ئاپتورى: ياسىنجان سادىق چوغلان
شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى
2008-يىلى9-ئاي 1-نەشىرى
2008-يىلى8-ئاي1-بېسىلىشى
تىراژى: 001-5000
32 فورمات، 13.3 باسما تاۋاق
ھەممىسى: 424 بەت
ISBN: 9787228119011
باھاسى: 35 يۈەن (قاتتىق مۇقاۋا)
قىسقىچە مەزمۇنىبۇ كىتابتا، قادىر ئەپەندى ،زۆھرە خانىم ۋە ئۇلارنىڭ پەرىدە ، پەزىلەت ، پەخرىدىن ، پەخرىئاي قاتارلىق تۆت پەرزەنتىدىن تەركىب تاپقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سەرەگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق ، ھازىرقى كىشىلىرىنىڭ ئائىلە ، نىكاھ مۇناسىۋەتلىرى، ئەدەپ- ئەخلاق ، قائىدە يوسۇنلىرى ، كىشىلىك مۇناسىۋەت مىزانلىرى ، يەرلىك فولكلور ئادەتلىرى ، نىكاھ تۇرمۇش شەكىللىرى ؛ ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ نىكاھ ، ئائىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ؛ ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش يولىغا قۇيۇلغاندىن كېيىن شەھەر-يېزىلاردىكى تەرەققىيات ، قۇلغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ، كىشىلەردىكى ئىلغارلىققا ۋە مەدەنىيەتكە بولغان ئاكتىپ ئىنتىلىشلەر ؛ كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى ، دۇنيا قارىشى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، شۇنىڭدەك بىر قىسىم قالاق ، كونا ئادەت – يوسۇنلار يوشۇرۇن قامچىلانغان. مەنبە: كىتاب يۇرتى
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ-ئېلېكتىر تېخنىك مەكتىپىنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە «يۈرىكىم يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايە توپلىمى، «جانانغا يېزىلغان خەت»، «كاككۇك بالىسى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «سۈكۈتتىكى زېمىن» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «كۈيلەر خانىشى-ئاماننىساخان»، «ئادالەت ھامىيسى-سەئىدخان» قاتارلىق بالىلار پوۋېستلىرى، «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، «داۋان»، «جاللات خېنىم» (ئىككى توم)، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» (ئالتە توم) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.
مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى