ئۆلۈمدىن باشلانغان ھاياتلىق
faQmkO :-1|dE)U tqGrhOt «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى» ( سۈرە مۈلۈك 2-ئايەت) «ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا ، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابى مەنىي ئىدىڭلار) كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ،ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرىلىسىلەر» (سۈرە بەقەرە 28-ئايەت) ھەق بىلەن باتىلنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى قۇرئاننىڭ يۇقىرىقى ئايەتلىرى ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. قۇرئان كەرىم بىزگە شۇنداق دەيدۇ: ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ خاتىمىسى ئەمەس ، بەلكى ئاخىرەتتىكى يېڭى بىر ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى. ئىنسان پەقەت دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنلا يارىتىلمىغان، بەلكى تېخىمۇ ئېسىل ۋە مەڭگۈلۈك ھايات ئۇنىڭ قارارگاھى. ئۆلۈم ئىنساننىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ئىنسان ئۆلۈم ئارقىلىق بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا، چەكلىك ھاياتتىن چەكسىز ھاياتقا يۆتكىلىدۇ. ئاللاھتائالا دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقى قىلىپ ياراتتى. ئىنسان ھامان يوقىلىدىغان بۇ فانىي دۇنيادا ئاخىرەتتىكى ھاياتى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقىدىن ئىمتىھان بېرىۋاتقان كىشىدۇر، ئۇ ھاياتتىكى ئەمەللىرى بىلەن گويا ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىۋاتقان دېھقانغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاخىرەتتە يىغىۋالىدۇ. شۇڭا سەلەف ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى بىر ھېكمەت مۇسۇلمانلار ئەقىدىسىدىكى ئۆلۈمنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. «سىلەر مەڭگۈگە يارىتىلدىڭلار، سىلەر ئۆلۈم ئارقىلىق پەقەت بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا يۆتكىلىسىلەر».
KxkBP/`3Q ئۆلۈم روھنىڭ تەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىدۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىشى ئارقىلىق روھ يەنە تەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ھاياتلىقتىن ئۆلۈمگە، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا باشلانغان يول – ئاللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىغا پۈتكەن تەقدىر-قىسمىتىدۇر. ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، رەھمىتى، ئادالىتى شۇنداقلا غەيپ ئىلمى ئايان بولىدۇ. «ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» (سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت) ئاللاھتائالا ئىنسانغا ھاياتى دۇنيادا چەكلىك نەرسىلەرنى ۋە ۋاقتى – سائىتى ئېنىق ئەجەلنى بېكىتكەن. ئىنسان ئۆزىنىڭ قەيەردە، قاچان، قانداق سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈشىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس غەيىپ ئىلمى دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : ئاللاھتائالا بالىغا قورساقتىكى چېغىدىلا بىر پەرىشتىنى مۇئەككەل قىلىدۇ، پەرىشتە: ئى رەببىم، بۇ ئابى مەنىدۇر. ئى رەببىم بۇ ئۇيۇل قاندۇر. ئى رەببىم ، بۇ بىر پارچە گۆشتۇر دەيدۇ. ئاللاھتائالا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تولۇق ياراتماقچى بولغاندا پەرىشتە : «بۇ بالا ئوغۇلمۇ قىزمۇ؟ ساڭا ئاسىيلىق قىلامدۇ، ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئۇنىڭ رىزقى ۋە ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ دەپ ئاللاھتىن سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقاردىكىلەر بالا ئانىسىنىڭ قورسىقى چېغىدىلا پېشانىسىگە پۈتۈلىدۇ.» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئىنسان مەيلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن، ياكى سۇغا غەرق بولۇپ، ئوتتا كۆيۈپ ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك ھادىسىلەر سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن بولسۇن، ئاللىبۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلىپ، ئىنسان تەقدىرىگە پۈتۈۋېتىلگەن ئەجەل بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ. «ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن» (سۈرە ئال ئىمران 145-ئايەت) ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم تەڭدىشى يوق بىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. مانا بۇ ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل ئىسىملىرى ئارىسىدىكى «المحي» ھاياتلىق بەرگۈچى، تىرىلدۈرگۈچى بىلەن «المميت» جان ئالغۇچى، ئۆلتۈرگۈچى سۈپىتىنىڭ مەنىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى چەكسىز، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىنساننىڭ ئەجەل سائىتىنى ئۇنىڭدىن مەخپىي قالدۇرغانلىقى. پەيلاسوپ ھېكىم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قاچان ئۈلۈشۈمنى بىلگەن بولسام، ئاللىبۇرۇن ئەقلىمدىن ئاداشقان بولاتتىم. ئاللاھتائالا بەندىلىرىگە رەھمەت يۈزىسىدىن غەپلەت ۋە تۈگىمەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئاتا قىپتۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا ئادەمگە يېگىنى زەھەر، كىيگىنى كېپەن بولغان، زېمىنمۇ مۇنچە ئاۋات بولمىغان بولاتتى».
UHZuH?|@ مۆمىنگە شۇ نۇقتا ئايان بولىشى كېرەككى، ئاللاھ ھاياتنى تۈپتۈز داغدام يول ئەمەس، تۈرلۈك زىيان-زەخمەت، بالايى-ئاپەت، ئەزىيەتكە تولغان سىناق مەيدانى قىلىپ ياراتقان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلىشى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قورقۇنچ ۋە سەپەر بىلەن سىنىلىشى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ھەمراھى تەرىپىدىن سېتىۋىتلىشى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك ۋە كۇففارلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ھىجرەت قىلىشى ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ قانۇنىيەتلىرىگە ماس كەچمىشلەردۇر. قۇرئاننىڭ قۇياشتەك روشەن ئايەتلىرى، پەيغەمبەرلەر، سالىھلارنىڭ ھايات يوللىرى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرىدۇ. «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان - زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن» (سۈرە بەقەرە 155-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇشبۇ ئايىتى دىلىغا سىڭگەن مۆمىن كېسەل بولسا ئاللاھنىڭ شىپالىقىدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. ئېغىرچىلىقتا قالسا نىجاتلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. گۇناھ قىلسا ئاللاھنىڭ مەغپىرەت – كەچۇرۈمىدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ھارام قىلىنغان. شۇنداقلا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش، ئۆلۈمنى تىلەشمۇ چەكلەنگەن. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېنىق قىلىپ، مۇنداق دىگەن: «سىلەردىن ھېچكىم ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت تۈپەيلى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئەگەر ھەقىقەتەن قاتتىق ئېغىرچىلىقتا قېلىپ تىلىمەكچى بولسا، مۇنداق دىسۇن: ئى ئاللاھ ئەگەر ھايات ياشاش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا جېنىمنى ئالغىن.» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). «سىلەردىن ھېچكىم ئۆز ئۆلۈمىنى تىلىمسۇن، ئەگەر ئۇ توغرا يولدىكى ئادەم بولسا ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن ياخشىلىقلىرىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئادەم يامان ئىش قىلغۇچى بولسا، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا قايتىشى مۇمكىن.» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى بولغان تۈرلۈك خاپىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، «بۇنداق قىينالغۇچە ئۆلۈپلا كەتسەم بوپتىكەن» دىگەندەك ئاچچىقىدا ئېيتقان سۆزلىرىمۇ رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن قىلمىش قاتارىغا كىرىدۇ.
4VJUu`[ ئىنسان نەپسىگە ئېغىر تۇيۇلىدىغان، مۇئمىن سەۋىر بىلەن، كاپىر قورقۇنچ بىلەن يۈزلىنىدىغان ئۆلۈمنى قۇرئاندا مۇسىبەت دەپ ئاتىغان. ئەمما ئىنساننىڭ ئۆلۈمنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قېلىشى تېخىمۇ چوڭ مۇسىبەتتۇر. چۈنكى ئۆلۈمنى ئۇنتىغان، ئۆلۈم ھەققىدە ئويلانمىغان ئادەمدە ئۆلۈمگە تەييارلىقمۇ بولمايدۇ. قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن خالى، ئىككى قولى قۇرۇق ھالدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغان ئادەم ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىدۇر. ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىدىم، ئەنسارلاردىن بىركىشى «ئى رسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى ۋە ھۆرمەتلىكى كىم؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئۆلۈمنى ئەڭ كۆپ ياد ئەتكەن ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلغان ئادەم ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدۇر، شۇنداق ئادەم بۇ دۇنيانىڭ ئىززىتىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرگەن ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى. (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مۇنداق تەلىم بىرەتتى: «سىلەرنى دۇنيا لەززەتلىرىگە غەرق بولۇپ كىتىشتىن توسقۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) شۇنداق ئۆلۈمنى ياد ئېتىش بىلەن تاشتەك قېتىپ كەتكەن قەلىبلەر يۇمشايدۇ، دۇنيا نېمەتلىرىگە بېشىچىلاپ چۆكۈپ كەتكەن غاپىللار ئويغىنىدۇ، گۇناھ ، ھارام ئىشلار ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر كەينىگە يانىدۇ.ئۆلۈمنى ياد ئېتىش كىشىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھىساپ بىرىشتىن ئىلگىرى بۇ دۇنيادا ئۆزىدىن ھىساپ ئېلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ چاقىرىق بىلەن ئىنسان جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى قېقىشقا نائىل بولىدۇ.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىچە-كۈدۈزدە ئۆلۈمنى 21 قېتىم ياد ئەتكەن (بۇنىڭدا سان مەقسەت ئەمەس، بەلكى ياد ئېتىشنىڭ كۆپلىكىگە تېمسال قىلىنغان) كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە شېھىتلار بىلەن بىللە توپلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ تەۋسىيېلەر ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتۇشنىڭ بەندىنىڭ ئىمانى، ئەخلاقى، ئەمەللىرىنى تۈزەشتىكى پەزل-ھېكمىتى سەۋەبىدىن ئېيتىلغان.
