«بىلگەك» بالىلار كومپيۇتېرى

مائارىپ ئانا تىل ئۆگىنىش بىلەن باشلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن تاكامۇللىشىدۇ!

قاتتىق دېتالى:

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: يۇقىرى ئىقتىدارلىق، تۆۋەن سەرپىياتلىق 32 بىتلىق ئۆزەك

ئېكران: 4.3 ديۇملۇق رەڭلىك TFT ئېكران

ئېنىقلىق دەرىجىسى: 480*272 پىكسېل

ئىچكى ساقلىغۇچ: 4 گىگا بايت

ياڭراتقۇ: سىترېئو ئاۋازلىق قوش ياڭراتقۇ

باتارېيە: 1800 مىللىئامپىرلىق لىتىيلىق بىرىكمە باتارېيە

ئۇلىنىش ئېغىزى: 2.0 يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇلىنىش ئېغىزى

يۇمشاق دېتالى:

   مۇئەللىم «بىلگەك» بالىلار كومپيۇتېرىدا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى، ئۇيغۇر مەسەللىرى، ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ۋە قوشاقلىرى، دۇنياۋىي چۆچەكلەر، بالىلار ناخشىلىرى، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش، قىزىقارلىق ماتېماتىكا، كارتون ھېكايىلەر قاتارلىق مول ئاقارتىش مەزمۇنلىرى كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى: تىلشۇناس، دوكتۇر ئابدۇرېھىم راخمان تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى» «بىلگەك» بالىلار كومپيۇتېرىنىڭ شەرىپىدۇر. «بىلگەك» ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى تىلشۇناسلىق قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن، ھەرپ، بوغۇم، سۆز-جۈملىلەر، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرلەشتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر خەلق چۆچەك-مەسەللىرى: چۆچەك-مەسەللەر تەبىئەت ۋە ئىنسان قاراشلىرىمىزنىڭ جەۋھىرى، ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى مەڭگۈلۈك ھېكمەت، ئۆز ۋە ئۆزگىنى تونۇشتىكى ئوبرازلىق پەلسەپە قامۇسى. «بىلگەك» ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى ئارقىلىق ئوماقلارغا ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى كارتونلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوبرازلارغا جانلىق، ھېسسىياتلىق، ئىجادىي ئاۋاز بېرىلگەن. قىزىقارلىق قىستۇرما كارتون رەسىملەر پەرزەنتىڭىزنى رېئال چۆچەكلەر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. دۇنياۋى مەشھۇر چۆچەكلەردىن 50 پارچىدىن ئارتۇق چۆچەك ئاۋازغا ئېلىندى. «بىلگەك» بالىلىرىمىزنى دۇنيا بالىلىرى بىلەن دوستلاشتۇرىدۇ.

ئاقارتىش: سەبىيلەرنىڭ مەرىپەت ئۆگىنىشى سان ۋە ھەرپ، رەڭ ۋە شەكىل، مېۋە ۋە كۆكتات، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك، ئوبراز ۋە رەسىملەرنى تونۇتۇشتىن باشلىنىدۇ. «بىلگەك» بالىلار كومپيۇتېرى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭ دىلىنى ئاقارتىدۇ.

خەنزۇ تىلى باغچىسى: «بىلگەك» بالىلىرىمىزغا خەنزۇچە خەت تونۇش، ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش ئىقتىدارىنى كارتونلۇق ئۆگىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئوبرازلىق ئۆگىتىدۇ.

ئىنگلىز تىلى باغچىسى: ھەرپ، سۆز، سۆز بىرىكمىسى، جۈملە مەشىقلىرىدە سەبىيلەر ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن تەبىئىي ھالدا ئىنگلىزچە ئوقۇش ۋە سۆزلەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

قىزىقارلىق ماتېماتىكا: «بىلگەك» بالىلار كومپيۇتېرى قېيىن، تەس بولغان ماتېماتىكىنى بالىلارچە تەپەككۇر بويىچە چۈشەندۈرىدۇ. ماتېماتىكا پەقەت بالىلار تۇرمۇشىنىڭ سان-سىفىرغا ئايلىنىشىدۇر.