يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:سېنتەبىر - 26 - 2011 ئىنكاسسىز

ھايات تەلقىنلىرى (رۇبائىيلار)

ئابلىمىت مۇھەممەد ئەمىن

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى

2010-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى 3-ئاي 1-بىسىلىشى

تىراژى: 001-3000

32 فورمات،  9 باسما تاۋاق

ھەممىسى: 254 بەت

ISBN:  9787563123837

باھاسى: 46 يۈەن (قاتتىق مۇقاۋا)

ھايات تەلقىنلىرى

رۇبائىيلار

ھەر جاننىڭ ئۆزگىچە بۇلىدۇ غېمى،
جاھاندىن كىم غەمسىز ئۆتۈپتۇ قېنى؟
غەم، شادلىق خاكىدىن يارالغان ئىنسان،
رىيازەت دەشتىدىن تاپار بەختىنى.

ئاۋامنىڭ دەردىگە بولغىن ھەمنەپەس،
نام- شۆھرەت تەختىگە قىلمىغىن ھەۋەس.
دۇنيانى بىر ۋاراق ئاق قەغەز دېسەڭ،
سەن ئۇندا ياخشى ئىز قالدۇرغىن پەۋەس.

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن دۈشمىنىڭ زېرەك،
ئۇ ئادەم ئەقىلىدىن بېردۇ دېرەك.
ئۆزۈڭگە كۆرۈنمەس ئاجىزلىقىڭنى،
كۆرسىتىپ بېرىدۇ بۇلۇپ بىر ئەينەك.

مېۋىسىز بولسىمۇ كېرەكتۇر تېرەك،
چۆلدىكى تاشنىمۇ دېمە بىكېرەك.
خەسىنىڭمۇ قىممىتى گاھىدا ئالتۇن-
دەپ بىلەر يىراقنى كۆزلىگەن زېرەك.

ئېغىزدا نى ئۆتكەل – داۋاندىن ئاشتۇق،
مۈشكۈلگە دۈچ كەلسەك، تايدۇق، ئاداشتۇق.
دەرىخا،پۇت- قولدىن كەتكەندە ماغدۇر،
پۇشايمان ئىلىكىدە ساقال سىيلاشتۇق.

دوستۇڭنى مۇھەببەت- نەپرەتتە سىنا،
مۇھىمى دەردۇ غەم، كۈلپەتتە سىنا.
پۇل- مېلىڭ بارىدا «ۋاي» دىگەن دوسىتنى،
بېشىڭغا خەستىلىك يەتكەندە سىنا.

بىراۋغا يېلىنماي كۈچۈڭنى خار قىل،
ئۇ بىرلە بىر ئىشچان دىلىبەرنى يار قىل.
مېھنەتكەش ئاتاڭنىڭ ئۈمىدى ھەم شۇ،
ھەر مەھەل تىرمىشىپ يۇقۇڭنى بار قىل.

مەردلەرچە ئات سېلىپ قىلالىساڭ جەڭ،
ئېگەر باش مۈشكۈلمۇ بولسا ئىرادەڭ.
بۈگۈننى بوش قويىما ئەتەڭنى كۈتۈپ،
ئېچىلسۇن پورەكلەپ خۇش پۇراق لالەڭ.

جان زاتى ئەزەلدىن ھاياتقا قانماس،
ئۆمۈرنىڭ چىرىغى قايتىلاپ يانماس.
مەيلى كىم تارتىشسۇن ھايات مېھرىگە،
سائىتى توشقاندا كەتمەكلىكى راسىت.

توپلىغان بىساتىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەس،
قالدۇ بىر كۈنى توختىسا نەپەس.
ھەققى بار تۇز بىرىپ ئۆستۇرگەن ئەلنىڭ،
بېخىللىق چۆلىگە قىلىمىغىن ھەۋەس.

بەخىتكە يارالغان ئىنسان مەن دېمە،
تەرىڭسىز شاخلاردا كۆرۇنمەس مېۋە.
تۇت ئەستە، شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى،
تۇپراقتا مېھنەتسىز ئۈنمەس ھېچنىمە.

كەمسىتمە مەجرۇھنى ئۇ قۇچسا شەرەپ،
ئەل ئاڭا ياڭراتسا ئالقىش ھەسسىلەپ.
ئۆزۈڭچۈ، بېجىرىم – ساغلام تەن تۇرۇپ،
نەلەردە يۈرۈيسەن تېنەپ –تەمتىرەپ؟

غۇسىسىدىن ئادەمنىڭ قاتقاندا بېشى،
خوپ بۇلۇر يېنىدا بولسا دىلكىشى.
ھال- مۇڭغا يارماس ھەممىلا ئادەم،
تۆگىنىڭ مازاردا نە بولۇر ئىشى؟

نە ھاسىل گەر ئىنسان بولسا تىلەكسىز،
« تىلەكسىز ئىنسان ئۇ بولۇر كىرەكسىز».
كۆتۈرگىن قەددىڭنى، تىلەكتىن يول ئاچ،
قاي قۇغۇن ئوخشىغان تەرسىز – پىلەكسىز؟

كىشىنىڭ تونىدا تەرلىمەھەرگىز،
ھەتتاكى تۈگمىمۇ ئەمەس مىھنەتسىز.
مۇرادىڭ ھاسىلىن مېھنەتتىن ئىزدە،
شۇندىلا ياشايسەن بەختىيار، غەمسىز.

ئىزدىسەڭ ئەل ئىچرە بولماقنى ئەزىز،
كىشىگە كۆكسۈڭنى يار قىلما ھەرگىز.
ئەل سېنى باغرىغا ئالمىسا ئەگەر،
نېمە بار سېنىڭدىن ئارتۇق قەدىرسىز؟

بۇ ياشلىق چېغىڭنى ئارزۇلاپ پەقەت،
كۈتسەڭمۇ پەلەكتىن يەنە بىر نۆۋەت.
زاۋاللىق چۆلىگە تاشلايدۇ سېنى،
چۈنكى يوق پەلەكتە قىلچە شاپائەت.

داۋامى بار…

بۇ تۇنجى كىتابىمنى ماڭا قانداق ياشاشنى ئۈگەتكەن مەرھۇم دادام مۇھەممەت قارىمىنىڭ، مەرھۇم ئانام خەلچىخان ھەسەننىڭ يارقىن خاتىرسىگە بېغىشلايمەن.
ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىن

«ھايات تەلقىنلىرى» ھەققىدە ئىككى كەلىمە تەلقىن

پولات ھېۋزۇللا

مانا ئالدىمدا ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىنىڭ رۇبائىيلار توپلىمىنىڭ ئارگىنالى تۇرۇپتۇ. ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن كونا تۇنۇشلاردىن بولساممۇ، ئەمما ئۇنى شائىر سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى كارخانىچى سالاھىيىتى بىلەن تۇنۇيتۇم راسىت،مەن ئۇنىڭ رۇبائىيى يازدىغانلىغىنى بىلمەيتىم ھەم بىر نەرسىلەرنى يازدۇ، دەپ خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەيتىم.لىكىن ئۇنىڭ ناخشا- مۇزىكا ئاڭلاشقا،كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى، يازغۇچى- ئەدىپلەرنى يىغىپ سورۇن ئۇيۇشتۇرۇشنى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش ھېساپلايدىغانلىغىنى، ئەدەبىيات ھەققىدە پاراڭلىشىشقا ئامراقلىقىنى ناھايتى ئوبدان بىلەتتىم.ئۇنىڭ ئېغىزىدىن يازغۇچى- ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇرھېم ئۆتكۈر،ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن، تۇردى سامساق، ھاجى غۇپۇر ئۆمەر…. قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمسۆھبەت-مۇلاقاتلىرىھەققىدىكى ھاياجانلىق ئەسلىملىرىنى كۆپ ئاڭلايتىم بۈگۈنكى دەۋىر يازغۇچى- قەلەمكەشلىرىدىن ئەختەم ئۆمەر، پەرھات جىلان، ئەخمەت ئىمىن، ھەبىبۇللا مۇھەممەت، مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەت، ئەزىزى …. قاتارلىقلار بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا،ئۇلار بىلەن ئەدبى سۆھبەتلەردە بۇلۇپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدىم. شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەبىئيى يۇسۇندا ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي مۇھىت،جۈمىلىدىن، ئوقۇغان كىتاب ۋە شېئىرلىرىمىز ھەققىدە كۆپ پاراڭلىشىپ قالاتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رۇبائىي يېزىپ كېلىۋاتقانلىغىدىن ھەققەتەن خەۋىرىم يوق ئىدى.چۈنكى،ئۇ تېخى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ماڭا بىر نەرسە يېزىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپمۇ باقمىغانىدى. بەلكىم دەسلەپكى چاغلاردا ئېلان قىلىش ئۇيدا بولمىغان بولساكىرەك. چۈنكى،يېزىپ تاشلاپ قۇيدىغانلارمۇ كۆپقۇ.
ئىككى يىللار ئىلگىرى بولسا كىرەك، ئۇ باشقىلارنىڭ مەتبۇئاتقا ئاپىرىپ باققىن، دەپ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ناھايتى تارتىنغان ھالدا رۇبائىيلىرىنى ماڭا كۆرسەتتى. رۇبائىيلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن، بۇ رۇبائىيلارنىڭ خېلىلا ياخشى چىققانلىقىنى ئېيىتقىنىمدا، ئۇ پەقەت مىېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ شۇنداق دەۋاتىدۇ، دەپ قارغانمۇ-قانداق، بىرخىل ئوڭايسىزلانغاندەك بۇلۇپ قالغاندى. ئەمما، مەن شۇ چاغداچىن، سەممىي نىيىتىم بىلەن شۇنداق باھا بەرگەندىم «رۇبائىيلار مەتبۇئات يۈزدەئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى قوزغالغان ئىنكاسلار مېنىڭ بۇ باھايىمنىڭ توغىرلىقنى ئىسپاتلىدى»
ھەققەتەنمۇ، مېنى قايىل قىلغىنى بۇ رۇبائىيلاردىكى رەڭدار تىل، بەدئىي شەكىلىدىكى گۈزەللىكلا بولماستىن، بەلىكى ئاپتۇرنىڭ ئۆزىگلا خاس سەمىمىي، ئۆزگىچە پىكرى ئىدى.
نۇرغۇن رۇبائىي يېزىۋاتقانلارنىكۆردۇم.رۇبائىيلىرنى ئۇقۇدۇم. ئەمما بۈگۈنكى رۇبايئىيچىلىقىمىزدىن قايىل قىلارلىق تۇيغۇغا ئىرشەلمىدىم ئەلۋەتتە، مەن ئىنكارچىلىققا قارشى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى يېزىلغان رۇبائىيلىرىمىزغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، تارىختىن بېرى رۇبائىيچىلىغىمىزدا داۋام قىلىپ كەلگەن پەلسەپىۋىلىكنىڭ، مۇكەممەللىكنىڭ، شۇنداقلا تىل پاساھىتىنڭ زور دەرجىدە يىمىرىلىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس. كۆپلىگەن رۇبائىيلاردىكى يەڭگىلتەكلىك، مەنىسىزلىك، پۇچەكلىك دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.دېمەك،بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى بۇ ئەنئەنۋى شەكىل قەلەم ئەھلىدىن قان تەلەپ قىلىۋاتقان، جان تەلەپ قىلىۋاتقان ژانىردۇر. مەن شائىر ئابىلىمىت مۇھەممەت ئەمىنىڭ بۇ يولدىكى مەلۇم ئۇتۇقلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئوقۇرمەنلەرمۇ ئۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، ئۇتۇقنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېىخىمۇ ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق كىرەك.
بىزدە بەزىدە ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرنى رۇبائىيچىلىقتىكى ئۆلچەم قىلىۋىلىپ، ھەتتا ئۆمەر ھەييامچە پىكرىنى ئوتتۇرغا قۇيالمىسا رۇبائىي بولمايدىغاندەك ئويلايدىغانلارمۇ، رۇبائىيلارنىڭ ھەممسىگە شۇ ئۆلچەم بىلەن قارايدىغانلارمۇ بار. شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك، رۇبائىيلىرىمىزدا كونا، تەكرارلانغان پىكىرلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، بۇلۇپمۇ ، مەي- شاراپ، قەدەھ ھەققىدىكى رۇبائىيلار مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەن ئەلۋەتتە، كىلاسىكلاردىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە بەدئىي ماھارەتمۇ مۇھىم، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ھاسلاتتۇر. چۈنكى، رۇبائىيى ھاسلاتنى خېمىتۇرۇچ قىلدۇ. شۇنداق ئىكەن، رۇبائىي ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ يازىدىغان نەرسە ئەمەس. ئابىلىمىت مۇھەممەت ئەمىنىڭ؛

كۆرەمدۇ ئەل راۋا شۇنداق ئادەمنى،
كىشىگە سالساگەر بىھەد ئەلەمنى.
ئايلىنىپ كېتەرمىش پەلەكمۇ تەتۈر،
مىسكىنىنڭ كۆزىدىن بايقىسانەمنى.

كۆزۈمنى قىزارتماس ئۆزگىنىڭ پۇلى،
چۈنكى مەن ئەمەسمەن نەپسىمنىڭ قۇلى.
ئىنساندەك ياشاشنى شەرەپ بىلمىكىم،
مانا بۇ پېقىرنىڭ تاللىغان يولى.

كۆزۇمنىڭ ئاچچىقى يېشىڭدىن چىقار،
بەزدە دۈشمىنىڭ قېشىڭدىن چىقار.
كۆڭۈلنىڭ كەينىدە يۈرسەڭ بىر ئۆمۈر،
پۇشايمان تۈتۈنى بېشىڭدىن چىقار.

دېگەندەك كۆپ قىسىم رۇبائىيلىردىن ئۇنىڭ بۇ تەرەپكە ئالاھدە دىققەت قىلغانلىقىنى، يەنى ئەل ئچىگە چوڭقۇر چۆككەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس.
ئۇنىڭ تۇنجى بىر يۇرۇش رۇبائىيسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن،ھەر قايسى ژۇرناللاردا ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ تۇردى جەمىيەتتىمۇ خېلى ياخشى ئىنكاسلار پەيدا بولدى.مانا ئەمدى توپلىنىپ كىتاب بولغىدەك بوپتۇ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ھەققىدىكى باھايىمنى ئاكتىپلىق بىلەن يېزىققا چۇشۇرمەكتىمەن.
مەن ئۇنىڭ رۇبائىيلىرنى ئۇقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ھايات ھەققىدىكى سەمىمى ھاسلاتلىرنى ھېس قىلدىم،ئۇ ئۆزنىڭ كۆپنى كۆرگەنلىگى ۋە تۇرمۇش رىيازەتلىرى بىلەن كۆپ ئۇچىراشقانلىغى سەۋەبلىك رۇبائىي يازىدىغان بۇلۇپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئالى مەكتەپ يۇزىنى كۆرمىگەنلىگىنى بىلمەن، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۆگۈنىشنى بۇرىچ قىلغان ئەقىلى توختاپ قالغىنى يوق، شۇنداق،ئۇ ھايات قانۇنيەتلىرنى ئۈگەندى،قەلبىدىكى كۈرمىڭ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇدى، ئىزدەندى،ئىزچىل تەپەككۇر قىلدى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن پات- پات ئۇچىرىشىپ تۇراتتىم، چۈنكى، ئۇنىڭ پەلسەپىۋىلىككە تۇيۇنغان قىسقا،دانە دانە سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم .ئۇنىڭ يېشىغا قارغانداكۆرگەنلىرى كۆپ ئىدى ھەم ھاياتنى ھەر بىرتەجىربە –ساۋاقلىرى ئارقىلق ئۈنۈملۈك خۇلاسلاپ ماڭغاچقا، ھايات يۇلى يەنلا راۋان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئويلىغان قاراش قۇغلانمىلىرى كۆمۈلۇپ قالسا بولمايتى.
مۇشۇ مەندىن ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ كىچىكىپ بولسىمۇ ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كىلىشى ئادەمنى خوشال قىلاتتى.بىزدە پۇل تاپقاندىن كىيىن قەلەمنى تاشلىغانلار خېلى بار. ئەمما ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىن ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتتى.ئۇ ئىقتىسادى جەھەتتە مەلۇم ئاساسقا ئىگە بۇلۇپ بولغان ئادەم.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمىرىنى يەپ- ئىچىپ، ئويناپ-كۈلۈپ ئۆتكۈزسىمۇ بۇلۇۋىرىدۇ.ئەمما،ئۇ بۇنداق قىلمىدى ھاياتنىڭ پەيزىنى ماددى بايلىقنىڭ داقا- دۇمباقلىرى ئەمەس،مەنىۋى بايلىقنىڭ ئىزتىراپ –تەشۋىشلىرىدىن ئىزدىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.
ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىسادى جەھەتتە نامرات، ئەمما مەنۋى جەھەتتە ناھايتى باي بىر ئۆلىمانىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان.ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى بىلىم ئەھلىلىرىدىن بىرى بولغان دادىسى مۇھەممەت قارىم خوتەندە يۈز بەرگەن ۋابا سەۋەنلىك كىچىكلا يېتىم قالغان بۇلۇپ، توققۇزياشقا كىرگەندە يۇرتى خوتەن تەۋەككۈلدىن چىقىپ كەتكەن ۋە تۇرپاننىڭ تۇيۇق غۇجام مەدرسەسىدىكى داڭلىق مۇدەررىسھەمدۇللا قارھاجىمدىن بەش يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا جەمئىيەتكە قەدەم قۇيۇشىۋە قابىل ئۇستازدىن ئىلىم تەھسىل قىلىشى ئۇنى كىيىنكى يىللاردا ئەقىل –پاراسەتلىك، بىلىمخۇمار زات سۈپىتىدە كىشلەرگە تۇنۇتقان شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى يىراق- يېقىندىن ئىزدەيدىغانلار كۆپ بولغان، ئۇنىڭ ئۆيدە يۇرت-يۇرىتلاردىن كېلىپ جەم بولغان ئۆلمالارئاراھار خىل ئىلمىي ئەنجۈمەنلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان.بۇنداق ئىلمىي موھىت ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىنىڭ قەلبىگىمۇ كىچىكىدىنلا ئۆچمەس ئىشتىياقنى سالغان.
ئۇ پاراڭلىرىمىزنىڭ كۆپۈنچىسدە دائىم ئەنە شۇ ئەنجۈمەنلەرنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىرىنى ،1998 –يىلى 114 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن پەدەرى بۈزۈكۋارنىڭ ئاجايىپ ئىلىمىلىك زات ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن ھېكىمەت،نەسھەت تۈكۈلۈپ تۇردىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ياشاش، قاراشلىرىغا ناھايتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆپ تىلىغا ئالاتتى. شۇ سەۋەبىلك كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ قەلبىدە ئەدەبىياتقا بولغان ھېرىسمەنلىك جۇغلانغان. يەنە بىر جەھەتتىن، تۇرمۇش يۈكىنىڭ بالدۇرلا ئۇنىڭ زىمىمسىگەچۈشۈپ،ھاياتنىڭ جانلىق كىتابىدىنبىلىم ئېلىشقا باشلىشى بۇ جۇغلىىنشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. شۇڭا ئىنىڭ يا زمىلىرىدا ھايات ھەققىدىكى تەلقىنلەر، پەلسەپىۋى قاراشلار ئاساسى ئۇرۇندا تۇردۇ. قاراڭ؛

نېمىشقا بىر خىللا تۇرسەن ياپياش،
نە خىسلەت بار سەندە ئېيىتقىنا قۇياش.
بىر شېرىن چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ باقسام،
سەن تېخى ئۆز پېتىڭ،مەن بولسام ئاقباش.

بۇ رۇبائىيلار قاچاندىن تارتىپ يېزىلىشقا باشلىغانلىغىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ ھاياتقا بۇلغان ئاكتىپ پوزىتسيەسىنى يېڭى بىر كۈنگە ئەھمىيەتلىك ھالدا يۈزلىنىشتىن باشلاپ ئىپادىلەشنى ئۆزنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئادەم.چۈنكى ئۇ يېڭى بىر تاڭنىڭ باشلىنىشىنى زارىقىپ كۈتدۇھەم تاڭ بىلەن تەڭ ئاكتىپ ھالدا يېڭى بىر كۈنگە يۈزلىندۇ، ھەر بىر كۈننى يېڭىچە ھېكىمەت بىلەن روھنى يۇيدۇ، ئۈمىدۋارلىق، قىزغانلىق بىلەن ئالغا چامدايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر قاچان كاكلىسى خۇددى ئەتكەنلىك ھاۋادەك ئۇچۇق تۇردۇ. شۇڭا تۈنۈگۈنكى كەچمىشلىرى، تۇيغۇلىرى بىلەن بۈگۈنكى پىلانلىرى ئۇنى ئارامىغا قۇيمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىئىختىيار ھالدا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ قالدۇ، نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئويلىغانلىرىنى رۇبائىي قىلىپ پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن يېڭى بىر تاڭنى كۈتۈشكە باشلايدۇ، ئەتىسى يەنە ئۇنىڭ ھايات رىتىمى بىلەن ەڭ سوققان يۈرىكى ۋۇجۇدىدا غەليان قوزغاپ،ئويلىغان ھېس قىلغانلىرىنى قەغەزگە قۇندۇرۇشقائۈندەپ تۇردۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر كۈنى مانا مۇشۇنداق ئىزتىراپ، ھاياجان ئىلىكىدە ئۈتىدۇ،
شۇنداق، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال تۇرمۇشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچى، تۇرمۇشتىن ئالغان تەسراتلىرىنى چىنىلق بىلەن ۋاقتىدا يەنە ئۇقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغۇچى.
ماڭا ساقىي ئارام جامدامەي كەلتۈر،
خۇمارىم تا بېسىلغۇچە ئىچەي، كەلتۈر.
يېتىپ بۇدەم ئاۋامنىڭ دەردى- ھالىغا،
چالاي بىر پەس كۆڭۇل زەۋقىگە، نەي كەلتۈر،

ئۇ قاق سەھەردىن باشلاپ كەچ كىرگۈچە ئالدىراش يۈرىدۇ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر تاللاشلاردا يۈز بەرگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلاپ ئۆزىگە تۇشلۇق ھاسىلاتلارنى يىغىپ ماڭدۇ. يەنى ئۇ تۇرمۇشقا خۇدەى ھەسەل ھەرىسىنىڭ توختىماي شىرنە يىققىنىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ باشقىلارغا قارغاندا ھەر –خىل مۇئامىللەرگە توختىماي قاتنىشىپ كۆپ زىيارەت قىلدۇ، زىيارەت قىلىش دائىرىسى ھەممە تەرەپكە چىتىلىدۇ قانداقتۇر ۋەقەلەردىن ئالغان تەسىراتىنى تېزلا كۆڭۈل دەپتىرىگە تىزىۋالدۇ، ئاندىن ھەيدەپ كېتىۋاتقان ماشنىسىنى تولنىڭ بويىدا توختىتىپ ياكى سۇرۇندىن ئاستاغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كۆڭۈل دەپتىرگە تىزىۋالغانلىرىنى قەغەزگە چۈشۈردۇ. ئۇنىڭ؛

كۆڭلى ئالالەردىن يىراق تۇر ئىنسان،
ئىشقى بالالەردىن يىراق تۇر ئىنسان.
ھەرنە ئىش قىلساڭ ئۆزەڭ قارار قىل،
دەي-دەي سالالەردىن يىراق تۇر ئىنسان.

جاھاندىن يىغلاپ يا كۈلۈپ كىتەرمىز،
بىر مەيىن شامالدەك ئۈتۈپ كىتەرمىز.
نى يىتكەن مال- دۇنيا تېپىلغان بىلەن،
ئەمما،بىز تېپىلماي يىتۈپ كېتەرمىز.

دېگەندەك، رۇبائىيلىرنىڭ قايسىبىرى شۇنداق يېزىلمىغان دەيسىز؟
ئۇنىڭ ھەر بىر كۈنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۇزۇن، ئۇھەر بىر كۇندە نۇرغۇن ئىشلارنى پۈتتۈردۇ،بۇ ئادەت ئۇنىڭ تىرىشچانلىغىدىن ھەم ئەنئەنۋىتۇرمۇش ئادىتىمىزدىن كەلگەن.
تەتقىقاتلارغا قارغاندا، يېسى قىرىقتىن ئاشقاندا قولغا قەلەم ئالغانلارنڭ يازمىلىرى تەبىئي يۇسۇندا پىششىق، مېغىزلىق بۇلىدىكەن. بەلكىم بۇمۇ توپلانغان تەجىربە- ساۋاقلار بىلەن مۇناسۋەتلىك بولسا كىرەك.ئابىلىمىت مۇھەممەت ئەمىنىمۇ يېشى قىرىقتىن ئاشقاندا يېزىلغان رۇبائىيلىرى بىلەن دىققىتىمىزنى تارتىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇ قەلەم ئىشقىدا قانائەت ھاسىل قىلدىغانلاردىن ئەمەس.
چۇنكى ئۇ؛
نى ئىشىم چالىسى قاپتۇ ئويلىسام،
بارمىدۇ ئالەمدە مەن كەبى بىر خام.
نە پىكىريۈرگۈزەي ئۆزەم ھەققىدە،
تېخى بىر كېسەكچە قۇپۇرماستىن تام.

دەپ قارايدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭ يۈرىگى تىپىرلاپلا تۇردۇ، يېڭى – يېڭى ئىلىھاملار بىلەن سۇقۇپلا تۇردۇ. بەلىكىم، ئۇنڭ بۇ تۇنجى رۇبائىيلار توپلىمى «ھايات تەلقىنلىرى» دىكى رۇبائىيلارمۇئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىيىتىدىمۇ تەپەككۇر دولقۇنلىرى پەيدا قىلىپ، قەلىب گۈلشىنى ئارا خۇش پۇراق گۈللەرنى ئېچىلدۇرسا ئەجەب ئەمەس.
مەن شائىر قەلىمىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ يېڭى مەنلەر بىلەن چاقنىشىغا تىلكداشمەن؛
كىرىش سۆز ئورنىدا

بۇ رۇبائىيىلار توپلىمىغا كىرىش سۆز يېزشىمىنىڭ ھاجىتى بارمۇ –يوق، دەپ خېلى ئويلاندىم. چۈنكى كىرىش سۆز دەپ قۇرۇق، مەقسەتسىز بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قۇيسام، بۇ ئۈزەمگىمۇ، كىتاپخانلارغىمۇخوش كەلمەيدىغان بىر ئىش بۇلۇپ قالارمىكىن، دەپ دېلىغۇل بۇلدۇم، شۇڭا يازمىلىرىمنى ۋاراقلاپ خېلى ئۇزۇن سۈكۈتكە پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ناھايەت،مۇشۇ سۈكۈتنى ئاستا-ئاستا قەلبىمدە نېمىلەردۇر قىمىرلىتىپ، قۇلۇمغا قەلەمنى تۇتقۇزدى ۋە بۇ كىرش سۆز يېزىلىپ قالدى.ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتى ئۆزىگە خاس، ھېچقاچان بىراۋنىڭ ھاياتى يەنى بىراۋنىڭ ھاياتى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ ھەم بۇلىشى مۇمىكىن ئەمەس، مەنمۇ بۇ ھايات مۇساپەمدە ئۆزەمگە خاس ھايات سەپىرىمنى داۋام قىلىپ كەلمەكتىمەن. بۇ سەپەر ئۆتەڭلىرىدە تالاي جەبىر- جاپالار، قايغۇ- ھەسىرەتلەرنىڭ،شۇنداقلا تالاي بەخىت- ئامەتكار، كۈلكە- سۆيۈنىشلەرنىڭ ئىزلىرى قالدى.
مەن 1958 –يىلى ئۈرۈمچىدە مۇھەممەت قارىم ئىسىملىك دىنىي ئۆلىما ئائلىسىدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن، شۇ چاغدا پەدەرى بۈزۈكۋارىم 74 ياشقا كىرىپ قالغان بۇلۇپ، ئۇ پىشقان ھايات تەجىربىلىرى، پاساھەتلىك سۆز – نەسھەتلىرى بىلەن كىچىكىمدىن باشلاپلا ماڭا قانداق ئادەم بۇلۇش، قانداق ياشاش ھەققىدە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەندى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى كۆپ سۆزلەپ بىرەتتى.
دادام ئەسلى خوتەننىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا 1884 – يىلى تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇ خوتەندە يۈز بەرگەن ئېغىر ۋابا سەۋەبلىك كىچىكلا يىتىم قالغان بۇلۇپ، توققۇز ياشقا كىرگەندە تەۋەككۈلدىن چىقىپ كىتىپتۇ ۋە ئۇياق – بۇتاقلارنى ئايلىنىپ دېگەندەك تۇرپاننىڭ تۇيۇق غۇجام مەدرسەسدىكى داڭلىق مۇدەررس ھەمدۇللا قارىھاجمنىڭ يېنىغا، كىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا شاگىرتلىققا كىرىپتۇ. بۇ يەردە بەش يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، خېلى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جەمىيەتكە ئارلىشىش دائىرسىمۇ كېڭىيىپتۇ. ھەققەتەنمۇ دادامنىڭ كىچىك تۇرۇپلا جەمىيەتكە قەدەم قۇيۇشى ۋە قابىل ئۇستازدىن ئىلىم – تەھسىل قىلىشى ئۇنى كىيىنكى يىللاردا ئەقىل – پاراسەتلىك، بىلىمخۇمار زات سۈپىتىدە كىشلەرگە تۇنۇتقاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن يىراق- يېقىندىن بىزىنىڭ ئۆيگە كېلىدىغانلار كۆپ ئىدى. داداممۇ ھەر قانداق ئىزدەپ كەلگۈچىگە قىزغىن، ئۇچۇق قول بۇلاتتى.
شۇنداق، دادام ئاجايىپ پەزىلەتلىك، ئاقىل ئادەم ئىدى. ئۇ چوڭچىلىقنى بىلىمەيتى، كىبىرلىنىشنى، ھاكاۋۇرلىقنى تېخىمۇ بىلمەيتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە،دادام پات- پات يىرتىق چاپان ، سالۋار تۇماقلارنى كىيگەن، ئۈستىبېشى كۆرۇمسىز ئاللىمىكىملەرنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ قالاتتى ۋە ئۇنىڭ ياقا يۇرتتىن كېلىپ، ئۈرۈمچى كۇچىلىرىدا تېنەپ – تەمتىرەپ، ئاچ- توق قالغانلىقىن بىلىپ، ئۇنىڭغا تاماق قىلىدۇرۇپ بىرەتتى، قۇنىدىغان يېرى يوقلارنى قوندۇرۇپ،ئەتىسى ئىسسىق تاماق بىلەن مېھمان قىلىپ يولىغا سېلىپ قۇياتتى. شۇ سەۋەبىلىك دادامنىڭ بەزى يېقىنلىرى «مۇھەممەت قارىم ئادەملەرنىڭ ئۈستىبېشىغا قاراپ ئارلاشسا بۇلاتتى…..»دەپ نارا زى بۇلۇشاتتى. ئەمما، دادام تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بۇ ئادەتنى تاشلىماي ئۆتتى، مەيلى نامىرات بولسۇن، مەيلى قەلەندەر بولسۇن، داستىخىنىمىزدىن مېھمان ئۈزۈلمەي تۇردى. شۇڭا دادامنى ئىزدەيدىغانلار كۆپ ئىدى، ئۆيىمىزدە بۇلىدىغان سۆھبەت- مۇتائىلەلەر كۆپ ئىدى، ئەمدى تەن ئېلىۋاتىمەنكى، دادامنىڭ 114 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈشىگىمۇ يۇقىرقى ياخشى خىسىلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكىمەتلەر جەملەنگەندۇر،بەلكىم’
ئەلۋەتتە دادام ھاياتىدا راھەتتىن جاپانى كۆپ كۆرگەن ئادەم. مەن ئەقىلىمگە كەلگەندە، يەنى 1968 –يىللىرى ئۇ 84 ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارماي تاش كولايتى.شۇ چاغلاردا مەنمۇ ئاران 10 تاشقا كىرگىنىمگە قارماي ئۆزەم بىلەن تەڭ تاشلارنى دۇمىلىتىپ،چېقىشىپ ئۇنىڭغاتاردەملىشىشىنى باشلىۋەتكەندىم. ئاردىن ئىككى يىل ئۆتكەندە تارقاقلاشتۇرۇش شامىلى بىلەنبىز ئۈرۈمچىدىن لۈكچۈننىڭ دۇمبۇلچۇققا دېگەن يېرىگە بېرىپ قالدۇق ۋە ئېغىر ئېتىز- ئەمگەك ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتۇق.بۇ جەرياندىمۇ مەن دادام قۇناق چاپسا قۇناق چېپىپ، ئورمائورمائورسا ئورما ئۇرۇپ، قىغ يۈدۈسە، قىغ تۈدۈپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ياردەمدە بولدۇم. بىريىلىدىن كىيىن، بىز ئۈرۈمچىگە قايتىپ چىقتۇق ۋە لىيۇداۋان كۆمۈر كاندىن ئېشەك ھارۋىسى بىلەن شەھەر ئىچىگە كۆمۈر ئەكىلىپ ساتتۇق. بۇ مىنىڭ 13 ياش مەزگىلىم بۇلۇپ، ئاساسلىق ئىشلارنى يەنلا 87 ياشلىق دادام قىلاتتى. بۇ بەك ئىغىر ئىش بولغاچقا، كېيىنچە مەن بۇلاق بېشى «سەنشىخاڭزا» دايايما ئېچىپ، ماشنا شارلىرىنى سېتىپ باققان بولساممۇ، قاملاشتۇرالمىغاچقا، يەنە دادام بىلەن تاققا چىقىپ تاش چېقىشقا مەجبۇر بولدۇق. شۇ چاغلاردا بىر كۇب مېتىر تاش چاقساق ئىككى سوم برىلەتتى، تاڭ سەھەردىن تا كۈن پاتقۇچە چاقساق، بىر كۈندە دادا- بالا ئاران يەتتە- سەككىز سوم ئالاتتۇق….
شۇنداق قىلىپ مەن 20 تاشلارغا كىرىپ قالدىم، ئەمدى ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر ئىشلىرىنى زىممەمگە ئېلىشىمغا توغرا كەلدى، شۇڭا 1978 –يىلىدىكى ئۇلانباي سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا بىر يىل ئىشلىدىم. 1979 يىلى ئۇن زاۋاتىغا چىقىپ تاغار يۈدۈدۈم، 1980 – يىلى ئۇلانبايدا مومياغاچ يۆتكىدىم…..
دادامنىڭ ھاياتىمۇ ۋە مېنىڭ ھاياتىممۇ جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە داۋام قىلىپ 1980- يىللارغا ئېرىشىۋالدۇق. بۇ چاغدا دادام 90 نەچچىلەرگە كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما، يەنلا تىتىك، ئەقىلى ئۇچۇق ئادەم ئىدى. مۇشۇ يىللاردا دادامدىن قالسا مېنى ئەڭ قوللىغىنى ئىككىنچى ئۇستازىم ھاجى غۇپۇر ئۆمەر بولدى. مەن ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن مۇناسىۋەت دائىرەمنى كېڭەيتىشكە مۇيەسسەر بولدۇم ۋە ئۆزەم ئەڭ قىزىقىدىغان باسما بۇيۇملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنغا، يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باسما زاۋۇتىغا ئۇرۇنلاشتىم ھەم بۇ يەردە 10 يىلىدەك ئىشلەپ قالدىم.كېيىن « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» باسما زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش بۈلۈمىگە ئۇرۇنلىشىپ، بىر يىلىنى ئۆتكۈزۈپلا يېنىپ چىقىپ، مۇستەقىل ھالدا باسما زاۋۇتى قۇرىۋالدىم. شۇنىڭغا ئەمىنمەنكى، داداممۇ 110 يېشىدىن ئاشقاندا ئۆز ئوغلىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى ۋە مەندىن خاتىرجەم بولغان ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
دېمەك، مەن بىلىمخۇمار قابىل دادا، تەلەپچان ئۇستازنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئائىلىمزدە دىنىي ئىلىمدىن ساۋاتلىق بۇلۇپ، نەۋائي، ھاپىز، بېدىل، رۇمى، سۇپى ئاللايار، مەشىرەپ…. قاتارلىق كىلاسىسك شائىرلار بىلەن تۇنۇشتۇم. كېيىنچە يەنە قابىل ئۇستازىم، مەرھۇم ھاجى غۇپۇر ئۆمەرنىڭ قىزغىن قۇللىشى، رىغىبەتلەندۇرۇشى بىلەن ئۇنى – بۇنى يېزىپ قالىدىغان بولدۇم ۋە 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىر قىسىم يازمىلىرىم« شنجاڭ گېزىتى» ، « شىنجاڭ سەنئىتى»،« شىنجاڭ مائارىپى» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.
مەرھۇم ئۇستازىم ھاجى غۇپۇر ئۆمەر مەندىكى ئەدەبىي قىزغىنلىققا ئىلھام بىرىش ئۈچۈن ئۆزى ئەدەبىيات دەرىسى بېرىۋاتقان سىنىپقا مېنىمۇ باشلاپ كىرىپ، تەپەككۇرۇمنىڭ ئېچىلىشىغا ناھايتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. مەرھۇم تېيىپچان ئېلىيېف، ئابدۇكېرىم خوجاتوفتەك پېشقەدەم شائىرلار بىلەن مۇشائىرە، سۆھبەت بولغان سورۇنلارغا مېنىمۇ ئېلىپ بېرىپ، قەلبىمدىكى ئەدەبىيات ئۇتىنى يالقۇنلاتتى.
دېمەك، ئالدى بىلەن مېنى ئادەم قىلىغان مەرھۇم دادامنى، ئاندىن مەرھۇم ئۇستازىم ھاجى غۇپۇرنى ئەسلەپ ئۆتۈش زۆرۈريىتىدىن بۇ رۇبائىيلار توپلىمىمغا كىرىش سۆز يېزىش كىرەك بولدى، بۇ قىسقىقىنە كىرش سۆزۈم ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى، سېغىنىشىمنى بىلدۇرمەن.
ئاپتۇردىن
2010 –يىل 21- يانۋار، ئۈرۈمچى

داۋامىنى كۆرۈڭ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

خەتكۈچلەر:

无觅相关文章插件,快速提升流量