مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       802 
  •    ئىنكاس 
       16 

ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار((8)

قەۋەت ئاتلاش
Hidayet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8551

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17996 (سوم)
 ياخشى باھا:   1104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1725  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3430
 سائەت
دەرىجىسى:
3430 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-11

ھېساب
i Hcy,PBD  
{|q(4(f"Iu  
       مۇجەسسىمى. ئاللاھ تائالا ناھايىتى ئادىلدۇر، ئاللاھنىڭ ئادالىتى شۇكى، مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىراۋغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەربىر نەرسىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا مۇناسىپ رەۋىشتە قويغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە ئادالىتى شۇكى، مۆمىن بىلەن كاپىر، سالىھ بىلەن پاسىق، ياخشى بىلەن يامان ھېچقاچاندا باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ھەر ئادەمگە ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەھشەرگاھتا خالايىققا شاپائەت قىلىشىدىن كېيىن قەزا ۋە ھۆكۈم باشلىنىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە، قۇياش كىشىلەرنىڭ باش ئۈستىگە توغرىلانغان، پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ تۇرغان، كىشىلەر قارا تەرگە چۆمۈلگەن چاغدا، ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىدىن ھېساب ئېلىشنى باشلايدۇ. بۇ شۇنداق تەپسىلىي، ئىنچىكە ھېسابكى ، ئۇنىڭدا ئىنسان ھەربىر سۆزىدىن، ھەرىكىتىدىن، ئەمىلىدىن بىرمۇ-بىر ھېساب بېرىدۇ. بۇ شۇنداق ئادالەتلىك ھېسابكى ، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ تېرىقچىلىك ياخشىلىقىمۇ ھازىر قىلىنىدۇ. زەررىچىلىك يامانلىقىمۇ چۈشۈپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەربىر ئادەمگە ئەمەللىرىنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەرنى مۇئەككەل قىلغان. «ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. (ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك بولۇپ (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلارنى) يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ (سۈرە ئىنفىتار 10-12 ئايەتلەر). ئاللاھتائالانىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر «قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق» (سۈرە ئەنئام 59- ئايەت) شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاللاھتائالا ئادالىتى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىلاھى ھۆكۈمدىن ئىلگىرى ھەر ئادەمنىڭ نامە-ئەمەل كىتابىنى ئالدىغا تاشلايدۇ «كىشىلەرنىڭ نامە-ئەمەلى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرۈسەن ، ئۇلار «ۋاي بىزگە! بۇ نامە-ئەمالغا چوڭ-كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە-ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ» (سۈرە كەھف 49- ئايەت) ئىنسان گۇناھلىرىدىن تېنىۋالماقچى بولغاندا، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرى قولى، كۆزى، تىلى، پۇتى ... تىلغا كىرىپ ھەقنى بايان قىلىش بىلەن ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، مانا بۇ قۇرئاندىكى «شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋىتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر بىر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بىرىدۇ). (سۈرە ياسىن 65- ئايەت) ئايىتىنىڭ تەپسىرىدۇر. شۇنداقلا بۇ كۈندە زېمىنمۇ ئىنساننىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى-يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ. دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ ساھابىلاردىن زېمىننىڭ خەۋەرلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر» دەپ سورىدى، ئۇلار «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ئوبدان بىلگۈچىدۇر» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنىدە زېمىن ھەر بىر ئادەم ھەققىدە پالانى كۈنى پالانى ۋاقىتتا مۇنداق-مۇنداق قىلغان دەپ ئۇنىڭ زېمىن ئۈستىدە قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ زېمىننىڭ خەۋەرلىرىدۇر» دېدى (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ۋە بەغەۋى رىۋايەت قىلغان) x)kp*^/  
       بەندىنىڭ ئەمەللىرىدىن ئەڭ ئاۋال ھىساپ ئېلىنىدىغىنى ناماز، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنىدە بەندە ئەڭ ئاۋال ھېساب بىرىدىغان نەرسە نامازدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ نامازلىرى جايىدا، دۇرۇس بولسا، ئۇ نىجاتلىققا ئىرىشكەن بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا زىيان تارتقان بولىدۇ، ناۋادا پەرىز نامازلىرىدىن كەم قالغىنى بولسا، ئاللاھتائالا پەرىشتىلەرگە: «قاراپ بېقىڭلار، بەندەمنىڭ نەفلى نامازلىرى بارمىكىن» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەرىزنىڭ كەم قالغان يىرىگە نەفلى نامازدىن ئېلىپ بېرىپ تۇلۇقلىنىدۇ. بەندىنىڭ قالغان ئەمەللىرىمۇ مۇشۇ رەۋىشتە بولىدۇ. (ئىمام نەسەئى، تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان) بەندە ھەربىر ئىشىدا مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن خالىس ھالدا بىر ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن بولىشى كىرەك، كىشىلەرگە كۆرسىتىپ ماختىنىشتەك رىيا ۋە ياكى باشقا مەقسەتتە قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئەمەللەرنىلا ئەمەس، دىللاردىكىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. %F0.TR!!n  
       ئىسلام دىنى شۇنداق كامالەت دىنىكى، ئۇنىڭدا بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئىسلام ئەخلاقى شۇنداق گۈزەل ئەخلاقكى، مۆمىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ناھەم قان تۆكمەيدۇ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن، ئۆز مەنپەئەتىدىن قېرىندىشىنى ئارتۇق كۆرىدۇ، جىدەل-ماجرا، تەپرىقىچىلىك ئەمەس، ئىززەت ھۆرمەت ۋە ئىناقلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن تارتۇقلاشنى ۋەدە قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىدۇر. ئەبۇ ھۈرۈيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئارىسىدا تۇنجى چىقىرىلغان ھۆكۈم ناھەق قان تۆكۈش توغرىسىدا بولىدۇ». «كىمىكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋىي ياكى ماددىي ھەققى قالغان بولسا، ئۇنى قىيامەت كۈنىگە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتسۇن، ئەگەر ھەق ئىگىسىنى بۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتمەي ئاخىرەتكە قالدۇرسا، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھەق ئىگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى قالغان بولسا، شۈنچىلىك ئېلىپ بىرىلىدۇ، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا ھەق ئېگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن: «زالىمغا ئۆزىنىڭ قىلغان زۇلمى قىيامەت كۈنى قاراڭغۇ زۇلمەت بولىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) T'  )l  
       مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرى، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلە ئەھۋالى، ئەمەللىرىدىن ئادىل ۋە ئىنچىكە ھىساپ ئالىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھىساپ بىرىشتىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ. ئۇلاردىن ئاسان ھىساپ بىرىدىغىنى، قىيىن ھىساپ بىرىدىغىنى شۇنداقلا ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھىساپ بىرىدىغانلىرى بار. kbx4I?  
       سوئال سوراقسىز ھالدا جەننەتكە كىرىدىغانلار       ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ماڭا ئۈممەتلەر توغرىلاندى. مەن بىر پەيغەمبەرنى كۆردۈم ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىككى كىشى بار ئىكەن ۋە يەنە بىر پەيغەمبەرنى كۆردۈم، ئۇنىڭ بىلەن بىرمۇ كىشى يوق ئىكەن، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر توپ كىشىلەر كۈتۈرۈلدى، ئاندىن مەن ئۇلارنى مېنىڭ ئۈممىتىممىكىن دەپ قالدىم. ماڭا: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمى، لېكىن ئەتراپقا قارىغىن» دىيىلدى، شۇ چاغدا بىر توپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ماڭا «يەنە بىر قارىغىن» دىيىلدى. مەن يەنە بىر توپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ماڭا: بۇ سىنىڭ ئۇممىتىڭ ۋە ئۇلار بىلەن ھىساپسىز ۋە ئازاپسىز جەننەتكە كىرىدىغان 70 مىڭ ئادەم بىللە دىيىلدى» ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئاندىن ساھابىلار ھىساپ ئېلىنماي ۋە ئازاپقا دۇچار بولماي جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئۇ كىشىلەر بەلكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدۇر» دىيىشتى. بەزىلەر: «بەلكىم ئىسلامدا تۇغۇلۇپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن» دىيىشتى. ئۇلار يەنە كۆپ گەپلەرنى قىلىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام چىقىپ، ئۇلاردىن «نىمە توغرىلىق دەتالاش قىلىۋاتىسىلەر» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ نىمە توغرىدا دەتالاش قىۋاتقانلىقى ئېيتىپ بىرىلگەندە ظذ: ئۇلار سۈف كۆچ قىلمايدىغان، سۈف كۆچ قىلدۇرمايدىغان، پال ئاچمايدىغان، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەردۇر» دىدى. ئۇكاشە ئىبنى مۇھسىن ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئاللاھتائالانىڭ مىنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا دۇئا قىلساڭ» دىدى. ئاندىن يەنە بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ «مېنىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا دۇئا قىلساڭ» دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇكاشە ئىبنى مۇھسىن بۇ ئىشتا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈپ كەتتى» دېدى. V9D>Xh!0H  
       ناھايىتى ئاسان ۋە يەڭگىل ھىساپ بېرىدىغانلار       بۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، بۇلاردىن ناھايىتى يەڭگىل ھىساپ ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ، ئاللاھتائالا رەھمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. قۇرئاندا ئۇلارغا مۇنداق ئىشارە قىلىنغان. «نامە-ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساپ ئېلىنىدۇ، (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خوشال-خورام قايتىدۇ» (سۈرە ئىنشىقاق 7-9 ئايەتلەر) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىنى ئۆزىگە يېقىن قىلىپ، رەھمىتىگە سازاۋەر قىلىپ، ئۇنى دالدىغا ئېلىپ، پالانى گۇناھىڭنى بىلەمسەن، پۇكۇنى گۇناھىڭنى بىلەمسەن دەپ سۇرايدۇ، بەندە ‹ھەئە› دەپ بىلىمەن ئى رەببىم دەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىغا ئىقرار بولۇپ ئەمدى ھالاك بولدۇم دەپ تۇرغاندا ئاللاھ ئۇنىڭغا: گۇناھلىرىڭنى دۇنيادىكى چېغىڭدا ئاشكارىلىمىغان ئىدىم، بۈگۈن بولسا سىنى مەغفىرەت قىلدىم دەپ ياخشىلىقلار يېزىلغان نامە-ئامالىنى ئۇنىڭ قولىغا بېرىدۇ، كاپىرلار بىلەن مۇناپىقلارغا كېلىدىغان بولساق، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئىبارەت گۇۋاھچىلار: بۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىشەنمىگەن كاپىرلاردۇر، كاپىرلار چوقۇم ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ، دەيدۇ. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) @PKY>58)  
       قاتتىق ھىساپ ئېلىنىدىغانلار       ئاللاھتائالا بۇلارنىڭ ھەربىر چوڭ-كىچىك ئەمەللىرىدىن ئىنچىكە ھىساپ ئالىدۇ. بۇ گۇيا ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە ئىشارەتتۇر. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئاللاھتائالا قىيامەت كۈنى ھىساپ-كىتاپ ئالغان ئادەم چوقۇم ھالاك بولىدۇ» دىدى. مەن:« ئى رەسۇلۇللاھ، ئەجەبا ئاللاھتائالا كىتاۋىدا: نامە-ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھىساپ ئېلىنىدۇ» دىگەن تۇرسا دىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ دىگەن بەندىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىنىشىدۇر، ئەمما كىمكى ئىنچىكىلەپ سوئال-سۇراق قىلىنىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازاپقا قالىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى.
     (داۋامى بار...) _/}/1/y$Y  
مەنبە:نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق ماقالىسىدىن.5-ئۆكتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى.
  ]n4G]ybK%  
8/ CK(G  
E$5A 1  

تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-06, 01:22
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
yvgan مۇنبەر پۇلى +100 10-06 تېمىنىڭ ئېسىللىقى ئۈچۈن ...
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
turkinay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.59035

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   40 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 75
 سائەت
دەرىجىسى:
75 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-04
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ئاللاھ ھەر بىرىمىزنى ھىدايەت يولىغا باشلىغاي!...
yalguz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.84

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   79 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1042 (سوم)
 ياخشى باھا:   288 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   358  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 383
 سائەت
دەرىجىسى:
383 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن  قېرىندىشىم
ياشلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل  ... كۆڭلۈڭ خالىغاننى قىل ....!!!
hvsniya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44035

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   58 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   840 (سوم)
 ياخشى باھا:   85 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2296
 سائەت
دەرىجىسى:
2296 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ئىسىل ماقالە ئىكەن. جازاكە ئاللاھ خەيىر.
2430611734
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51286

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   60 (سوم)
 ياخشى باھا:   12 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 521
 سائەت
دەرىجىسى:
521 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06
3قەۋەتتىكى(hvsniya) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ئاللاتاللانىڭ قۇدۇرتى بەك ۇلۇق .ئاللا بەندلىرىگە ىنساپ ئداييەت ئاتا قىلسۇن .قىرندشىم قۇلڭىزغا دەت بەرمسۇن .
88128
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51146

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   117 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1658 (سوم)
 ياخشى باھا:   489 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   645  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 885
 سائەت
دەرىجىسى:
885 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-10
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ئاللاھ ھەر بىرىمىزگە ھىدايەت  قىلسۇن
ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ،
دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ.
ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان،
نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.
bodak010
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4687

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1183 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10144 (سوم)
 ياخشى باھا:   415 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   404  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5791
 سائەت
دەرىجىسى:
5791 سائەت 149 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

قىرندشىم قۇلڭىزغا دەرت بەرمسۇن . hvuCoH  

رىۋايەت
冻心
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57395

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   263 (سوم)
 ياخشى باھا:   64 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   49  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 351
 سائەت
دەرىجىسى:
351 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06


كۆڭۈل - بىر پارچە نىپىز ئەينەككە ئوخشايدۇ ، دەز كەتسە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ، كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
mihir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.594

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   867 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8908 (سوم)
 ياخشى باھا:   280 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5473
 سائەت
دەرىجىسى:
5473 سائەت 127 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

داۋامىغا تەشنامەن ،  تىما يوللىغۇچى قىرىندىشىمىزغا تەشەككۈر .
muslima0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58942

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   22 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   285 (سوم)
 ياخشى باھا:   50 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   49  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 160
 سائەت
دەرىجىسى:
160 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ئاللاھىمدىن ئاسان ھېساپ بېرىشنى ،نامە -ئەمىلىمنىڭ ئوڭ تەرىپىمدىن بېرلىشىنى  تىلەيمەن . رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن
yvgan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30435

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   74 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1574 (سوم)
 ياخشى باھا:   178 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   204  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 675
 سائەت
دەرىجىسى:
675 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-14
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

   ئۆز بەدىنىمنى، ياشاۋاتقان تەبىئەت دۇنيارىمنى چۈشەنگەنسىرى اللە نىڭ بىرلىكىگە، قۇدرىتىگە، سەجدە قىلىشقا بىردىنبىر لايىق، دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى، بىردىنبىر ئېگىسى، ھەقىقەتەن ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى يىگانە رەببىمىز ئىكەنلىكىگە ، مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەر، اللەنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندىم..اللەغا بولغان ئىتىقادىم، ئىبادىتىم جەننەتتىن ئىبارەت ھوقۇققا ئېرىشىش تۇيغۇسىدا ئەمەس بەلكى ئىنتايىن تۆۋەنچىلىك روھتا قەرىز قايتۇرۋاتقاندەك ھىسىيات بىلەن ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. ئەلبەتتە مەن اللەنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان تۈرلۈك نىئمەتلىرىنى، مىھرىبانلىقىنى، ئادىللىقىنى بۇ شەھۋەتكە تولغان قەلبىم بىلەن قايتۇرۇپ بولالمايمەن، بەلكى اللە ماڭا چەكسىز ئۆمۈرنى ئاتا قىلغان تەغدىردىمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمەن، ئەمما مەندە ھامان شۇنداق قەرىزدارلىق تۇيغۇ بار..اللە ھەقىقەتەن بۈيۈكتۇر، بىردۇر ، ھەقىقەتەن مەۋجۈتتۇر. ئىسلامنى پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان، تەپەككۇر قىلمايدىغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيدۇ.. R y0n_J:7  
   ئىھ !.. اللە ھىم دۇنيانى بىلىمىمنىڭ چېكى قىلمىغىن!..ئەقلىمنى ھىكمەتلىرىڭنى چۈشۈنۈشۈمگە ئېچىۋەتكىن!..دەرگاھىڭغا ئېلىپ كېتىشتىن ئەۋۋال كۆزلىرىمنى ھەقنى كۆرۈشتىن، قۇلاقلىرىمنى ھەقنى ئاڭلاشتىن، ئېغىزلىرىمنى ھەقنى سۆزلەشتىن ئايرىمىغىن!..سېنى مەدھىيلەش ئۈچۈن ماڭا گۈزەل تىل ئاتا قىلغىن!..ئېھ، شەپقەتلىك اللە ھىم مېنى ھىدايەت تاپقۇچىلار قاتارىدىن قىلغىن!..سەن ھېدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، سەن ئازدۇرغاننى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ..مېنى ياخشىلىققا ماڭغۇچى ھەم يىتەكلىگۈچىلەر قاتارىدىن قىلغىن!..ھېلىمۇ ئېسىمدە ماڭا خوشاللىق تۇيغۇ ئاتا قىلغان شۇ ۋاقتىڭ..ئىھ، ئۇلۇغ اللە ھىم شۇ چاغدىلا مۆجىزەڭنى كۆرگەن ئىدىم. ئاقىل كىشىگە بۇندىن ئارتۇق مۆجىزە بولماس، ~k4S~!(U0  
    ئىھ، ئۇلۇغ اللە ھىم ھالالنى زىيادە قىلىش بىلەن بىرگە ھارامغا بىھاجەت قىلغىن، مەن سىزنىڭ قۇلىڭىزمەن، سىز مېنىڭ ئېگەم، رەببىمسىز. سىز مېنى ئۇيۇل قاندىن ياراتتىڭىز، ھەجەيرىلىرىمنى تەرتىپكە سېلىپ، مىتاپولىزىم ھەركەتلىرىمنى كونتىرۇل قىلغۇچى زاتسىز، شۇنداق بولغان ئىكەن كىسەللىرىمگە شىپاتلىق بەرگەيسىز، چۈنكى بەدىنىمدىكى بۇ قۇرۇلمىلار، ئىچكى ئەزالار سىزنىڭ باشقۇرىشىڭىز، تەربىيىڭىز بىلەندۇر. بۇ سىزگە تولىمۇ ئاساندۇر. y}5H 
    ئىھ، كەرەملىك اللە ھىم، يىگانە رەببىم، قەدىرلىك زاتىم ماڭا رەھىم قىلىڭ، قەۋمىمگە رەھىم قىلىڭ..ياش ئوغۇل-قىزلىرىمنىڭ دىلىگە ئىنساپ، نۇمۇس، ھايا، ۋىجدان ئاتا قىلىڭ، چوڭلىرىمىزغا ئىنساپ ۋە ھىدايەت ئاتا قىلىڭ. مىللىتىمنىڭ  ئازغۇنلىقى تۈپەيلى ئۇلارنى جازالىماڭ،   ئەمما خالىغىنىڭىز بويىچە قىلىڭ، چۈنكى سىز بۇنىڭغا ھەقلىقسىز. s 7iguFQ  
  ئىھ كەرەملىك اللە ھىم، مېنىڭ يۇقارقىدەك تىلەكلەرنى سۆزلىشىمگە ئىلھام ئەتكەن تىما يوللىغان تولىمۇ ئەزىز قېرىندىشىمغا ھەم رەھمەت قىلىڭ!..ئاخىرەتتە ھىدايەت تاپقۇچىلار قاتارىدىن قىلىڭ!..قەسىت قىلغانلارنى پەس قىلىڭ!..
دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مەلۇم ھەركىتى ئەسكى بولىدۇ. -يۈگەن
urhunbaturi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14553

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   56 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5402 (سوم)
 ياخشى باھا:   261 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1591
 سائەت
دەرىجىسى:
1591 سائەت 109 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ئالدى بىلەن ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي ~~!
ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئىنسان دىيىشتىن بۇرۇن،ئۆزەڭدىن باشقىلارغا ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ياردەم قىپباقتىممۇ دەپ سورا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى