يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:مارت - 29 - 2011 ئىنكاسسىز

ئابدۇلباقى ھاجىم جالائىر،

نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار:

ئابدۇلباقى ھاجىم جالائىر،
مۇھەممەدتۇرسۇن يۈسۈپ (تەڭرىتاغ)

قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى

2006-يىلى5-ئاي 1-نەشىرى

2006-يىلى5-ئاي1-بېسىلىشى

باھاسى: 19 يۈەن

تىراژى: 1-5080

ISBN: 9787537314718

قەدىمكى ئەرەب خەلىپىلىرىدىن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئىزىز بىر كىچىسى كوچا ئايلىنىپ يۇرگەن ئىدى.ئۇ بىر ئۆينىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا،بىر ھويلا ئىچىدە قىزى بىلەن جىدەللەشكەن ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە ئۆينىڭ ئشكى يىنىدا تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى.قىزىغا ئاچچىقلىنپ:
_ نىمىشقا بىلەن تەڭ تۇرىسەن؟ئەتە ساتىدىغان سۈتكە ئازراق سۇ قوشۇپ قوي،_ دىدى.
_ خەلىپە ئۆمەرنىڭ ھەممە سۈتلەرگە سۇتكە سۇ قوشماسلىقنى ئەمىر قىلغىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟_ دىدى قىز.
_ نىمىشقا بۇنچىۋىلا ۋالاقلايسەن؟مەن سۈتكە سۇ قوش دىگندىكىن قوشىۇۋرمەمسەن.بىزنىڭ سۈتكە سۇ قوشقىنىمىزنى خەلىپە ئۆمەر نەدىن بىلىدۇ؟_ دىدى ئانىسى قىزىغا غەزەب بىلەن.
جىنىم ئانا. خەلىپە سۈتكە سۇ قوشقىنىمىزنى كۆرمىگەن بىلەن،ۋىجدانىمىز كۆرۈپ تۇرىدىغۇ.ھىچ بولمىسا ۋىجدانىمىزنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلايلى،ۋىجدانسىزلىق قىلمايلى،_ دىدى قىزى ئانىسىنىڭ بۇيرىقىنى رەت قىلىپ.
سۈتچى ئايالنىڭ قىزىنىڭ سۆزىدىن خەلىپە بەكمۇ زوقلاندى ھەم مۇشۇ ۋىجدانلىق،نۇمۇسلۇق قىزىنى ئۆزىگە كىلىن قىلۋالماقچى بولدى.
ئۇ سارايغا قايتىپ بىر نەچچە كۇندىن كىيىن ئاشۇ قىزنى ئوغلىغا توي قىلىپ ئىلىپ بەردى،ۋو ۋىجدانلىق كىلىنگە ئىگە بولدى.

قالمىغاي توغرىلار ئىشى پىنغان،
قىلمىغاي توغرا سۆز كىشىگە زىيان

ـــــــــــــ مەزكۇر كىتابتىن

ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ دانا بولۇر
ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ دانا بولۇر