يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 16 - 2011 2 ئىنكاسلىق

ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق

ئاپتورى: مۇھەممەدجان راشىدىن

ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق

(شېئىرلار توپلىمى)

شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى

2010-يىلى8-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى8-ئاي8 -بېسىلىشى

باھاسى: 15 يۈەن

تىراژى: 1-4000

ISBN: 9787537188647

سەن يوق يەردە

مۇھەممەتجان راشىدىن

ئېگىز تاغدىن باھار ئەجەب بالدۇر كېتەركەن،
باھار كەتسە كەچ كۈز ئەجەب بالدۇر كېلەركەن .
ئاتا كەتكەن ھويلىلارغا غېرىبلىق يېتىپ،
بالىلىرى يېتىم بولۇپ تېنەپ يۈرەركەن.

چىنار سۇنسا ياپراقلىرى شۇئان سولىغار ،
ئاتا ، سەن يوق ، ئۆيىمىزدە بوران ھۇۋلىغار.
يۈگۈرۈپ چىقسام باغدا سەن يوق ، ئېتىزدا سەن يوق ،
ئانام بىلەن ماڭا يىغا ئولىشار .

دېرىزەمدىن چۈشكەن ئاپتاپ ساڭا ئوخشايدۇ ،
ئاپتاپ كۆرمەي سولغان گۈللە ماڭا ئوخشايدۇ .
قانداق ئېيتاي ، سەن يوق يەردە بەختىمنى بار ، دەپ ،
بىلەلمىدىم ، كۆز ياشلىرىم قاچان توختايدۇ ؟

2008 – يىل 1- ئاينىڭ 2 – كۈنى

مەنبە:  http://alqi.d79.163ns.cn/simple/index.php?t5068.html

بۇ يازمىغا ھازىرچە 2 تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. ئوقۇرمەن مۇنداق يازغان:

    مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ «ھايات دىگەن مانا شۇ» دىگەن كىتاۋى بولسا چىقىرىپ قويسڭىز .