يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 16 - 2011 ئىنكاسسىز

ئۆمۈر مەنزىللىرى

ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

2008-يىلى7-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى3-ئاي3-بېسىلىشى

باھاسى: 18 يۈەن

تىراژى: 10000-8001

ISBN: 9787228116836

ئۆمۈر مەنزىللىرى (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

ئۆمۈرمەنزىلىدىن تىنماي قېدىردىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى.
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۇمنىڭ باشى بىسمىللاھ بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانايۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر.
قۇرۇق، تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل، ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەئۋايىمغا بۇرھانىم، مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى.

تەئەججۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇ قەسىدەمدىن،
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلەر ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى، ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئېرىتىش ۋە ياكى نىل،
جاھانداچەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى .

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرىز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇقەلبىمدە،
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى،
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .

سىراتەلمۇستەقىم تاپماق ئەگـئەربولسا نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سېنەمدە،
ئۇمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۇمىدىمگە يەنە كۆپراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

پىكىر دەرياسىغە قانچە تىرەن چۈمگەنسىرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە، يۇيۇلدى-تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشايمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىغە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن،
يېقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە،
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە،
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇتېخى ئازغىنە قەترە،
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھىكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق،
مىسال قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن ,قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق،
دېمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش،
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى،

مىسال بىر قەترەدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق،
ئانا قارنىدا بۇجانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق،
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۇكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە- تەھسىن،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن،
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى.
نىمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر؟
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر؟
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر؟
قېنى ئېيتىڭچۇ، بۇسىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەبىردۇر؟
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇسۈرەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،
لېكىن نەدە،  قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن؟
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن،
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.

ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،
دېمەك مۇمكىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنىي زۆرۈرەتنى.

قۇياشۇ ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئىتىپ ھەر كۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئىتەر ھەر كۈن،
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
يۇرۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى .

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر،
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھونۇز بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ,زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر،
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالەتنى.

مىسال پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇ مۆجىزاتلار زامانىنى،
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى ،
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان،
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان،
دىمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىھقان ھۇسۇل تولمايدۇ خامانغا،
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا،
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

ھاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر،
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كېمېيا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان،
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان،
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى «سۈرە ئەررەھمان»،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە «ما تۈكەززىبان»،
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ دەۋەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەئىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر،
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر،
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى .

ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر،
بىراۋلارقەسىت بىلەن قۇرئان بېتىنى قىلسىمۇ تەھرىر،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرىىپ,ۋە ھەتتا بىر زەبەر ۋە يا زىر،
چۈشەنمەك نەمۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە – كارامەتنى.

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات،
ئۇقۇپ بىركۈن «ئىقرە بىسمى رەببىكەللەزى»نى ھەيھات،
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات،
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇنياد،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇ تارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر،
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ،
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئېماسىنى ئەسلەڭ،
مىسال بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ،
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى.

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا،
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر,ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاھاندىن كەتتلەر لىكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
تاپالماس چۈنكى باتىللىق,ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە،
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قانائەتتە،،
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە،
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل , مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن, ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان, بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم,ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار،
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق,قىلىشقا نىمە ھەددىم بار،
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا, كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

مەنبە:  http://www.choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=1474