IRPAN T6

مۇھەممەد سالىھ دامۇللا ھاجىم تۈزگەن قامۇس قاچىلانغان ئالتە تىللىق ئىرپان لۇغىتى

CPU (مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ) قا 32 خانىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقېرى چاستوتى 360 مىگاھىرتىس، ئىچكى ساقلىغۇچى، 64 مىگابايت، ئىشلەتكۈچى ساقلىغۇچ 8 گىگابايت، سىرتتىن 32 گىگابايتلىق كارتا سەپلەشكە بولىدۇ، ئېكران يۇقېرى ئىنىقلىقتىكى 4.3 لىك يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ئېكران بولۇپ، ئىنىقلىقى 480 دە 272 نوختا. ئۇچۇر يوللاش ئىغىزى USB 2.0 لىك سۈرئەت، تېڭشىغۇچ ئىغىزى 3.5 لىك ئىغىز، باتارىيە خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى BL-5c لىق نىئونلۇق باتارىيە. ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرىشقىمۇ، تېڭشىغۇچ بىلەن ئاڭلاشقىمۇ بولىدۇ.
 

ئىرپان T6 تىپلىق لۇغەتنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى

  • مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە ئىككى توملۇق قامۇسى»
  • ئالتە توملۇق ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ تولۇق نۇسخىسى
  • «ھازىرقى زامان ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىقتىدارلىق لۇغىتى»
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە جۈملىلەر
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش تىللىق ئاۋازلىق جۈملىلەر
  • 16 خىل كەسىپنىڭ كەسپىي لۇغىتى

ئىقتىدارلىرى؛

لۇغەت، ئۆگىنىش، قامۇس، مېدىيە، قوراللار، تەڭشەش قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ. كۆرۈنمە يۈز تىلىنى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 

لۇغەتكە لىنىكس مەشغۇلات سىستىمېسىنىڭ يادرو قىسمى ئىشلىتىلىتىلىپ، قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللىرى يۇنىكود ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇچۇر مىنىستىرلىكى بەلگىلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، سۈرئىتى تېز، پىروگرامما بىخەتەرلىكى مۇقىم بولغان 32 خانلىق سىستىما ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاتارلىق يېزىقلارنى بىمالال كۆرسىتەلەيدۇ.

لۇغەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، رۇسچە، ئەرەبچە، تۈركچە ئالتە تىللىق بولۇپ، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، رۇسچە قاتارلىق بەش تىلنى ئاۋازلىق (ھەقىقىي ئادەم ئاۋازى) تەلەپپۇز قىلىپ بېرىدۇ. ئىزدەلگەن مەزمۇنىڭ ئىچىدىكى سۆزلەرنى تەتۈر ئىزدەپ باشقا لۇغەتتىن ئىزدەپ تىپشقا بولىدۇ.

خەنزۇچە لۇغەتنىڭ پېنيىنى، مەنا تەرجىمىسى، خەنزۇچە ئىزاھاتى، قارىمۇقارشى سۆزلىرى، مەنىداش سۆزلىرىنى كۆرىسىتىپ بىرىدۇ.

ھازىرقى زامان خەنزۇچە ئىزاھلىق لۇغىتى، ھازىرقى زامان خەنزۇچە كۆپ ئىقتدارلىق ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى تولۇق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قازاقچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە سۆز تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن باشقا، شۇ سۆزنىڭ بىخۇا سانى، يان بۆلىكى، يېزىلىش ئۇسۇلى، ئاھاڭداش سۆزلىرى، سۆز بىرىكمىلىرى، سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى، سۆزنىڭ خەنزۇچە چۈشەندۈرلۈشى ۋە شۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملىلەر بىرىلدى.

ھازىرقى زامان خەنزۇچە كۆپ ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى خەنزۇ تىلى ئۆگۈنىشتە ئەڭ مۇھىم بولغان ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن لۇغەت بولۇپ، بۇ لۇغەتكە خەنزۇچە 8400 تاق خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەر بىر خەتنىڭ ئۆلچەملىك ئاۋازى، پىنيىنى، بىخۇا سانى، يان بۆلىكى، بىخۇا تەرتى بويىچە يېزىلىش ئۇسۇلى، خەنزۇچە چۈشەندۈرلۈشى، مەنىداش سۆز، قارىمۇ قارشى سۆز، شۇ خەتتىن تەركىب تاپقان سۆزلەر، ئۇيغۇرچە مەنىسى قاتارلىق مەزمۇنلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھان سۆزلۈكلىرى لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ لۇغەتتىمۇ خەنزۇچە سۆزنىڭ ئۆلچەملىك ئاۋازى، پىنيىنى، خەنزۇچە ئىزاھاتى، خەنزۇچە بىرىلگەن جۈملە، مەنىداش سۆز، قارىمۇ قارشى سۆزى، ئۇيغۇرچە مەنىسى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

ئەرەبچە لۇغەت قىسمىغا مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۈزگەن ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە قامۇس كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دىيارىمىزدىكى ئەرەب تىل ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مول ۋە ئالاھىدە ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ.

خەنزۇچە-قازاقچە لۇغەتتە شۇ سۆزنىڭ قازاقچە مەنا تەرجىمىسىدىن باشقا، شۇ سۆزگە بىرىلگەن جۈملەر بىرىلگەن. بارلىق خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.

خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرنىڭ ھەر بىر تۈپ سۆزگە بەشتىن مىسال جۈملە كۆرسىتىپ بىرىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قورال بولالايدۇ.

ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

يادنامە، بەش تىلنىڭ ئېلىپبەسى، ئۈن دەرىسخانىسى، تېكست دەرسخانىسى(ئوقۇشلۇق)، فورمىلالار (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە)، ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى، سۇئال ئىشلەش، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلىكى، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يىزىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسلىكى كىرگۈزۈلگەن.

قامۇسنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق 20 ساياھەت ئورۇننىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، ئىنگلىزچە ئېمتىھانلارنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە سۆزلۈكلىرى، جوڭگۇدىكى ئۆلكە شەھەرلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر، شىنجاڭنىڭ پوچتا نومۇرى، رايون نومۇرى، جوڭگۇدىكى 56 مىللەتنىڭ خەنزۇچە، قازاقچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ئاتىلىشى، نۇپۇسى، جوڭگۇ ئىچىدىكى جايلىشىش كىرگۈزۈلگەن. خەلقئارادىكى ب د ت غا ئەزا 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ قىتئەلەر بويىچە جايلىشى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى بىرىلدى. ئىنگلىز تىلدىكى ئوقۇلۇشى ئوخشاش ئەمما ئامرىكا ۋە بىرتانيەدە يېزىلىش ئوخشاش بولمىغان سۆزلەرنىڭ سىلشتۇرمىسى، جىددىي ۋاقىتتلاردا كىرەك بولىدىغان نومۇرلار، ئىنگلىز تىل گرامماتىكىسى، سانلارنىڭ يېزىلىشى ۋە ئۈچ خىل تىلدا ئاتىلىشى كىرگۈزۈلدى.

مېدىيەنىڭ ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

MP3، MP4، ئۈنئالغۇ، رەسىم كۆرگۈ، ئويۇن قاتارلىق ئىقتىدارلار كىرگۈزۈلدى. ، FLAC، MP3، WMA، WAV، OGG ،AVI،RM،RMVB،WMV،ASF،FLV،DAT،MPG،MP4،VOB،3GP قاتارلىق فورماتىكى ھۆججەتلەرنى بىۋاستە قويالايدۇ. رەسىم كۆرگۈ JPEG،BMP، PNG قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان فورماتتىكى رەسىملەرنى ۋە فوتۇ ئاپىراتتا تارتىلغان رەسىملەرنى بىۋاستە كۆرسىتەلەيدۇ. ئۈنئالغۇدا ئۇدا يۈز سائەتكە يېقىن ئاۋاز ئالغىلى بولىدۇ.

قوراللار ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

ئېلكىتاب، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، ھېسابلىغۇچ، كالىندار، بىرلىك ئالماشتۇرۇش، پېرېۋوت، دەرس سىتكىسى، قوڭغۇراق قاتارلىق ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئېلكىتاب يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى قازاقچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق تىللاردىكى مەزمۇنلارنى نورمال كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.

تەڭشەش ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

لۇغەتنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتال قىسمىنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش ئىلىپ بىرىشقا بولىدۇ. كۆرۈنمە يۈز تىلىنى تاللاش، سىستېما يېڭىلاش، كۈرۈنمە يۈز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش، ۋاقىت تەڭشەش، ساقلىغۇچ ھالىتىنى كۆرسىتىش، ئاپتوماتىك تاقىلىشنى بەلگىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار بار.

 

Lasix online
Buy Accutane online

http://www.irpan.org/Web/Files/Images/T6.gif