«قۇتادغۇ بىلىك»

«قۇتادغۇ بىلىك»

MP3 فورماتىدا،CD ۋە DVD دىسكىلارغا ئويۇلغان.

 

http://www.irpan.org/Web/Files/Images/宣传单_P4.gif

دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەن شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك» شەرق ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى دەۋر سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي، مەدەنىي، ئەخلاقىي ۋە دىنىي رېئاللىقىدىن خەۋەر بەرگۈچى قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردۇر. ئۇ پىشقان مەدەنىيەت ۋە سەلتەنەتلىك بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى يۈكسەك قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.

مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ ئاۋامغا يۈزلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقىمىزنىڭ توغرا قىممەت قاراش بىلەن تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە بۇ قېتىم بىز  1991-يىلى نەشر قىلىنغان نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ 17سائەتتىن ئارتۇق ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەييارلاپ، مىللەتلەرنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردۇق.

«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاۋازلىق نەشرىنىڭ ئىككى خىل نەشرىنى چىقاردۇق.

  1. ئىككى CD دىسكىغا MP3 فورماتىدا ئويۇلغان ئاۋام نۇسخىسى، بۇنىڭ بىر تۇتاش پارچە سېتىلىش باھاسى 28 يۈەن.

  2. بىر تال DVD دىسكىغا ئويۇلغان نۇسخىسى، بۇ بىر تال «قۇتادغۇ بىلىك» خىتى بىسىلغان قەلەم، ھازىرغىچە «قۇتادغۇ بىلىك» توغرىسىدا نەشىردىن چىققان كىتاب، ماقالىلەرنىڭ كاتولوگى ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»تىن ئىلىنغان ئۈنچىلەر توپلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارچە كىتاب. بۇ نەشرىنىڭ باھاسى 98 يۈەن.

cheap Clomid
generic dapoxetine

ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى ئىرپان مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورنى، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى شىنخۇا كىتابخانلىرى ۋە شەخسىي كىتابخانىلاردىن سېتىۋالالايسىز.