«ئايبىلىگ» يانداش ئۆگەتكۈ

 

يۇمشاق دېتال ئالاھىدىلىكى:

بۇ ئېلېكترون لۇغەتنىڭ پروگرامما سىستېمىسىغا Unicode ئىچكى يادرولۇق، 32 خانىلىك مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سۈرئىتى تېز، ئىقتىدارى تۇراقلىق. پروگرامما ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

رايونىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان مىللى تىل يېزىقلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق يانداش ئۆگەتكۈ قاتتىق دىتالىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلىنىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە يېزىقىنى كىرگۈزۈش، تېكست ھالەتتە بېۋاستە ساقلاش،كۆرسىتىش، كومپيۇتېرغا چىقىرىش چىقىرىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

مەشغۇلات تىلى: بۇ ئېلېكترون لۇغەتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر، ئىنگلىزچە لۇغەتلەر، قازاقچە لۇغەتلەر، كۆپ تىللىق لۇغەتلەر، ئويۇن ۋە قورالدىن ئىبارەت 6 بۆلەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  
 

  

ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تاق خەتلەر لۇغىتى، ئىدىئوم لۇغىتى، قەدىمكى خەنزۇ تىلى لۇغىتى، خەنزۇچە تاق خەتلەر لۇغىتى، خەنزۇچە ئىدىئوم لۇغىتى، خەنزۇچە سۆزلۈكلەر، سۆزلۈك ئامبىرى قاتارلىق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش يۆنىلىشتىكى لۇغەتلەر تەمىنلەنگەن. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ بېرەلەيدۇ.

    

ئىنگلىزچە لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا ئىنگلىزچە-خەنزۇچە مىليون سۆزلۈك چوڭ لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، كارتون لۇغەت، رەسىملىك لۇغەت، رەسىملىك قامۇس، فورمۇلا لۇغىتى، ئېلمېنېتلار جەدۋىلى، ئىنگلىزچە سۆزلۈكلەر، سۆزلۈك ئامبىرى ۋە چۈشۈرۈلمە لۇغەتلەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يۆنىلىشتىكى لۇغەتلەر تەمىنلەنگەن. ئىنگلىزچە سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىپ بېرەلەيدۇ.

    

قازاقچە لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا قازاق تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، خەنزۇچە-قازاقچە لۇغەت، قازاقچە-خەنزۇچە لۇغەت، قازاقچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-قازاقچە لۇغەت، رۇسچە-قازاقچە لۇغەت، قازاقچە-رۇسچە لۇغەت، قازاقچە-رۇسچە (سىلاۋىيانچە)، رۇسچە-قازاقچە (سىلاۋىيانچە)، قازاقچە-ئىنگلىزچە (سىلاۋىيانچە)، ئىنگلىزچە-قازاقچە (سىلاۋىيانچە)، سۆزلۈك ئامبىرى قاتارلىق مول لۇغەت سۆزلۈكى تەمىنلەنگەن.

    

كۆپ تىللىق لۇغەتلەر: بۇ قىسىمغا ئەرەبچە، تۈركچە، ياپونچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە كۆپ تىللىق لۇغەتلەر تەمىنلەنگەن.

    

ئۆگىنىش: بۇ بۆلەككە ئىنگلىزچە-خەنزۇچە جۈملە تەرجىمان، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى سىن دەرسخانىسى، كارتون دەرسخانىسى، يانداش مەشىق، تەكرار باغچىسى، تەقلىدىي ئىمتىھان، يادنامە (سۆز يادلاش)، ئاڭلاش مەشىقى، دىئالوگ، تەلەپپۇز باھالاش، تېكست يادلاش، گرامماتىكا، جۈملە تۈزۈش، دەرىجە سۆزلۈكلىرى، چۈشۈرۈلمە سۆزلۈك، ترانسكىرىپسىيە، خەت مەشىقى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى تەمىنلەنگەن.

   

ئويۇن ۋە قورال: بۇ بۆلەك لۇغەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئۆگىنىش خاراكتىردىكى بۆلىكى بولۇپ، MP4ۋىدېئو قويغۇچ، MP3 ناخشا مۇزىكا قويغۇچ، فلەش، ئۈنئالغۇ، ئېلكىتاب، رەسسام، سۈرەت ئالبومى، كاتىپ،  ئويۇن قاتارلىق ئىقتىدارلار كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا زۆرۈر بولغان خاتىرىلەش، ھېسابلاش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن. بۇنىڭغا خاتىرە دەپتەر، تېلېفون دەپتىرى، كۈندىلىك خاتىرە، پىلان جەدۋىلى، دەرس جەدۋىلى، ئىگىلىك ئۇچۇرى، شەخسى ھېسابات، كالىندار، سائەت، سىكوندۇمېر، تايمېر، ھېسابلىغۇچ، ئالماشتۇرغۇچ قاتارلىق ئەمەلىي پروگراممىلار تەمىنلەنگەن. بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق سىستېمىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بولۇپ، كونۇپكا بەلگىلەش، قوزغىلىشنى بىكىتىش، توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش، ئاۋاز تەڭشەش، خاسلىقنى بىكىتىش، شىفىر بىكىتىش، تەكرارلاش ئىقتىدارىنى بەلگىلەش، تېز ئىجرا بىكىتىش، سىستېما تىلىنى تاللاش،  قاتارلىق قىسىملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

cheap dapoxetine
Buy Motilium online