باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2009-06-06
بېيجىڭدىكى پەخىرلىك ئۇيغۇرلار - [سۆيۈملۈك دىيارىمىزدا]
دوكتۇر ئاشتى ( پوستدوكتۇر ) كۆرەش ئىبراھىم
جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى يوقىرى ئېنىرگىيىلىك فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ
تەتقىقاتچىسى .نۆۋەتتە ئۇ جوڭگو پەنلە ئاكادىمىيىسىنىڭ پەن - تېخنىكىدا
يېڭىلىق يارىتىشتىكى چوڭ تۈرى - < نامى ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى > نىڭ تارماق
تۈرى بولغان < ماتىريال قۇرۇلمىسىنىڭ ماس قەدەملىك رادىئاتسىيە تەتقىقاتى >
تۈرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ . كۆرەش ئىبراھىم 1992- يىلى بېلگىيەنىڭ لېرى
ئونۋېرستىتىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ، 1994- يىل 12- ئايغىچە جوڭگو
پەنلەر ئاكادىمىيىسى يوقىرى ئېنىرگىيىلىك فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات
بىلەن شوغۇللانغان ھەم دوكتۇر ئاشتى ئونۋانىغا ئېرىشكەن .2006- يىلى بۇ
ئورۇننىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان ، كۆپلىگەن تەتقىقات
نەتىيجىلىرىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگەخەلقئارالىق پەن - تېخنىكا تەتقىقات
تۈرلىرىگىمۇ قاتنىشىپ ، مول نەتىيجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .
دوكتور يېتەكچىسى زەپەر ئابلىز
جوڭگو تىببى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ( جوڭگو شېخې تىببى ئونۋېرستىتى )دورا
تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى . ئۇ ياپۇنىيە دوڭباڭ ئونۋېرستىتى تەبىئى
پەنلەر ئىنىستىتوتىنىڭ خىمىيە فاكولتىتىدا ئوقۇپ ، 1993- يىلى 5- ئايدا
دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .1996 - يىلى 11- ئايغىچە جوڭگو تىببى پەنلەر
ئاكادىمىيىسى دورا تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللۇنۇپ ، دوكتور
ئاشتى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .1997 - يىلى بۇ ئورۇننىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ
قىلىنغان .ھازىر ئۇ قوشۇمچە مەزكور ئورۇننىڭ ياردەمچى مۇدىرلىق ۋەزىيپىسىنىمۇ
ئۆتىمەكتە .ئۇ 2005- يىلى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسىس
شەرىپىگە ئېرىشكەن . يېققىنقى يىللاردىن بېرى ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ،
دۆلەتنىڭ < 973 > تۈرىدىكى بۆلەكچە تېما تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ ، دۆلەتنىڭ < 9
- بەش يىللىق > پەللىگە ئۆرلەش پىلان تۈرى ، دۆلەت تەبىئى پەن فوندى تۈرى ۋە
پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىكى مەخسوس تۈرى قاتارلىق كۆپ خىل پەن - تەتقىقات
تۈرلىرىگە قاتناشقان .
دوكتۇر ئاشتى - غەيرەت تۇردى
بېيجىڭ سانائەت ئونۋېرستىتى مۇھىت ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات
مەركىزىنىڭ مۇدىرى . ئىلگىرى كۆپ قېتىم خەلقىئارالىق ھەمكارلىق تۈرلىرىگە
قاتناشقان مەسىلەن ئۇ گوللاندىيە ئونۋېرستىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، شىنجاڭ
باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ۋە مۇھىتىنى تېزگىنلەش تېخنىكىسى ھەققىدە تەتقىقات
ئېلىپ بارغان ؛ قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى
بىلەن ھەمكارلىشىپ شىنجاڭ ۋە قازاقىستاندىكى قۇرغاق رايۇنلاردا يېزا -
ئىگىلىك رايۇنلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش توغۇرسىدا تەتقىقات ئېلىپ
بېرىپ ،كۆرىنەرلىك نەتىيجىلەرگە ئېرىشكەن .ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ < 863 > پىلان
تۈرىنىڭ بۇلغانغان سۇ ۋە ئېكولوگىيىلىك لاندىشافت قۇرۇلۇشىنىڭ قايتا
پايدىلىنىش تېخنىكا تەتقىقاتى قاتارلىق دۆلەت ۋە يەرلىك نۇقتىلىق مۇھىت
ئاسراش ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە بىۋاستە قاتناشقان .
دوكتۇر ئاشتى - ئارزىگۈل غولام
2004- يىلى بېيجىڭ پەن - تېخنىكا ئونۋېرستىتى ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىدا
دوكتۇرلۇق ئونۋانىغا ،2006 -يىلى دوكتۇر ئاشتى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . ھازىر ئۇ
بېيجىڭ پەن - تېخنىكا ئونۋېرستىتى ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ دوسىېنتى.
قوشۇمچە بېيجىڭ يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش
مەركىزى كەسپى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى .ئۇ ئاساسلىقى بېيجىڭ
شەھەرلىك پەن - تېخنىكا كومىتىتىنىڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى پىلانلاش ۋە
ئۇنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇ ئىلگىرى جوڭگو پەنلەر
ئاكادىمىيىسى شېنياڭ شۆبە ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاپتۇماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىدا
ئەمىلي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتال سېستىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى
لاھىلەش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش بىلەن شوغۇللانغان .گېرمانىيە كەيستلاۋتىك
ئونۋېرستىتى ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنا ئىلمىي فاكولتىتىسانلىق مەلۇمات
ئامبىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىدا خزمەت قىلغان .ئۇ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر
تىلىدىن باشقا خەنزو ، گېرمان ۋە ئېنگىلىز تىللىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن .ئۇ
يەنە ئاساسلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە ، دۆلەتنىڭ < 10-
بەشيىللىق> پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى بولغان < گاز
مەيدانىنىڭ رەقەملىك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۈلگە كۆرسۈتۈش قۇرۇلۇشى >
قاتارلىق دۆلەت دەرىيجىلىك ۋە بېيجىڭ شەھرىنىڭ نوقتىلىق پەن - تەتقىقات
تۈرلىرىگە قاتناشقان .
دوكتۇر باتۇر باقى
2005 - يىلى جوڭگو يېزا - ئىگىلىك ئونۋېرستىتىدا تەبىئى پەنلەر بويىچە
دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە جوڭگو ئورمانچىلىق ئاكادىمىيەسىنىڭ
ئورمانچىلىق تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ، ھازىر ياردەمچى
تەتقىقاتچى . ئۇ گوللاندىيە خەلقىئارا ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىدا < سازلىق
رايۇنلاردىكى سۇ بايلىقىدىن يوقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش ئەندىزىسى
تەتقىقاتى>بىلەن شوغۇللانغان ھەمدە گوللاندىيە خەلقىئارا ئۆسۈملۈك تەتقىقات
ئورنىدانى شىمالى جوڭگو رايۇنلىرىغا تەدرىيجى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش
دوكلاتى >قاتارلىق كۆپلىگەن تەتقىقات تېمىلىرىنى تاماملىغان .ئۇ دۆلەت ئىچىدە
تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ < پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى > ئارقىلىق ئېچىش تۈر
پىلانىنىڭ < چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈر يولىدىكى چاتقاللىق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر
ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسۈتۈش >،ۋە
جوڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا قاتناشقان .
دوكتۇر ئالىم تۇرسۇن
خېخەي ئونۋېرستىتىنىڭ سېغىز توپىلىق ئىلمىي قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقىغان .سېغىز
توپىلىق مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان .2004- يىلى دوكتۇرلۇق
ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .ئۇ ھازىر جوڭگومۇھىت پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا
ئىشلەۋاتىدۇ .ئۇ < شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۈچ دەريا رايۇنىدىكى تۇپراقنىڭ
شورلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى > < تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى
ئېقىنىدىكى يېشىل كارىدورنى ئۇزاق مۇددەت سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېكولوگىيىلىك
ئۈنۈمى ئۈستىدە تەتقىقات >قاتارلىق كۆپ خىل تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان .
ماگىستىر گۈلنار قېيۇم
1996 -يىلى شىئەن قاتناش ئونۋېرستىتىنى پۈتتۈرۈپ ، جوڭگو ئالەم قاتنىشى ۋە
توشۇغۇچى راكىتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىنىڭ بېيجىڭ ئالەمگە ئۈچۈش ، قويۇپ
بېرىش تېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان . 2006 - يىلى خاربىن
سانائەت ئونۋېرستىتىدا ماشىنسازلىق قۇرۇلۇشى كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق
ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ، ئېلىمىز ئۆزى بىۋاستە تەتقىق
قىلىپ ياسىغان توشۇغۇچى راكېتانى قويۇپ بېرىش ۋەزىيپىسىنى ئورۇنداشقا 9 قېتىم
قاتناشقان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ھەربى ئىشلار ئۈچۈن
ئىشلىتىدىغان نوقتىلىق ئىككى خىل ھەربىي تېخنىكا تىپىدىكى تېمپىراتورا
تېزگىنلەش سېستىمىسىنى لايىھىلەش ۋە ئېچىش بىلەنمۇ شوغۇللانغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە رۇقىيە ، مەمتىمىن ئابباس ، مەدىنە ئەلقەم قاتارلىق
ئۇيغۇر ئەليۇلئەلالىرى بېيجىڭدا مائارىپ ، پەن - تېخنىكا ، سەھىيە قاتارلىق
تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن شوغۇللانماقتا .
ئىقساد ، مەدەنىيەت نىسبەتەن ئارقىدا قالغان چىگرا رايۇندا تۇغۇلۇپ ، ئوقۇپ
چوڭ بولۇپ ، پايتەخىتتىكى دۆلەت دەرىيجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت
قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ، توختىماي جاپا چېكىشكە ، ھەددى ھېساپسىز
قان - تەر ئاققۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئۇلار ئانا تىل ئاساسىدا خەنزو تىلى ۋە
باشقا چەت ئەل تىللىرىنى مۇكەممەل بىلىشى ، بېيجىڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىغا
ماسلىشىشى كېرەك . دىمەك ئۇلار قىلالىدى .....
ئۇلار بىزنىڭ پەخرىمىز ! شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ پەخرى !!!
مەنبە: بىزنىڭ كۇلۇبى历史上的今天:
بالىڭىزغا ھېساپ ئۈگىتىڭ 2010-06-06خەرىتىدىن ئۆيىڭىزنى تاپالايسىز 2010-06-06دۆلەت بايرىقى چىقىرىڭ 2010-06-06مازدىمەي كىيىۋال،تازدىمەي... 2009-06-06كۈلمىسىڭىز ھېساپ ئەمەس! 2009-06-06
收藏到:Del.icio.us