باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2011-03-20
كۆكتات قانچە يېڭى بولسا، شۇنچە ياخشىمۇ؟ - [تېبابەت ساقلىقنى ساقلاش]
كۆپىنچە كىشىلەر يېڭى، يۇمران كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، بىراق كۆكتاتنى يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشمۇ بەزىدە ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئەمدىلا ئېتىزدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆكتاتتا بەدەنگە زىيانلىق ماددىلار بولىدۇ. ھازىر زىرائەتلەرنى يېتىشتۈرۈشتە كۆپ مىقداردا خىمىيەۋى، ئورگانىك ئوغۇتلار، دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ، بەزىدە ھەتتا كۆكتاتنى يىغىۋېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن دېھقانچىلىق دورىلىرى پۈركۈلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ. يېڭى كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئەمەس. ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، بىر ھەپتە ساقلانغان كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قالدۇقلىرى تەدرىجىي ئاجىزلىغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساقمۇ كېچىكمەيدىكەنمىز. ساقلاش قىيىن بولغان كۆكتاتلارنى سۇغا چىلاپ، تەكرار يۇيغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق، زىيانلىق تەسىرى ئازىيىدىكەن.
历史上的今天:
ئادەم ئەزالىرىنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى 2011-03-20ساقال ۋە يۈرەك كېسىلى 2011-03-20كىشىلىك ھاياتتىكى 80،60،40،20 2011-03-20
收藏到:Del.icio.us