«تەرجىمان» ئېلېكتىرون لۇغەت

  بۇ لۇغەتتە لۇغەت، ئۆگىنىش، ئويۇن، ياردەمچى، سىستېما قاتارلىق بەش چوڭ ئىقتىدار تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

  لۇغەت: بۇ قىسىمغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئەرەبچە لۇغەت،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە چوڭ لۇغەت، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىسقىچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىدىئوم لۇغىتى، رەسىملىك سۆزلۈك، رەسىملىك قامۇس، چۈشۈرۈلگەن لۇغەتلەر بۆلىكى قاتارلىق سەككىز خىل تىل، كۆپ خىل يۆنىلىشتىكى لۇغەتلەرنى چۈشۈرۈپ پايدىلانغىلى بولىدۇ.

 
 

  ئۆگىنىش: بۇ قىسىمغا ئىنگلىزچە-خەنزۇچە جۈملە تەرجىمان، سۆزلۈك يادلاش، دىئالوگ، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى، تەقلىدىي ئىمتىھان، دەرىجە ئىمتىھان سوئاللىرى، ئەمەلىي ئاڭلاش، گرامماتىكا، ترانسكرىپسىيە، فونېتىكا ئۆگىنىش، خەنزۇچە قامۇس، ئۇيغۇرچە قامۇس ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

 

  ئويۇن: بۇ بۆلەك لۇغەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئۆگىنىش خاراكتىردىكى بۆلىكى بولۇپ، MP4 ۋىدېئو قويغۇچ، MP3 ناخشا مۇزىكا قويغۇچ، فلەش، ئۈنئالغۇ، ئېلكىتاب، سۈرەت ئالبومى، ئويۇنلار قاتارلىق ئىقتىدارلار كىرگۈزۈلگەن.

 

  ياردەمچى: بۇ بۆلەك شەخسلەر ياردەمچىسى بۆلىكى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا زۆرۈر بولغان خاتىرىلەش، ھېسابلاش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن . بۇنىڭغا خاتىرە دەپتەر، تېلېفون دەپتىرى، كۈندىلىك خاتىرە، پىلان جەدۋىلى، دەرس جەدۋىلى، ئىگىلىك ئۇچۇرى، شەخسى ھېسابات، كالىندار، سائەت، سىكوندۇمېر، تايمېر، ھېسابلىغۇچ، ئالماشتۇرغۇچ قاتارلىق ئەمەلىي پروگراممىلار تەمىنلەنگەن.

  

  سىستېما: بۇ بۆلەك ئارقىلىق سىستېمىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بولۇپ، كونۇپكا بەلگىلەش، قوزغىلىشنى بىكىتىش، توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش، ئاۋاز تەڭشەش، خاسلىقنى بىكىتىش، شىفىر بىكىتىش، تەكرارلاش ئىقتىدارىنى بەلگىلەش، تېز ئىجرا بىكىتىش، سىستېما تىلىنى تاللاش، دىسكا باشقۇرۇش قاتارلىق قىسىملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 

  يۇمشاق دېتال ئالاھىدىلىكى:

  بۇ ئېلېكترون لۇغەتنىڭ پروگرامما سىستېمىسىغا Unicode ئىچكى يادرولۇق، 32 خانىلىك مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سۈرئىتى تېز، ئىقتىدارى تۇراقلىق. پروگرامما ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

  رايونىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان مىللى تىل يېزىقلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق يانداش ئۆگەتكۈ قاتتىق دىتالىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلىنىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە يېزىقىنى كىرگۈزۈش، تېكست ھالەتتە بېۋاستە ساقلاش،كۆرسىتىش، كومپيۇتېرغا چىقىرىش چىقىرىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

  ئېلېكترون لۇغەتنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى:

1. ئۈچ خىل تىلدا مەشغۇلات قىلىش، سەككىز خىل تىل، 49 خىل يۆنىلىشتە ئۆز ئارا لۇغەت ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە. چۈشۈرۈلگەن لۇغەتلەر ئىقتىدارى ئارقىلىق لۇغەت سۆزلۈكىنى داۋاملىق ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

2. ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى، ئەلمەۋرىد ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئوكسفورد ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئەمىلىي قوللىنىلىدىغان ياپونچە-خەنزۇچە لۇغەت قاتارلىق نوپۇزلۇق لۇغەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

3. ئىنگلىزچە-خەنزۇچە جۈملە، تېكىست تەرجىمە قىلىش

4 . كۆپ خىل تىللىق ئېلكىتاب ئىقتىدارى

6. سۈرەت ئالبومى ئىقتىدارى

7. MP4 ۋىدېئو قويغۇچ، MP3 ناخشا مۇزىكا قويغۇچ، ئۈن ئېلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويغىلى، ئاۋاز ئالغىلى بولىدۇ، سۈرەت-ئاۋاز ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى، كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدا ئىشلەتكىلىمۇ، تىل ئۆگىنىش ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى قويۇپ پايدىلانغىلىمۇ بولىدۇ.

8. ئويۇن قىسمىدا تۈرلۈك ئەقلىي ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولىدۇ.

9 . كۆپ تىللىق ئاۋازلىق دىئالوگ ئىقتىدارى

خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، ياپونچە، ئەرەبچە، كۆپ خىل تىللىق دىئالوگلار كىرگۈزۈلگەن، ئۆزىڭىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزنى لۇغەتكە ئېلىپ، ئەسلى ئاۋاز بىلەن سېلىشتۇرغىلى، ئەگىشىپ ئوقۇغىلى، تەكرار ئوقۇتقىلى بولىدۇ.

10 . رەسىملىك قامۇس ۋە رەسىملىك سۆزلەم ئىقتىدارى

بۇ قىسىمدا ئاۋاز، سۈرەت، يېزىق ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىمگە قاراپ تونۇش، ئۆگىنىش، ئەستە ساقلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلغان.

11 . ئىنگلىزچە گرامماتىكا، ترانسكىرىپسىيە ئۆگىنىش، خەنزۇچە فونېتىكا ئۆگىنىش، دەرىجە ئىمتىھان، تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى ئىقتىدارى

12. يۇقىرى ئىقتىدارلىق سۆزلۈك يادلاش ئىقتىدارى

بۇ بۆلەكتە بەش ئۆلچەملىك ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى، ئېيبىنخوس ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى، چاقماق شەكلىدە ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنگلىزچە ئۆگەنگەن سۆزلۈكلەرنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئەستە ساقلىغىلى، توپلاپ مەشىق قىلغىلى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە سۆزلۈكلەرنى تەكرار قىلغىلى بولىدۇ.

13 . تېلېفون دەپتىرى، خاتىرە دەپتەر، پىلان جەدۋىلى، دەرس جەدۋىلى، شەخسى ھېسابات ئىقتىدارى

خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە تۆت خىل تىلدا خاتىرىلەش ئېلىپ بارغىلى، بىۋاستە تېكست شەكلىدە ساقلىغىلى بولىدۇ.

14 . سائەت، تايمېر، سىكوندۇمېر ، ھېسابلىغۇچ، ئالماشتۇرغۇچ ئىقتىدارى

بۇ پروگراممىلار ئارقىلىق ۋاقىت تەڭشەش، قوڭغۇراق بىكىتىش، دۇنيا ۋاقتىنى بىلىش، ۋاقىت بەلگىلەش، سىكۇنت سائىتى، پېرېۋوت، بىرلىك ئالماشتۇرۇش، ئادەتتىكى ۋە پەن-تېخنىكىلىق ھېسابلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ يازمىغا ھازىرچە بىر تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. نامسىز مۇنداق يازغان:

    مۇئەللىم