بلوگ ھەققىدە

سالام ئوقۇرمەن كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ ئاددىغىنە تور كەپىمىز، كەمىنە «كىتابپۇرۇش» نىڭ ئەزىزانە كاشىغەر شەھرىدە كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان قىسقىغىنە 6-7 يىل جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ «كىتاب» تىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ شەيئىگە يىقىن بولغانلىقىم، شىنجاڭدا ئىنتىرنىت تورى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن توردىكى ئۇيغۇرچە كىتاب ئۇچۇرلىرىنىڭ يېڭىلىشىنىڭ ئاستا، مەنبەسى ئاز بولۇش ۋە شەخسەن ئۆزۈمنىڭ بلوگ يېزىشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمنىڭ تۈرتكىسىدە پىلاندىن بىرنەچچە يىل كىيىن 2010-يىلى مارتتا قۇرۇلدى.

«كىتابپۇرۇش» بەك ھورۇن بولغاچقا بۇ خەتنى كىچىكىپ يازغان بولسىمۇ مانا ھازىر بلوگىمىز قۇرۇلۇپ ئازغىنە كەم بىر يىل جەريانىدا ئۇستاز بلوگگىرلارنىڭ يېتەكلىشىدە بىزلەرمۇ تەمتىلەپ مىڭىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمىز، مۇندى كىيىمۇ ئۇيغۇرچە كىتاب ئۇچۇرلىرىنى ئامال بار تىز سۈرئەتتە تورغا چېقىرىپ بلوگىمىزنىڭ خاسلىقىدا چىڭ تۇرۇپ ئۇچۇرلارنىڭ رەڭدارلىقى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تېرىشىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量


بۇ كىتابنى ئوقۇغان بولسىڭىز تەسىراتىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ .