يوللىغۇچى:admin يوللانغان ۋاقتى:دېكابىر - 11 - 2013 ئىنكاسسىز

مۇھەممەتئىمىن قۇربانى ( ئىشقى )

قەشقەردىكى داڭلىق ئىككى مەدرىسە ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم

 

 

قەشقەر شەھرىدە بۇنىڭدىن خېلى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى 17 مەدرىسە بار بولۇپ،بۇلاردىن① ھېيىتگاھ مەدرىسەسى، ② تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسەسى،  ③ ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسەسى، ④دورغابەگ مەدرىسەسى،⑤ كەنجازا مەدرىسەسى ( توختا خۇجا مەدرىسەسى )، ⑥ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسەسى،⑦ تاغارچى كۇچىسىدىكى مەدرىسەدىن ئىبارەت يەتتە مەدرىسە قەشقەرشەھىرىنىڭ « تاشقارقى شەھەر » دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان ؛ ⑧ دۆڭمەسچىت مەدرىسەسى ،⑨ ۋاڭلىق مەدرىسەسى ،⑩ خانلىق مەدرىسەسى ،⑪ قازانچىمەدرىسەسى ،⑫ تۇقام ( ئابدۇۋېلى باي ) مەدرىسەسى،⑬ ئاخۇن بايۇفلار مەدرىسەسى،⑭ساقىيە مەدرىسەسى،⑮ چاچ مەدرىسەسى، ⑯ لاي پەشتاق مەدرىسەسى،⑰ كەسكەنيار مەدرىسەسىدىن ئىبارەت ئون مەدرىسە قەشقەر شەھرىنىڭ « ئىچكەركى شەھەر » دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان. تاشقارقى شەھەر شەھەر قىسمىدىكى مەدرىسەلەرگەقارىغاندا ئىچكەركى شەھەر قىسمىغا جايلاشقان مەدرىسەلەر ئۇززاقراق تارىخقا ئىگە،بۇلاردىن « خانلىق مەدرىسەسى » بىلەن « ساقىيە مەدرىسەسى » تېخىمۇ قەدىمقى مەدرىسەلەر ھىساپلىنىدۇ. تۇۋەندە « خانلىق مەدرىسە » بىلەن « ساقىيە مەدرىسەسى »ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈمىز.

  1، خانلىق مەدرىسەسى

  خانلىق مەدرىسە خانلار تەرىپىدىن ياسالغان مەدرىسە بولۇپ، ئۇلارنى « سەئىدىيە » خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ياسىغان. يەكەندە «خانلىق مەدرىسە » دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ مەدرىسە بار، بۇلاردىن بىرى ئالتۇنلۇق مازار يېنىدىكى ئابدۇرېشىدخان ياسىغان مەدرىسە، بىرى كونا خانلىق مەدرىسەسى، يەنە بىرى رەستە ئارقىسىدىكى رىكىستان ( قۇملۇق ) دىكى ئابدۇللاخان ياسىغان مەدرىسەلەردىن ئىبارەت. يەنە خۇتەننىڭ ئىلچى دىگەن يىرىدە « خانلىق مەدرىسە » دېگەن بىر مەدرىسەبار. قەشقەردىكى « خانلىق مەدرىسە » نى « سەئىدىيە » خانلىقىنىڭ 8-پادىشاھى ئابدۇللاخان ئابدۇرېھىم ئوغلى تارىخىي ھىجرىيە 1048-يىلى ( مىلادىيە 1638-يىلى )تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن ياسىغان. قەشقەردىكى بۇ مەدرىسە ئەينى چاغدىكى شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا كۆپ مەدرىسە ۋە جامەلەر بىلەن ئاۋاتلاشقان « ئوردائىشىكى » دىگەن گۇزەرگە سېلىنغان بولۇپ، ئۇيەردە شاھ ئوردىسى ( قەسىر ) بار ئىدى.

   قەىشقەر خانلىق مەدرىسەسى غايەت زور مەرىپەت ئورنى بولۇپ، ئەينى چاغلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۇرۈشتە ئالاھىيدە رول ئوينىغان.

   بۇ مەدرىسەنى خانلار ياسىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەبلىغى ۋەخپىنىڭ كىرىمىدىن كېلەتتى، يەنى ياسىغۇچى ئاجراتقان كۆپ مىقداردىكى ۋەخپە زېمىن، ۋەخپە ساراي، ۋەخپە دۇكانلىرىنىڭ كىرىملىرى مۇدەرىسلەرنىڭ ئىش ھەققى، تالىپلارنىڭ ئوقۇش يادەم پۇلى، مەدرىسەلەرنى باشقۇرىدىغان مۆتىۋەللىلەرگە بېرىلەتتى، مەدرىسەلەرنىڭ رىمۇنىتىغا ئىشلىتىلەتتى.

  2، « ساقىيە مەدرىسەسى

  « ساقىيە » مەدرىسەسى قەشقەرنىڭ ئىچكەركى شەھرىدىكى « ساقىيە » مەھەللىسىگە جايلاشقان. بۇ مەدرىسە « خانلىق مەدرىسە » تىن ئۇزاقراق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مەدرىسەنىڭ نامىغا قارىغاندا، مىلادىيە XIII ياكى XIV ئەسىرلەردە ياسالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇمەدرىسەنىڭ ئەسلى نامى « تۇقابەگ مەدرىسەسى » بولۇپ، بۇ توغرۇل دىگەن نامدىن بۇزۇلۇپ ئاتالغان.

   موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە « بەرراس » دىگەنبىر قەبىلە بار بولۇپ، بەرراسلار مەلۇم ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. ئەينى چاغدا بۇمەدرىسەنى بەرراسلاردىن بولغان ئەرتوغرۇل بەرراس دىگەن كىشى ياسىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەدرىسە « ئەرتوغرۇل بەگ مەدرىسەسى » دەپ ئاتالغان، كېيىن « ئەرتوغرۇل بەگ »دېگەن سۆزدىن « ئەر » سۆزى تاشلىنىپ قېلىپ « توغرۇل بەگ » دەپ ئاتالغان، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن « توغرۇل بەگ » دىگەن سۆز يەنە بۇزۇلۇپ « تۇقا بەگ » دىگەن سۆزگەئۆزگەرگەچكە، يېقىنقى زامانغىچە « تۇقا بەگ » نىڭ مەدرىسەسى دىگەن نام ئۆزلەشكەن.بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ مەدرىسەنىڭ تارىخىنى 500 يىلدىن ئاشقان دېيىشكە بولىدۇ.

   ئۇنداق بولسا « ساقىيە » دىگەن نام قانداق پەيدا بولغان؟

   ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىلگىرى ساقى، باقى، سەقى،نەقى دېگەن ئىسىملار كۆپ ئىدى، ساقى دىگەن ئىسىم ئەينى چاغدا بىر مەھەللىدە قاسساپلىق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇپ، كېيىن شۇ مەھەللىنىڭ نامى ساقى قاسساپنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ مەھەللىگە سېلىنغان مەدرىسەمۇ بارا-بارا «تۇقابەگنىڭ مەدرىسەسى » دىگەن نام بىلەن ئاتالماي، ساقى قاسساپنىڭ مەھەللىسىدىكى مەدرىسە ـــ « ساقىيە مەدرىسەسى » دەپ ئاتالغان. ھازىرمۇ چاسا گۈزىرىدىن قارىقى دەرۋازا ئورنىغىچە بولغان ئۇزۇن بىر مەھەللە شۇنىڭدەك شۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەركومىتېتىنىڭ نامىمۇ « ساقىيە » دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.

   « ساقىيە مەدرىسەسى » شۇ مەھەللىدە بولغانلىقتىن « ساقىيە » دىكى مەدرىسە دەپ ئاتىلىپ، كىيىن « دىكى » دىگەن قوشۇمچەچۇشۈپ قېلىپ « ساقىيە مەدرىسەسى » بولۇپ كەتكەن.

   « ساقىيە مەدرىسەسى » نىڭ ياسىلىشى ئۇزاق تارىخىقا ئىگە بولۇپ، قەمەرجاننىڭ ماقالىسىدىمۇ 1654-يىلى قەشقەرلىك باھاۋىدىن باي تەرىپىدىن رېمۇنىت قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ ئۇنىڭ قەدىمقى مەدرىسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ.

  بۇ مەدرىسە 1913-يىلى باھاۋىدىن مەخسۇم تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم رېمۇنت قىلىنغان. شۇ چاغدا مەدرىسەنىڭ پەشتىقىغا:

     « سال تەئىمىر ئىن راۋاقى بىدان »

    « ئەۋۋەلەش شوغلى، ئاخرەش غۇفران »

  دىگەن ئىككى مىسرا شېئىر يېزىپ قويۈلغان، بۇ شېئىر مەدرىسەنىڭ ياسىلىش تارىخىنىڭ ئەبجەد ھىسابى بىلەن يېزىلغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ.

  شېئىردىكى شۇغلى سۆزى رېمۇنىتنىڭ باشلانغان يىلى 1330-يىلنى، غۇفران سۆزى پۇتكەن يىلى 1331-يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سان ھىجىرىيە يىلى بىلەن ھىساپلانغان بولۇپ، مىلادىيەنىڭ 1912-، 1913-يىللىرىغا توغراكىلىدۇ.

« ساقىيە مەدرىسەسى » يۇرتنىڭ ئاتاقلىق بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقىرى كۆتىرۇشكە نۇرغۇن تۆھپە قوشقان. بۇ مەدرىسەگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى نەچچە يۇز تالىپ كېلىپ ئوقۇغان، مەدرىسەدە سەرپ-نەھۋى ( گرامماتىكا )، مەنتىقە ( لوگىكا )، ئەدىبىيات( مەسنىۋى ) لەر ئوقۇتۇلغان.

——–

①      ھېيىتگاھ مەدرىسەسى: ھازىرقى ھېيىتگاھ جامەسى ئىچىدە.

②      تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسەسى: ھازىرقى قوناق بازىرى 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنى.

③ ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسەسى: چاسا باشقارما ئوردا ئالدى باسما زاۋۇت ئورنى ( چېقىۋېتىلدى ).

④  دورغا بەگ مەدرىسەسى: شەھەرلىك بانكا ئارقىسىدىكى ئاھالىلەر بىناسى ئورنى ( بورۇن شەھەر گوڭشى ئورنى بولغان ).

⑤      كەنجازا مەدرىسەسى: ھازىرقى ئۆستەڭبۇيى 4-ساقچىخانا ئورنى.

⑥      ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسەسى: ھازىرقى ئۆستەڭبۇيى باشقارما ئورنى.

⑦      تاغارچى كۇچىسىدىكى مەدرىسە: ھازىرقى تاغارچى كۇچا ئاھالىلەر كومتېت ئورنى.

⑧      دۆڭ مەسچىت مەدرىسەسى: ھازىرقى تاغارچىلىق ۋە گىلەمچىلىك كارخانىسى ئورنى.

⑨      ۋاڭلىق مەدرىسەسى: ھازىرقى ئوردا ئىشىكى 1- باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنى.

⑩      خانلىق مەدرىسەسى:ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ سىياسىي مەكتەپ ئورنى.

⑪   قازانچى مەدرىسە: بۇمەدرىسەمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ سىياسىي مەكتەپ ئىچىدە بولۇپ، خانلىق مەدرىسە بىلەن تۇتاش سېلىنغان.

⑫      تۇقام  مەدرىسە: ھازىرقى خەلق باشقۇرغان تىل-تېخنىكامەكتىپى ئورنى.

⑬      ئاخۇن بايۇفلار مەدرىسەسى: سابىق چاسا باشقارما يېنىدىكى خەلق باشقۇرغان مەكتەپ ئورنى.

⑭      ساقىيە مەدرىسەسى: ھازىرقى ۋىلايەتلىك دىنىي مەكتەپ.

⑮      چاچ مەدرىسەسى: ھازىرقى چاسا غۇجىلا كۇچىسى ئۇدۇلىدىكى سودا-سانائەت بىرلەشمە كارخانا ئورنى.

⑯      لاي پەشتاق مەدرىسەسى: بەشئېرىق كۇچىسى ئىچىدىكى 17-باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنى.

⑰    كەسكەنيار مەدرىسەسى: (سائادەتباي مەدرىسەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ھازىرقى شەھەرلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى باشقۇرىشىدىكى دىنىي مەكتەپ ئورنى.

 

Buy domperidone online



خەتكۈچلەر: