مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭىسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئادىمىزاتتىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئادىمىزات ئاڭلايدىغان بولسا ، جېنىدىن جۇدا بولغان بۇلاتتى. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) جىنازىدا ئويغاق  قەلبلەر ئۈچۈن ئىبرەت، غەپلەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسلىتىش بار. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر جىنازىنى كۆرسە «سىلەر مېڭىپ تۇرۇڭلار، بىزمۇ كەينىڭلاردىن بارىمىز» دەيتتى. ئىبراھىم زىيات مېيىتقا يىغلاپ ئىچ ئاغرىتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ: سىلەر مېيىتقا ئەمەس ئۆزەڭلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىساڭلار ئورۇنلۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ مېيىت ئۈچ تۈرلۈك قورقۇنچتىن ئەمىن تاپقان بولىدۇ. بىرىنچىسى ئۇ ئادەم ئەزرائىلنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ بولدى. ئىككىنچىسى ئۆلۈمنىڭ ئاچچىق ئازابىنى تېتىپ بولدى. ئۈچىنچىسى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشى توغرىسىدىكى قورقۇنچتىن قۇتۇلدى» دىگەن. ئۆلۈكلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىق، ئۇلارغا خەيرىلىك دۇئا قىلىپ قۇيۇش مۇسۇلمانلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەبلەر جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۆلۈكلەرنى تىللىماڭلار، ئۇلار قىلغانلىرىغا يارىشا ياخشىلىق ياكى يامانلىققا ئېرىشىپ بولدى» دىگەن. `ldz`yu6++  
   ماقالىنىڭ 1-قىسمى:/read.php?tid=60851 5Rv+zQ#GR  
   ماقالىنىڭ 2-قىسمى:/read.php?tid=60906 0\QR!*'$  
   مەنبە: نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق ماقالىسى.26-سىنتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى. mI1H!  
&(pjqV  
~mz%E  

تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-27, 10:32
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 5 پارچە مۇنبەر پۇلى +497
yvgan مۇنبەر پۇلى +100 10-05 اللە ھەقىقەتەن مىھرىبان.
tuhluk999 مۇنبەر پۇلى +99 09-28 ئىھ ئاللاھ ،گۇناھمنى مەغپىرەت قىلغىن
OMAR0998 مۇنبەر پۇلى +100 09-27 -
oychan مۇنبەر پۇلى +99 09-27 تەشەككۈر
yawaat0998 مۇنبەر پۇلى +99 09-27 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
feroza
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25644

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   410 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3684 (سوم)
 ياخشى باھا:   267 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   201  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4907
 سائەت
دەرىجىسى:
4907 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئوقۇۋاتىمەن، ئىنكاسىمنى ئوقۇپ بولۇپ يازاي.
 
gunqa721
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6279

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   596 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8736 (سوم)
 ياخشى باھا:   545 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   590  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4723
 سائەت
دەرىجىسى:
4723 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئاللا بىزدىن بۇرۇن كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئۇلارغا ياخشى پەرشتىلەرنى ھەمراھ قىلغاي، ئۇلارنىڭ گۆرىنى يورۇق، كەڭ قىلىپ بەرگەي، ھەمىمىزگە ياخشى، چىرايلىق ئۆلۈمنى بەرگەي. (ئامىن) قەبرىستانلىققا بېرىپ ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ تۇرايلى. بۇ تېمىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇمنى بىلىۋالدىم، تەشەككۈر!
 
بلىملىكلەر مەدەنىيەتنى ئەدەب-ئەخلاق، بىلىمدىن ئىزدىسە، مەدەنىيەتسىز چاكىنىلار كىشىلەرنىڭ ئۈستىبېشىدىن ئىزدىشىدۇ.
oguz2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36500

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   375 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1290 (سوم)
 ياخشى باھا:   178 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   60  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 395
 سائەت
دەرىجىسى:
395 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

رەھمەت سىزگە قولىڭىزغا گۈل ئۈنگەي!
 
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
busuga
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24751

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   77 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3424 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   263  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 909
 سائەت
دەرىجىسى:
909 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

گۆھەردەك تىما ئىكەن.ھەممىمىز مۇشۇنداق تىمىلار ئارقىلىق قەلبىمىزنى ئويغىتايلى.اللە ھەممىمىزگە رەھمەت ئاتا قىلغاي!(ئامىن)
 
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە!
mihir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.594

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   887 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9018 (سوم)
 ياخشى باھا:   302 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5914
 سائەت
دەرىجىسى:
5914 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

تورغا چىققىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم .
 
ayrilmas
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48243

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   118 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1038 (سوم)
 ياخشى باھا:   155 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1891
 سائەت
دەرىجىسى:
1891 سائەت 199 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم! تېمىڭىزنى ئوقۇپ بولغۇچە، قورقۇنۇچتىن پۇتۇن بەدىنىم تىترەپ كەتتى،ياشلىرىم توكۇلۇپ كەتتى...ئاللاھ بىزنى مەغپىرەت قىلسۇن! مەينەتچىلىككە ،كۇفرىغا تولۇپ كەتكەن بۇ مۇھىتتا، نامازنى قالدۇرماي ئوقۇغۇنىمىز بىلەن چوڭ-كىچىك گۇنالاردىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن‹ھېلىمۇ تىرىشىۋاتىمەن،گۇناھلاردىن ساقلىنىشقا›. bZ _mYyBh  
نامازلىرىمدا تىلەپ كېتىمەن،ئاللاھنىڭ، ماڭا شەھىتلىك دەرىجىسىنى بېرىشنى‹شەھىت بولۇشنى›،شەھىتلەرگە گۆر ئازابى بولمايدىكەن،شەھىتلەر يەتمىش ئەۋلادىنى جەننەتكە سۆرەيدىكەن .... <3PL@orO  
ئى ئاللاھ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىلا دۇنيالىغىنى بەرگەيسەن، ئىككىلا دۇنيادا ئېزىز قىلغايسەن.....ئامىن!!!!!
 
ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن،
قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن.
پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا،
بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!
xahla0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3708

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6185 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   359  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2637
 سائەت
دەرىجىسى:
2637 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-10-20
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئۇف............ھەر ۋاقىت ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرايلى... ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامنى قوقۇنۇشلۇق قىياپەتتە كۆرگىلى نىسىپ قىلمىغاي ئاللاھ
 
شۇنداق بىر ئادەم بولغىنكى ھەممە ئادەم سىنى ياخشى كۆرسۈن ھۆرمەتلىسۇن ئەسلىسۇن
孤单灰狼
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46587

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   245 (سوم)
 ياخشى باھا:   55 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 270
 سائەت
دەرىجىسى:
270 سائەت 80 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

بۇنىڭمۇ ئاخىرى بارمۇ ؟   5F+APz7  

 
بىز ئۇزىمىزنى ئۇيغۇر دەيدىكەنمىز  ئۇزىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتىشىمىز كىرەك ...^ ^
wisali
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5803

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   107 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5558 (سوم)
 ياخشى باھا:   229 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3053
 سائەت
دەرىجىسى:
3053 سائەت 187 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن؟ -\ZcOXpMx=  

 
بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس ،بىر يامانلىق.
yeganayaprak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8809

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   306 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6379 (سوم)
 ياخشى باھا:   245 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   256  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2318
 سائەت
دەرىجىسى:
2318 سائەت 202 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر . N@B9 @8h  
ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ اللە بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ئۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ، بىزنى دەۋزەخ ئازابىدىن ساقلىغىن . ئامىن !!!!!
 
bahtim216
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55983

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   48 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 109
 سائەت
دەرىجىسى:
109 سائەت 31 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن! ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
 
مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى