ماقالىنىڭ 1-قىسمى:
/read.php?tid=60851 \W6|un ماقالىنىڭ 2-قىسمى:
/read.php?tid=60906 'Kj8X{BSFb ماقالىنىڭ 3-قىسمى:
/read.php?tid=61017 &j7l#Urq ماقالىنىڭ 4-قىسمى:
/read.php?tid=61104 4n@,
p0 ماقالىنىڭ 5-قىسمى:
/read.php?tid=61181 TY|]""3f9 ماقالىنىڭ 6-قىسمى:
/read.php?tid=61316 -h8!O+7 . ماقالىنىڭ 7-قىسمى:
/read.php?tid=61387 1v&!`^G99j ماقالىنىڭ 8-قىسمى:
/read.php?tid=61590 a;
Y9wn EF{_-FXY مىزان
6X:-Z3 T`=N^Ca1!` k>Qr14F بەندىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھىساپ-كىتاپ ئېلىنغاندىن كېيىن تارازىدا ئۆلچىندۇ. مانا بۇ ئاخىرەت ھادىسىلىرىدىن بولغان مىزاندۇر. مىزان ئىنساننىڭ ئاخىرەتتىكى قارارگاھىنىڭ جەننەت ۋە ياكى دوزاخ بولىشىدىكى ھالقىلىق باسقۇچ ھىساپلىنىدۇ. بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئىلاھى تارازىدا ئۆلچىنىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىفتە بايان قىلىنغان يەقىينى مەسىلىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ناھايىتى ئۇچۇق رەۋىشتە مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋىتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرىۋېتىلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھىساپ ئېلىشقا بىز يىتەرلىكمىز» (سۈرە ئەنبىيا 47- ئايەت)
;r[=
q u\ غەيىبتىن خەۋەر بەرگۈچى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، مىزاندا ئۆلچىنىش بىلەن ئادەملەر شۇنىڭغا ماس يوسۇندا ئۈچ فىرقىگە بۆلىنىدۇ. بىرىنچى پىرقە ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ تارازىسى ئېغىر كەلگەن كىشىلەردۇر، بۇلار بولسا نىجات تاپقۇچى جەننەت ئەھلى بولىدۇ. ئىكىكنچى پىرقە تارازىسى يەڭگىل كەلگەنلەر يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىدىن زىيادە بولغان كىشىلەر، بۇلار زىيان تارتقۇچى دوزاخ ئەھلىدۇر. قۇرئاندا بۇ ئىككى تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە ئىشارە قىلىنىپ مۇنداق دىيىلگەن: «تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى) ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۈڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ. تارازىسى يىنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، ياكى ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ. ھاۋىيەنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ھاۋىيە قىرىق ئوتتۇر» (سۈرە قارىئە 6-11 ئايەتلەر). ئۈچىنچى پىرقە ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭ نىسبەتتە بولغان ئادەملەر بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغفىرىتىگە باغلىق، خالىسا مەغفىرەت قىلىدۇ، خالىسا ئازاپلايدۇ.
1W
HR;!u مىزان يەنى ئاخىرەتتىكى ئادالەت تارازىسى ئاللاھقا خاس غەيپ ئىلىملەر جۈملىسىدىن بولۇپ، بىز مىزاننى قۇرئان ۋە ھەدىسلەر ئاشكارا قىلغان چۈشىنىش ۋە ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىتى ۋە تەپسىلاتلىرى ھەققىدە زېغىرلاش بىھۇدە زورۇقۇش ھىسابلىنىدۇ. مىزاندا ئۆلچىنىدىغان نەرسە ھەققىدە ئۆلىمالار مۇنداق ئۈچ خىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بىرىنچىسى مىزاندا ئەمەللەر ئۆلچىنىدۇ ئىككىنچىسى ئەمەللەر خاتىرىلەنگەن نامە-ئەمەل كىتاۋى ئۆلچىنىدۇ. ئۈچىنچىسى بەندىنىڭ ئۆزى ئۆلچىنىدۇ. بىز دۇنيا تىرىكچىلىكىدە تۈرلۈك تارازىلارنى بىلىمىز. ئۇنىڭ بەزىلىرى ئېغىرلىقنى ئۆلچەيدۇ، بەزىلىرى بېسىمنى، يەنە بەزىلىرى ھارارەتنى ئۆلچەيدۇ. ھەر بىرىنىڭ تەركىۋى، خۇسۇسىيتى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. مۆمىنگە شۇنداق دىيىش كۇپايىدۇر. ئاسمان زىمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىشقا قادىر پەرۋەردىگار ئەمەللەرنى ئۆلچەشكە مۇناسىپ خاس مىزاننىمۇ خەلق ئېتىشكە قادىردۇر. مۇفەسسىر ئىبنى كەسىر تەفسىرىدە مۇنداق بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى، ئەمەللەر تارازىدا ئۆلچەنگەندە بىر بەندىنىڭ ياخشىلىق تەرىپى بېسىپ كېتىدىغانغا بىرلا ياخشىلىق كەملەپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: ئى بەندەم، بېرىپ قاراپ باققىن بىرەر ئادەم ساڭا ئۆز ئەمەللىرىدىن بىر ياخشىلىقنى بېرەمدىكىن دىيىلىدۇ. ئۇ ئادەم بىر تۇققان قېرىندىشىنڭ يېنىغا كىلىپ: ئى قېرىندىشىم، بىر ئاتا، بىر ئانىدىن بۇلغان جانجىگىرىم، مېنىڭ نىجات تاپقۇچىلاردىن بولىشىمغا بىرلا ياخشىلىقىم كەملەپ قالدى، ماڭا بىر ياخشىلىقىڭنى بەرگەن بولساڭ بۇ ئېغىر كۈندىن قۇتۇلغان بولاتتىم دەيدۇ. قېرىندىشى ئۇنىڭغا: سەن قورقۇۋاتقان جەھەننەم ئازابىدىن مەن تېخىمۇ قورقىمەن، شۇڭا ساڭا ھېچقانداق ياخشىلىقىمنى بىرەلمەيمەن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم ئانىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇ ؤە: ئى ئانا، سەن مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان غەمگۇزارىم ئىدىڭ، بۈگۈن مېنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بولۇشۇمغا بىر ياخشىلىق كەملەپ قالدى، ماڭا ئەمەللىرىڭدىن بىر ياخشىلىق بەرگەن بولساڭ دەيدۇ. ئانىسى: سەن قورقۇۋاتقان دوزاختىن مەنمۇ ئوخشاش قورقىمەن شۇڭا بېرەلمەيمەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ ئادەم سالپايغان ھالدا دادىسىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشىلىقنى بېرىشنى سورايدۇ. دادىسى: سەن قورقۇۋاتقان دەھشەتلىك ئازاپتىن مەنمۇ بەك قورقىمەن، شۇڭا بىرەلمەيمەن، دەيدۇ. ئۇ ئادەم خوتۇنىنىڭ قېشىغا بارىدۇ ئۇنىڭغا: ئى مەھبۇبەم، مەن دۇنيادا بىر ئۆمۈر سەن بىلەن ھەپنەپەس بولۇپ ياشىدىم، سېنىڭ بەختىڭ، راھىتىڭ ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چەكتىم. بۈگۈن ئەمەللەر تارازىسىدا بىر ياخشىلىقىم كەملەپ قالدى، مېنىڭ نىجات تاپقۇچىلاردىن بولۇشۇم ئۈچۈن بىرەر ياخشىلىقىڭنى بېرىپ تۇرمامسەن دەيدۇ، خوتۇنىمۇ ئوخشاش سۆز بىلەن رەت قىلىدۇ، ئۇ ئادەم ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا بالىسىنىڭ قېشىغا بارىدۇ : ئى ئوغلۇم، سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم، كۆرۈپ تۇرۇپسەن، سېنىڭ خۇشاللىقىڭ، راھىتىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا تارتتىم، شۇتاپتا ئەمەل مىزانىمدا بىرلا ياخشىلىق كەملەپ قالدى، مېنىڭ دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇشۇم ئۈچۈن، بىر ياخشىلىقىڭنى بەرسەڭ دەيدۇ. بالىسى: سەن قورققان ئازابتىن مەنمۇ بەك قورقىمەن، شۇڭا بېرەلمەيمەن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئەڭ مىھرىبان كىشىلىرىنىڭ يېنىدىن قۇرۇق قول، ئۈمۈتسىز، قاتتىق قورققان ھالدا ئاللاھتائالانىڭ ئالدىغا قايتىدۇ ؤە: ئى پەرۋەردىگارىم، مەن دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمدىن مېنىڭ نىجات تاپقۇچىلاردىن بولىشىم ئۈچۈن بىرلا ياخشىلىقنى بېرىشنى سورىدىم، ئەمما ھېچكىم بەرمىدى، دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھتائالا: ئى بەندەم، مەن ساڭا سېنىڭ قېرىندىشىڭ، ئاناڭ، داداڭ، خوتۇنۇڭ ۋە بالاڭدىنمۇ بەكرەك رەھىمدىلمەن. مەن سېنى مەغفىرەت قىلدىم. ئى پەرىشتىلەر، بەندەمنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىڭلار، دەيدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئىكرىمە رىۋايەت قىلغان، مەۋقۇف ھەدىستۇر).
?lU]J] بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شەكسىزكى رەھماننىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە مەرھەمىتى قەلبىمىزنى لەرزىگە سالىدۇ. ناقىس ئەقلىمىزنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئىنساننىڭ جىمى ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قويۇشى، دۇنيالىق مەنپەئەت، ياخشىلىقلاردىن ئاللاھنىڭ فەزىل-مەرھەمىتىنىڭ نەقەدەر ئۈستۈنلىكىنى ھىس قىلىشنىڭ ئۆزى بىر كاتتا نېمەت. يەنە كېلىپ ھەممىلا ئادەمگە ئەمەس، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى قەلبىگە سىڭگەن، ئىمان يىلتىزى تومۇر-تومۇرلىرىغا شاخلىغان تەقۋادارلارغىلا نېسىپ بولىدىغان لەززەت. ئىنسانىيەت شۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ يولىنى بىلسە ئىدى، جىنايەت، ئەيدىز، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كىرزىسلار يامراپ كېتىۋاتقان دۇنيانىڭ داۋاسىنى تاپقان بولاتتى.
ki^[~JS>' W.n@ G$4lH>A& سىرات
mcDW&jwQ 6M$.gX
G. ^ I,1kl~i سىرات سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئوچۇق، ئېنىق يول بولۇپ، شەرىئەتتە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىرى ئاللاھتائالا ھاياتى دۇنيادا بەندىلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن توغرا يول بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەت مانا شۇ مەنىدە ئېيتىلغان «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋىتىدۇ» (سۈرە ئەنئام 153- ئايەت)
g)&-S3\ ئىككىنچىسى قىيامەت كۈنى دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇ گۇيا ئىنچىكىلىكتە قىلدەك، ئۆتكۈرلۈكتە قېلىچ بىسىدەك پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ ئاسىي گۇناھكارلارغىچە جىمى ئادەم پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدۇ. مۆمىنلەر ياخشى ئەمەللىرى شاراپىتىدىن ئۆتۈپ كەتسە، كۇپپارلار مۆدۈرۈپ يىقىلىدۇ.
x)vYc36H سىرات ھاياتى دۇنيادىكى سىراتنىڭ ئاخىرەتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ، كىمىكى بۇ دۇنيادا ئاللاھ بەلگىلىگەن توغرا يولدا ماڭغان بولسا، جەھەننەم ئۈستىگە تارتىلغان سىراتتىن ئۆتۈش ئاسانغا توختايدۇ. ئەمما شەرىئەت يولىدىن چەتنەپ گۇناھقا پاتقان بەندىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆتمىكى بەسىي مۈشكۈل بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە سىرات ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: سىرات جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان مەن شۇ سىرات كۆۋرۈكىدىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆتۈشكە ئىزنى بىرىلگەن پەيغەمبەرمەن. بۇ كۈندە پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچكىم گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمۇ پەقەت: پەرۋەردىگارىم ئامانلىق بەرگىن دىگەندىنلا ئىبارەت بولىدۇ. جەھەننەمدە تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلار بار، سىلەر نەجدىدە ئۆسىدىغان تىكەنلىك قامغاقنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ساھابىلار «ھەئە» دىيىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك تىكەنلىكتۇر، ئەمما ئۇنىڭ چوڭلىغىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. كىشىلەر ئەمەللىرىنىڭ ئېتىبارى بويىچە ئاشۇ تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلارغا ئىلىنىدۇ. بەزىلەرنى يامان ئەمەللىرى سەۋەپلىك قارماق ھالاك قىلىدۇ. بەزىلەرنى قارماق ئىلغاندىن كېيىن قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەملەر جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان سىراتتىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدا تىكەنلىك تۆمۈر قارماقلار ۋە ئىلمەكلەر بولۇپ، ئادەملەرنى ئوك سول تەرەپلىرىدىن ئىلىۋالىدۇ. ئەتراپتا «ئى پەرۋەردىگارىم، ئامانلىق بەرگىن، ئامانلىق بەرگىن» دەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى سىراتتىن چاقماقتەك ئۆتۈپ كىتىدۇ، يەنە بەزىلىرى شامالدەك، بەزىلىرى ئۇچقۇر ئاتتەك، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ، بەزىلىرى مېڭىپ ئۆتىدۇ، بەزىلەر تىزلىنىپ، بەزىلەر ئۆمىلەپ ئۆتىدۇ. دوزاخ ئەھلى بولسا يا ئۆلمەيدىغان يا تىرىلمەيدىغان قاتتىق ئازاپتا بولىدۇ. ئادەملەر گۇناھ-مەئسىيەتلىرى مىقدارىچە كۆيۈپ كۆمۈردەك قارىداپ كېتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا شاپائەت قىلىنىدۇ». (ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ يېتىپ مۈگدەپ قالىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاخىرەتنى ئەسلەپ يىغلاپ، ياش تامچىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە چۈشىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئويغىنىپ: «ئى ئائىشە نىمىگە يىغلايسەن؟» دەپ سورايدۇ. ئائىشە؛ ئاخىرەتنى ياد ئېتىپ يىغلاۋاتىمەن، قىيامەت كۈنىدە بەندە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ياد ئېتەمدۇ؟ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بەندە تۆۋەندىكى ئۈچ ئۇرۇندا ئۆز نەپسىدىن باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىمايدۇ. بىرىنچىسى ئەمەللەر تارازىسى تۇرغۇزۇلۇپ، بەندە تارازىسىنىڭ ئېغىر ياكى يەڭگىل كېلىدىغانلىقىغا قاراپ تۇرغاندا، ئىككىنچىسى نامە-ئەمەل كىتابى ئوڭ تەرەپتىن ياكى سول تەرەپتىن بېرىلىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۈچىنچىسى سىراتتىن ئۆتكەندە».
r?/>t1Z مانا بۇ سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان سىراتنىڭ تەسۋىرى. قورقىدىغان قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ ھەربىر ھادىسىلىرىدە چوڭ ئىبرەت بار.
6x/ X8zu ھېساب، مىزان، سىرات جەريانلىرىدىن كېيىن نىجات تاپقۇچىلار جەننەتكە، زىيان تارتقۇچىلار دوزاخقا يول ئالىدۇ. «ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال-خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ-توزان بېسىپ، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. بۇلار بولسا كافىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر». (سۈرە ئەبەسە 38-42-ئايەتلەر).
PLo.q|% مانا بۇ ئىنسان ھايات مۇساپىسىنىڭ نىھايىتى، ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەڭگۈلۈك قارارگاھ. ئۇنىڭ بىرىدە بەندە راھەت-پاراغەت، نازۇ-نېمەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسە، يەنە بىرىدە ئىنسان خىيالىغا كەلتۈرسىمۇ تېنى شۈركىنىدىغان دەھشەتلىك ئازاب ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. مۆمىننىڭ ئەقىدىسىدە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، دوزاخ ئازابىمۇ، جەننەت نېمىتىمۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بولۇپ، ئادەم ھەم جىسمى ھەم روھى بىلەن ئازاب تارتىدۇ ۋە ياكى راھەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. مانا بۇ چاغدا نىھايىتى يوق مەڭگۈلۈك ھايات باشلىنىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ئەھلى جەننەت بولغانلار جەننەتكە، ئەھلى دوزاخ بولغانلار دوزاخقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆلۈم ئېلىپ كېلىنىپ جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا توختىتىلىدۇ ۋە بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن بىر جاكارچى «ئى جەننەت ئەھلى، ئۆلۈم دېگەن تۈگىدى، ئى دوزاخ ئەھلى، ئۆلۈم دېگەن تۈگىدى» دەپ توۋالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلى تېخىمۇ خۇشال بولىدۇ. دوزاخ ئەھلى تېخىمۇ قايغۇرىدۇ. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
3y 3
U`Mo (داۋامى بار...)
rhn*kf{8 مەنبە:نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ‹‹ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە››ناملىق ئىسلامىي ماقالىسىدىن.8-ئۆكتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى.
gi;V~>kh ,}FYY66K