56i9V9{2 مەزكۇر ماقالىنىڭ1-قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:
/read.php?tid=60851 >1YJETysO
u<`CkYT مەزكۇر ماقالىنىڭ2-قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:
/read.php?tid=60906 IMj{n.y4
WLr\ l29 مەزكۇر ماقالىنىڭ3-قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:
/read.php?tid=61017 ^8S'=Bk مەزكۇر ماقالىنىڭ4-قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:
/read.php?tid=61104 |G.|ocj; 02Z>#AE قىيامەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئالامەتلىرى
iU^KmM I s53Pw>f قىيامەت كۈنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئاللاھتائالا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن رەۋىشتە چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش ئىماننىڭ مۇھىم تەركىبلىرىنىڭ بىرى. يەنى ئۇ ئىنساننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنىدە قايتا تىرىلىپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا دۇنيادىكى ئەمەللىرىدىن بىرمۇ-بىر ھېساپ بىرىشىنى ۋە ئەمەللىرىگە يارىشا دوزاخ ياكى جەننەت ئەھلىدىن بولۇپ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئىنكار قىلغان ئادەم كۇپۇرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قىيامەت كۈنى ھەققىدە نۇرغۇن ئايەتلەر كەلگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بەندىلەرنى قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەنىسىدە، يەنە بەزىلىرى قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش، يەنە بەزىلىرى قىيامەتنىڭ شەكسىز كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش مەنىسىدە كەلگەن. قىيامەتنىڭ «قۇرئان»دا «يوم الواقعە, القارعە, الغاشيە, الحاقە, الطامە, الىاخە, الرادفە» دىگەندەك تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن ئاتالغانلىقىنىڭ ئۈزى قىيامەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھېساۋىدىكى بەندىلەرنىڭ ھايات يېشىمىدىكى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭلىقىنى دەلىللەيدۇ.
s{v!jZ قىيامەتنىڭ ۋاقتى ئاللاھتائالا بەندىلىرىدىن مەخپى قالدۇرغان، ئۆزىگە خاس غەيب ئىلمىدۇر. قىيامەتنىڭ قاچان بولىشىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەرمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھتائالا قۇرئاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورىغۇچىلارغا مۇنداق جاۋاب بىرىشنى بۇيرۇيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ. قىيامەت ئاسمان ۋە زىمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كىلىدۇ». (سۈرە ئەئراف 87- ئايەت) شۇڭا ھەرقانداق كىشىنىڭ قىيامەتنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قىياس-ئۆلچەملىرى، ھېساپلىرى يالغانچىلىقتۇر. ئىنىق بىر ۋاقىتنى بېكىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىشمۇ قۇرئان بىزگە بۇيرىغان، رەسۇلۇللاھ تەۋسىيە قىلغان مەنھەجگە خىلاپ بىھۇدە ئىشتۇر. بەندىلىك سالاھىيتىمىز بىلەن بىزگە ئايان بولغىنى قىيامەت كىشىلەر بىخەۋەر تۇرغان ھالدا تۇيۇقسىز كىلىدۇ. «ئۇلار (دۇنيادا سودا- سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ» (سۈرە ياسىن 49-50-ئايەت) ئاللاھتائالانىڭ قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئادەملەردىن مەخپى قالدۇرىشى ھەممىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار ھېكمەتلىرىندۇر. ئۇستاز سەييىد قۇتۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: «نامەلۇملۇق- ئېنسانىيەت ھاياتىنى ۋە ئىنسان پىسخىكىسىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم بىر ئامىل. ئىنسان ئۈچۈن ھاياتتا چۇقۇم ئاقىۋىتىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، قىزىقىدىغان بىر مەجھۇللۇق بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا ھەممە نەرسە ئاشكارا، ئېنىق بولۇپ كەتسە ئىنساننىڭ ھازىرقى پىسخىكىسىدا ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشلىرى، پائالىيەتلىرى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. ئىنسان ياخشىلىققا ئېرىشىش ئارزۇسىدا ئۆزىگە نامەلۇم ئاشۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ، تىرىشىدۇ، ئۈمىد باغلايدۇ، سىناپ باقىدۇ. مانا بۇ جەرياندا ئۆزى ۋە كائىناتتىكى يوشۇرۇن بايلىقلارنى بايقايدۇ. قاچان كېلىشى نامەلۇم ھېساپتىن قورقۇش ئۇلارنى ھەردائىم توغرا يولغا باشلايدۇ».
ئاللاھتائالا قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى مەخپى قالدۇرغان بىلەن، ئۇنىڭ يىقىنلىشىپ قالغانلىقى ۋە قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەن. «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساپ ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشى. ھالبۇكى ئۇلار غەپلەتتىدۇر(قىيامەت توغرىلىق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرىمەكتىدۇر». (سۈرە ئەنبىيا 1- ئايەت) قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەرنى توپلاپ قارىغاندا، مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى، قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى، ئككىنچىسى، قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت. > %5
كىچىك ئالامەتلەر: قىيامەتنىڭ بۇ كىچىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ۋاقىت ئېتىبارى بويىچە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلگىلى بولىدۇ. [[(29|`]
1. ئىلگىرى يۈز بېرىپ كۆرۈلگەن ئالامەتلەر: rwb7>]UI"d
(1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىسلام دىننى تارقىتىشى ۋە پەيغەمبەرلىكنىڭ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىشى قىيامەت يىقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. سەھل رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەيغەمبەرلىككەئىبنى سەئىد ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتىن قىيامەتكىچە بولغان ۋاقىتنىڭ ئارلىقى مۇشۇ ئىككى بارمىقىمنىڭ ئارلىقىچىلىك يېقىن» دىگەچ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆرسەتتى. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) rt+%&%wt
(2) ئاينىڭ يېرىلغانلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلغان بولۇپ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشكارا مۆجىزىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندا ئاينىڭ يېرىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى، (قۇرەيىش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ) بۇ داۋاملاشقۇچى سېھرىدۇر، دېيىشىدۇ». (سۈرە قەمەر 1-2- ئايەتلەر) «تەپسىر ئىبنى كەسىر»دە سۈرە قەمەرنى شەرھىلىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئاينىڭ يېرىلغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرنى مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەردەلىل كەلتۈرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ، بىر پارچىسى تاغنىڭ ئۈستىدە، يەنە بىر پارچىسى تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەنە كۆرۈڭلار» دېدى. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). qx3@]9
(3) ھىجاز رايۇنىدىن بۇسرا تۆگىسىنىڭ بوينىنى يورۇتالىغىدەك چوڭ ئوتنىڭ چىققانلىقى قىيامەتنىڭ رىۋايەتيىقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ھىجاز رايۇنىدىن بۇسرا تۆگىسىنىڭ بوينىنى يورۇتالىغىدەك چوڭ ئوت چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ». (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىنئالا خەۋەر بەرگەن بۇ ئالامەت ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك يۈز بەرگەن. ئىبنى كەسىر ۋە ئىمام شاھابىددىن ئەبۇ شامە كىتابلىرىدا بۇ ۋەقەنىڭ ھىجرىيە 654-يىلى يۈز بەرگەنلىكىنى تەپسىلاتى بىلەن يازغان. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئىمام نەۋەۋىي ھايات بولۇپ، ئۇ (شرح النووي على مسلم) ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان: بىزنىڭ زامانىمىزدا يەنى ھىجرىيىنىڭ 654- يىلى مەدىنە شەھرىنىڭ شەرقى تەرىپىدىن ناھايىتى چوڭ ئوت كۆتۈرۈلدى. شام رايۇنى ۋە بارلىق يۇرتلاردا بۇ ھەقتە گەپ بولدى. مەدىنە ئەھلىدىن ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ماڭا خەۋەر قىلدى». hA5,w_G/ G}B)bM2
2. كىچىك ئالامەتلەرنىڭ ئىككىنچى تۈرى ئىلگىرى كۈرۈلگەن، شۇنداقلا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئالامەتلەر. pWY $aI
(1) ئۇرۇش- جەڭنىڭ كۆپىيشى: ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «تاكى ئۇرۇش كۈپەيمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېۋىدى، ساھابىلەر: قانداق ئۇرۇش؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆلتۈرۈش، ئۆلتۈرۈلۈش» دەپ جاۋاب بەردى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) 906b=
(2) جاھالەتنىڭ يامراپ، ئىلىمنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى. ئەنەس رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. «ئىلىمنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشى، ھاراقلارنىڭ ئىچىلىشى، زىنانىڭ تارىلىشى، ئاياللارنىڭ كۆپىيىشى، ئەرلەرنىڭ ئازىيىشى، ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ بىر ئەر كىشىگە قاراشلىق بولۇپ قېلىشى قىيامەت يىقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر». (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) :q_(=EA
(3) ئەمەل تۇتۇشقا لايىق كەلمەيدىغانلار كىشىلەرنىڭ ئىش بېشىغا چىقىشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سورۇندا سۆز قىلىۋاتاتتى. بىر ئەئرابى كېلىپ: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گېپىنى قىلىۋەردى. سورۇندىكى بەزىلەر: «رەسۇلۇللاھ ئەئرابىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئەمما جاۋاپ بىرىشنى خالىمىدى»، دېيىشتى. يەنە بەزىلەر: «ياق، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گىپىنى تۈگىتىپ: قىيامەتنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا سورىغان كىشى قېنى؟ دېدى. ئەئرابى: مانا مەن ئى رەسۇلۇللاھ، دەپ ئورنىدىن تۇردى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئامانەت زايا بولۇپ كەتكەندە قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ» دېدى. ئەئرابى: ئامانەتنىڭ زايا بولىشى قانداق؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەل تۇتۇشقا لايىق ئەمەس كىشىلەر كىشىلەر ئىش بېشىغا چىققاندا قىيامەتنى كۈتكىن» دەپ جاۋاب بەردى. ( ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) شۇنداقلا يەنە ھەدىستە ئېيتىلغاندەك تېگى پەس، مەككار، ئەخمەق ئادەملەرنىڭ ھۆرمەتلىك ۋە ئابرويلۇق كىشىلەردىن بولۇپ سانىلىشىمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى. 5;{Q >n
(4) مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «تاكى مۇسۇلمانلار يەھۇدىلار بىلەن ئۇرۇشقان، يەھۇدىلار تاش ۋە دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالغان، تاش ۋە دەرەخلەر: ئى مۇسۇلمان! بۇ يەھۇدى مېنىڭ كەينىمگە ئۆتىۋالغان، ئۇنى ئۆلتۈر دىمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. لېكىن غەرقەد دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى، ئۇ يەھۇدىلارنىڭ دەرىخىدۇر. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) cE3g7(a
(5) قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان يەنە تۈرلۈك ئالامەتلەر بولۇپ، بۇلار ھەدىستە تارقاق ھالدا كەلگەن. بۇلارنى جەملىگەندە: دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇققاندا، چاقىرىقى ئوخشاش ئىككى چوڭ گوروھ ئوتتۇرسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولمىغۇچە، يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى كۆپىيىپ، زامانلار يېقىنلاشمىغۇچە (يەنى ۋاقىتلاردىب بەرىكەت كۆتىرىلىپ كەتمىگۈچە)، پىتنە-پاسات، ئۇرۇش – جىدەل كۆپەيمىگىچە، مال-دۇنيانىڭ كۆپلىكىدىن مال ئىگىسى سەدىقە بېرىدىغان ئادەم تېپىشتىن غەم قىلىپ. بىرەرسىگە سەدىقە بەرسە «مىنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق!» دېمىگۈچە، كىشىلەر ئىگىز ئىمارەتلەرنى سالمىغۇچە، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ قەبرىسى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ «كاشكى ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسامچۇ» دەپ ئارزۇ قىلمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. 9V5}%4k%+
چوڭ ئالامەتلەر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە بىر قانچە تۈرلۈك ھادىسىلەرنى ساناپ ئۆتكەن. بۇلار تۆۋەندىكىچە: N#(p_7M
1. دۇخان يەنى ئاسماننى ئورىۋالىدىغان چوڭتۈتۈن. رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۆز ئارا ھۇزەيفە ئىبنى ئۇسەيد غىفارى بىلەن بىر مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتاتتۇق. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ،«سىلەر نىمە ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىدى. بىز «قىيامەت ھەققىدە» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئالامەت كۆرۈلمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ» دېدى ۋە بىرىنچى قىلىپ دۇخاننى سانىدى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئەبۇ سەئىد خۇدۇرى، ئىبنى ئابباس، ھەسەن بەسرى قاتارلىق چوڭ ساھابە ۋە تابىئىنلار «دۇخان» سۈرىسىدىكى «(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن. (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ. بۇ قاتتىق ئازابتۇر» (10-11-ئايەت) دىكى تۈتۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلغا ئالغان چوڭ ئالامەتلەر بىرى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئىمام تەبەرانى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇ تۈتۈننىڭ، مەغرىپ-مەشرىقنى ئورىۋالىدىغانلىقىنى، زىمىندا 40 كۈن داۋاملىشىدىغانلىغى، مۆئمىنگە نىسبەتەن زۇكام تەگكەندەك بولۇپ كافىرغا بولسا تۈتۈن ئۇنىڭ بۇرنىدىن، ئىككى كۆزىدىن، قۇلىقىدىن، ئارقا پىشاپ يولىدىن كىرىپ پۈۋلىگەن شاردەك ئېسىلدۇرۇپ مەستەك قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. '!8'Xo@Go3
