مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1017 
  •    ئىنكاس 
       13 

ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار(7)

قەۋەت ئاتلاش
Hidayet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8551

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17996 (سوم)
 ياخشى باھا:   1104 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1725  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3430
 سائەت
دەرىجىسى:
3430 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-11

   ماقالىنىڭ1-قىسمى:/read.php?tid=60851 $W;b{H=F   f&j\g YWq  
   ماقالىنىڭ2-قىسمى:/read.php?tid=60906 MCh#="L2   !Q WNHL  
   ماقالىنىڭ3-قىسمى:/read.php?tid=61017 xmGk*W)P   IQ$!y,VJ  
   ماقالىنىڭ4-قىسمى:/read.php?tid=61104 vB! |\eJ   0SU v5c  
   ماقالىنىڭ5-قىسمى:/read.php?tid=61181 oi m7=I0  
   ماقالىنىڭ6-قىسمى:/read.php?tid=61316 F?$Vx)HI  
   O|S,="h"}  
      شاپائەت _CPj] m{  
     z . Z  
          شۇنداقلا باشقا پەيغەمبەرلەر، شېھىتلەر ۋە سالىھ مۆمىنلەرگە ئاتا قىلغان ئالاھىدە ئىمتىيازى، ئاللاھ بۇ شاپائەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن : «بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ» (سۈرە تاھا 159- ئايەت) «ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟». (سۈرە بەقەرە 25- ئايەت) ~n8UN<  
       يۇقىرىقى ئايەتلەردىن مەلۇم بولىدۇكى، شاپائەتنىڭ ئىككى تۈرلۈك شەرتى بار، بىرىنچىسى ئاللاھتائالانىڭ شاپائەت قىلغۇچىغا رۇخسەت قىلىشى، ئىككىنچى شاپائەت قىلىنغۇچى گۇناھ مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقان مۆمىن بولىشى. (kVY\!UAt  
       چۈنكى ئاللاھ ھەرقانداق كىشىنىڭ كاپىر ياكى مۇشرىكقا شاپائەت قىلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا ئاللاھتائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك دادىسى ھەققىدىكى ئىستىغفارىنى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپىر ئوغلى توغرىسىدىكى ئىستىغفارىنى قوبۇل قىلمىغان. T ay226  
       ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كاتتا فەزىل، مەرھەمەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، شۇلاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرەتتە ئۆز ئۈممەتلىرىگە شاپائەت قىلىشىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىجابەت بولىدىغان دۇئاسى بار. مەن ئىجابەت بولىدىغان دۇئايىمنى ئاخىرەتتە ئۈممىتىمگە شاپائەت قىلىشقا ساقلىماقچىمەن» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى چوڭ شاپائەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەھشەرگاھنىڭ قىيىن مىنۇتلىرىدا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن خالايىققا قىلىدىغان شاپائىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدىكى چوڭ شاپائەت توغرىلىق مۇنداق دېگەن : مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى يىغىلىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەت قىلىدىغان بىر كىشىدىن شاپائەت تەلەپ قىلساق دېيىشىپ ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن بولساڭ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى، ئاللاھ سىنى ئۆز قولى بىلەن ياراتقان، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان، ساڭا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى بىلدۈرگەن، رەببىڭنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلىپ، بىزنى بۇ كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرساڭ دەيدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام: مەن سىلەرگە شاپائەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمەن، دەپ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئەسلەپ خىجىل بولۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، ئۇ ئاللاھ زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتكەن دەسلەپكى پەيغەمبەردۇر» دەيدۇ. ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالام: مەن سىلەرگە شاپائەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمەن دەيدۇ ۋە ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە ئاللاھقا تەلەپ قويغانلىقىنى ئەسلەپ خىجىل بولۇپ، ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار دەيدۇ. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن، ئاللاھ بىۋاسىتە سۆزلەشكەن ۋە تەۋرات نازىل قىلىنغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار» دەيدۇ، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، ظذ: «مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن» دەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئوقۇشماستىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئەسلەپ پەرۋەردىگارىدىن خىجىل بولۇپ: ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن سادىر بولغان روھ ئىيسانىڭ ئالدىغا بېرىڭلار» دەيدۇ، ئىيسا: «مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن، ئىلگىرى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى ئاللاھ كەچۈرگەن بەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا كېلىدۇ، مەن بېرىپ رەببىمدىن ئىجازەت سورايمەن. ماڭا ئىجازەت بېرىلىدۇ، رەببىمنى كۆرگەن چاغدا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىمەن، سەجدىدە ئاللاھ خالىغان چاغقىچە تۇرىمەن، ئاندىن ئاللاھ: «بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سورىغىنىڭنى بېرىمەن، گېپىڭگە قۇلاق سالىمەن، شاپائىتىڭنى قوبۇل قىلىمەن» دەيدۇ. بېشىمنى سەجدىدىن كۆتۈرىمەن، ئاللاھ ماڭا بىلدۈرىدىغان ھەمدى بويىچە ئاللاھقا ھەمدى ئېيتىمەن، ئاندىن شاپائەت قىلىشقا باشلايمەن، شاپائەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمەن. رەببىمنى كۆرگەن چاغدا، يۇقىرىقىدەك قىلىمەن، ئاندىن شاپائەت قىلىشقا باشلايمەن، شاپائەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن، ئاندىن كېيىن مۇشۇ يوسۇندا 3-4- قېتىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بېرىپ شاپائەت قىلىپ بولۇپ: دوزاختا پەقەت ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مەڭگۈ قالىدۇ دېگەن كۇپپاردىن باشقا ئادەم قالمىدى دەيمەن. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) مۇفەسسىر ئالىملار ئىسرا سۈرىسىنىڭ «پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا تۇرغۇزىشى مۇھەققەقتۇر» (79-) ئايىتىدىكى «مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇن دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەھشەرگاھتا قىلىدىغان چوڭ شاپائىتىگە قارىتىلغان دەپ شەرھىيلەيدۇ، ئىككىنچى تۈرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە شاپائەت قىلىشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن 70 مىڭ ئادەم سوئال-سۇراق قىلىنماي جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايى نۇرلۇق تولۇن ئايغا ئوخشايدۇ» بۇ چاغدا ئۇكاشە ئىسىملىك ساھابە ئورنىدىن تۇرۇپ، يولۋاس تېرىسىدىن ئىشلەنگەن كىيىمىنى رەسۇللاھقا بېرىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن مېنى ئاشۇلارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تىلەپ بەرسەڭ» دېدى . رەسۇلۇللاھ «ئى ئاللاھ، ئۇنىڭغا تىلىگىنىنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلدى، كەينىدىنلا يەنە بىر ئەنسارى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭمۇ شۇلار قاتارىدا بولۇشۇمغا دۇئا قىلغان بولساڭ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇكاشە سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈپ كەتتى» دېدى. (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). $@@ii+W}\  
       بۇ ئىككى تۈرلۈك شاپائەت باشقا پەيغەمبەرلەردىن پەرقلىق ھالدا ئاللاھ پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا خاس قىلغان خۇسۇسىيەتتۇر، ئۈچىنچى تۈرى، گۇناھكار ئاسىيلار دوزاختا گۇناھلىرى مىقدارىچە ئازابلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىزنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەر، سالىھ مۆمىنلەرگىمۇ خاس شاپائەتتۇر. ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزىخىي دېگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن دوزاختىن چىقىپ جەننەتكە كىرىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەھلى سۈننە ۋە جامائە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقان، ئەمما چوڭ گۇناھ قىلغانلارنىڭمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شاپائەت قىلىدىغان يۇقىرىقى كىشىلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ. «مىنىڭ ئۈممىتىمدىن بەزىلەر بىر ئادەمگە، بەزىلەر ئىككى ئادەمگە، بەزىلەر بىر قەبىلىگە، يەنە بەزىلەر بىر توپ ئادەمگە شاپائەت قىلىدۇ، مىنىڭ شاپائىتىم مىنىڭ ئۈممىتىمدىن چوڭ (ئېغىر) گۇناھ قىلغانلارغا بولىدۇ» (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان )  3b\s ;!  
   (داۋامى بار...) @D=B5f@(o  
مەنبە:نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق ماقالىسىدىن.2-ئۆكتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى. 5Q  
=dH=3iCG  
m_Pk$Vwx  
tH&e KM4G  

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-02, 12:19
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
OMAR0998 مۇنبەر پۇلى +100 10-02 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
xebnem
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47863

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   27 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   549 (سوم)
 ياخشى باھا:   144 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 436
 سائەت
دەرىجىسى:
436 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-15
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ دەرىجىللىرىنى ئۈستۈن قىلسۇن (ئامىن)
ئاتىنىڭ دۇئاسى ئوغۇلغا كۈچ- قۇۋۋەت بەرسە، ئانىنىڭ دۇئاسى ئەقىل پاراسەت بېرىدۇ.
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   683 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11799 (سوم)
 ياخشى باھا:   1216 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1548  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4821
 سائەت
دەرىجىسى:
4821 سائەت 129 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  xebnem كە 2011-10-02 12:55 PMئەۋەتىلدى  : ;gu4~LQw  
ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ دەرىجىللىرىنى ئۈستۈن قىلسۇن (ئامىن) O[L#|_BnEO  
7I]?:%8 h  
ئامىن ! tQxxm=>  

ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
kaxkarim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41071

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   212 (سوم)
 ياخشى باھا:   47 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 516
 سائەت
دەرىجىسى:
516 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-10-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلسۇن ،قىيامەت كۇنى ئۇز رەھمىتگە ۋە پەيغەمبىرىمىز نىڭ شاپائىتىگە يەتكۇزسون ئامىن .دىن يولدا خىزمەت قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى زىيادە قىلسۇن .
قۇياش يىگىلى بولمايدىغان نان،
ۋەتەن بەرگىلى بولمايدىغان جان.
qiqakkiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50822

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1199 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16497 (سوم)
 ياخشى باھا:   976 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   998  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2797
 سائەت
دەرىجىسى:
2797 سائەت 193 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

ئى ئاللا ! مىنى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلغايسەن ، قىيامەتتە جەننەت ئاتا قىلغايسەن ، ئامىن .
ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   408 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12055 (سوم)
 ياخشى باھا:   3621 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5551  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5005
 سائەت
دەرىجىسى:
5005 سائەت 265 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

مىسرانىمنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى بىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلىشى، X%;4G^%ZI  
ئۇنىڭ سۆيۈملۈك تەرەپلىرىنىڭ بىرى! OP_\V8=  
rCA0c8  
ھەممىمىزنىڭ قىيامەتتە ئاللاھنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىزنى تىلەيمەن!
ھەر كۈنى 100 قېتىم ئەستەغفۇرۇللاھ دىيىشنى ئۇنۇتما!
arislana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9793

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   210 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1181 (سوم)
 ياخشى باھا:   346 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   364  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2364
 سائەت
دەرىجىسى:
2364 سائەت 156 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-09
ئاخــىرقىسى:2011-10-05
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

  پۈتۈنلەي يوللاپ بولۇپ، بىرلەشتۇرۇپ بىر يوللاپ قويۇڭ، نادىرلىماي قالمايدۇ.. VjeF3pmBa  
i0?/\@gd  
ئاللاھ سىزگە رەھمەتلەر ئاتا قىلغاي..  قىيامەت كۈنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائەتلىرى بىزگە يار بولغاي...
باشقىلارنى مەسخىرە قىلىمەن دېگۈچە، كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ ئەينەككە قاراپ باقە، ئالۋاستىنى قورقۇتىدىغان چىرايىڭ بىلەن بۇ ياردە زاڭلاشماي!
yalguzbora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30051

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   216 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2106 (سوم)
 ياخشى باھا:   136 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   113  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2244
 سائەت
دەرىجىسى:
2244 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-02
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي رەخمەت سىزگە
مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىش ئاسان ئەمما قۇربانلىق بەرگىدەك مۇھەببەت تاپماك قىيىن
yamgur521
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8773

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   118 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5899 (سوم)
 ياخشى باھا:   318 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   412  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 450
 سائەت
دەرىجىسى:
450 سائەت 90 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-03

ئۆلۈم__________كىشىگە يېتەرلىك پەند-نەسىھەتتۇر. بىر ئەمەس قايتا-قايتا ئوقۇپ ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باستى.ئى ئاللا مېنى تۆۋە قىلغۇچىلاردىن ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغايسەن ئامىن!
ataman0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30226

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1282 (سوم)
 ياخشى باھا:   114 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 314
 سائەت
دەرىجىسى:
314 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-04

ئاللاھ ھەممىزگە ئنساپ،ھىدايەت.دۇنيا ئاخىرەتتە بەخىت سائادەت ئاتا قىلسۇن.........................(ئامىن)
بىر كۈزۈڭدە دۇنياغا  قارا.يەنە بىر كۈزۈڭدە قەبرستانغا قارا.
mihir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.594

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   867 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8908 (سوم)
 ياخشى باھا:   280 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5473
 سائەت
دەرىجىسى:
5473 سائەت 127 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-05

داۋامىنىڭ ئۈزۈلىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،
EPAR
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5955

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   251 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5880 (سوم)
 ياخشى باھا:   355 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   474  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4399
 سائەت
دەرىجىسى:
4399 سائەت 241 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-09
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-05

ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي رەخمەت سىزگە )5Cqyp~P  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى