ئاپتورى: كۇڭزى
مۇھاكىمە ۋە بايان
تەرجىمان: مۇھەممەدسالھ مەتروزى
مىللەتلەر نەشىرياتى
2011-يىلى 9-ئاي 1-نەشىرى
2011-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى
فورماتى: 32 باسما تاۋىقى: 22
ھەممىسى: 681 بەت
باھاسى: 45 يۈەن (قاتتىق مۇقاۋا)
تىراژى: 001-3000
ISBN: 9787105115051
نەشىرياتتىن
«مۇھەممەدسالھ مەتروزى» نىڭ تەرجىمىھالى
مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەرجىمانى مۇھەممەدسالھ مەتروزى 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى 9-ئايدا مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدىبىياتى 2-فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1991-يىل 7-ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەرجىمان، مۇخبىر ۋە تەھرىر بولغان. 1992-يىلى 5-ئايغىچە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ مۇغاللا بازىرىدا بازار باشلىقى ياردەمچىسى ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان. 1994-يىلى 1 -ئايدىن 2008-يىل 10-ئايغىچە «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى، مەسئۇل مۇھەررىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008-يىل 10-ئايدىن 2010-يىل 10-ئايغىچە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى نىلقا بازارتلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ نەشىرياتىمىز تەرىپىدىن بىر يۈرۈش مۇنەۋۋەر ئاخپاراتلىرى كىرگۈزۈلگەن «مۇھەببەت، مۇھەببەت، مۇھەببەت!…» ۋە «مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم» ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتلار توپلىمى، كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان «شەھلا كۆز» ناملىق رومانى، «يۈدەننىڭ (مۇھاكىمە ۋە بايان) تەسىراتلىرى» ناملىق تەرجىمە كىتابى، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن «سىھىرلىك شەھەردىكى خاتىرىلەر» ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. يەنە بىر قىسىم ھىكايە ۋە شېئىرلىرى نەشىرياتىمىز نەشىر قىلغان «سالغا تېشى»، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى نەشر قىلغان «قەشقەردىكى يەرشارى» ۋە «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى نەشر قىلغان «بۇرۇت ماجراسى» قاتارلىق ئەدەبىي توپلاملارغا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرياتى نەشر قىلغان «يېڭى دەۋردىكى ئىماملار قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىگە قاتناشقان. «ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكى (زۆرۈر دەرسلىك) نىڭ 4-قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن. تەكلىپكە بىنائەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىكتە پىلانلىغان جۇڭگۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى VCD, DVD قىلىپ ئىشلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ توققۇزىنجىسى- «بايات» مۇقامىنىڭ فىلىم سىنارىيەسىنى يازغان ۋە بۇ فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ھەم رېژىسورى بولغان. بىر قىسىم نوپوزلۇق مەتبۇئاتلاردا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇ كىتابخانلا ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن «كۈلۈمسىرەش»، «كۈتۈۋاتىمەن، يېلىنجاپ تۇرغان بىر پارچە چوغنى»، «ئۇنتۇمايمەن، قىزىل ياغلىقلىق قىزچاق»، «ئالما چىچىكى توزىمايدۇ»، «ئەلۋىدا، سىرلىق دوقمۇش»، «تېلېفۇن، بەش تەشتەك گۈل ۋە بىر جۈپ ئەر-خوتۇن»، «ھوجرىدىكى رومانتىكا»، «ياشاپ باقە، بەرنا»، «بۇ شەھەردە ئاخىرقى باھار»، «كۆل بويىدىكى چوغ»، «ئادەملەرگە قاراپ باق، دۇنيا» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ھېكايە، پوۋېست ۋە شېئىرلانى يازغاندىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە يۇقىرى يىزىقچىلىق ماھارىتى بىلەن ئەدەبىي ئاخپارات، شېئىرىيەت، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق، ئەدەبىي خاتىرە، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى ھەمدە ئاخپارات ماقالىلىرى يىزىقچىلىقى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، كۆپ قاتلاملىق بىر قاتار مول سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، 2-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا، 16- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ۋە 2- نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي ئاخپارات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كەسپ ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىشكەن سەنئەتكار» بولۇپ تەقدىرلەنگەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئەدەبي ئاخپارات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
تەرجمىھال تامام، ۋەسسالام.