يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ماي - 2 - 2011 ئىنكاسسىز

يىگانە ئارال

ئاپتورى: ئەختەم ئۆمەر

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

2009-يىلى8-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى8-ئاي2-بېسىلىشى

32 فورمات،  8.5 باسما تاۋاق

ھەممىسى: 266 بەت

تىراژى: 3000-7000

ISBN: 9787228114795

باھاسى: 24 يۈەن

«يىگانە ئارال»نى ئوقىغاندىن كىيىن ئويلىغانلىرىم

كۈزنىڭ باشلانغىنىدىن بەلگە بۇلۇپ،مېۋىلەرنىڭ پىششىغا ئەگىشىپ، يېشىل يۇپۇرماقلارتېنىدىكى قىلتىرىق تومۇرلار قېتىپ سېرىق يىپقا ئوخشاپ قالدى. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ دەرەخلەر غازان بۇلۇشقا تەمشەلدى.سەمىرگەن ھەرىلەر كۈزلۈك مىۋىلەر،قىشلىق قۇغۇنلارنىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپ ئالدىراپ ئۇچۇشقا باشلىدى…… رومان مۇشۇنداق باشلانغانىدى.مەن ئىلگىرى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نۇرغۇن ھىكايە -پوۋسىتلىرىنى كۆرگەنىدىم. بۇ قىتىم ئۇنىڭ تۇنجى رۇمانىنى ئۇقۇپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
بىر چاغلاردا بىزدە گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى دەيدىغان بىر مۇكاپات بار ئىدى.  قېرىندىشىمىزمامۇتجان داۋۇت ئۆزيېنىدىن پۇل چىقىرىپ تەسس قىلغان مۇكاپات بۇلۇپ سوممىسى يەرلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئىدى. شۇ مۇكاپاتنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى تۇرىدىكى مۇكاپاتقا  مەمتىمىن ھۇشۇر، زۇردۇن سابىر ۋە مۇشۇ ئەختەم ئۆمەر ئۇچى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ، ئاخىرى مەمتىمىن ھۇشۇرتاللانغان ئىدى. كىيىنكى نوۋەتلىكى چۇقۇم ئەختەم ئۆمەر بۇلىدۇ دىگەن گەپلەر تارقالغانىدى، ئەپسوس مامۇتجان ئاكىمىز بىر سەپەردە ۋەقەگە ئۇچراپ قازا قىلپ، مۇكاپاتنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇلدى( بۇ ئاكىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن)
يىگانە ئارال-ئەختەم ئۆمەر 2000-يىلى ئېلان قىلدۇرغان رۇمانى بۇلۇپ32 بابتىن تۇزۇلگەن ،ھەجىمى چوڭ ئەمەس پەقەت 302 بەت كىلىدۇ، بىزدىكى ئوتتۇراھال كىتاپ ھىساپلىنىدۇ. كىتاپ نەشىر قىلىنىپ ئالتە يىلدىن كىيىن يەنى 2006-يىلى بۇ كىتاپ بىلەن يۇز كۆرۇشۇپتىمەن.ئىلگىرى ئۇنىڭ بۇنداق بىر رۇمانى بارلىقنى بىلمەيدىكەنمەن ،  بىر قىتىم كىتاپخانىدا ئۇچراپ قىلىپ،زور قىزىقىش بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم. پۇتكۇل رۇماندا ئەيسابەگ ،مامۇت شەيىخ ۋە خىنىيا سايىت تىن ئىبارەت  ئۈچەيلەننىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى سۆزلىنىدۇ،ئوخشىمىغان سالاھىيەت،  شۇنداقلا ئوخشىمغان دەرۋىردىكى بۇ ئادەملەرنىڭ ھىكايىلىرى ھەم باغلىنىشقاھەم مۇستەقىللققا ئىگە بۇلۇپ، مامۇت شەيىخنىڭ ئەيسابەگنىڭ قىزى زۆھرە خىنمنىڭ ۋىسالىغا يەتمەك بۇلۇپ، تەجىربىلىك خىنيا سايىتنى ياردەمگە چاقىرىشىدىن ئىبارەت بۇ قىسمى ئەيسابەگ ۋە خىنىيا سايىتلارنىڭ ھىكايىلىرىنى بىر-بىرگە باغلاپ تۇرىدۇ.
رومانغا ئاپتورنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دولان يۇرتىغا دولان خەلقىگە چوڭقۇر مىھرى سىڭىپ كەتكەن.روماننىڭ باش قىسمىدا ئەيسا بەگنىڭ بىر ئون تۆت ياشلىق چوكاننى باشقىلاردىن ئىلىپ قىچىپ كەلگەنلىكى،لىكىن ئەيسا بەگنى يۇرت ئاتىسى دەپ بىلگەن ئەيسا ئاۋىتىدىكى بارلىق خەلىق بۇنىڭغا يۇشۇرۇن قارىشى چىقىدۇ، ھەتتا ئۇغۇللىرى بەزى خەتەرلىك ھەركەتلەرنى قىلدۇ، ئەيسا بەگ بۇلارنى كۆرۇپ يۇرتتتىن ۋاز كەچمەكچى بۇلىدۇ، ئاخىرىدا بۇ ئىشى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماي، كىيىن ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار گۈلھىپىزىخان-ئەيسا بەگنىڭ ئەپقاچقان خۇتۇنى ئۆلۇپ كىتىدۇ، ئاپتۇر بۇ يەردە ئەيسا بەگدىنمۇ ۋەياكى ئۇنىڭ تەرسا يۇرىتداشلىرىنىمۇ يامان كۆرمەيدۇ،چۇنكى ئۇلارئۇنىڭ قىرىنداشلىرى ئىدى.بۇ قىسمىدا يەنە دولان خەلقىنىڭ دۇنيا قاراش ۋە پەخىر -ئپتىخار-ئار نۇمۇس قاراشلىرى زوق بىلەن تىلغا ئىلنغان.
كىينكى قىسمىدا باشقا يۇرتتىكى مامۇت شەيىخ دەل مۇشۇ ئەيسا بەگنىڭ گۈلھىپىزىخاندىن بولغان قىزى زۆھرە خنىمغا كۇيۇپ قالىدۇ، ئەيسا بەگ بۇ قىزىنى ئۆز يۇرتىدىكى ئىسمايىل بەگكە چاي ئىچۇرۇپ قويغانىدى. مامۇت شەيىخنىڭ زۆھرە خنىمغا بولغان مۇھەببىتى ئارتۇق كەلگەچكە، ئاخرى ئىككى يۇرت بەيگە ئارقىلىق بۇ دەۋانى ھەل قىلماق بۇلىدۇ. ئەيسا بەگنىڭ ئاتلىرىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلگەن مامۇت شەيىخ ھىلە ئارقىلىق يەڭمەك بۇلۇپ،خىنىيا سايىتنى ياردەمگە چاقىرىدۇ.
خىنىيا سايىت ناھايتتى قاۋۇل ھەم كۇچتۇڭگۇرئادەم بۇلۇپ چۆل ئىچدىكى توغراقلىقتا ئىسمىنى يۇشۇرۇپ يۇرىدۇ، ئۇ مامۇت شەيىخنىڭ مۇھەببەت ئىخلاسىدىن ئۇنىڭغا -گەرچە ئۆزى ساختىلىققا ئۆچ بولسىمۇ ياردەم قىلماقچى بۇلىدۇ.چۇنكى ئۇ ئۆزى سۆيگەن ئادەمنى يۇقىتىپ قويغانىدى،مانا شۇ يەردە خىنىيا سايىتنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى سۆزلىنىدۇ.سىز بۇيەردىمۇ بىر تەسىرلىك ھىكايە ئاڭلايسىز.
ئاخىرىدا مامۇت شەيىخ ھىيلە بىلەن بەيگىدە غەلبە قىلىدۇ ۋە زۆھرە خنىمغا ئېرىشىدۇ ،ئىسمايىل بەگ ئەلەم ئىچىدە ئۆلۇپ كىتىدۇ،ئەمما مامۇت شەيىخنىڭ ئاغىنىسى ھەمزە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلپ ،ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن ئاشنا بۇلۇپ قالىدۇ. مامۇت شەيىخ بۇنى بىلىپ ئۇلارنى يىراقلارغا يولغا سىلىپ قۇيىدۇ.
بۇ رۇماندا ماڭا ئە ڭ ياققان يىرى ئاپتۇر تىلى ۋە ئەسەر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۆزگىچىلىك بولسا،چۇشەنمىگىنىم ئاپتور كۆككە كۇتۇرگەن بەزى قاراشلار،بەلىكم بۇ دەۋىر ئالاھىدىكى ۋە دولانلارنىڭ دۇنيا قارشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلسا كېرەك.

«يىگانە ئارال» دا چاقنىغان مىللىي روھ ۋە ئانارخان ئوبرازى ھەققىدە

جېلىل ئاۋۇت

« تەكلىماكاننى ھاياتلىق ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئەمگەكچان» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى مىللىي روھى، ئۆرۈپ ئادىتى،ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋىي پائالىيەتلىتلىرى ھەم ئاچچىق قىسمەت لىرنىڭ روشەن كارتىنىسىنى سىزىپ بەرگەن يىرىك ئەسەر- «يىگانە ئارال» ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇنجى نەشىرقىلىنغان رومانى بولۇپ، مەن بۇ روماننى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكىنىمگە بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، ئەمما روماندىكى قەلبىمنى زىل- زىلىگە سېلىپ تومۇرۇمدىكى قانلارنى شاۋقۇنلاتقان جەڭگىۋار ، مەردانە ھايات كۆ رۈنۈشلىرى، ئۆزگىچە پىسخىك خاراكتېر ۋە ئۆزگىچە تەقدىر- قىسمەتلەرگە ئىگە پىرسۇناژلارنىڭ يارقىن ئوبرازى تا بۈگۈنگە قەدەر ھەر دائىم كۆڭۈل ئېكرانىمدا ساقلىنىپ كەلدى.
روماندا يوقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلامغا تەۋە بىر قاتار پىرسۇناژلارنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يارتىلغان بولۇپ، بىز بۇ پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئەينى دەۋىردىكى كىشلەرنىڭ مىللىي ، دىنىي ئېڭىنى ۋە پىسخىك روھىي ھالىتىنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرىۋالالايمىز. روماندا تەسۋىرلەنگەن كىشلەرنىڭ تار مەنىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك( يۇرتىنىڭ شان-شەرپى ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىش) ،ئۆملۈك، ئىناقلىق ۋە مەرتلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان قوۋناق، جەڭگىۋار تۇرمۇشى بىلەن يىگانە ماكاندا دۇنيادىن، زاماندىن بىخەۋەر، بىغەم ھالدا تۈز كۆڭۈللۈك، ئەركەكلىك بىلەن ياشاپ ئادەتلەنگەن پىسخىك خا راكتىرى شۇنداق گىرەلىشىپ كەتكەن بولسا؛ سۈزۈك، تىنىق سۇلار شىلدىرلاپ ئاققان، چاتقاللار بىر- بىرىگە يامىشىپ ئۆسكەن يېشىل توقايلىق، ئۇ يەردىكى تۈرلۈك -تۈمەن ھايۋاناتلار، قۇشلار، مەي بولۇپ پىشقان مېۋىلەر ئادەمگە ئىختىيارسىز ھالدا جەننەتنى ئەسلىتىدۇ.
قىسقىسى، تەكلىماكاندىكى كىشلەرنىڭ قەلبى بىلەن تەبئەت ئالىمى زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. كىشلەر ئۆزلىرىنى قانداق سۆيسە تەبىئەتنىمۇ شۇنداق قىزغىن سۆيىدۇ. ھەتتا ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر جەننەت ماكانغا كۆز تەگكەندەكلا ئاچكۆز، ياۋۇز دۈشمەنلەرنىڭ ئىبلىس قار ا قولى سۇ نۇلىدۇ. دۈشمەنلەر مال-دۇنيا بۇلاش ئۈچۈن بىگۇنا خەلقنى ۋەھشىيلەرچە ئۈلتۈرگەننى ئاز دەپ، خۇددى ئاخىرى زامان يالماۋۇزلىرىدەك ئەسىرلەردىن بېرى ئادەم ئايىقى كەمدىن – كەم تەگكەنلىكتىن بۇزۇلماي كەلگەن چەكسىز توغراقلىقنى ۋە ئۇنى پاناھداپ ياشاپ كېلىۋاتقان جىمىي جانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۋېتىدۇ. تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىپلاس قەدىمىنىڭ بۇ قەدىمىي يۇرتقا بېسىلىشى يالغۇز بۇماكاننىڭ تەبئەت ئېكىلوگىيەسىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ ماكاندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىمانى- ئېتىقادىنى ۋى ۋىجدانىنى بولغايدۇ ، مىللىي روھىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئىرادىسىنى سۇندۇرىدۇ.
يۇرتتا مىللىي غۇرۇرىنى يوقاتقان نامەرتلەر، مۇناپىقلار بىر تاۋاق ئاش يىسە تويۇدىغان قارنىنى دەپ پۈتۈن سۈرۈك يۇرتىنى، جەددى- جەمەت قېرىداشلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەقدىرىنى يات تائىپىلەرگە ساتىدىغان نائەھلىلەر ئەدەپ كېتىدۇ. ئىمان -ئېتىقادلىق، غۇرۇر- ۋىجدانلىق، ھالال، ھەق ئادەملەر خۇددى يىگانە ئارالدەكلا يىتىم- جامائەتسىز قالىدۇ. ئانارخان- بۇ دىياردىكى ئەنە شۇنداق ئىنسانىي ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، ئانا زېمىننى، مۇقەددەس ئېتى قادنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەق يولىدا ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە تىرىشىپ جان بەرگەن ئىمانى ۋە ئېتىقدى مۇس تەھكەم سۈيۈملۈك ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىرى.
«…بىز ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش، ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ماللىرىمىزنى، جانلىرىمىزنى، ئاتا-ئانا ، قۇۋم- قېرىنداشلىرىمىزنى قۇربان بەردۇق. بىزنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك قۇربانلىقلىرىمىز ئىچىدە ئەلۋەتتە قىممەتلىك يۇسۇنلىمىزمۇ بار. بىز ئۆزىمىزنى، دىنىمىزنى، زېمىنىمىزنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان قىلغان مۇسۇلمانچىلىق يۇسۇنلىرىمىز ھازىرمۇ ھازىرمۇ ئامالسىزلىقتىن قۇربان قىلىنسا ئوخشاشلا تۆھپە- ساۋاپ، ئىبادەت بولىۋېرىدۇ.
ئۆزىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى، ئەركىنلىكىمىزنى قۇتقۇزۇشتا ئاشۇ قىممەتلىك قۇربانلىقلىرىمىز قاتارىدا شەرمىي- ھايانى، نامەھرەمنى قۇربان قىلساق ئەرزىيدۇ….بىز ئ،رۇس ھەم شىڭ چىرىكلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرشى بىلەن قانلىق مەغلۇب بولۇپ، كاتتىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ- ئۇششاقلارغىچە قىرىلىپ، تىرەپىرەن بولۇپ كەتتۇق، ئەمما بىزنىڭ ئادەملىرىمىز يەنە بار. بىز يەنە كۈرەش قىلىمىز. بىز قىرىلىپ تۈگىگىچە، ئاخىرقى نۈسرەت بىزگە كۈلۈپ قارىغۇچە ئۇرۇشىمىز. مەن ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان قىز. مېنىڭ ئائىلەمدىكى دادام، ئانام، ئاكا- ئاچىلىرىم بولۇپ توققۇز جاننىڭ ھەممىسى قىرىلىپ تۈگەپ پەقەت مەنلا قالدىم. مەن كۈرشىمىزنىڭ جەۋھەر ئامانىتى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئامانىتىنى سىزدەك مەرت ئوغلانغا، بىزنى قوغدىغان باھادىرىمىزغا تەقدىم قىلدىم. مەن سىزگە خوتۇن بولۇشقا رازى، تەيەممۇم بىلەن پەتە قىلىڭ، شۇ چاغدا مەن سىزنى تۇلۇق كۈ تەلەيمەن، بىز نامەھرەم بولمايمىز .»

يوقارقىلار ئانارخاننىڭ بارلىق يارانلىرىدىن ئايرىلىپ، بىر يارداڭلىقتا مۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش يولىدا روس ۋە شىڭ چىرىكلىرى تەرپىدىن ۋەھشىيلەرچە جازالىنىپ ئېغىر يارلانغان خېنىيا سايىتقا ئېيتقان سۆزلىرى. ھەقىقەتەنمۇ ئانارخان دۈشمەنلىرىدىن تۇلۇق قۇتۇلۇپ ، تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدىكى توغراقلىقتا گەمىنى ماكان تۇتۇپ ئوۋچىلىق قىلىپ خېنىيا سايىت بىلەن قىشلىق تۇرمۇشىنى خېلىلا تاتلىق ئۆتكۈزگەن، يەنە كىلىپ بەش تۇلۇم ئالتۇن- تىللانىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئەھدە قىلغان مۇقەددەس ئىشىنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ.
نورۇز كۈنى ئانارخان ئاق يىپەك ياغلىقىغا قان بىلەن « مەن قەسەم بەرگەن ئىشىمنى داۋام ئىتىش ئۈچۈن يارانلىرىمنى ئىزدەپ كەتتىم. بىزنىڭ ئىشىمىز ھەق ئىش، ئامانەتنى ئوبدان ساقلاڭ، ئاللا خالىسا بىر كۈنى يارانلىرىم بىلەن قايتىپ كىلىپ ئامانەتنى سىزدىن تاپشۇرۋالىمىز. مەن شۇ چاغدىلا ئامانلىق تاپىمەن، ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيا يۈزۈم يورۇق بولىدۇ. بىزنى ساقلاڭ» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ، خېنىيا سايىت بىلەن يۈز تۇرانە خوشلاشمايلا كېتىپ قالىدۇ. ئانارخان بەزىدە ئەرلەرچە، بەزىدە قېرى مەزلۇملارچە ياسسىنىپ مېڭىپ، يۇرتمۇ-يۇرت تىلەمچىلىك قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يارانلىرى بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولىدۇ. بەختكە قارشى ئانارخان بەش يىل ئىزدەپمۇ يارانلىرىنى- ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان ئەركەكلەرنى تاپالماي، ئاخىرى شېھىت بولغان مىڭلىغان سەپداشلىرىنىڭ مۇقەددەس ئامانىتى بىلەن بىرگە تەكلىماكاننىڭ تۇپرىقىدا ھەق يولىدا جان بىرىدۇ.
ئانارخانمۇ، بەش تۇلۇم ئالتۇنمۇ تەكلىماكاننىڭ قۇملىرىغا كۆمۈلگەن پېتى ئۇيقىغا كىتىدۇ. ئۇلارلا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئەسىرلەردىن بىرى تەكلىماكاندىكى قۇم تېگىدە بېسىلىپ يېتىپ« پەقەت 20-ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى مودھىش تۈن- لەرنىڭ پەردىسىنى قايرىغان چاغدىلا يېڭى ھاۋادىن ئاز- تولا نەپەس ئېلىشقا »باشلىغان ئۇلۇغ مىللىي روھى تەكلىماكانغا يەنە كۆمۈلىدۇ.
بۇ يەردە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، مىڭلىغان ئادەملەر ئانارخانلارنىڭ ھەق ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خېنىيا سايىتنى دۈشمەلەرگە تۇتۇپ بىرىپ ياكى شېھىتلەردىن قالغان بەش تۇلۇم ئالتۇن- تىللانى ئېلىۋېلىپ باي بولۇش خام-خىيالىدا توغراقلىققا خۇددى چېكەتكىدەك يېغىپ كىتىدۇ. قىسقىسى، بۇ يەردە ئانارخاننىڭ قىسمىتى بىلەن يىگانە ئارالنىڭ قىسمىتى ئۆزارا بىرلىشىپ كەتكەن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە قەلبىمىزنى ئۆرتەيدۇ. ئانارخانغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار 302 بەتلىك بۇ روماندا ئارانلا ئوننەچچە بەتنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئانارخاننىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك ۋە تەسىرلىك يۇروتۇپ بېرىلگەن. شۇڭلاشقا ، ئانارخان بۇ روماندىكى كىتابخانلارنى ئەڭ سۈيۈندۈرىدىغان ، ئەڭ ئېچىندۇردىغان ۋە ئەڭ ئىلھاملاندۇردىغان ئۆلمەس ئۆبرازلارنىڭ بىرى. شۇنداق، ئانارخان ۋە خېنىيا سايىتلار يەككە-يىگانە، مەسلەكداشلارسىز غېرىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ غېرىپلىقى خەلقنىڭ روھىي مەھكۇملىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. يىلىكى شورىلىپ، ماغدۇرسىزلانغان خەلق تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچى يات تائىپىلەرگە ئاشۇرۇپ غالچىلىق قىلىش بىلەن قۇلچىلىق كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ ئادەتلەنگەن نائەھلى مۇناپىقلار تېخىمۇ قۇتراشقا باشلايدۇ.
« بىزنىڭ بۇ خەق قۇتۇر ئىشەككە ئوخشايدۇ. بۇ ئىشەكلەرنى سېرىقتال قويۇپ، تاغارنى بېلى قىسماقتەك ئېگىل گۈچە ئارتىپ، قەرزگە كۆمۈپ قولىدا بىر نان، تۆت تەڭگە ئوشۇق تۇرمايدىغان، ئەتىگەنلىكىگە تاپسا كەچلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن غوجاملارنىڭ قولىغا قارايدىغان پېقىر-پۇقرا قىلىپ قويمىساق بولمايدۇ. مۇشۇ بىر يىلىدا ئۈچۈيىگە يىغىۋالغان چاۋا مايلىرى ئىچىنى قىزىتىپ ھۆكۈمەتكە، غۇجا-ئىشانلارغا بوي بەرمىگەن بۇ خەقنىڭ يانچۇقىدىكىنى قاسساپ ئاچچىق ئۈچەي سىېرىغاندەك سېرىۋالساق…»دەپ ھاياجانلىنىپ چېقىمچىلىق قىلىدۇ ئىدىرىسخان تۆرەم دېگەن بىر غالچا شېڭ ئوفىتسىرىنىڭ «تۆرە …غۇجا…خو» دېگەن سۆزلىرىدىن مەست بولۇپ.
ئاپتور روماندا ئانارخاندىن باشقا يەنە بىر نەچچە پىرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى قىزغىن مېھىر- مۇھاببەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ ، مەن بۇ ماقالەمدە تېما ئېھتىياجى بىلەن باشقا پىرسۇناژلار ھەققىدە توختالمايمەن. ئاخىردا، بۇ روماننىڭ ئىدىيۋىلىك ۋە بەددئىيلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمنى تۈزلا ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.
«يىگانە ئارال» غا ئوخشاش ئەجداتلىرىمىزنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تارىخى رىئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن روماندىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرغا قەدەر ئوننەچچە پارچە (تارىخىي، بىئوگىراپىك رومان، قىسسەلەر بۇنىڭ سىرتىدا) نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى پىرسۇناژلار خاراكتېرىنى يارتىشتىكى تەبئىيلىك، ئەينى زاماندىكى خەلقنىڭ جانلىق تىل ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئاپتور تىلىنىڭ ئوبرازلىق( سەل ئاشۇرۇپراق ئېيتقاندا ئاپتور تىلىدىكى ھەر – بىر جۈملە ئادەتتىكى بىر ئەسەر ئىپادىلىگەن مەزمونغا تەڭ كەلگۈدەك چوڭقۇر مەزموننى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن: ئىككى يورت خەلقىنىڭ قوچقار سوقاشتۇۇش، ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەردە)، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يوقىرى، جۈملىلەرنىڭ ئىجادىي، تىرىك ۋە يۇمۇرلۇق، رىئالىستىك خائىشىنىڭ قويۇق بولۇشى، شۇنۇڭدەك يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدىيسىدىكى يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە « يىگانە ئارال» غا يەتمەيدۇ.
بىزنىڭ ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان «يىگانە ئارال»غا ئوخشاش تېمىدىكى باشقا رومانلىرىمىزدا ۋەقە قوغلىشىش ئاساسىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى سۈنئىي ھالدا قاراڭ غۇلاشتۇرلۇپ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە بايلارنى پەقەت ئاۋام خەلقننىڭ قېنىنى ئىچىش ئۈچۈنلا يارتىلغان ۋەھشى يالماۋۇزلارغا ئايلاندۇرۇپ، بىر مىللەت كىشلىرىدىكى يوقىرى تەبىقە بىلەن تۆۋەن تەبىقە زورمۇ- زور قارمۇ- قارشى قويۇلغان بولسا ، «يىگانە ئارال» دا ھەرقايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تەبئىي ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا تەسۋىرلىنىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەت ئوبرازلىق يورۇتۇلۇپ بېرىلگەن.بولۇپمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى زاماندىكى ھەرقايسى يۇرتلارنى بىرلىك قىلغان ئوغلاق تارتىشىش، چېلشىش، قوچقار سو قاشتۇرۇش، خوراز سوقاشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، ئوۋچىلىق ۋە مېھماندارچىلىق … قاتارلىق مەنىۋىي پائالىيەت لىرى تولىمۇ جانلىق ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان . ساپ مىللىي روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ رومان قارىماققا سىيۇژىت قۇرۇلمىسى چۇۋالچاقتەك، ۋەقەلەرنىڭ باش- ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمىليەتتە قۇرۇلمىنىڭ بۇ خىل (ۋەقە قوغلاشماي) ئورۇنلاشتۇرىلىشى كىتابخانلار ئۈچۈن تەپەككۈر قىلىش بوشلۇقى قالدۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ئىستىتىك قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

باي ناھىيە توقسۇن يېزا 2005-يىل2-3-4-ئايلاردا يېزىلدى. 2008-يىل 2-ئايدا قايتا تۈزتىلدى.

مەنبە: ئەتتىرگۈل بلوگى