2. بىر تۈرلۈك ھايۋان (دابە) نىڭ مەيدانغا چىقىشى، يامانلىق كۆپىيىپ، پىتنە- پاساتلار تارىلىپ، ياخشىلىق ئازايغان ئاخىرقى زاماندا ئاللاھتائالا بىر تۈرلۈك ھايۋاننى مەيدانغا چىقىرىدۇ. بۇ ھايۋان كىشىلەرگە ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئاللاھتائالا سۈرە «نەمل»دە بۇ ئالامەتكە ئىشارە قىلىپ مۇنداق دىگەن: «ئۇلار (يەنى كۇففارلارغا) ئالدىئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاب ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ». ( سۈرە نەمل 82-ئايەت) مانا بۇ ئىنسانغا بېرىلگەن ھەق ئاگاھلاندۇرۇش، ئەمما ئۇنىڭ قانداق ھايۋان ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرگە قايسى رەۋىشتە سۆزلەيدىغانلىقى ئاللاھقا مەلۇملۇق، ئۇنىڭغا ئىشىنىش بىزگە پەرز، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە ئىزدىنىش بىھۇدىدۇر. u >R2:i
3. كۈننىڭ غەرپتىن چىقىشى. بۇ قىيامەت بولۇش ئالدىدا ئاللاھتائالا كائىنات ۋە ھاياتقا بېكىتكەن ئۇمۇمى قانۇنىيەتلەرنىڭ بۇزۇلىشىدۇر. قۇرئاندا قىيامەتنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر كەلگەن.« ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلەرنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ». (سۈرە ئەنئام 158-ئايەت) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتتىكى قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرى – قۇياشنىڭ غەرپتىن چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ دەپ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقشەرھىيلىگەن . ئەبۇ ھۇرەيرە دىگەن: «كۈن غەرپتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، كۈننىڭ غەرپتىن چىققانلىغىنى كۆرگەندە كىشىلەر ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسا، بۇ چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ». (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) no6q3<re
4. دەججالنىڭ پەيدا بولىشى. دەججال سۆزى ئەرەب تىلىدا ھەقنى يالغان بىلەن يۆگىگۈچى ئالدامچى، كاززاپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قانچە ھەدىسلىرىدە قىيامەت يىقىنلاشقاندا مەشرىق تەرەپتىن بىر ئالدامچى دەججالنىڭ چىقىدىغانلىقى، ئاللاھتائالانىڭ ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرالايدىغان، ئۆلۈكنى تىرۈلدۈرەلەيدىغان، قاقاس يەرلەرگە زىرائەت ئۈندۈرەلەيدىغان، يەرئاستى بايلىقلىرىنى چىقىرالايدىغان كارامەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن دەججالنىڭ ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رىۋايەتئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئىبنى ئۆمەر قىلىدۇكى رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دىدى: «ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەس، ئاگاھ بولۇڭلار، دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ، ئۇنىڭ كۆزى خۇددى سۇدا لەيلەپ تۇرغان ئۈزۈمدەك پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ» (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداققىلغان) ئەنەس ئىبنى مالىك دىگەن: «دەججال پەقەت مەككە ۋە مەدىنىدىن باشقا ھەممە جايغا ئاياغ باسىدۇ. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ھەربىر كوچىلىرىنى پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ قوغدايدۇ، كېيىن مەدىنە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئۈچ قېتىم تەۋرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مەدىنىدىن دىنسىز ۋە مۇناپىقلارنى چىقىرىۋېتىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
_}4l4
5. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى. قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى خەۋەر بەرگەن قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى دەججالنىڭ پىتنىسى كۈچىيىپ، مۆئمىنلەر قاتتىق قىسىلغان چاغدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىشى ۋە ئىسلام شەرىئىتى بۇيىچە ھۆكۈم يۈرگۈزىشىدۇر. sFhmp
سۈرە نىسادا يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرەلمىگەنلىكى، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىيسانى تىرىك پېتى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق كەلگەن. «يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دىگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى.(ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر، ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى، بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى)». (سۈرە نىسا 157-158-ئايەتلەر) ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكى سۈرە زۇخرۇفنىڭ 61-ئايىتىدە ۋە ھەدىسلەردە بايان رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:قىلىنغان. ئەبۇ ھۇرەيرە «پەيغەمبەرلەر ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا، دىنى بىردۇر. مەن مەريەم ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يىقىن تۇرىمەن. چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مىنىڭ ئارلىقىمدا باشقا پەيغەمبەر يوق. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئۇنى كۆرگەندە تونىۋېلىڭلار، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرا بويلۇق، تىرىسى قىزىل بىلەن ئاققا مايىل كىشى، ئۇ بىر جۈپ رەڭلىك كىيىم كىيگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈرسە مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇ تۆكىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇتلارنى چېقىپ توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ. كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ مۇسۇلمانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدە 40 يىل تۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشىرىدۇ. (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) [T|_J$
;
6. يەجۇج- مەجۇجلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى. ئاللاھتائالا قۇرئاندا زامان ئاخىرىدا يەجۇج-مەجۇج دېيىلىدىغان، سان جەھەتتىن ئىنتايىن كۆپ بىر قەۋمنىڭ مەيدانغا كىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە پىتنە-پاسات تېرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇ قىيامەت يىقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان. «يەجۇج-مەجۇج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ. راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كافىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ». (سۈرە ئەنبىيا 96-97-ئايەت) 6Z2a5zO8
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ يەجۇج-مەجۇج ھەققىدە خەۋەرلەر كەلگەن، زەينەپ بىنت رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىنجەھش كۆزلىرى قىززارغان ھالدا ئويغاندى ۋە «بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچبىر ئىلاھ يوق، ئەرەپلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! چوڭ بالا-قازا كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۈگۈن يەجۇج-مەجۇجلارنىڭ تۇساق تېمىدىن مۇنچىلىك ئېچىلىپ كىتىپتۇ» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ھالقا قىلىپ كۆرسەتتى. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەجىبا ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر بار تۇرۇپ، بىزمۇ بۇ بالا-قازاغا دۇچار بۇلامدۇق؟ دەپ سورىۋېدىم ، رەسۇلۇللاھ «ھەئە، يامان ئىشلار كۆپىيىپ كەتسە شۇنداق بولىدۇ» دېدى. ھەدىسلەردە يەنە يەجۇج-مەجۇجنىڭ چىقىشى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشۈپ، دەججالنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن بولىدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن. ھەدىسلەردە يەنە ئىسلامنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ قەبزى روھ قىلىش ئارقىلىق، يەريۈزىدە قەلبىدە زەررىچىلىك ئىمانى بار كىشىلەر تۈگەپ پەقەت ئەڭ يامان ئادەملەر قالغاندا قىيامەت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «دەججال مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. دۇنيادا 40 تۇرىدۇ.(رىۋايەت قىلغۇچى 40 كۈنمۇ، 40 ئايمۇ، 40 يىلمۇ بىلمىدىم دەيدۇ) ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كىشىلەر (ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن) يەتتە يىل ئادەم ئارىسىدا ئاداۋەتمۇ بولماي تېنچ ھايات كەچۈرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ شام تەرەپتىن سوغۇق شامال چىقىرىدۇ، ئۇ شامال زىمىندىكى قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق ياكى ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي قەبزى روھ قىلىدۇ. ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ باغرىغا كىرۋالغان تەقدىردىمۇ، شامال شۇ يەرگە كىرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايدۇ. يەر يۈزىدە يامان ئىشلارغا بېرىلىشتە قۇشنىڭ ئۇچقىنىدەك تېز، يىرتقۇچ ۋەھشى ھايۋانلاردەك ھۆركىرەيدىغان كىشىلەر قالىدۇ، ئۇلار ياخشى ئىشنى بىلمەيدۇ، يامان ئىشنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئاندىن شەيتان بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «مىنىڭ سۈزۈمگە كىرمەمسىلەر» دەيدۇ. ئۇلار «بىزنى نىمىگە بۇيرۇيسەن؟» دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى بۇتقا چۇقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رىزىقى كەڭ، تۇرمۇشى پاراۋان بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن سۈر چېلىنىدۇ...(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) N@Fof(T&
بۇندىن باشقا مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى ساناپ مۇنداق دىگەن: «بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئاخىرقىسى يەمەن تەرەپتىن بىر ئوتنىڭ چىقىپ كىشىلەرنى توپلىشىدۇر». «سەھىھۇلبۇخارى»دىكى يەنە بىر ھەدىستە بۇ ئوتنىڭ ھەزەرى مەۋت تەرەپتىن چىقىپ كىشىلەرنى شام رايۇنىغا توپلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(داۋامى بار...) E?,O>bCJ5
مەنبە:نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق ماقالىسىدىن. Rn(6Fk?
28-سىنتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى.