بىلىگ پەد بار قولىڭىزدا، سائادەت بار يولىڭىزدا.

 

قاتتىق دېتال سەپلىمىسى:

مەشغۇلات سىستېمىسى: ئاندرويىد 4.0 لىك مەشغۇلات سىستېما

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ساقلىغۇچ: تاق يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ

1GHZ چاستوتىلىق سىستېما تېزلىكى، 1G DDR SDRAM ئىچكى ساقلىغۇچ

ئېكران:  1024*768 نۇقتىلىق 8 ديۇملۇق، كۆپ نۇقتىلىق، كوندېنساتورلۇق سېزىمچان ئېكران

ساقلىغۇچ: 16 گىگابايتلىق ساقلىغۇچ، 32 گىگا بايتقىچە ساقلىغۇچ كارتا قوللايدۇ.

توك مەنبە: 4400 مىللىيئامپىرلىق باتارىيە، USB ئارقىلىق توك تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

ھەرپتاختا: پۈتۈن ئېكران قول يازما، سېزىمچان ئېكران، يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىلگەن.

USB باغلاش ئىقتىدارى: USB HOST ئۇلىنىش ئىقتىدارى

تورغا ئۇلاش شەكلى: سىمسىز تور WIFI) ) ، 3G تورى (3G سەپلىگۈچ ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ)، سىملىق تور (ئالماشتۇرۇش بېشى ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ)

كامېرا ۋە ئېكرانغا يوللاش: ئىككى مىليۇن پېكسىللىق كامېرا، ئېغىرلىق يۆنۈلۈش سېنزورى سەپلەنگەن. HDMIئېغىزى تەمىنلەنگەن ، 1080P يۇقۇرى  ئىنىقلىقتا سۈرەت چىقىرالايدۇ.

مەشغۇلات تىلى:

ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە، پارسچە، رۇسچە …. كۆپ خىل تىلنى قوللايدۇ. ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە كىرگۈزگۈچلەر سىستېمىدىن تەمىنلەنگەن.

قوللايدىغان ھۆججەت فورماتلىرى:

ئاۋاز فورماتى: MP3, WMA, MP2, OGG, AAC, M4A, MA4, FLAC, APE, 3GP, WAV

سىن فورماتلىرى:   AVI,MP4,DIVX, DIVX, XVID, RM, RMVB, MKV, WMV, MOV,VOB(DVD), PMP, MPEG, MPG, FLV, ASF, 3GP

رەسىم فورماتلىرى:   JPG,  JPEG, GIF, BMP, PNG

يېزىق فورماتلىرى:   TXT, EPUB, PDF, WORD, EXCEL, POWERPOINTS

يۇمشاق دېتال ئىقتىدارى:

لۇغەت خەزىنىسى:

مۇئەللىم ئىزدىگۈچ، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر، خەنزۇچە لۇغەتلەر، ئىنگلىزچە لۇغەتلەر، پەن لۇغەتلىرى، كۆپ تىللىق لۇغەتلەر، چۈشۈرمە لۇغەتلەر، لۇغەت خاتىرىسى، خام سۆز ئامبىرى قاتارلىق بۆلەكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە چوڭ لۇغەت، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە چوڭ لۇغەت، كۆپ ئىقتىدارلىق شىنخۇا لۇغىتى، كارتونلۇق لۇغەت، رەسىملىك لۇغەت، رەسىملىك ئىزاھلىق لۇغەت ۋە قوش تىللىق ئوقۇتۇشتىكى زۆرۈل قورال لۇغەتلەر قاتارلىق نوپۇزلۇق لۇغەتلەر قاچىلانغان.

ئۇنىۋېرىسال بىلىملەر:

سەبىيلەر مائارىپى، ئەقىل-ھېسسىيات يېتەكچىسى، كارتونخانا، مۇئەللىم كۇتۇپخانىسى، تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە پەنلىرىنى كۈچەيتىش بۆلەكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىنگلىز تىلى باغچىسى:

تىرانسكرىپسىيە، كارتون سۆز، سۆز يادلاش، كارتون گىرامماتىكا، سەپەر ياردەمچىسى، ئاڭلاش دەرسخانىسى، يېزىقچىلىق بىلىملىرى، جۈملە تەرجىمە، تىل باغچىسى، جۈملە قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدار بۆلەكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

دەرسخانا ئىقتىدارى:

چەكمە ئۆگىنىش، يانداش دەرسخانا، سىن دەرسخانا، ئەقلىي سىناق، توردىن جاۋاب ئىزدەش، تور دەرسخانىسى، تەقلىدىي ئىمتىھان قاتارلىق بۆلەكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مائارىپ ئەپلىرى:

مۇئەللىم تېكىست ئوقۇغۇچ، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى، دۇنياۋى مەشھۇر چۆچەكلەر، خاتىرە دەپتەر، سۈزۈك قويغۇچ،  ئۈنئالغۇ، تور كۆرگۈچ، فوتو ئاپپارات، ھېسابلىغۇچ، مۇزىكا قويغۇچ، كالېنىدار …. قاتارلىق ئۇيغۇرچە ئەپلەر تەمىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا گۇگىل ئەپ بازىرى ۋە ئاندرويىد ئەپ بازىرىدىن مىليۇندىن ئارتۇق قوللىنىشچان ئەپ، مائارىپ ئەپلىرى ۋە ئويۇنلارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
purchase Clomid
order dapoxetinesrc=“http://sinaq.muallim.cn/static/upload/ug/images/W8/360%E6%89%8B%E6%9C%BA%E5%8A%A9%E6%89%8B%E6%88%AA%E5%9B%BE0716_20_34_02.png“ alt=“" width=“922″ height=“691″ />

بۇ يازمىغا ھازىرچە 6 تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. مەن مۇنداق يازغان:

    بۇ كومپىيۇتىرنى سېتىۋالاي دىگەنتىم، قانداق ئ‍الاقىلىشىمەن ؟

    • admin مۇنداق يازغان:

      قەشقەر شەھرىدە بولسىڭىز دۇكىنىمىزغىلا كېلىڭ، (دۇكىنىمىز ھېيتگاھ مەسچىت ئەتراپىدا) يىراقتا بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ، پوچتىدىن ئېۋەرتىپ بىرىمىز. 0998-2825798
      قەشقەر شەھرىدىن باشقا جايدىكى خىرىدارلار دۇكىنىمىزدىكى كىتاب-ژورنال ۋە باشقا ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلاردىن بىر قېتىمدا 300 يۋەندىن ئارتۇق مال سىتىۋالسا، پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ .

  2. نامسىز مۇنداق يازغان:

    باھاسى نەچچىكەن؟

  3. admin مۇنداق يازغان:

    ئەرەبچىنى قوللامدۇ؟