مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2004 
  •    ئىنكاس 
       16 

ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار((6)

قەۋەت ئاتلاش
Hidayet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8551

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18187 (سوم)
 ياخشى باھا:   1104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1725  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3666
 سائەت
دەرىجىسى:
3666 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-04

   ماقالىنىڭ1-قىسمى:/read.php?tid=60851 cCv@f ks  
   ماقالىنىڭ2-قىسمى:/read.php?tid=60906 1otE:bi  
   ماقالىنىڭ3-قىسمى:/read.php?tid=61017 k{ J\)z  
   ماقالىنىڭ4-قىسمى:/read.php?tid=61104 ` M!'PMX  
   ماقالىنىڭ5-قىسمى:/read.php?tid=61181 NX8. \Pf#  
   :aR_f`KMm  
n'8 3P%x  
i|!W;2KL5  
    قىيامەت S z-TarTF  
   G2w0r,[  
          كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ. ياق، (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر. بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر» (سۈرە قىيامەت 7-12-ئايەتلەر) 9`cj9z z7  
       ھاياتلىق گويا ئېقىنغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا ئەجىلى پۈتكەنلەر ئۆلۈمگە يۈز تۇتسا، يەنە نۇرغۇن يېڭى جانلار ھاياتقا كۆز ئاچىدۇ. ھاياتلىق گويا مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ. بىر دولقۇن شاۋقۇن بىلەن دېڭىز قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ تۈگىگەندە، كەينىدىنلا يەنە بىر دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلىدۇ. ياشىرىپ تۇرغان ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ قالغاندا، ئورنىغا يەنە ياپ-يېشىل كوكاتلار ئۈنۈپ چىقىدۇ. قۇياش زىمىننى ئىللىق نۇرى بىلەن پەپىلەيدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نىھايىتى، ئاياقلىشىش چېكى بولىدۇ. ھاياتلىق ھەرگىزمۇ ئۈزۈلمەس ئېقىن ئەمەس. شۇنداق بىر كۈندە كۈننىڭ نۇرى ئۆچىدۇ. يۇلتۇزلار تۈكىلىدۇ. دەريا – بۇلاقلار ئېقىشتىن توختايدۇ. گۈللەر توزۇپ قۇرۇيدۇ. ھەممە نەرسە ھەتتا كائىناتمۇ گۇمران بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاياقلشىشى ئۆلۈم دەپ ئاتالغىنىدەك، دۇنيانىڭ ئۆمرىمۇ چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشى قىيامەت دەپ ئاتىلىدۇ. "10.,QK  
       مانا بۇ قۇرئاندىكى نەچچە يۈز ئايەتتە تەكرار-تەكرار زىكىر قىلىنغان، ئاللاھتائالا بەندىلىرىنى دەھشىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان ھېساپ كۈنىدۇر. مانا بۇ مۆئمىنلەر ئازابىدىن پاناھ تىلىگەن، گۇناھكارلار يىراق سانىغان ھەسرەت-نادامەت كۈنىدۇر. مانا بۇ ھەر ئادەم دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازاغا ئېرىشىدىغان ھۆكۈم كۈنىدۇر. «(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ). ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ. ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ. ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال - خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ - توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ». (سۈرە ئەبەسە 33-41-ئايەتلەر) FL[w\&fp  
       قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش ئاللاھقا مەلۇم بىر ۋاقىتتا جىمى جانلىقلار ئۆلۈپ، ھاياتى دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئاندىن ئاللاھنىڭ جىمى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ ھېساپ ئۈچۈن ئۆز دەرگاھىغا يىغىدىقانلىقى، ھەربىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا دوزاخ ياكى جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مۆئمىننىڭ ئەقىدىسى ئۇنىڭسىز دۇرۇس بولمايدۇ. قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. قۇرئاندا « ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار ....» دىگەن ئىبارە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمەللەردىن ھېساپ ئېلىنىدىغان شۇنداق بىر ئۇلۇغ كۈننىڭ بارلىقىغا بولغان ئىماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە جەمىيەتنىڭ مۇستەقىم توغرا يولىدا بولىشىدىكى رولى تەڭداشسىز، شۇ سەۋەبلىك قۇرئان كەرىمدە قيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە نەچچە يۈزلىگەن ئايەتلەردە تەكرار ئېيتىلغان. سۈرە قىيامەت، سۈرە ھەشىر، سۈرە تەغابۇن، سۈرە ھاققە، سۈرە ۋاقىئە، سۈرە زەلزەلەگە ئوخشاش بىر قانچە سۈرىلەر قىيامەت كۈنىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بىر قىيامەت كۈنىنىڭ قۇرئاندا ئوخشاش بولمىغان 87 تۈرلۈك ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى ۋە ھەربىر ئىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولىشىمۇ بۇ تېمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سالمىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئىمام غەززالى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھتائالا قىيامەت كۈنىنى ئوخشىمىغان تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن ئاتىغان. ئىسىملارنىڭ كۆپلىكىدىن مەقسەت ئىسىم تەكرارلاش ئەمەس، بەلكى ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇش، ئىنساننى ئوخشىمىغان ئىسىم ئاستىغا يۇشۇرۇنغان ئوخشىمىغان مەنا ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەشتۇر، چۈنكى بۇ ئىسىملارنىڭ ھەربىرى قىيامەت كۈنىنىڭ بىر سىرىنى، ھەر بىرى بىر سۈپىتىنى ئېچىپ بىرىدۇ».  
       «سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ تائالا خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ». (سۈرە زۇمەر 68-ئايەت). مانا بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، قىيامەت مۇنداق ئىككى چوڭ ھادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرى زىمىندىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق ۋە ئالەم ئاخىرلىشىدۇ. ئىككىنچىسى ئاللاھتائالانىڭ ئىزنى بىلەن جىمى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ، قەبرىلەردىن چىقىپ، مەھشەرگاھقا سوئال-سۇراق ئۈچۈن ھازىر بولىدۇ، ئاخىرەت ھاياتى باشلىنىدۇ. بۇ ئىككى ھادىسىنىڭ باشلىنىشى ئىككى قېتىملىق سۈر بىلەن باغلانغان. قىيامەتنىڭ كىشىلەر بىخەۋەر تۇرغان ھالدا تۇيۇقسىز كىلىدىغانلىقى ۋە ئاز قالغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مەن قانداقمۇ خاتىرجەم بولاي، ھالبۇكى سۈر چالغۇچى سۈرنى چېلىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئالغان تۇرسا، ئۇ رۇخسەتنى كۈتىۋاتىدۇ. قاچانكى ئۇنى چېلىشقا بۇيرۇق قىلىنسا، ئۇنى چالىدۇ». گويا بۇ گەپ ساھابىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلغاندەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھتائالا بىزگە كۇپايە، ئاللاھتائالا نىمە دىگەن ياخشى ئىگە دەڭلار» دېدى. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ ئىسرافىل ئىسىملىك پەرىشتىنى قىيامەتنىڭ سېگىنالى بولغان سۈرنى چېلىشقا مەسئۇل قىلغان. بىرىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنىش بىلەن كائىناتتا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. تەبىئەتنىڭ نورمال قانۇنىيىتى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، ئىنساننىڭ خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ھادىسىلەر ھەققىدە قۇرئاندا قەلىبلەرنى تىتىرەتكۈچى ئوبرازلىق بايانلار كەلگەن. «بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا، زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر - بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا، بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ. ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ» (سۈرە ھاققە 13-16- ئايەت) H8h,JBg5 
       «ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا، ھەر ئادەم ئىلگىرى - كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ» (ئىنفىتار 1-5-ئايەت) «ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ. تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ» (سۈرە مائارىج 8-9 ئايەتلەر). ئاللاھتائالا ھەممە نەرسىگە مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە مۇددەتنى بەلگىلىگەن. ئاستىرونومىيە ئىلمىدا يۇلتۇزلارنىڭ قېرىشى، ئۆلۈشىدەك ھادىسىلەر ھەممە ئىتراپ قىلغان ئىلمى ھەقىقەت. يۇقارقى بايانلار ئاسمان، زىمىن، قۇياش، ئاي-يۇلتۇز، تاغ، دەريا-دېڭىزدەك نىسبەتەن تۇراقلىق بولغان، ئىنساننىڭ ئىگىدارچىلىق قۇدرىتىدىن ھالقىغان شەيئىيلەردىكى ئۆزگىرىشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئايرىم-ئايرىم سۈرە ۋە ئورۇنلاردا كەلگەن. بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغاندا ئاسماننىڭ يېرىلىشى، كۈن نۇرىنىڭ ئۆچىشى، تاغلارنىڭ پارچىلىنىپ ئۇۋىلىنىپ كېتىشى، يەرنىڭ قاتتىق تەۋرىشى، يۇلتۇزلارنىڭ تۆكىلىشىدەك زور ھادىسىلەر بىلەن ئالەمنىڭ بىرلىكى بوزۇلىدۇ. زېمىندىكى جانلىقلار- ئىنسانلار، جىنلار، ھايۋانلار ھەممىسى ئۆلىدۇ. a0PClbf2.  
       ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغاندا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جىمى جانلىقلار قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ قوپىدۇ، تۇنجى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى بىرىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغىچە ئۆتكەن جىمى ئىنسانلار، مەيلى ئۇ سۇدا ئېقىپ، ئوتتا كۆيۈپ، ھاۋادا پارتلاپ قانداق تەرىقىدە ئۆلگەن بولسۇن، ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئىلاھى بىلەن تىرىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىككى قېتىملىق سۈرنىڭ ئارلىقى 40. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 كۈن دىمەكچىمۇ؟» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 ئايمۇ» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى مەن «ئى رەسۇلۇللاھ، 40 يىلمۇ» دىسەم، رەسۇلۇللاھ، «مەن بىر نەرسە دىمەيمەن» دېدى ۋە ئارقىدىنلا «شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ئادەم بالىلىرى خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىققاندەك قەبرىلىرىدىن تىرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئادەمنىڭ ھەممە ئەزالىرى توپىدا چىرىپ تۈگەيدۇ. پەقەت بىر پارچە سۆڭەك- قۇيرۇق سۆڭىكى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. قىيامەت كۈنى بارلىق جانلىقلار ئاشۇ سۆڭىكى ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) %Mf3OtPiJW  
       تەۋھىد ئەقىدىسى ئىمان تارازاسىنىڭ بىر تەرىپى بولسا، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى دىلى ۋە تىلى بىلەن تەستىقلاش ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەم كۇفرىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. كۆز كۆرمىگەن، ئەقىل يەتمەيدىغان ئىشلارغا پەقەت ئاللاھ خەۋەر بەرگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنلا شەك شۈبھىسىز ئىشىنىشنىڭ ئۆزى ئىمان ھېسابلىنىدۇ ، ئەنە شۇنىڭدا كىشىلەر سىنىلىدۇ، دەرىجىلىرى بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى «ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ» دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغاندا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جىمى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ناھايىتى ئوچۇق ئىبارىلەر بىلەن ئىمانسىزلار ئىنكار قىلغان بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: Dv}VmC""  
       ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا-ئاستا كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر». سۈرە ھەج (22- سۈرە) 5-6 ئايەتلەر. ئاللاھنىڭ كۈندەك روشەن بۇ بايانلىرى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ GRAPv|u9[  
       ئاخىرەت ھاياتى جىمى ئىنسانلار، جىنلارنىڭ جىسمى ۋە روھى بىلەن تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا توپلىنىشىدىن باشلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى ئەمەللىرى سەۋەبلىك قايتا تىرىلگەندىكى ھالىتىدە پەرق بولىدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بېجىرىم، چىرايلىق ھالەتتە بولىدۇ. يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتمىغانلار بولسا كەمتۈك، ئەيىبناق ھالەتتە قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ: بىر تۈركۈم كىشىلەر پىيادىلىك بولىدۇ؛ ئىككىنچى تۈركۈم كىشىلەر تۆگىلىك بولىدۇ؛ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر يۈزى بىلەن ماڭغان ھالەتتە كېلىدۇ، ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ، ئادەم قانداقمۇ يۈزى بىلەن ماڭىدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئادەمنى پۇتى بىلەن مېڭىشقا قادىر قىلغان ئاللاھ يۈزى بىلەن ماڭدۇرۇشقىمۇ قادىردۇر» دېدى. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە «بەنى ئىسرائىل» (17- سۈرە) دىكى: قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۇم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز» (97- ئايەت) دېگەن ئايىتىنىڭ شەرھىسىدۇر. ئىمام غەززالى بۇ ھەقتە «إحياء علوم الدين» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: «ئۆزى كۆرۈپ ئادەتلەنمىگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ئەگەر ئادەم قورسىقى بىلەن ماڭىدىغان يىلاننى كۆرمىگەن بولسا مېڭىش ئۇقۇمىنى مەڭگۈ پۇتقا باغلاپ چۈشەنگەن بولاتتى. شۇڭا سەن قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللارنى، دۇنيا ھاياتىغا ئوخشىمايدىغان ھادىسىلەرنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلان» سۈرە بەقەرەنىڭ 275- ئايىتىدە ئېيتقىنىدەك: «جازانە ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەمدەك قوپىدۇ» ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەردىن نەرسە تىلىگەن ئادەم قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى يوق ھالدا تىرىلىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). تەكەببۇر، ھالى چوڭ ئادەملەر قىيامەت كۈنى چۈمۈلىگە ئوخشاش كىچىك ھالەتتە بولۇپ، خالايىق ئۇلارنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ ئۆتىدۇ» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). «بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئەگەر ئۇ ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا ئادىل بولمىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدە يېرىم تەرىپى ئېقىپ ساڭگىلىغان ھالدا قوپىدۇ» (تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر بولسا يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ھالەتتە ھازىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. نامازنىڭ تەسىرىدىن پۇت-قوللىرى، پېشانىسى ئاق، نۇرانە ھالەتتە بولىدۇ. روزىنىڭ پەزلىدىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنىڭ پۇرىقى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇي بولىدۇ. «حشر» سۆزى ئەرەبچە «توپلىنىش، يىغىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئادەملەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن يىغىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تىلىمىزدىكى مەھشەرگاھ سۆزى شۇنىڭدىن كەلگەن. wUH:l  
       «ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار (يەنى پۈتۈن خالايىق قەبرىلىرىدىن چىقىپ) يېگانە قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى مەھشەرگاھتا) ھازىر بولىدۇ». سۈرە «ئىبراھىم» (14- سۈرە) 48- ئايەت ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى زېمىننى سول چاڭگىلىدا ئاسماننى ئوڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ: «مەن پادىشاھتۇرمەن، زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قەيەردە؟،» دەيدۇ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا مەھشەرگاھنىڭ سۈپىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرۈسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز. ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز». سۈرە «كەھف» (18- سۈرە) gH/(4h  
       ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. مانا مۇشۇنداق ھېچكىم ھېچ نەرسىنى يوشۇرالمايدىغان، ھەممە ئاشكارا بولىدىغان كەڭ مەيدانغا بەنى ئادەم توپلىنىدۇ، پەرىشتىلەر سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن قىيىن كۈندۇر، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ چېچى ئاقىرىپ كېتىدىغان، ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، كىشىلەر مەستەك گاڭگىراپ قالىدىغان كۈندۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالىڭاچ ۋە خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ» دېدى ، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا ئۇلار بىر - بىرسىنىڭ ئەۋرىتىگە قاراپ قالمامدۇ؟» دېدىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى ئائىشە، قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىغۇدەك ھالى بولمايدۇ» دېدى (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) مەھشەرگاھتىكى يىغىلىشتىن تاكى ئاللاھنىڭ ھېسابىغا يۈزلەنگىچە ناھايىتى ئۇزۇن بىر زامان، ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۆتىدۇ. سۈرە «مائارىج»دىكى: «پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ» (4- ئايەت) ئايىتىدىكى 50 مىڭ يىلنى ئىبنى ئابباس، ئىبنى زەيىد، زەھھاك، ئىكرىمە قىيامەت كۈنىدىكى بەندىلەرنىڭ ھېساب ئېلىنغىچە بولغان ئارلىقتىكى كۈتۈشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇددەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرۇش بەنى ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بىر ئىشتۇر. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قىيامەت كۈنى قۇياش مەخلۇقاتقا بىر مىل ئارىلىقىدا يېقىن قىلىنىدۇ» (رىۋايەت قىلغۇچى مىقداد: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بىر مىل دېگەن سۆزى زېمىندىكى مۇساپىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ياكى كۆزگە تارتىلىدىغان مىلنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، دېگەن) كىشىلەر ئەمەللىرىگە قاراپ تەرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن تەر ئوشۇقىغىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ تىزىغىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ بېلىگىچە ئاقىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئېغىزلىرىغا تەردىن يۈگەن سېلىنىدۇ، دەپ قولى بىلەن ئاغزىنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى جەھەننەم مەھشەرگاھقا ھازىر قىلىنىدۇ. جەھەننەمنىڭ 70 مىڭ تىزگىنى بولۇپ، ھەر بىر تىزگىنىنى تارتىدىغان 70 مىڭ پەرىشتە بولىدۇ» (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). gM&4Ur  
       جەننەتمۇ، دوزاخمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرگە توغرىلانغان، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن ھەممە ئەمەللەر ئاشكارا بولىدىغان بۇ پەيتتە قاتتىق قورقۇنچتىن كىشىلەر گاڭگىراپ مەستەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ پەيتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا شۇ ھالى يار بەرمەيدۇ. بۇ پەيتتە كىشى ئۆزىنىڭ ئانىسىدىن، دادىسىدىن، بالىسىدىن، قېرىندىشىدىن قاچىدۇ. «دوست دوستىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھال سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قوۋم قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، ئۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ». سۈرە «مائارىج» 10-14 ئايەتلەر. ئاللاھ تائالا ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەرنى مەھشەرگاھنىڭ قورقۇنچ ئازابلىرىدىن ئەمىن قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى خالايىقنىڭ مەھشەرگاھتا تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ ۋاقىت مۆمىنگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ھەتتا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت مۆمىننىڭ بۇ دۇنيادا ئوقۇغان بىر قېتىملىق نامىزىنىڭ ۋاقتىدىمۇ قىسقىدەك تۇيۇلىدۇ» دېدى. (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆز ئەرشى ئاستىدا سايىتىدۇ. ئۇلار؛ ئادىل پادىشاھ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن ياش، ئەس يادى ھەمىشە مەسچىتتە بولغان ئادەم، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولۇشقان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىق ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئادەملەر، ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، «ئاللاھتىن قورقىمەن» دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى، ئوڭ قولى بىلەن نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى، خالىي جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى». (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) 8*EqG5OP  
   (داۋامى بار...) 6OZ n7:)Y  
   مەنبە:نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق ماقالىسىدىن. M-A{{q   
  
تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-01, 09:30
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +200
EPAR مۇنبەر پۇلى +100 10-07 -
سابا مۇنبەر پۇلى +100 10-01 ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
kulka000
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1888

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   386 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7266 (سوم)
 ياخشى باھا:   279 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3835
 سائەت
دەرىجىسى:
3835 سائەت 215 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ئاللاھ ناھايتى قۇدىرەتلىكتۇر....ئى ئاللاھ بىلىپ بىلمەي قلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قلىغىن .مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.شەيتاننىڭ ئازدۇرشىدىن ساقلىغايسىەن..(امىن)
 
naxtar(3
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41053

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   94 (سوم)
 ياخشى باھا:   10 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 584
 سائەت
دەرىجىسى:
584 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ھەممىمىزنىڭ گۇناھلېرىمىزنى  ئۇلۇغ ئاللا مەغپىرەت قىلغاي ئامىن.
 
سابا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3506

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   317 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8345 (سوم)
 ياخشى باھا:   326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   362  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2348
 سائەت
دەرىجىسى:
2348 سائەت 172 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، داۋاملىق  داۋامىنى كۈتىمەن .
 
ئاياللارغا خاس ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بېزەك ئىپپەتتۇر . ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز ، يالىڭاچ گەۋدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
muthay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.56223

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   37 (سوم)
 ياخشى باھا:   7 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 75
 سائەت
دەرىجىسى:
75 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-01
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ئاللاھ ئۇلۇغدۇر     ئاللاھ  گۇناھلىرىمىزنى كەچۇرسۇن امن A!^gF~5  

 
wolf_man
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6875

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   16 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6161 (سوم)
 ياخشى باھا:   282 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   409  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16
 سائەت
دەرىجىسى:
16 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-01
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

يۇقارقى 6 تىمىنى بىرلەشتۇرۇپ بىر pdf ھوججىتى قىلىپ قويدۇم. كوپچىلىكنىڭ يانفۇن ياكى باشقا ۋاستىدە كورۇشىگە پايدىلىق. ^Rc*X'Iz(!  
http://yulhun.googlecode.com/files/ulum.pdf EiCEB;*z|d  
C9L_`[9DO  
يەنە يۇسۇف قەرداۋىنىڭ تەقدىر دىگەن ماقالىسىنىمۇ يوللاپ  قۇياي . V3c7F4\  
http://yulhun.googlecode.com/files/tahder.pdf
 
@yasman@
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44697

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   254 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1246 (سوم)
 ياخشى باھا:   283 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2488
 سائەت
دەرىجىسى:
2488 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ئىسىل تىمىدىن بىرنى يۇلاپ سىز ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن
 
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15085 (سوم)
 ياخشى باھا:   3874 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5921  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

كۆپ تەشەككۈر! bE?X?[K  
~z)JO'Z$  
ئاللاھ ، ھەممىڭلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر بەرگەي... qP]1}-  
</2 aQn  

 
ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر!
يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
kuraxqan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6222

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   206 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6029 (سوم)
 ياخشى باھا:   257 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 455
 سائەت
دەرىجىسى:
455 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

بو ياخشى تىما ئىكەن. تىما يوللىغىچىغا رەخىمەت.
 
ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
loveuighur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8328

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   42 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5324 (سوم)
 ياخشى باھا:   218 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 20
 سائەت
دەرىجىسى:
20 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

ياخشى تېمىكەن ~ ساقلىۋالدىم ~!@
 
najla123
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57804

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   61 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   642 (سوم)
 ياخشى باھا:   150 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 878
 سائەت
دەرىجىسى:
878 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى داۋاملىق يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، بىزنى كۆپ ساۋاقلارغا ئىگە قىلۋەتتىڭىز.
 
سىزنىڭ توغرا بولغاندىكىن ئاچچىقلىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق.
yalguzbora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30051

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   218 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2131 (سوم)
 ياخشى باھا:   138 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   113  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2598
 سائەت
دەرىجىسى:
2598 سائەت 152 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

ئاللاھ ناھايتى قۇدىرەتلىكتۇر....ئى ئاللاھ بىلىپ بىلمەي قلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قلىغىن .مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.شەيتاننىڭ ئازدۇرشىدىن ساقلىغايسىەن..(امىن) qisvGHo  

 
مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىش ئاسان ئەمما قۇربانلىق بەرگىدەك مۇھەببەت تاپماك قىيىن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى