بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-16 00:46
Waves v9r8 نى تىزدىن چۈشۈرىۋىلىڭ
دېتالنىڭ تولۇق ئىسمى: Waves.All.Plugins.Bundle.v9r8
تارقىتىلىش نەشىرى : 9.0 نەشىرىنىڭ 8- قىتىملىق تارقىتىلىشى
چوڭ كىچىكلىكى: 806.2 MB
تارقىتىلغان ۋاقتى: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
تارقاتقان ئورگان: Waves شىركىتى
چۈشۈرۈشنى تەمىنلىگۈچى: ئەخمەتجان مەخمۇت
چۈشۈرۈش ئادىرىسى : تىمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىن كۆرۈڭ
پىرىستىن يىشىش پارولى:يوق. ئەگەر بولۇپ قالسا تىمىغا ئىنكاس قايتۇرساڭلار بولىدۇ.
Waves.All.Plugins.Bundle.v9r8 (For PEACE-OUT)
ئورگان بىكەت ئادىرىسى:
http://www.waves.com/content.aspx?id=11997
ئەڭ يېڭى تارقىتىلغان r4 دە قانداق يېڭىلىقلار بار ؟
1. نەشىرى يېڭىلانغانسىرى ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىستۇرما دېتاللىرى تېخىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. ھەمدە تېخىمۇ مۇكەممەللاشتۈرىۋاتىدۇ.
2. ئەڭ يېڭى بولغان قاتتىق دېتاللىق ئۈسكۈنىلەرگە بىۋاستە ئىشلىتىلىدىغان بوپتۇ. مەسىلەن : Yamaha, Allen & Heath, DiGiCo, Venue ۋە ئۇنىڭدىن باشقا Native شىركىتىنىڭ كۆپ يوللۇق قاتتىق دېتاللىق نەق مەيدان ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىگىمۇ بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يەنى نەق مەيدان ئويۇن قويۇۋاتقاندا بىۋاستە ئۈسكۈنىلەرنى چېتىپ Waves نىڭ ئۈنۈمىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھىس قىلغىلى بولدى دىگەن گەپ.
3. Waves قىستۇرما دېتالى 9 نەشىرىدىن كىيىن 64 بىتلىق مەشخۇلات سىستىمىسىنى ۋە مۇزىكا تەھرىرلەش دېتاللىرىنى بىۋاستە قوللايدىغان بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نەشىرلىرىدە بىۋاستە قوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان . شۇڭا بۇمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ھەمدە بىزدەك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈنمۇ زور خۇشاللىق.
4. مۇزىكا ئىشلەش دېتاللىرى قوزغالغاندىكى ئۇنى ئوقۇش سۈرئىتى ، ئاۋاز يولىغا ئۈنۈم بەرگەندە ئاچقان ۋاقىتتىكى قوزغىلىش سۈرئىتى ، تەڭشەپ بولغاندىكىن شۇ ئۈن ماتىرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ...... دىگەندەك سۈرئەتلەردە خېلىلا تىزلىشىش بولغان. لىكىن بۇ خىل تىزلىشىشنى پەقەت يۇقىرى سەپلىمىدىكى كومپيوتېرلاردا ئاندىن ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
ئادىرىسى :
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
ئىنكاش قايتۇرسىڭىز ئاندىن چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ
ئەسكەرتىش: بۇ قىستۇرما دېتالنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى يۇقىرى ھەمدە نۇرغۇن مۇزىكا ئىشلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا تولا لازىم بولىدىغانلىقى تۈپەيلى ئۆزۈمنىڭ بەيدۇ تور دىسكىسىغا چىقىرىپ شۇ ئورۇندىن سىلەرگە تەمىنلەۋاتىمەن. بۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسى ئۈزۈن مەزگىلگىچە كۈچكە ئىگە.
ياخشى بولغان مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئۆزۈم مۇشۇ قىستۇرما دېتالنىڭ ئىلگىرىكى نەشىرىنى قانداق يۇيۇش، بارلىق قاچىلاش ، مۇزىكا ئىشلەش دېتاللىرىغا تونۇتۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەخسۇس بىر تىما قىلىپ تەييارلىق قىلىپ يېزىۋاتىمەن. لىكىن ۋاقتىمنىڭ تولىمۇ قىسلىقى،سالامەتلىك ئەھۋالىمنىڭ يار بەرمەسلىكى،تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەت بىلەن ھەمدە ماقالەمنىڭ مۇكەممەل پۈتۈشى ۋە سۈپىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويغانلىق سەۋەبلىك ۋاقتىدا يوللاش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ.
تور بىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدا تېخىمۇ كۆپ قىستۇرما دېتاللارنىڭ ۋە مۇزىكا ئىشلەش تەھرىرلەش دېتاللىرىنىڭ تەپسىلى ئىشلىتىش ئۇسۈلى توغرىلىق سىن دەرىسلىك ۋە يازمىچە رەسىملىك ماقالىلەرنى يوللىماقچى. ئەگەر مۇشۇ ھەقتە تەلەپ پىكىر ۋە ئالاھىدە ئىھتىياجىڭلار بولسا مۇشۇ بىكەت ئارقىلىق ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلۇغ رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى ھەممىڭلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىمانىنىڭ مۇستەھكەم ، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ، ئۆگىنىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن. |