ئاپتورى: ئېھسان ئابدۇقۇددۇس (مىسىر)
رەزىل يۈرەك
دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر
شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى
1994-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى
2010-يىلى 9-ئاي 2-بېسىلىشى
باھاسى: 40يۈەن
تىراژى: 5900-2901
ISBN: 9787228134984
ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولغان مىسىرنىڭ بۈگۈنكى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى ئېھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ «رەزىل يۈرەك» ناملىق بۇ ئەسىرىدە 1922-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىسىرنىڭ تارىخي تەرەققىيات دەۋرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
يۈرىكى رەزىللىك بىلەن تولغان ھۈسەيىن ساچىر پاشا ۋەتەن، خەلققە ئاسىيلىق قىلىپ، ۋىجدانىنى سىتىپ، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن نۇرغۇن ئەسكىلىكلەرنى قىلىدۇ. لېلىن، ئۇ ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلالامدۇ؟ ياق، مۇنداق ئادەملەر پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىسىمۇ، كۆرۈنۈشتە ئۇلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىدىغان قىلىۋالالىسىمۇ، لېكىن ئۇلار خەلقنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتى ۋە چىن مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ. ئەسەر ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق مانا مۇشۇ مەسىلىنى قايىل قىلارلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىدۇ، ياخسىلىق بىلەن يامانلىق، نەپسانىيەتچىلىك بىلەن ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش رېئاللىقىنى گەۋدىلىك ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. تارىخ ھامان ياخسىلىق بىلەن رەزىللىك ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ. رەزىللىكى چىكىدىن ئاشقان ھۈسەيىن پاشا ئاخىر تارىخ ۋە خەلقنىڭ سوتىغا تارتىلىدۇ. ئەسەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، ۋەقەلىكى ئەگرى-توقاي، تىلى گۈزەل، يېشىمى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . ئىزدەپ بارسىڭىز كىتابپۇرۇشنىڭ دۇكىنىدا ساتىدۇ .