«تىلچى» ئېلېكتىرون لۇغەت

  يۇمشاق دېتال ئالاھىدىلىكى:

  بۇ ئېلېكترون لۇغەتنىڭ پروگرامما سىستېمىسىغا Unicode ئىچكى يادرولۇق، 32 خانىلىك مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سۈرئىتى تېز، ئىقتىدارى تۇراقلىق. پروگرامما ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

   رايونىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان مىللى تىل يېزىقلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق يانداش ئۆگەتكۈ قاتتىق دىتالىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلىنىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە يېزىقىنى كىرگۈزۈش، تېكست ھالەتتە بېۋاستە ساقلاش،كۆرسىتىش، كومپيۇتېرغا چىقىرىش چىقىرىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

   مەھسۇلات تونۇشتۇرىلىشى :

تىپى: M900

ئېكران چوڭلۇقى: 320×240 چىكىت، 3.5 سۇڭ

كۆرسىتىش دائىرىسى: 15 قۇر ( 25 خەنزۇچە خەت)

كۇنۇپكا سانى: 57 دانە

ئېغىرلىقى: 130گىرام (باتارىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

لۇغەت سىغىمچانلىقى: 4096 مىگابايت (4G)

كېڭەيتمە سىغىم كارتىسى: ئەڭ چوڭ بولغاندا 32G لىق SD/MMC كارتىسىنى قوللايدۇ.

لۇغەت چوڭ-كىچىكلىگى: 124mm x 82mm x 19.8mm

باتارىيە:  650mAh، يانفون باتارىيىسى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇلىنىش شەكلى: USB ئېغىزلىق

توك مەنبەسى: 3.4V-4.2V ، بېسىم تەڭشىگۈچ ئارقىلىق توك مەنبەسىگە چاتقىلى بولىدۇ.
    

    مەشغۇلات سىستېمىسى:  ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، ئىنگلىزچە تۆت تىلدا لايىھىلەنگەن؛ لۇغەت، ئۆگىنىش، ئويۇن، ياردەمچى، سىستېما قاتارلىق بەش چوڭ ئىقتىدار تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى بۆلەكلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

 
 

    لۇغەت: بۇ قىسىمغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى،ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە چوڭ لۇغەت، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىسقىچە لۇغەت، قازاقچە-خەنزۇچە لۇغەت، خەنزۇچە-قازاقچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىدىئوم لۇغىتى، كۆپ تىللىق، لۇغەتلەر، مەدەنىيەت لۇغىتى، رەسىملىك لۇغەت، رەسىملىك قامۇس، چۈشۈرۈلگەن لۇغەتلەر قاتارلىق سەككىز خىل تىل، كۆپ خىل يۆنىلىشتىكى لۇغەتلەرنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

    ئۆگىنىش: بۇ قىسىمغا ئىنگلىزچە-خەنزۇچە تەرجىمان، سۆزلۈك يادلاش، دىئالوگ، ماس قەدەملىك ئۆگىنىش، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى دەرسخانىسى، تەقلىدىي ئىمتىھان، دەرىجە ئىمتىھان سوئاللىرى، ئەمەلىي ئاڭلاش، گرامماتىكا، ترانسكرىپسىيە، فونېتىكا ئۆگىنىش، خەنزۇچە خەت مەشىقى، بەش سىزىق مەشىقى، خەنزۇچە قامۇس،  ئۇيغۇرچە قامۇس ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

 

    ئويۇن: بۇ بۆلەك لۇغەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئۆگىنىش خاراكتىردىكى بۆلىكى بولۇپ، MP4 ۋىدېئو قويغۇچ، MP3 ناخشا مۇزىكا قويغۇچ، فلەش، ئۈنئالغۇ، ئېلكىتاب، رەسىم تاختىسى، سۈرەت ئالبومى، ئويۇن، دىسكا باشقۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار كىرگۈزۈلگەن.

    ياردەمچى: بۇ بۆلەك شەخسلەر ياردەمچىسى بۆلىكى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا زۆرۈر بولغان خاتىرىلەش، ھېسابلاش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن. بۇنىڭغا خاتىرە دەپتەر، تېلېفون دەپتىرى، كۈندىلىك خاتىرە، پىلان جەدۋىلى، دەرس جەدۋىلى، ئىگىلىك ئۇچۇرى، شەخسى ھېسابات، كالىندار، سائەت، سىكوندۇمېر، تايمېر، ھېسابلىغۇچ، ئالماشتۇرغۇچ قاتارلىق ئەمەلىي پروگراممىلار تەمىنلەنگەن.

    قورال: بۇ بۆلەك ئارقىلىق سىستېمىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بولۇپ، كونۇپكا بەلگىلەش، قوزغىلىشنى بىكىتىش، توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش، ئاۋاز تەڭشەش، خاسلىقنى بىكىتىش، شىفىر بىكىتىش، تەكرارلاش ئىقتىدارىنى بەلگىلەش، تېز ئىجرا بىكىتىش، سىستېما تىلىنى تاللاش،  قاتارلىق قىسىملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.