ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار:
قەشقەر شەھرى ھېيتگاھ تەڭرىتاغ كىتابخانىسى باشقۇرىشىدىكى كىتابپۇرۇش بلوگى ئوقۇرمەنلەرگە قىزغىن سالام يوللايدۇ.
بلوگىمىزغا ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان ھەرخىل كىتاب-ژورناللارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يوللىنىدۇ . (ھۆكۈمەت نەشىر قىلغان، لىكىن كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى يېغىۋىلىنغان كىتابلار ۋە قانۇنسىز نەشىر قىلىنغان كىتابلار بۇنىڭ سىرتىدا) ئاپتونۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بېرىمىز .
سېتىۋىلىشنى ئويلىغان، لىكىن تاپالمايۋاتقان كىتابلار بولسا بىزگە ھاۋالە قىلسىڭىز تىز سۈرەتتە تېپىپ بىرىشكە تېرىشىمىز.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ دۇكىنىمىزغا ۋە بلوگىمىزغا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ھەرقايسى بلوگگىرلار ۋە كىتاب تىجارىتى قىلىدىغان دوسلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا قوللاپ ئورتاق تەرەققى قىلىشىمىزغا تىلەكداشمىز .
Email: kitabpurux@gmail.com
QQ: 191756245 Tel: 0998-2825798
قەشقەر ھېيتگاھ تەڭرىتاغ كىتابخانىسى كىتابپۇرۇش بلوگى
بلوگىمىزغا قانداق پىكىر-تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئېغىر كۆرمەي بۇيەرگە قالدۇرۇپ قويغايسىز
ياۋاشلاردىن بولۇپ قالماڭ ناملىق كتاب لازىم ، بولسا ياردەم قىلىپ تېپشىپ بەرسڭىز ،
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش Reply:
ئاپرېل 4th, 2012 at 9:21 كەچ
ئۇ كىتاب يوقكەن .
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
تور بېتىڭلارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ بىرنەچچە توربەتتىن تاپالماي يوليار ئۇلىنىش تورىدا ئۇلۇنىشى بار بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىزدەپ تاپالماي، گوگلېدىن ئىزدەپ بېقىپ ئاران تاپتىم.
ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن.
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش Reply:
مارت 27th, 2012 at 9:37 كەچ
بلوگىمىز ئېچىلغىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا ھازىرچە جىق تور بەتلەردە ئۇلىنىشىمىز يوق، تورداشلارنىڭ ۋە تور بەت ئاتامانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ كەمچىللىكلەرنىڭ تۈزىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .
ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
تەگدى، ياخشى كتاب ئىكەن، بولسا ھېلىقى ھەر قانچە ئازاب چەكسڭىزمۇ كۈلۇب ياشاڭ دېگەن كېتابنىڭ خەنزۇچسى بەك كۆپ ئىكەن، منڭچە ئۇيغۇرچسىمۇ بولۇشى مۇمكىن
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
جددى ياردەم ، جددى ياردەم ،دوستۇم قايغۇرماڭ ،باتۇرلاچە ياشاڭ، دېگەن بۇ كتاب بىلەن ،ھەر قانچە ئازاب چەكسڭىزمۈ كۈلۈب ياشاڭ دېگەن بۇ كتاب ئايرىم – ئايرىم ئىككى كتاب ئىكەن ،بولسا ھەر قانچە ئازاب چەكسڭىزمۈ كۈلۈب ياشاڭ دېگەن بۇ كېتابنى ئزدەب باققان بولسڭىز ،سىزدىن كۆپ مننەتدار بولغان بولاتتدىم
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش Reply:
مارت 21st, 2012 at 7:48 كەچ
بولىدۇ، مەن يەنە ئىزدىنىپ باقاي.
ھە- راس، «باتۇرلاچە ياشاڭ» ناملىق كىتاب قولىڭىزغا تەگدىمۇ ؟
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش بىلوگىنى قورغان دوستىمىزغا ئاللاھ رەھممەت قىسلۇن، تەكلىۋىىم يېڭكى چىققان كىتابلارنى تىز سۈرئەتتە بىلوگقا يوللاپ تېىىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننىڭ زوقىنى قوزغىساق دەيمەن
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
ماڭا مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ ئارچا ياپرىقى دىگەن كىتاۋى لازىم ئىدى. تاپقىلى بولارمۇ؟
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش Reply:
فېۋرال 25th, 2012 at 8:33 كەچ
بۇ كىتاب ھازىرچە يوق، قايتا نەشر قىلىنمىدى.
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش Reply:
مارت 25th, 2012 at 1:32 كەچ
«ئارچا ياپرىقى» ناملىق كىتاب تىن بىرسى قولۇمغا چۈشتى، سىتىۋالسىڭىز ئالاقىلىشىڭ .
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار، ماڭا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى كىتابلىرى لازىم ئىدى، ئۆزۈم ئوقۇغىلى، نەشىرى 88-95 يىلغىچە بولسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىردىكىلەر كېرەك ئەمەس، ئەگەر مۇشۇنداق نەشىردىكى تارىخى كىتابلار بولسا سېتىۋالىمەن، ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرۇم، 18016893038
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش Reply:
فېۋرال 1st, 2012 at 7:45 كەچ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، 88-95 يىلغىچە چىققان كىتابلار خىلى كۆپ، بىزدە بارلىرىغا سىز ئىھتىياجلىق بولماسلىقىڭىز مۇمكىن.
لازىملىق كىتابلارنىڭ ئىسمىنى ياكى ئاپتورىنى دىسىڭىز، شۇنىڭغا قارىتا تەمىنلىسەك قانداق ؟
كىتابپۇرۇشنىڭ تىلفۇنى: 0998-2825798
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
مۇناسىۋەتلىك قانداق كىتاب بولسا بولىۋېرىدۇ.
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
رەھمەت .
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
مەن ئېلېكترون-ئېلېكتىر تېخنىكىسىغا ئائىت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كىتابلار بولسا سېتىۋالىمەن، كونا يېڭى دەپ ئايرىمايمەن.
رەھمەت.
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
خالتا Reply:
يانۋار 8th, 2012 at 3:20 كەچ
كونا نۇسخىلىرىدىن بۇرۇن بارتى، سېتىلىپ كەتكەن، كېيىنچە ئۇچراپ قالسا سىزگە خەۋەر قلاي.
بولسا لازىملىق كىتابنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى قالدۇرسىڭىز .
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
كىتاپپۇرۇش بىلوگىنىڭ يىڭىچە قىياپەتتە ئىچىلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن .
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
ھارمىغايسىلەر
مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم
ئەجىر قىلىپ ،بۇ توربەتنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرڭىنىڭلەرگە رەخمەت
توختاپ قالماي داۋاملىق تىرىشىشىڭلارنى ،يېڭى مەزمۇنلارنى ئۈزلۇكسىز بىز گە سۇنىشىڭلارغا تىلەكداشمەن
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]
كىتابپۇرۇش Reply:
دېكابىر 14th, 2011 at 9:35 كەچ
قىلغان ئەجرىمىزنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن ئىتراپقا ئېرىشكىنىدىن بېشىمىز كۆككە يەتتى، سىزگىمۇ رەھمەت.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلھامبەخش، بىزگە يول كۆرسىتىغان، تەنقىدىي ئىنكاسلىرىغا تەشنامىز .
[بۇ ئىنكاسقا پىكىرىم بار]