XnyN*}8 ئىنسان ھاياتىدا خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق، بەخىت بىلەن بەخىتسىزلىك ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئىنسانغا قاتتىقلىق يەتسە ئۆلۈمنى ياد ئېتىش بىلەن دۇنيا مۇسىبەتلىرى ئۇنىڭغا يەڭگىل تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇشاللىق نىسىپ بولسا، ئۆلۈمنى ئېسىگە ئېلىش بىلەن دۇنيا پاراغەتلىرىگە مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە تەۋسىيە قىلغان ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىش ھەر بىر مۇئمىن خۇلۇقلىنىشقا تېگىشلىك پەزىلەتتۇر. شۇڭا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۇننىتىگە ئەگەشكەن ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە سەلەف – سالىھلارنىڭ ھەربىر نەپىسىدە، ئولتۇرۇپ قۇپۇشلىرىدا ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتقانلىقىدەك خىسلىتىدىن ئىسلام دىنىنىڭ شۇ چاغلاردىكى نۇسرىتىنىڭ سىرىنى چۈشەنگەندەك بولىمىز. خەلىپە ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھەر ئاخشىمى ئۆلىمالارنى يىغىپ، ئۆلۈم، قىيامەت، ئاخىرەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئىلمى سۆھبەت ئېلىپ باراتتى. سۆھبەتنىڭ ئاخىرى يىغا-زارە بىلەن ئاياغلىشاتتى، سىرتتىن بىرەرسى كىرىپ قالسا ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ بۇ يەردە بىرەر مۇسىبەت بولۇپ، جىنازا ئالدىدا ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى. ئالىم ئىبراھىم تەيمى مۇنداق دەيتتى: ئىككى نەرسە مىنى دۇنيا لەززەتلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىشتىن توساپ تۇرىدۇ. بىرى، ئۆلۈمنى ياد ئېتىش يەنە بىرى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھىساپ بىرىش ئۈچۈن تۇرۇش. رەبىئى ئىبنى ھەيسەم ئۆز ھويلىسىغا بىر قەبرە قېزىپ ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم قەبرىگە كىرىپ يېتىپ چىقاتتى، ئۇ بۇنى ھەردائىم ئۆلۈمنى ئەستىن چىقارماسلىق ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئېيتپ: « ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش قەلبىمدىن بىر سائەت كۆتۈرىلىدىكەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختىم بوزۇلىدۇ» دەيتتى. يەزىد رەقاشى دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئى ئادەملەر، سىلەر يىغلىمامسىلەر، كىمنى ئۆلۈم تاپسا ، قەبرە ئۇنىڭ ئۆيى بولىدۇ. توپا ئۇنىڭ سېلىنچىسى بولىدۇ. قۇرت-قوڭغۇزلار ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. مۇشۇ ئېغىر ئەھۋالدا ئىنسان يەنە ئەڭ چوڭ قورقۇنۇچنى – قىيامەتنى ساقلايدۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ ھالىغا»، دىگىنىچە يىغلاپ ھۇشىدىن كىتەتتى. ئۆلىمالار ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتقان كىشىنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. 1- تەۋبىگە ئالدىرايدۇ. 2- قەلب خاتىرجەملىكىگە ئىرىشىدۇ. 3-ئىبادەتلىرىگە ئىخلاس ۋە تەقۋالىقنى ھەمراھ قىلىدۇ. ئۆلۈمنى ئۇنتۇغان ئادەم مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك زىيان تارتىدۇ. 1- تەۋبىنى كىچىكتۈرىدۇ. 2-قانائەت ۋە سەۋرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. 3- ھايات دىگەن ئۇزۇن، كېيىن قىلىۋالارمەن، ئېتىۋالارمەن دىگەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئىبادەتكە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ.
n=
.P46| مەشھۇر مۇفەسسىر ئالىم ئىبنى كەسىر «تەفسىر ئىبنى كەسىر» ناملىق كىتابىدا «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ» (سۈرە ئەنئام 125-ئايەت) ئايىتى ھەققىدىكى شەرھىدە ئوخشاش مەزمۇندىكى مۇنداق ئىككى ھەدىسنى كەلتۈرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ» ئايىتىنى ئوقۇدى. ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ، كۆكسىنى ئېچىش قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ قەلبكە سېلىنىدىغان نۇردۇر» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار «ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ بىلگىلى بولىدىغان ئالامىتى بارمۇ؟» دىيىشتى، رەسۇلۇللاھ ، «ھەئە، بار، ئۇ ئالامەت بولسا كىشىنىڭ ئاخىرەتنى مەقسەت قىلىشى، ھايات زىننەتلىرىگە بېرىلىپ كەتمەسلىكى، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆلۈمگە ئوبدان تەيارلىق قىلىشىدۇ» دىدى. تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ھېساپ تۇرغۇزغانلار مۇئمىنلەردۇر، دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساپ ئالغان كىشىگە قىيامەت كۈنى ھېساپ ئاسان بولىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى ئېغىر ھېساپ دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساپ ئالماي ئىش قىلغانلارغا كىلىدۇ».
I^y
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان، تەقۋادارلىقنى ئۆز خۇلقى قىلغان مۆئمىنگە نىسبەتەن ئۆلۈم قورقۇنۇچلۇق، دەھشەتلىك ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم ئۇنى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشقا يەتكۈزىدىغان بىكەت، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە تەييارلىغان كاتتا ئەجىر – مۇكاپاتى، ئۆلۈشمۇ، قېرىشمۇ،ئازاپمۇ بولمىغان جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش. ئەمما ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ياد ئىتىشتىن يۈز ئۆرىگەن ئادەم ئۈچۈن ئۆلۈم مۇسىبەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك مۇسىبەت، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى يامان ئەمەللەرنىڭ جازاسى، تېنى ئوتتىن پىچىلغان كىيىمنى كىيىپ، جېنى يىرىڭ ئارلاش قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىدىغان دەۋزەختە قاتتىق ئازاپنى تېتىغان، خار ھالدا مەڭگۈ قېلىشتۇر. ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن: «ئۆلۈم مۆئمىن ئۈچۈن مەينەت، كىر كىيىمنى سېلىۋېتىپ، ئەڭ ئىسىل كىيىمنى كىيىش، تەنھا غېرىپ كەپىسىدىن ھەشەمەتلىك، كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان تۇرالغۇغا كۆچۈشتۇر. كاپىر ئۈچۈن ئۆلۈم ئىسىل كىيىمنى سېلىپ تاشلاپ ئەڭ ناچار، مەينەت جەندىنى كىيىش، يارۇ –بۇرادەرلىرى بىلەن ئاۋاتلاشقان ئۆيدىن غېرىپ كەپىگە، دەھشەتلىك ئازاپقا كۆچۈشتۇر.» شۇڭا ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش مۆئمىننىڭ خۇلقى ئەمەس. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياتقۇرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرمايدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇ ئادەمگە مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئۆلۈم ئىنسان ئۈچۈن يېتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر. پەقەت كور قەلىبلەرلا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ. ئۆلۈم ئىنسانغا يىڭى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنيادىكى ئەمەللىرى بىلەن ئۇنى نېمەتلىك ياكى ئاپەتلىك ھاياتقا ئايلاندۇرىدۇ...(داۋامى بار) 'UX.Q7W
مەزكۇر ماقالىنىڭ باش قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:/read.php?tid=60851 %O"8|ZG9{
مەنبە:نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››نەملىق ماقالسى.24-ئاۋغۇست شەھرى ئۈرۈمچى.
BQ-x#[%s
U2
*ORd