ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەر باركى ئۇلار دائىم ئوقۇيدۇ، يازىدۇ … يەنە شۇندق كىشىلەر باركى، ئۇلار بىكار بولسىلا كىتابخانا، كۈتۈبخانىلارنى ، ئىلىم ئەھلى، ئىلىم سورۇنلىرىنى چۆرگىلەپلا كىتەلمەيدۇ، ئۆزى ئاچ قالسىمۇ، كىيىملىرى كونا، ئۆيلىرى باي ئاكامنىڭ (فاڭدۇڭنىڭ) نامىدا بولسىمۇ بىلىمگە پۇل خەجلەيدۇ، مەنىۋىيەتكە مەبلەخ سالىدۇ. ئۇلار توختىماي پىكىر يۈرگۈزىدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، دۇنيا ھاياتىدا باشتىن كەچۈرگەن قايغۇ-ھەسرىتىنى، تاتلىق ھېسلىرىنى، كەسپى بېلىمىنى يىغىپ ئىيقاندا يۈرەك قېنىنى ئۆز خەلقىگە، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئەجىر-مىھنەتسىز، ئۈن-تىنسىز سەرپ قىلىدۇ… ئەنە شۇ كىشىلەرنى بىر توپ ياكى بىر جامائەت دېيىشكە توغرا كەلسە بۇ توپ-دەل «ئوقۇرمەن» لەر توپى ! «كىتابخان» لەر جامائىتى !

    بىز ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەرگە يىقىن بولغانلىقىمىزدىن، شۇلارغا خىزمەت قىلىپ، مۇشۇ كەسپنىڭ نېنىنى يەۋاتقانلىقىمىزدىن سۆيىنىمىز، ھەم پەخىرلىنىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزگە شۇ «ئۇلۇغ» لەرنىڭ قاتارىدا رەھمەت ئاتا قىلسۇن.

    ئەگەر سىز «ئوقۇرمەن»، «كىتابخۇمار» بولسىڭىز بىزگە قوشۇلۇڭ، بىزگە ئەگىشىڭ، بىزگە دىققەت قىلىڭ، بىزنى يىتەكلەڭ،. بىز سىزنى تولۇقلايمىز، سىز بىزنى تولۇقلايسىز. بىز بىرلىكتە ئۇچۇر دەۋرىنىڭ، زامانىۋىلىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي بوران-چاپقۇنلىرىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرايلى

    دۇكىنىمىز بۇندىن كىيىن ھەرخىل ئېتىبار بىرىش، ھەرخىل كىتابلارنى قەرەللىك ۋاقىت ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇپ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەكچى، تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز دۇكىنىمىز ۋە بلوگىمىزغا دىققەت قىلغايسىز.

كامالى ئىھتىرام بىلەن: قەشقەر «ھېيتگاھ» تەڭرىتاغ كىتابخانىسى ، كىتابپۇرۇش بلوگى

无觅相关文章插件,快速提升流量


بۇ كىتابنى ئوقۇغان بولسىڭىز تەسىراتىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ .