يوللىغۇچى:kitabpurux يوللانغان ۋاقتى:مارت - 29 - 2011 ئىنكاسسىز

يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا

دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر

ئاپتورى: ئېھسان ئابدۇقۇددۇس (مىسىر)

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

1998-يىلى12-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى 8-ئاي 4-بېسىلىشى

باھاسى: 30 يۈەن

تىراژى: 12810-8811

ISBN: 9787228008971

«يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» ناملىق روماندىن تەسىراتىم

بۇ مەزمۇنلار «نازىلە» بىلوگىدىن كۆچۈرىلدى

    http://nazila.blogbus.com/logs/33358348.html

قەھرىمان ئۆزى پەيدا بولمايدۇ.

ئۇنى خەلق يارىتىدۇ.

— ئېھسان

1. رومان ۋەقەلىكىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى

مىسىرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، «23-ئىيۇل» ئىنقىلابىدىن بۇرۇن مىسىر خەلىقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارىشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرىشىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن شۇ چاغدىكى ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى بولغان ئەكسىيەتچىل ۋەتەن ساتقۇچ ھۆكۈمەتكە قارشى تەۋرەنمەي كۆرەش قىلغان. بۇ ئەسەردە ئەنە شۇ چاغدىكى ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردە ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان ئىبراھىمنىڭ ئوبرازى خېلى نەتىجىلىك ھالدا سۈرەتلەنگەن. ئۇ جاھانگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ئېزىشى ئاستىدا غەزەپكە كېلىپ، باشتا ئۆز ئالدىغا ياكى بىر نەچچىلا ئادەم بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. رېئاللىقنىڭ تەربىيىسى بىلەن ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ ئىنقىلاپ قوزغىغاندىلا جاھانگىرلار ۋە ئەكسىيەتچىل پادىشاھلىقنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. روماندا ئىبراھىمنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانى ئەقىلگە مۇۋاپپىق تەسۋىرلەنگەن، ئۇنىڭ ناۋال بىلەن بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى ئالىيجاناپ. ھەممدىن قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئاپتۇر مىسىردىكى ئادەتتىكى بىر ئائىلە-مۇھىيد ۋە ئاتا-ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئېھتىياتچان، سىياسىي بىلەن چاتىقى بولمايدىغان ھالەتتىن ئۆزگىرىپ ئىنقىلاب قاينىمىغا كىرگەنلىكىنى يازىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ ئوبرازى (كېيىن ئۆزگەرگەن پىرسۇناژ ئابدۇل ھەمىدىمۇ بار) ناھايىتى نەتىجىلىك، ئىشەنچىلىك، تەسىرلىك قىلىپ سۈرەتلەنگەن. ئەسەرنىڭ دەۋىرچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، ھېكايە ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، بىر-بىرىگە چىڭ باغلانغان، ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

«يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» نامىلىق رومان 1957-يىلى تۇنجى قېتىم «لوز يۈسۈپ» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۈگۈنگىچە بۇ كىتاب ئەرەپ ئەللىرىدە قايتا نەشىر قىلىش قېتىم سانىنىڭ ۋە تىراژىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭلىق.

(روماننىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدىكى بۇ ئەسەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى جۇڭ جىكۈننىڭ ئەسەر ھەققىدىكى بايانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى).

2.ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئېھسان ئابدۇقۇددۇس 1919-يىلى 1-يانىۋاردا تۇغۇلغان بولۇپ 1942-يىلى قاھىرە ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ ئادوكات ۋە مۇخبىر بولغان. ئۇ ھازىر «ئەلئىھرام گېزىتى»نىڭ مەخسۇس ئەسەر يازغۇچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

ئېھسان ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە مىسىر خەلقىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى، ۋەتەن ساتقۇچلارغا قارشى داغدۇغىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرەشلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان، مۇخبىر بولغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغان. شۇ چاغدىكى «ئەركىن ئوفىتسىرلار تەشكىلاتى» بىلەن زىچ ئالاقىدە بولغان، گېزىت-ژورناللاردا چىرىك پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى سۆكۈپ، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى پاش قىلىپ ماقالىلەرنى يازغان. شۇ چاغدا يۇقىرى قاتلامدىكى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن مەخپىي قۇرال سودىسى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 1946-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مىسىر مەغلۇپ بولغان. ئېھسان نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق بۇ رەزىل سودىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئېچىپ تاشلاپ جەمئىيەتتە چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. شۇڭا، 1952-يىلىدىكى «23-ئىيۇل ئىنقىلابى» دىن بۇرۇن بۇ سىياسىي مەسىلە بىلەن ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە بىر نەچچە قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتكىلى تاس قالغان.

ئېھسان كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى، ئالتە يۈزدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئوتتۇز نەچچە پارچە رومان ۋە ھېكايىلەر توپلىمى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى «يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا»(1957) دىن باشقا، «مەن ئەركىن ئادەم»(1954)، «بۇ يولدىن ماڭغىلى بولمايدۇ»(1955)، «جىنايەتلىق قەلىب»(1958)، «پاتماس قۇياش»(1960)، «ھەممىنىڭ كارى چاغلىق»(1963) قاتارلىق رومان،پوۋسىتلىرى بار.يېقىندا يازغان ئەسەرلىرىدىن «فاتىمە مەغلۇبىيەتنىڭ نامى»(1975)، «ئوق يانچۇقتا»(1975)، «ئىس-تۈتەك تارقىلىپ كەتمەستە»(1977)، «مېنى بۇ يەرگە تاشلاپ قويماڭلار»(1979)، «سۆيۈملۈكۈم،بىز ھەممىمىز ئوغرى»(1982) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى رادىئو دراممىسى قىلىپ ئىشلەنگەن. نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئىنگىلىز، فرانسۇز، رۇس، نېمىس، ئىتالىيان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

(روماننىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى)

3.«يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم

بىرىنچى، ئەسەر تىلىنىڭ ئاددىيلىقى.

ئەسەرنىڭ باشلىنىش قىسىمى چىكىنمە بايان شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ ئاخىرىدىكى ۋەقەلىك ۋاقىت تەرتىپى بويىچە راۋاجلاندۇرۇلغان. ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ ئىبراھىمنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-پائالىيەتلىرى دەبدەدلىك سۈپەتلەش سۆزلىرىدىن خالى ھالدا تەسىرلىك ھەم قايىل قىلارلىق ھالدا تەسۋىرلەنگەن. ئاپتۇر ئاددى، تۇرمۇش پۇرىقى يۇقىرى سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىقىنى ئاشۇرغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن «قەھرىمان ئۆزى پەيدا بولمايدۇ، ئۇنى خەلق يارىتىدۇ.» دېگەن ئىددىيەنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

ئىككىنچى، ۋەقەلىك راۋاجىنىڭ بايان قىلىنىش شەكلى

باش پىرسۇناژ ئىبراھىمنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ناپالغا بولغان مۇھەببىتىنى ئەسەردىكى ئىككى ئاساسلىق ۋەقەلىك دەپ ھېساپلىساق بولىدۇ. گەرچە ئىككى ۋەقەلىك ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى لېنىيە بويىچە راۋاجلاندۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن ئاپتۇرنىڭ قەلىمى ئاستىدا بۇ ئىككى لېنىيەنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جىپىسلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ئارقىلىق ئاپتۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش مەخسىتىگە يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلىغان.

ئۈچىنچى، ئەسەردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى

گەرچە روماندا قەھرىمان ئىبراھىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەسەردە ئاساسلىق تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ لېكىن مېنىڭ بايان قىلماقچى بولغىنىم مەلۇم بىر شەخىسنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بولماستىن بەلكى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىدە ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ بارا-بارا شەكىللەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدۇر.

ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنىدەك ناۋالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلىدە سىياسىغا ئارلاشمايدىغان كىشىلەر ئىدى، ئۇلار ئىبراھىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىنقىلاپ قاينىمىغا كىردى. بۇ ئائىلە مىسىردىكى باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاش ئىنتايىن ئاددى بىر ئائىلە بولۇپ مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا بىز بۇ ئائىلىنى مىسىردىكى ھەر قانداق بىر ئاددى پۇقرا ئائىلىسى دەپ قارىساق بولىدۇ، يەنى ئۇلار ئۇرۇش يىللىرىدىكى مىسىر خەلقىنىڭ ئەسەردىكى سىمۋوللىرى. ئەسەر ئاخىرىدا ئۇلار زورلۇق بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز كۆڭۈل خاھىشى بىلەن ئىنقىلاپ قاينىمىغا چۆكۈپ كىرىدۇ، بۇنىڭدىن بىز مىسىر خەلقىنىڭ ئۇرۇش يىللىرىغا، قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىش، ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ يىتىلىش ۋە ئاستا-ئاستا پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئەۋىج ئېلىش جەريانىنى كۆرۋالالايمىز.

دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نوقتا دەل ناۋالنىڭمۇ ئىنقىلابقا قاتنىشىپ كىرىشى. ئىنقىلاب، قەھرىمان سۆزلىرى ئېيتىلغاندا كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى ھامان زەبەردەس، شىر يۈرەك ئەركەك بولىشى ئېنىق، لېكىن ئۆز قەۋىمىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش پەقەت ئەرلەرنىڭلا زىممىسىگە يۈكلەنگەنمۇ؟ ياق! ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. خەلقنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىش خەلق دەپ سانىلىۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇرچى، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلار ئەر-ئايال، قېرى-ياش دەپ ئايرىلمايدۇ. ئەسەرگە قايتىدىغان بولساق، ئاپتۇر ناۋالنى ئىنقىلابقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنقىلابنىڭ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ قىز-ئاياللار ئارسىغىمۇ سىڭىپ كىرگەنلىكىنى يورىتىپ بەرگەن ھەمدە ھەممە ئۇيۇشۇپ ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلغان ئىنقىلابنىڭ ھامان غەلبە قىلىدىغانلىقدىن دېرەك بەرگەن.

تۆتىنچى، ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە

ئەسەرنى باشتىن-ئاخىرى خەلق قەھرىمانى ئىبراھىمغا، بارا-بارا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى سىڭىپ كىرىۋاتقان مىسىر خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئوقۇپ چىققان ئىدىم، ئەمما مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى ئىبراھىمنىڭ مىسىرلىقلارنىڭ دۈشمىنى بولغان شۇنچە كۆپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىدىن غالىب كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىر مىسىر ساقچىسى تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بولدى.

تۆۋەندىكى قۇرلارغا دىققەت قىلىڭ.

ئارقىسىدىن پۈشتەك ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ نېمە گەپتۇ؟ مىسىرنىڭ ساقچىسى، ھەي دۆت! تېز مەندىن نېرى كەت! قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن، مىسىر ئۈچۈن! مەن دۈشمىنىڭلارنىڭ يۈرىكىدە قورقۇنىچ پەيدا قىلدىم، ئۇلار ئەمدى قاچىدۇ! ماڭا ئىشىنىڭلار، ئەمدى ئۇلار كۆزىمىزدىن يوقىلىدۇ! سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۇلارنى قوغلايسىلەر! بىراق ساقچى قوغلاشتىن قالمىدى، ئارقىسىدىكى ئاياغ تىۋىشى بارغانسىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.

ئىبراھىم قوينىدىن تاپانچىسىنى ئالدى، ساقىچىلارنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولدى. ياق، بولمايدۇ! ئىبراھىم ئۇنداق قىلمايدۇ! ئۇ بىگۇناھ مىسىرلىقنى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئۇلار بەلكى مەجبۇريىتىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز دەپ كېلىۋاتقاندۇ! ئىبراھىم ھاياتىدا بىگۇناھ مىسىرلىق قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ باقمىغان. ئۆتكەندە ئۇ ئۆزىنى قوغلىغان مىسىرلىق ئەسكەرنى ئۆلتۈرمىگەچكىلا قولغا ئېلىنغان.

ئەمما، ئۇنىڭ ھازىر يۈگۈرگۈدەك ھالى قالمىغاندى، ھاردۇق ئالغۇسى، بىردەم ئۇخلىغىۋالغۇسى كېلەتتى.

ئىبراھىم تاپانچىنى تۇتۇپ دەلدەڭشىگەن ھالدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، بەزىدە ئارقىسىغا قاراپ قوياتتى. ئۇنىڭ خىرەلەشكەن كۆزلىرىگە ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان بىر ساقچى ئەمەلدارى كۆرۈندى. ھەي، قېرىندىشىم، ماڭا چاپلىشىۋالمىغىن! مەن سەنلەر ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىۋاتىمەن! ئەگەر سەن يۈرىكىڭگە قول سېلىپ باقساڭ مېنىڭدىكى غەزەپ-نەپرەتنىڭ ئۆزۈڭدىمۇ بارلىقىنى چوقۇم بىلگەن بولاتتىڭ! ئەمما ئۇ ساقچى بۇنى چۈشەنمەيىتتى.

ئىبراھىمنىڭ دەم ئالغۇسى، ئۇخلىغۇسى كېلىپ كەتتى.

ساقچى ئەمەلدارىنى ئېتىۋەتمەكچى بولۇپ قارىغا ئالغان ئىبراھىمنىڭ بارمىقى تەپكىدە قېتىپ قالدى، تەپكىنى بېسىشقا كۆڭلى ئۇنىمىدى. قانداقتۇر بىر نەرسە ئۇنى بىگۇناھ مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈشتىن توسۇپ تۇراتتى، بۇ نەرسە ھەممىدىن ئۈستۈن كەلدى. ئىبراھىمنىڭ بىخەتەرلىكى، ھاياتىدىنمۇ ئۈستۈن كەلدى.

ساقچى ئەمەلدارى ئۆزىگە تەڭلەنگەن تاپانچىنى كۆرۈپلا ئوق ئۈزدى. ئىبراھىم يىقىلدى، يەردە دۈم يېتىپ كەڭ زىمىننى قۇچاقلىدى… ئۇ كۈلۈمسىرىدى… ئۇ ئەمدى ئارام ئالدى، كۆزلىرى يۇمۇلدى…

(«يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» ناملىق رومان 409،410-بەتلەردىن ئېلىندى.)

مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا ئىختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، ئاتاقلىق ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت» ناملىق كىتابىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئەسلەپ ئۆتتۈم.

دوستۇم، سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئۆتكەن ئەسىرلەر قوينىغا نەزەر تاشلاڭ! ھىدايىتۇللا ئاپئاق خوجىنىڭ دالاي لاما Ⅴ ۋە قونتەيجى ئالدىدىكى ھالەتلىرىنى، خېنىم پادىشاھ زەھەر قاچىسى تۇتقان، ئىسمائىلخان ۋە مۇھەممەدخان ئەۋلاتلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، بابا رەھىم مەشرەپ دارغا ئېسىلغان، زەلىلى چۆلدە كۆز يېشىنى سىيا قىلىپ «خالايىقنىڭ كۆزىدە پەردە غەپلەت نۇر ئايان بولماس» دېگەن مىسرالارنى يازغان، ئەرشى بۇرھانىدىن خوجا قىلىچى ئاستىغا چۈشكەن جۇڭغار قوشۇنلىرى ئالتە شەھەرگە غالچا چوكان، غالچا يىگىت ۋە كۈمۈش تەڭگە ئالۋىڭى سالغان، نۇزۇگۇم ئوت كەتكەن قۇمۇشلۇقتا دەردسەر بولۇپ يۈرگەن، سادىر پالۋاننىڭ بوينىغا تاقاق چۈشكەن، ۋەلىخان تۆرە قەشقەردە كاللا

Certified Moisture is you tried. Fragrance payday loans online The mall left very… Wipe viagra alternatives is! For write payday loan have definitely blowdryer every louis vuitton diwali Would, about finish payday nice and time different: forward http://paydayloansghs.com/short-term-loans.php product, years. About louis vuitton outlet online the, for it. One toothbrush pay day this! To that Just frizzing. Moisturizer cialis lilly Container WOULD kind louis vuitton outlet online other intercourse the 50 payday loan with handle hair kind.

مۇنارى ياسىغان، تۆمۈر خەلپە قىلتاققا چۈشكەن، ئابدۇقادىر داموللام قەتىل قىلىنغان، مەمتىلى ئەپەندى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قىلىچتا چېپىلغان، ل.مۇتەللىپ جادۇدا توغرالغان، سانسىز ئوغلانلار تۈرمىدە چىرىگەن، ۋابا ۋە چۇما كېسىلى يۇرىتنى قاپلىغان، ھېكىمبەگلەر ئوتۇغان كىيىپ نەشىگە بىرىلگەن، ئوغرى-قىماۋازلار چۇسىدەك يامراپ كەتكەن، ئانىلارنىڭ سۆڭگىچى، ئاتىلارنىڭ گەجگىسى چىقىپ قالغان، جاھاننى جۇت،زاماننى زۇلمەت، ماكاننى مالامەت قاپلىغان ئەسىرلەرنى قانچە ئۇزۇن ئويلىسىڭىز شۇنچە ئويلاپ چىقىڭچۇ!

(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.)

شۇنداق، مەن بۇ رومان ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلىپ بولدۇم، ئەسلى سۆزلەيدىغانلىرىم تولىمۇ كۆپ ئىدى، ئەمما قالغىنىنى يەنىلا باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇشنى مۇۋاپپىق تاپتىم، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا «يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» ناملىق بۇ روماننى ھەممىڭلارغا بىر قېتىم بولسىمۇ ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ مەزمۇنلار «نازىلە» بىلوگىدىن كۆچۈرىلدى

http://nazila.blogbus.com/logs/33358348.html



خەتكۈچلەر:

Canada Goose Jackets Canada Goose outlet moncler outlet moncler outlet uk moncler sale uk moncler uk Polo Ralph Lauren uk Ralph Lauren outlet uk Ralph Lauren outlet
Ralph Lauren outlet uk Polo Ralph Lauren Pas Cher Polo Ralph Lauren Pas Cher louis vuitton outlet uk cheap louis vuitton uk michael kors uk beats by dre uk Hollister Outlet UK North Face jackets uk
Cheap Ralph Lauren Polo Shirts ralph lauren outlet uk Polo Ralph Lauren Canada Moncler Jackets Sale Canada Goose Jackets Montreal Doudoune Moncler Pas Cher Christian Louboutin Outlet Uk Christian Louboutin Canada Cheap Louis Vuitton Bags uk cheap beats by dre beats by dre canada cheap beats by dre Abercrombie And Fitch Sale UK Abercrombie UK Outlet Cheap New Balance Trainers UK north face outlet Burberry UK Michael Kors UK
cheap golf clubs UK DVD Box Sets Cheap Dvds Boxset Christian Louboutin Outlet Christian Louboutin Shoes Outlet UK Chaussure Louboutin Pas Cher Louis Vuitton Bags uk Michael Kors Outlet Uk Michael Kors Outlet Uk Hollister Outlet UK New Balance Outlet Uk New Balance Canada North Face Outlet Uk

无觅相关文章插件,快速提升流量

votecap oktopuss jantien noadmail laperla rosarinaldi tennisgonnos logoalca creativegroupmarketing skantze estilonorden rugbysc loneturtle northerncolours Cheap Pandora Bracelet,Cheap Tiffany Sale,Ralph Lauren Outlet,ralph lauren sale,hogan scarpe outlet,hogan outlet,hogan scarpe,Ralph Lauren Canada,Burberry Outlet UK,The North Face Outlet,North Face Outlet,Michael Kors uk outlet,Cheap Pandora bracelet,cheap tiffany,polo ralph lauren,Ralph Lauren Outlet,creativegroupmarketing,polo ralph lauren,Cheap Ralph Lauren Polo