مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1330 
  •    ئىنكاس 
       10 

ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار(4)

قەۋەت ئاتلاش
Hidayet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8551

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18187 (سوم)
 ياخشى باھا:   1104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1725  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3666
 سائەت
دەرىجىسى:
3666 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-04

   مەزكۇر ماقالىنىڭ1-قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:/read.php?tid=60851 o%'1=d3R1Q  
   مەزكۇر ماقالىنىڭ2-قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:/read.php?tid=60906 I3>8B  
   مەزكۇر ماقالىنىڭ3-قىسمىنى مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:/read.php?tid=61017 IFBt#] l0  
( K[e=0Rf  
   قەبرىدىن سادا ^1){ @ (  
   پەقەت ئەڭ شەقى كىشىلەرلا «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر» دەپ ھىسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇنيا ھاياتى ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھايات ئازاب ياكى نېمەتكە تولغان قەبرە ھاياتىغا، نىھايىتى يوق ئاخىرەت ھاياتىغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا ئۆلۈم ئىنساننىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشى ئەمەس، ئۇ پەقەتلا ئۆزگىرىش يەنى روھنىڭ تەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشىدۇر. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە ئايانكى، روھ تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئازاپ ياكى نېمەتنى ھىس قىلغان، بىلگەن ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان ھەدىسلەردە نۇرغۇنلىغان دەلىللەر كەلگەن. fuj9x;8X0  
, LwinjHA*  
  ئاللاھ تائالا سۈرە غافىرنىڭ 45-46- ئايەتلىرىدە پىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى قانداق جازالىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پىرئەۋىن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاپ نازىل بولدى. ئۇلار ئەتتىگىنى-ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «پىرئەۋىن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!(دېيىلىدۇ)» ھىجرىيىنىڭ 774-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر مۇپەسسىر ئالىم ئىسمائىل ئىبنى كەسىر ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «بۇ ئايەت ئەھلى سۈننەتنىڭ ئازاب ياكى نېمەتكە تولغان قەبرە ھاياتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى ئاللاھ پىرئەۋىن جامائەسىگە بۇ دۇنيادا سۇدا غەرق بولۇش ئازابىنى، قىيامەت كۈنىدە دوزاخ ئازابىنى تېگىشلىك قىلدى. بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۇلارغا ئەتتىگىنى – ئاخشىمى توغرىلىنىدىغان ئوت ئازابى دەل ئۇلار دۇچار بولىدىغان قەبرە ھاياتىدىكى ئازابنى كۆرسىتىدۇ››. A _TaXl(  
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ھايات بار. بىرى تۇغۇلۇش بىلەن باشلىنىپ ئۆلۈم بىلەن ئاياغلىشىدىغان ھايات يەنى دۇنيا ھاياتىدۇر. ئىككىنچىسى قىيامەت كۈنىدە ئىنسان قەبرىسىدىن تىرىلىپ قوپۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھىساب بەرگەندىن كېيىن جەننەت ياكى دوزاخقا ئايرىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھايات يەنى ئاخىرەت ھاياتىدۇر. بۇ ئىككى تۈرلۈك ھاياتنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىنسان باشتىن كەچۈرىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك ھايات بولۇپ، ئۇ قەبرە ھاياتىدۇر. قەبرە ھاياتى «الحياە البرزخيە» دەپ ئاتىلىدۇ. «برزخ›› دىگەن سۆزنىڭ «دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتىنى ئايرىغۇچى» دېگەن ئىستىلاھ مەنىسى ئۇنىڭ ئەرەپچە «ئىككى نەرسىنى ئايرىپ تۇرغۇچى پاسىل» دىگەن لوغەت مەنىسىدىن كەلگەن. «ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى: ‹‹پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن. مەن قويۇپ كەلگەن مال-مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن. (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چۇقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ.» (سۈرە مۆئمىنۇن 99-100-ئايەتلەر) d3znb@7  
  ‹‹ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازاپقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرىلىدۇ» ( سۈرە تەۋبە 101-ئايەت). مۇپەسسىرلەر يۇقارقى ئىككى ئايەتتىكى توسما ۋە ئىككىنچى قېتىملىق جازا – بەرزەخ ھاياتىدىكى ئازابنى كۆرسىتىدۇ دەپ تەپسىر قىلىدۇ. C]Fw*t   
o 
  قەبرە ھاياتى ھەربىر مۇسۇلمان ئىشىنىشى زۆرۈر بولغان ئەقىدە ھېساپلىنىدۇ. قەبرە ھاياتىدىكى مۇھىم ھادىسە مۇنكىر-نەكىر ئىسىملىك ئىككى پەرىشتىنىڭ مېيىتنى سۇئال-سۇراق قىلىدىغانلىقى، مېيىتنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا ئازاب تارتىشى ياكى نېمەتكە ئېرىشىشى، ۋە بۇ ئازاب ياكى نېمەتنىڭ تاكى قىيامەتكىچە داۋام قىلىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە قەبرە ھاياتىنىڭ ھەقلىقىنى بايان قىلغان، دۇئالىرىدا قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن ھەم شۇنداق قىلىشنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە تەۋسىيە قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنۇ دۇئانى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى ئۈگەتكەندەك ئۈگىتەتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم، ساڭا سېغىنىپ جەھەننەم ئازابىدىن، قەبرە ئازابىدىن، دەججالنىڭ پېتنىسىدىن، تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ پېتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەندە ئەتتىگەن – ئاخشىمى ئۇنىڭغا ئاخىرەتتىكى ئورنى توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا جەننەت نېمىتىنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاخ ئازابىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «بۇ سېنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنۇڭ، قىيامەت كۈنى تىرىلگەندە مانا مۇشۇ ئورۇن ساڭا تېگىشلىك بولىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاخىرەتتىكى ئازابلىرى ياكى نېمەتلىرى ئايان بولىدۇ. (ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «قەبرە دوزاخ ئوتى يالقۇنجىغان ئورەكلەردىن بىر ئورەك ۋە ياكى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدىن ئىبارەتتۇر». (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە بىرلىككە كەلگەن پىكىر شۇكى مېيتقا نىسبەتەن قەبرە ئازابى ياكى نېمىتى روھ ۋە تەنگە تەڭ چۈشىدۇ، ئادەم مەيلى ئوتتا كۆيۈپ، سۇدا ئېقىپ ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ ئۆلگەن بولسۇن، قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان بولسۇن، قەبرە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ ۋە سۇئال- سۇراق قىلىنىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرە تىلغا ئېلىنسا يىغلاپ ھەتتا ساقاللىرىمۇ كۆز يېشى بىلەن ھۆللىنىپ كېتەتتى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭدىن «جەننەت بىلەن دوزاخ تىلغا ئېلىنسا يىغلىمايسىز، نىمىشقا قەبرە تىلغا ئېلىنسا يىغلايسىز؟» دەپ سورىغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: «قەبرە ئاخىرەتنىڭ تۇنجى مەنزىلىدۇر، ئەگەر بەندە قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئاسان بولىدۇ. ئەگەر قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلالمىسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئۇنىڭدىن بەتتەر تەس بولىدۇ». (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) mW]dhY 3X  
jUE:QOfRib  
  قەبرىنىڭ زۇلمىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مەسجىدنى سۈپۈرىدىغان بىر ئايال بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇ ئايالنى كۆرمەي ئۇنى ساھابىلەردىن سورىغان. ساھابىلار ئۇ ئايالنىڭ نەچچە كۈن ئىلگىرى كىچىدە تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھنى ئويغىتىشنى خوپ كۆرمەي، دەپنە قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ قەبرىسىنى سوراپ بېرىپ ناماز ئوقۇغان ۋە «بۇ قەبرىلەر زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا تولغان بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مىنىڭ ئوقۇغان نامىزىم بىلەن قەبرىنى نۇرلاندۇرىدۇ» دىگەن.(ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) k(G6` dY  
hYyIC:PXR  
   قەبرىنىڭ مېيىتنى سىقىدىغانلىقى: ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ھەرقانداق مېيىت قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىن، مەيلى قېرى، ياش، سالىھ، ياكى پاسىق بەندە بولسۇن، قەبرە مېيىتنى سىقىدۇ. ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ۋاپاتىغا ئەرش تەۋرىگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلغان جىنازا نامىزىغا 70 مىڭ پارىشتە ھازىر بولغان سەئىد ئبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، سەئىدنى قەبرە بىر قېتىم سىققاندىن كېيىن قويۇپ بەردى، قەبرىنىڭ مېيىتنى سىقىدىغانلىقى ھەقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولسا سەئىد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى.» (ئىمام ئەھمەد، نەسەئى رىۋايەت قىلغان) ZN H-0mk  
  قەبرىدىكى سوئال-سوراق: مېيىت قەبرىگە دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ روھىنى تېنىگە قايتۇرىدۇ ۋە پەرىشتىلەر تەرىپىدىن سوئال -سوراق قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە‹‹سەھىھۇلبۇخارى»، «سەھىھۇلمۇسلىم»، «سۈنەنى ئەبى داۋۇد»، «سۈنەنى نەسەئى» لاردا خېلى كۆپ ھەدىسلەر كەلگەن. بۇ يەردە ۋەكىلللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئىككى ھەدىسنىلا كەلتۈرىمىز. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: مېيىت قەبرىگە قويۇلۇپ ھەمراھلىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ماڭغاندا، مېيىت ئۇلارنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە مۇھەممەد ھەققىدە نىمە دەيسەن؟ دەپ سورايدۇ. مۆئمىن بولسا ‹‹مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا «قارا، ئاللاھ سىنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭنى جەننەتكە ئالماشتۇرۇپ بەردى» دەيدۇ. ئۇلار جەننەتتىكى ئورۇننى كۆرىدۇ ۋە قەبرىدىن جەننەتكە بىر ئىشىك ئېچىپ بېرىدۇ. ئەمما كاپىر ياكى مۇناپىق بولسا پەرىشتىلەرنىڭ سۇئاللىرىغا: ‹‹بىلمەيمەن، كىشىلەر نىمە دىگەن بولسا مەنمۇ شۇنى دەيتتىم» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا : سەن ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىمىدىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇمىدىڭ دېيىلىدۇ، ئاندىن تۆمۈر توقماق بىلەن ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىسىغا شۇنداق قاتتىق ئۇرىدۇكى، ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن باشقىلار ئاڭلايدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) b$;oty9Y  
Re~6 '  
  بەررا ئىبنى ئازىپ رىۋايەت قىلغان سەكرات ھەققىدىكى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ‹‹.......روھ جەسەتكە قايتقاندىن كېيىن، ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دىنىڭ نىمە؟ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇ ئادەم كىم؟ دەپ سورايدۇ. بۇ مۆئمىن دۇچ كىلىدىغان ئاخىرقى سىناقتۇر. مۆئمىن: «پەرۋەردىگارىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، ئۇ مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەرىشتىلەر: ‹‹ئەمىلىڭ نىمە» دەپ سورىغاندا، مۆئمىن «ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئىمان ئېيتتىم» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاسماندىن «بەندەم راست ئېيتتى، ئۇنىڭغا جەننەتتىن بىر سېلىنچا سېلىپ بىرىڭلار، جەننەتتىن بىر كىيىم كېيدۈرۈڭلار، ئۇنىڭغا جەننەتكە قارايدىغان بىر ئىشىك ئېچىپ بېرىڭلار» دېگەن ئاۋاز كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەبرىگە جەننەتنىڭ خۇش-ھېدى تۇشۇپ، قەبرىسى كېڭەيتىپ بىرىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاي يۈزلۈك، ئىسىل كىيىملىك ،خۇشبۇي بىر كىشى كېلىپ: ساڭا سىنى خوش قىلىدىغان بىر نەرسە بىلەن خوش بىشارەت بىرىمەن. مانا بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» دەيدۇ. مۆئمىن ئۇ كىشىگە: ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرگۈچى يۈز بىلەن كەلگەن بۇ ئادەم (يەنى سەن) كىم؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭ بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن مۆئمىن: ئى پەرۋەردىگارىم، تىزراق قىيامەت بولسىكەن، ھەتتاكى مىنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ۋە مال-مۈلكۈمگە قايتىپ بارسامكەن دەيدۇ. ئەگەر مېيىت كاپىر، پاسىق بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ «پەرۋەردىگارىڭ كىم؟» دىگەن سوئالىغا: «ھا..ھا.. بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن: دىنىڭ نىمە، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇ ئادەم ھەققىدە نىمە دەيسەن؟ دەپ سورسا ، ئوخشاشلا « ھا..ھا.. بىلمەيمەن» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاسماندىن بەندەم يالغان ئېيتتى، ئۇنىڭغا دوزاختىن بىر سېلىنچا سېلىپ بىرىڭلار ۋە دوزاختىن بىر ئىشىك ئېچىپ بىرىڭلار» دىگەن ئاۋاز كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەبرىنى دوزاخنىڭ قىززىق ئوت يالقۇنى، سېسىق كۈيۈك پۇراقلىرى قاپلايدۇ. قەبرە مېيىتنى قاتتىق سىققانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرى بىر – بىرىگە كىرىشىپ كىتىدۇ. بەدبەشرە، كىيىملىرى ئەسكى، بەدبۇي بىر كىشى كىلىپ مېيىتكە: ساڭا يامان تۇيىلىدىغان بىر نەرسە بىلەن خوش خەۋەر بىرىمەن. مانا بۇ ساڭا دۇنيادا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر. مېيىت: يۈزۈڭدىن يامانلىق بىلىنىپ تۇرىدۇ، سەن كىم؟ دەپ سۇرايدۇ. ئۇ كىشى: مەن سېنىڭ يامان ئەمەللىرىڭ دەيدۇ. كاپىر بولسا: پەرۋەردىگارىم، ھەرگىز قىيامەت قىلمىغىن دەيدۇ.(شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنىڭ ھەممە خىل رىۋايەتلىرىنى يىغىپ بىر سىياققا كەلتۈرگەن ۋە بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە لايىق سەھىھ ھەدىس دىگەن) '?$@hqQn  
,l AZ4  
  قىيامەت كۈنىگىچە يەنى بەرزەخ ھاياتىدا روھنىڭ قەيەردە قايسى خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى ئاللاھقا مەلۇم بولغان غەيپ ئىلىملەر جۈملىسىدىندۇر. بىز بۇ ھەقتە پەقەتلا بەزى ھەدىس ۋە سەلەف ئالىملاردىن كەلگەن بەزى مەلۇماتلارنى كەلتۈرەلەيمىز. ئەمما ئۇنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر. مەشھۇر ئالىم ئىبنى قەييۇم بۇ ھەقتىكى بەزى سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ مۇنداق يازغان: «بەرزەخ ھاياتىدا روھلارنىڭ ئوخشىمايدىغان، يۇقىرى – تۈۋەن دەرىجىلىرى بولىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرى ئەڭ يۇقىرى مەنزىلدە بولىدۇ. ئاندىن شېھىتلەرنىڭ ئاندىن سالىھ بەندىلەرنىڭ روھلىرى جەننەت نېمەتلىرىدە بولىدۇ». «شرح العقيدە الطحاويە» كىتابىدا قەبرە ھاياتى توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «ھەربىر ئادەم مەيلى ئۇ قايسى خىل شەكىلدە ئۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، قەبرە ھاياتىدىكى ئازاب ياكى نېمەتنى تېتىيدۇ. بىزگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىش، ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر. روھنىڭ تەنگە قانداق قايتىدىغانلىقى، روھنىڭ قەيەردە، قايسى خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، ئازاب ۋە نېمەتنىڭ قايسى رەۋىشتە بولىدىغانلىقىدەك تەپسىلاتلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارتۇقچىدۇر. چۈنكى ئىنسان ئەقلى بۇ ئىشلارنى بىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئەمما ئاسمان-زىمىننى، ئۇنىڭ ئارىسىدىكى جىمى نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر». « ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى)ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ –دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كىلىدۇ.» (سۈرە ياسىن 82-ئايەت) مانا بۇ ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ كۆز قارىشى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ چەكلىك ئەقلى ۋە بۇ دۇنيادىكى چەكلىك ھىس - تۇيغۇسى بىلەن ھەممە ئاجايىباتلارغا جاۋاب تاپماقچى بولغانلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ. ئاللاھتائالا كىتابىدا ئېيتقاندەك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتقان، ئاخىرەت ۋە دوزاخ ئازابىنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇنداق كىشىلەر بەختكە ئىرىشكۈچىلەردۇر. RCfeIHL  
  قەبرە ھاياتى ھەقتۇر. ئۇنىڭدىكى ئازاب ۋە نېمەت ھەقتۇر. پەقەت تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەللەر ئىنساننى قەبرە ئازابىدىن ساقلايدۇ. مۆئمىن قەبرىسىنى ھاياتلىقىدىكى ياخشى ئەمەللىرى بىلەن بىزەيدۇ. سىمونت، گەج قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قەبرىنى ھەيۋەتلىك قىلىپ قاتۇرۇش، قەبرىنى بېزەش ئۈچۈن ئۇنى باغچىغا ئايلاندۇرىۋېلىش ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن قىلمىشتۇر. مۇنداق قىلىش مېيىتنى قەبرە ئازابىدىن ساقلاش ئەمەس، ئازابىنى زىيادە قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق قىلىش پۇل مالنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن يات دىندىكىلەرگە تەقلىد قىلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جابىر رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرە قاتۇرۇشتىن ئۈستىگە گۈمبەز سېلىشتىن، قەبرىگە مېيتىنىڭ ئىسمى ۋە ۋاپات تارىخىدىن باشقا نەرسىلەرنى يېزىشنى چەكلىگەن. (ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) شۇنداقلا يەنە ئۆلۈمنى ۋە ئاخىرەتنى ياد ئېتىش، ئىبرەت ئېلىش، مىيىتلارغا خەيرلىك دۇئا قىلىشتەك مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا روخسەت قىلغان. ئەلى رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مەن سىلەرنى قەبرىلەرنى يوقلاشتىن چەكلىگەن ئىدىم. ئەمدى زىيارەت قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ، قەبرىلەرنى يوقلاشتا سىلەرگە ياخشىلىق بار، كىم قەبرىلەرنى زىيارەت قىلماقچى بولسا قىلسۇن، ئەمما بىھۇدە سۆزلەرنى قىلمىسۇن››.(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنى شەرھىيلەپ كۆرسىتىدۇ: كىشىلەر ئىسلامغا يىڭى كىرگەن چاغلاردا، ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرى بىلەن ئارلىقى يىقىن بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جاھىلىيەتنىڭ قىلىقلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرىنى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قەبرىلەرنى يوقلاشتىن توسقان. ئىسلام دىنى ئەھكاملىرى مۇقىملىشىپ، كىشىلەر دىنى ئەھكاملارنى پۇختا بىلگەن، قەدەملىرى دىندا مۇستەھكەم بولغاندا قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپلەرنىمۇ بېكىتىپ بەرگەن››.(داۋامى بار)   ئاللاھ خالىسا كېيىنكى قىسمىدا-قىيامەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئالامەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. 5 `TMqrk  
   مەنبە:نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق ئىسلامىي ماقالىسىدىن.
تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-28, 12:24
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
mihir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.594

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   887 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9018 (سوم)
 ياخشى باھا:   302 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5914
 سائەت
دەرىجىسى:
5914 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

داۋامىغا تەشنامەن ،  تىما يوللاۋاتقان قىرىندىشمىزغا تەشەككۈر .
 
nawa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2253

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   115 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5561 (سوم)
 ياخشى باھا:   240 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   269  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1226
 سائەت
دەرىجىسى:
1226 سائەت 124 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

سىزنىڭ ۋە ئاپتۇرنىڭ ئەجرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرگەي.ئامىن!
 
ئېي ئىنسان ،سەن مېنىڭ ھەققىمدە نېمىنى ئويلىغان بولساڭ ،رەببىم شۇنى ساڭا ھەسسىلەپ بەرسۇن،ئامىن!
ئىپارە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33575

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   196 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2236 (سوم)
 ياخشى باھا:   255 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   154  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1543
 سائەت
دەرىجىسى:
1543 سائەت 157 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي، داۋاملىق يازغايسىز! ناھايىتىمۇ ياخشى تېما!ئاپتورنىڭمۇ ئەجرىنى ئۇلۇغ ئاللاھىم زىيادە قىلغاي!
 
atax1982
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48080

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   123 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1490 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   297  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1799
 سائەت
دەرىجىسى:
1799 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

شەپقەتلىك ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرگەي .
 
busuga
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24751

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   77 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3424 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   263  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 909
 سائەت
دەرىجىسى:
909 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. بۇ تىما بەلكىم نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق يولىغا قايتىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
 
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە!
sarvinas
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.56099

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   661 (سوم)
 ياخشى باھا:   160 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1199
 سائەت
دەرىجىسى:
1199 سائەت 151 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››بۇ ماقالە قايسى كىتابتا بار؟بەكلا ياختۇرۇپ قالدىم.سىزگە كۆپ رەخمەت!
 
Hidayet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8551

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18187 (سوم)
 ياخشى باھا:   1104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1725  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3666
 سائەت
دەرىجىسى:
3666 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  sarvinas كە 2011-09-28 11:02 PMئەۋەتىلدى  : %lN4"jtx  
‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››بۇ ماقالە قايسى كىتابتا بار؟بەكلا ياختۇرۇپ قالدىم.سىزگە كۆپ رەخمەت! VN 
=&;}#A%m  
مەزكۇر ماقالە تېخى رەسمى بىر كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنغىنى يوق،بۇنى كىتاب ئارقىلىق ئوقۇيمەن دىسىڭىز‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى››ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدىن باشلاپ،2007-يىللىق 2-سانىغىچە بولغان بارلىق قىسىملىرىنى يىغسىڭىز پارچە-پارچە قىلىپ باسقان نەشرىدى كۆرەلەيسىز.ئەگەر بىر يولىلا توردىن ئىلكىتاب شەكلىدە كۆرىمەن دىسىڭىزبىۋاستە مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-5682.html
 
ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
نۇربىيە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28086

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   925 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8905 (سوم)
 ياخشى باھا:   1553 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3426
 سائەت
دەرىجىسى:
3426 سائەت 74 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-28

يازغان قوللىرىڭىزدىن قىزىل گۈل ئۈنۈپ چىققاي ،ئىشلىرىڭىز بەركەتىلىك بولغاي قېرىندىشىم ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن . ئىھى ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىپ ۋە بىلمەسىتن قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمغا  تۆۋبە قىلمەن ،بەرگەن كۈنلىرىگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى
 
قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،
قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،
ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،
كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .
rinatcn
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4682

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   763 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20916 (سوم)
 ياخشى باھا:   3099 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   4949  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9119
 سائەت
دەرىجىسى:
9119 سائەت 331 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-29

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  Hidayet كە 2011-09-28 11:28 PMئەۋەتىلدى  : "0g1'az}  
5RTAM  
مەزكۇر ماقالە تېخى رەسمى بىر كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنغىنى يوق،بۇنى كىتاب ئارقىلىق ئوقۇيمەن دىسىڭىز‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى››ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدىن باشلاپ،2007-يىللىق 2-سانىغىچە بولغان بارلىق قىسىملىرىنى يىغسىڭىز پارچە-پارچە قىلىپ باسقان نەشرىدى كۆرەلەيسىز.ئەگەر بىر يولىلا توردىن ئىلكىتاب شەكلىدە كۆرىمەن دىسىڭىزبىۋاستە مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-5682.html /PIU@$DV  
mYb8   
مەن دوسلارغا ھىدايەت  نامە دىگەن ئىككى قىسىملىق توپلام كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بۇ كىتاپ ‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى››ژورنىلىدىكى موھىم ئەسەرلەرنى توپلام قىلىپ تۇزۇلگەن ،باھاسى يۇز نەتچى كوي .كىتاپخانىدا ئاشكارى ساتىدۇ
 
ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ
koklan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.320

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6638 (سوم)
 ياخشى باھا:   354 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   472  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4356
 سائەت
دەرىجىسى:
4356 سائەت 284 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-29

ھەي قىنى سىلەر؟  ئاشىقلار !  مۇشۇنداق بىر ئىسىل تېمىنىڭ كۆمۇلۇپ قالغنىغا بەك ئەپسۇسىلىنۋاتىمەن ، تىما يوللانغىلى ئىككى كۇن بولۇپتۇ ئەمما زىيارەت قىلىش قىلىش قىتىم سانى ئادەمنى بەك ئەپسۇسلاندۇردۇ . fPK|Nw]b  
ھەي ئەقلى يوق ئاشىقلار،مۇھەببەت دەردىدە سەرسانە بولۇپ يۇرگەن قىرىندىشىم ،سىز ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئىش قىلۋاتقىنىڭىزنى ئۆزىڭزدىن سوراپ باقتىڭزمۇ؟   شۇنى بىىلىشىڭىز كىرەكىى : بۇ دۇنيا سىزنىڭ ئۇنچىلىك قىلشڭىزغا ئەرزىمەيدۇ. ئۆلۇمدىن باشقا ھەممسى يالغان ساختا uTP=kgYqJ  
ھەي نادان قىرىندىشىم كالانىڭ سىلكىۋەت ئۆلۇمنى سەن ئەسلەپ قوي ،ئاشۇ توردا ئويۇن ئۇينىغان چ چ دا ئايخى  چىقماس  پاراڭنى قوي ئۇنڭدىن ساڭا ھىچ پايدا يوق ، سەن دۇنيالقڭدا نۇرغۇن پۇل مال تاپتىڭ يۇز تاپتىڭ ، ئۆي بىسات داچا سالدىڭ ،يەنە قىل قانچىلىك  قىلىسەنكى ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالما سەن ئۆلىسەن ،بۇگۇنمۇ يە ئەتىمۇ  بۇنى ئاللا ئۆزىلا بىلدۇ ، سەن كېچىنى كۇندۇزىگە ئۇلاپ توپلىغان مال دۇنيا ساڭا ئەسىقاتامدۇ، ياق ھەمىمسى قالدۇ،ئاناڭدىن قانداق كەلگەن بولساڭ شۇنداق كىتىسەن ، )J~Q x-jG  
ئەي نادان قىرندىشىم ئۇيىلىنىپ باق!  سەن بىر يەرگە بارماقچى بىرنەچچە كۇندىن كىيىن قايتىپ كىلدىغان جايغا بارسىەن ،سەن شۇنى ئوبدان بېلىسەن شۇ يەرگە بىرىش ئۇچۇن قاتناشققا ئولتۇرۇش ئۇچۇن پۇل  تەييارلايسەن قورساق ئۇچۇن نان تاماق تەييار قىلىسەن . مانا بۇنى ھەمىمىز بېلىمىز ،بىز كىتىمىز كەلمسكە كىېىتىمز ئۇ چاغدا بىزنىڭ تاماقىمىز نىمە بولىدۇ؟ M29[\ @zL  
ھەققى ئاشقلىقنىڭ نىملكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ بولسىمۇ ئاللانىڭ مۇبارەك جامالنى كۆرۇش ئاللاھنىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان جەننىتىگە مۇييەسەر بولۇشتۇر، بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق قىلمىز ؟ جەنەتىنىڭ ئاچقۇچنى ئىلىشمىز كىرەك .جەنەتنىڭ ئاچقۇچى قايسى دىسڭىز ئۇ بولسىمۇ ناماز،ناماز سىزنىڭ ھىچ قانداق ئىشىڭزغا دەخلى قىلمايدۇ، بۇنىڭغا يا پۇل كەتمەيدۇ ياكى ۋاقىت كەتمەيدۇ . Zf]d'oW{/  
قىسقىسى قىرىندىشىم ئۆلۇمنى ئۇنۇتماڭ. ئۇ سىزنى ئەگىپلا يۇرۇيدۇ، بۇ جاندا سىزنىڭ ھەقىقىڭىز يوق جان ئاللانىڭ ،ئاللا خالىغانى خالىغان جايدا جىنى ئالىدۇ ،سىنزنى ئاللا بىكارغا يارتمىغان بۇنى ئۇنتۇپ قالما!
 
ئانا   رازى    اللا    رازى
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى