ياخشىمۇسىز تورداش، بۈگۈن (سائەت) قۇياش ئوغلى بلوگى قۇرۇلغىلى

 باش بەت  تور بېلىملىرى يۇمشاق دىتاللار   جاھاندىكى ئىشلار   ناخشا-مۇزىكىلار تاللانما ئەسەرلەر 

  • 2009-06-06

    مازدىمەي كىيىۋال،تازدىمەي... - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    مەن كەڭ تۇرداشلارنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرنى ئەستايىدىل ئۇقۇپ كۇرۇپ ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى ئىنسان دۇنياغا بىر قېتىم كىلىدۇ . شۇڭا ياشلىق باھارىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتمەي كىنينكى ئەۋلاتلار بىزدىن پەخىرلەنگۈدەك نام بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتسەك دىمەكچى . بىزدە ھازىر بۇرۇنقىلارنىڭ شۆھرىتىدىن ماختىنىپ ئىسسىندىغان ناچار ئىللەت تېخى تۇگۇگىنى يوق . مەسىلەن بىز ھەدىسە ھۈسۈپخاس ھاجىپ ، مەھمۇت قەشىرى ، ئاماننىساخان ...... قاتارلىق بىر قانچە كىشللىرمىزنىڭ نامىدا ياشاپ كىلۋاتىمىز . تىرشىدىغان ، بىلىم ئالىدىغان ئىش يوق ئەكسىچە ، ئۆز ئارا غەيۋەت قىلىدىغان ، ناچار ئىللەتلەر يەنىمۇ مەۋجۇت . گەرچە بۇ شېئىردا بۇ مەزمۇن بولمىسىمۇ لىكىن يۇقارقى سۆزلەرنى ھەمىمىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا تىگىشلىك .
    ماز دىمەي كىيۋال، تاز دىمەي تىگۋال
                         شېئىرلار
    سانامسەن ئۆزۈڭنى ئاسمانچە ئايدەپ ،
    تانامسەن ئەسلىڭدىن مەن كاتتا باي دەپ.
    قىلىسەن پۇشايمان ،ئاخىر بىركۈن،
    بىرنى تاز بىرنى ماز،بىرنى گاداي دەپ.


    چىقمىدى ساڭا يا ،كاتتا ئەمەلدار،
    ۋە ياكى مىليونىر،ئاتاقلىق پۇلدار .
    تەلىپىڭ ئۈستۈنكەن ،لىكىن ئەمدى يوق،
    ئىلگىرى ئەگەشكەن ئونلاپ خېرىدار .


    تومپىيىپ چىقىپتۇ نىشان تاغلىرىڭ،
    يوقاپتۇ يېقىملىق زىلۋا چاغلىرىڭ.
    ئوتتۇز بەش باھارىڭ سېلىپتۇ بەلگە.
    سۇلۇپتۇ جەلىپكار نۇرلۇق يۈزلۈرۈڭ.


    ۋاي ئىسىت مۇھەببەت قىلغانغا ئىزھار،
    بەرمەسلىك كىرەكتى ،باشتىلا ئازار،
    مەڭگۈلۈك ھەسرەتتە قالامسەن ئەمدى،
    ناۋادا ئاتا- ئاناڭ قىپ قالسا قازار.

    «ئىز دىيار تور بېتى »دىن ئىلىنىدى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.