يوللىغۇچى:admin يوللانغان ۋاقتى:دېكابىر - 11 - 2013 1 ئىنكاسلىق

« فېۋرال پاجىئەسى »

مۇھەممەتئىمىن قۇربانى ( ئىشقى )

 جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قۇماندانى خۇجىنىياز ھاجى 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۇنى قەشقەرگە يىتىپ كەلگەن ئىدى.
شۇ چاغدا قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ماجەنساڭ ( چۇلاق زىخۇي ) غا قارشى « يىڭىشەھەر » سوقۇشى بۇلىۋاتاتتى، بۇ ئورۇش باشباشتاقلىق، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئىچكى-تاشقى دۇشمەنلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۇپەيلىدىن بىرتەرەپ بولمىغان ئىدى. گەرچە بۇ ئورۇش باشلانغىلى 60 نەچچە كۇن بولغان، « شەرقىي تۇركىستان ھۆكۇمىتى » نىڭ جىددىي سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن كۇچەيتىلگەن بولسىمۇ، يىڭىشەھەردىكىلەر تەخى تەن بەرمەيۋاتاتتى.
خۇجىنىياز ھاجىنىڭ قۇشۇنلىرى قەشقەرگە كىلىپلا، يىڭىشەھەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا جىددىي تۇتۇش قىلدى، بىرنەچچە كۇن ئۆتمەيلا، ئۇنىم كۇرىلىشكە باشلىدى. ماجەنساڭ تەرەپ چىكىنىپ سىپىل ئىچىگە مۇكۇنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ كۇنلەردە مافۇيۇەن باشچىلىقىدىكى ئۇچ تۇەن ئەسكەر ئاقسۇدىن قەشقەرگە كىلىۋاتاتتى. خۇجىنىياز ھاجى ئۇلارنىڭ ئالدىنى تۇسىش ئۇچىن مارالبېشى، پەيزاۋاتلاردا كۇچلۇك قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ، مۇۋاپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ بىر كىچىدىلا قەشقەردىن كىتىپ قالدى.
خۇجىنىياز ھاجى 28-يانۋار كۇنى كىچىسى بىر بۇلۇك كۇچىنى ئىلىپ يەكەنگە كەتتى. مەھمۇد مۇھىتى ئاساسىي كۇچى بىلەن يىڭىساردىكى خۇتەنلىك ئەمىرلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا قالدى. « شەرقىي تۇركىستان ھۆكۇمىتى » نىڭ زوڭلىسى ساۋۇت داموللا ئاساسىي كۇچىدىن ئايرىلغان ھالدا يىڭىساردا بىرمەزگىل تۇرغاندىن كىيىن، يەكەنگە كەتكەن ئىدى. « شەرقىي تۇركىستان ھۆكۇمىتى » قارمىقىدىكى قۇشۇنلاردىن قەشقەرشەھەر مۇھاپىزەت قۇماندانى كىچىك ئاخۇن ئەسكەرلىرىنى ئىلىپ ئاستىن ئاتۇشقا، « يىزا ئىگىلىك مىنىستىرى » ئوبۇل ھەسەن ھاجى ( مۇسابايۇپ ) زەيدىن كارۋان باشچىلىقىدىكى قۇشۇنلىرىنى ئىلىپ ئۇستىن ئاتۇشقا، « دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى » ئۇرازبەگ قىرغىز ئەسكەرلىرىنى ئىلىپ ئۇلۇغچات تەرەپكە، « قەشقەر گارنىزون قۇماندانى » يۇسۇپجان قۇربىشى ئەسكەرلىرىنى ئىلىپ يىڭىسار تەرەپكە كەتتى. قەشقەر شەھرى مافۇيۇەن قىسىملىرىغا ئوڭچە قالدى. بۇ چاغدا شەھەردىكى بايلار قۇلىغا چىققاننى ئىلىپ چەتكە قاچتى، ئىمكانىيىتى بارلار شەھەرنى تاشلاپ يىزىغا چىقىپكىتىشتى. ئىمكانىيىتى يوق كاسىپلار، كەمبىغەللەر… شەھەر ئىچىدە قالغان ئىدى. يۇسۇپجان قۇربېشى باشباشتاقلىق قىلىپ، ھىچكىمگە يۇلەنمىگەن ھالدا تۇنگانلار بىلەن يەنە بىرقىتىم ئىلىشماقچى بولدى. خۇجىنىياز ھاجى قەشقەرگە كەلگەندە « ھاجى ئاكا » دەپ يۇرىپ نۇرغۇن مىلتىق، ئوق-دۇرىلارغا ئىگە بولغان يۇسۇپجان قۇربىشى خۇجىنىياز ھاجىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىپ يىرىم يولدىن قايتىپ، يولنى تاشمىلىق تەرەپكە سالدىدە، بۇرىخىتاي ( بۇلاقسۇ ) ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى ۋە بىرقىسمى شەھەر ئەتراپلىرىغا كىرىۋەلىپ، يەرلىك دىھقانلارچە كىيىنىپ يۇرۇۋەردى.
مافۇيۇەن ئۆز قۇشۇنلىرىنى باشلاپ، قەشقەرگە يىتىپ كىلىپلا كونىشەھەرنى ئىشغال قىلدى. ئۇنى قەشقەرنىڭ ھاكىمى ياقۇپبەگ لاۋسى، ئىبراھىم لوزۇڭ باشچىلىقىدىكى بىر تۇركۇم بايلار شەھەر سىرتىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ شەھەرگە باشلاپ كىردى. مافۇيۇەن ئەسكەرلىرى شەتەي يامۇلى بلەن دوتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، بىر قىسمى شەھەر ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سودا-سارايلىرىغا، ئومۇمەن ھەيىتگاھ مەيدانى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. مافۇيۇەن گەرچە قەشقەر شەھرىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ سىپىل ئىچىگىلا ھۆكۇمرا ئىدى. دەرۋازا تەشىغا ھۆكۇمى يەتمەيتى. ئەسكەرلىرىنى قىشلىق كىيندۇرىش ئىشى مۇھىم بولغاچقا، شەھەردىكى بارلىق كاسىپلارنى يىغىۋالدى. كىيىم تىككۇچى، مۇزدۇز، بۇياقچى، ئىگەرچى، تاسمىچى، ياغاچچى ھەتتا تۇگمە ياسايدىغان ئۇستىلارغىچە ھەيدەپ كىلىپ، سارايلاردا بەسىۋالغان چەكمەن-ماتالاردىن كىيىم تىكتۇردى. مىلتىققا تاسما، ئاتلارغا ئېغىل ياساتتۇردى. كاسىپلارنى قۇرۇق جىڭموما بىلەن ئاچ-توق قۇيۇپ ئىشقا سالدى. ياخشى ئىشلىمىسە مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇردى. ئۇلارنى بالا-چاقىللىرى بىلەن كۇرۇشتۇرمىدى، ھەتتا ئۆيىدىن كەلگەن تاماقنى ئالدۇرماي قاتتىق ئازاپ سالغان ئىدى. مافۇيۇەن قۇشۇنلىرىغا ئۇزۇقلىقنى يىزىلاردىن ئالاتتى، يىزىلارغا قۇراللىق ئەسكەر چىقىرىپ ئۇتۇن، سامان يىغدۇراتتى. بەزىدە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى يىزىلاردا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراپ قىچىپ كىلەتتى. يىزىلاردا بۇلىۋاتقان ھۇجۇم بارغانسىرى شەھەر بىقىنىغا يىتىپ كىلىپ، تۇمەن دەرياسىغا سۇغارغىلى ئېلىپ چىققان ئاتلىرىنى ھۇجۇمچىلار تارتىپ ئېلىپ كىتەتتى. مافۇيۇەن بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشاش ۋە شەھەر خەلقىنى باستۇرىش ئۇچىن بەگ، پاششاپ، مىرشاپلاردىن كەڭ پايدىلاندى. قەشقەرنىڭ بۇرۇنقى ئاتاغلىق باجگىرى ئىبراھىم لوزوڭنى شەھەر مۇھاپىزەتچى قۇماندانى قىلىپ تەيىنلىدى. ئىنقىلاپچىلار سىپىدىن قىچىپ كەلگەن رىشىتەمنى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قۇماندانى قىلدى. رىشىتەم ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك ئىدى، بۇرۇن دۇمبىلاقچى ( ئىشەكچى كىراكەش ) بۇلۇپ، فەرغانىگە چىقىپ قىرغىزىستاندىن چىققان جانىبەك قازىنىڭ ئىسيانچىللىرىغا قاتناشقان، كىيىن قىچىپ كىلىپ قىمارۋازلىق قىلغان، شۇ يىللاردا كىچىك ئاخۇن بىرىگادىسىدا لىئەن دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقان، كىچىك ئاخۇن شەھەردىن چىكىنگەندە، 30 دەك قۇراللىق ئادىمىنى ئەگەشتۇرىپ، شەھەرگە قىچىپ كىرىپ تۇنگانلارغا تەسلىم بولغان ئىدى. مافۇيۇەن شەھەر ئەتراپىدىكى ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرىش ئۇچىن نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ئاتۇشتىكى كىچىك ئاخۇن تۇەنجاڭنى يۇقىتىش ئۇچۇن 6-فىۋرال شەنبە كۇنى تاڭ سەھەردە ئاتۇش تەرەپكە ئەسكەر ماڭدۇردى. شۇ كۇنى قار يېغىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يىڭىشەھەردىكى ماجەنساڭنىڭ ئالا ياماق چاپان كىيگەن ئەسكەرلىرى كىلىپ ھىيىتگاھدىن ئۆتىپ شەرىق تەرەپكە مىڭىپ كەتتى. بۇ ئىككى قۇشۇن ئەمەلىيەتتە ئاتۇشقا بارمىغان ئىدى. ما فۇيۇەن ئاپپاق خۇجامنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ يول بىلەن بۇچا تەرەپكە كەتكەن بولسا، ما جەنساڭ ئۆز قۇشۇنىنى ئېلىپ دۆلەتباغ رايۇنى ئارقىلىق يىڭى شەھەرگە كەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۆزبېك قۇشۇنلىرى باشلىقلىرىدىن قوچقارباي ئۆزبىك، ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان 100 نەپەر پىدائىيلارنى باشلاپ شەھەرگە باسترۇپ كىردى. ئۇلار ئىككى يولغا بۇلىنىپ رەستىدىكى مۇسابايۇپلارنىڭ سودا سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان بىرىگادا شىتابىنى قولغا چۇشۇردى. يەنە بىر بۆلىكى توققۇزاق دەرۋازا گۇزىرىدىكى موللاخۇن ھاجى سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان تۇەن شىتابىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئىككى شىتابتا بىرنەچچى نەپەرلا ئادەم قالغان بولغاچقا، ئۆزبېك پىدائىيلىرى ئاسانلا قولغا چۇشۇرىۋالدى. پىدائىيلار يەنە ئىككىگە بۇلىنىپ شەتەي يامۇلى بىلەن دوتەي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلدى. دوتەي يامۇلىدىكى تۇنگانلار يامۇلنىڭ تاشقىرقى ھويلىسىغا چاقىلىق پىلىمۇت قۇرۇپ ئات سىلىپ كەلگەن پىدائىيلارنى ئوققا تۇتتى، بىر قانچىسىنى ئۇژمىدەك تۇكۇۋەتتى. قالغان پىدائىيلار تۆت تەرەپتىن ئوراپ ھۇجۇم قىلدى. تۇنگانلار ئۇلارغا قارشى مۇداپىئەلەندى. پىدائىيلارنىڭ شەھەرگە كىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان « ئامىن » چىلار گۇرۇھى پەيدا بولدى. قوللىرىغا كالتەك، پالتا-كەتمەن ئېلىشىپ پىدائىيلارغا قۇشۇلدى. بۇ گۇرۇھ بارغانسىرى كۇپەيدى. بۇ « ئامىن » چىلار دوتەي يامۇلىنىڭ ئەتراپىدىن يامغۇردەك ئوق يېغىپ تۇرىشىغا قارىماي، ئامىن توۋلاپ دۇشمەنلەرنى قىستاپ بارماقتا ئىدى. ئورۇش شۇ خىل تىركىشىش بىلەن بىرنەچچە سائەت داۋام قىلدى. لىكىن پىدائىيلار شەھەر دەرۋازىللىرىغا سەل قاراپ ئىچىدىن زەنجىرلەپ قۇيۇش بىلەن قانائەتلەنگەن ئىدى.
ئاتۇشقا بىرىش داغدۇغۇسى بىلەن شەھەردىن چىققان مافۇيۇەن بەشكىرەم ئېغىزىغا جايلاشقان ئۇزۇن سايغا يىتىپ كەلدى. « شام پادىشاھ » دىگەن مازارنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ بىرنىمە كۇتكەندەك شەھەر تەرەپكە قاراپ تۇردى. دەل شۇۋاقىتتا چاپارمىنى يىتىپ كىلىپ شەھەر ئەھۋالىدىن خەۋەر يەتكۇزدى. شۇنىڭ بىلەن مافۇيۇەن شەھەرگە قاراپ يول سالدى. ئۇلار شەھەرگە يىتىپ كەلگەندە دوتەي يامۇلىدا ئورۇش داۋام قىلىۋاتاتتى. بۇلار سىپىل ئۇستىدە قاراۋۇلنىڭ يوقلىقىنى كۇرىپ « تۇشۇك دەرۋازا » سىدىن شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى. بۇلاردىن بىر قىسمى ھىيىتگاھنىڭ شەرقىدىكى قاراڭغۇ رەستىنىڭ دوقمۇشىغا پىلىمۇت قۇرۇپ ئېتىشقا باشلىدى. ئۇشتۇمتۇت بولغان ھۇجۇمدىن ھاڭ-تاڭ قالغان پىدائىيلار بىلەن « ئامىن » چىلار خامبازىرى سۇلاقخانىسىغا سۇرۇلدى، ئەمما ھەممە تەرەپنى تۇنگان ئەسكەرلىرى تۇسۇپ ئالغان ئىدى.
ئۇيقۇسى ئېچىلىپ دالدىلاردىن پايدىلىنىپ مۇداپىئە كۆرگەن پىدائىيلار قەيسەرلىك بىلەن قايتۇرما زەربە بىرىپ، بىسىپ كىلىۋاتقان تۇنگانلارنى توختاشقا مەجبۇر قىلدى.
ئۇرۇش سائەتلەپ داۋام قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپ چىقىمدار بولدى. پىدائىيلار سان جەھەتتىن ئازلىق قىلاتتى، پىدائىيلارنىڭ بىر قىسمى ئارقا ئەنجان كۇچىسىدىكى « لى جىڭ » يامۇلىغا چىكىنىشتى، يەنە بىر قىسمى جاننى ئالقانغا ئالدى-دە، يا ئۆلىم يا كۆرىم دەپ ئەنجان رەستىسىگە قاراپ ئات سالدى، تۇنگانلار بۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىغا ھەيران بولۇپ ئۆزلىرىنى ئوڭلاپ بولغىچە بىرقانچىسى يارباغ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى، تۇنگانلار ئۇلارنىڭ يۇلىنى قاتتىق توسقان بولسىمۇ، ئۇلار ئاتنىڭ قارنىغا چۇشىۋېلىپ تۇنگانلاردىن بىرقانچىسىنى دومۇلىتىپ تاشلاپ، قىچىپ چىقىپ كەتتى بەزىللىرى ئۆلدى. چىقىپ كىتىشكە ئامال تاپالمىغان پىدائىيلار سۆرۇلۇپ ھىيىتگاھ ئارقا ئەنجان كۇچىسىدىكى « لى جىڭ » يامۇلى دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنغا توپلىنىپ، ئېگىز سىراجتاملاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى قوغدىدى. تۇنگانلار ئۇلارنى تۆتتەرەپتىن ئوراپ كىلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئوققا تۇتتى. بۇلۇپمۇ سىپىل تەرەپتىن قاتتىق ھۇجۇم قىلىشتى. لىكىن، بۇلارنىڭ ئاتقان ئوقلىرى قىلىن تامدىن ئۆتمەيتى. پىدائىيلار بولسا كۆزگە ئىلىنغان تۇنگانلارنى ئېتىپ دومىلىتاتتى.
بۇ ئۇرۇش كەچ سائەت تۆتلەرگىچە داۋام قىلدى، تۇنگانلار كۆپلەپ چىقىم تارىتتى، يىرىم كۇنلىك ئۇرۇشتا تۇنگانلار شۇ كۇچىدىن 45 نەپەر پۇخرانى ئېتىپ تاشلىدى، ھايات قالغان كىشىلەر ئۆيدىن-ئۆيگە تۆشىك تېشىپ ئۆي ئاتلاپ يۇرۇپ، بۇ ئورۇندىكى كىچىك خالتا كوچىدا ئولتۇراقلاشقان ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋەلىپ جەنىنى ساقلاشتى. تۇنگانلار ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە ئېسىلغان ئەنگىلىيە بايرىقىغا قاراپ بۇ كۇچىغا كىرمىگەن ئىدى.
« لى جىڭ » يامۇلىدىكى پىدائىيلار تۇنگانلار بىلەن كەچكە قەدىر ئېلىشىپ قارشى تەرەپنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى، تۇنگانلار ئۇلارنى بويسۇندۇرىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىم بەرمىگەندىن كىيىن ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئالدامچىلىق قىلىشقا كىرىشتى. مەھەللىدىن تۇتۇۋالغان ئابدۇخالىق بىلەن زۇنۇن ئاتا دېگەن كىشىلەرنىڭ قۇلىغا بىر دانە ئاق بايراق بىلەن بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ پىدائىيلار تەرەپكە ماڭغۇزدى.
پىدائىيلار ئاق بايراقنى كۆرۇپ ئەلچى ئىكەنلىگىگە قاراپ ئوق ئاتمىدى. ئەلچىلەر كىلىپ پىدائىيلارغا بىر پارچە خەت تاپشۇردى. بۇ خەت ئەھرارخان تۆرەم، مۇھەممەتخان ئاقساقال باشلىق ئۆبېك مۆتىۋەرلىرى نامىدىن يېزىلغان ئىدى. خەتتە « سىزلەرنىڭ خەتەرلىك ھالغا چۇشۇپ قالغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپتۇق، بىز سىزلەرنى بۇ خەتەردىن قۇتقۇزىش ئۇچىن ما زىخۇي بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتۇق، گۇناھلىرىڭىزدىن ئەپۇ سۇرىدۇق، ئۇ كىشى ھەم قۇبۇل كۆرۇپ كەچۇرىم قىلىدىغان بولدى، تەسلىم بولۇپ قورال تاپشۇرسىڭىزلەر كەڭچىلىك قىلىدىغانغا ۋەدە قىلدى، ئۆتكەن ئىشنى سۇرىشتە قىلمايمىز دىدى، ئەگەر ئۆزىڭىزلەرنىڭ ھاياتىنى ئىزدىسىڭىزلەر ۋە قەشقەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقىنى خالىسىڭىزلەر تەسلىم بولغايسىزلەر، ما دارىن جانابلىرى چۇقۇم كەڭچىلىك قىلىمەن دەپ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچتى، بىز سىزلەرگە كىپىل بولدۇق، سىزلەرنىڭ تەسلىم بولىشىڭىزلەرنى تەلەپ قىلىمىز » دىيىلگەن ئىدى. پىدائىيلار بۇ تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىپ، بىر قىسمى تەسلىم بولۇش، بىر قىسمى تەسلىم بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى گورۇھقا بۆلۇنگەن ئىدى. مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە قىلىشىپ ئاخىرى تەسلىم بولۇشقا ماقۇل بولىشتى ۋە « ئوزۇن مىلتىقلارنى تاپشۇرىدۇ، تاپانچا ۋە قىلىچلار ئۆز قولىدا قالىدۇ » دەپ توختاملىشىپ، بىرىنجى قەدەمدە ئۇزۇن مىلتىقلارنى تاپشۇرىپ بەردى، تۇنگانلار ئۇزۇن مىلتىقلارنى ھارۋىغا بېسىپ ئېلپ كەتكەندىن كىيىن، تەسلىم بولغان پىدائىيلارنى قۇرو ئالدىدىكى سەھنىگە تىزىلدۇرۇپ، يان قۇرال بىلەن قىلىچنى يىغىۋالدى. بۇنىڭدىن بىر سائەت ئىلگىرى ئۆزلىرىنى ئارىسلاندەك ھىس قىلىشقان پىدائىيلار ئەمدى قوراللىرىدىن ئايرىلىپ سوغا چۇشكەن مۇشۇكتەك بىچارە بولۇپ قالغانلىقلىرىنى تونۇپ ھەسرەت چىكىشتى. تۇنگانلار ئۇلارنىڭ قوللىرىنى ئارقىغا قايرىپ ئارغامچا بىلەن باغلاشقا باشلىدى، باشلىق دەپ ھىساپلىغان 18 كىشىنىڭ پۇتىغا كىشەن، قولىغا كويزا سەلىپ يىڭىشەھەر تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى، قالغان 40 ئادەمنى باغلاپ دوتەي يامۇلى تەرەپكە ھەيدەپ ماڭدى. بۇلار ھەرقانچە پۇشايمان، نادامەت قىلسىمۇ ۋاختى ئۆتكەن ئىدى.
يىڭىشەھەر تەرەپكە ھەيدەپ كېتىۋاتقان 18 كىشى قىزىلنىڭ كۆۋرىكىگە يىتپ كەلگەندە قاراڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدى، ئارىدىن ئىككى ئادەم ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ قاچتى، قاراڭغۇدا تۇنگانلار بايقىمىغان ئىدى، بۇ ئىككەيلەن تۇنگانلار ئۇزاپكەتكەندىن كىيىن كۆۋرۇك دالدىسىدا دەملىرىنى ئېلىۋەلىپ، تاڭ ئاتقۇچە قېچىپ پاختەكلى يىزىسىنىڭ نىرىسىغا ئۇتۇپ ئامان تاپتى. قالغانلىرى شۇ كىچىسى يىڭىشەھەردە ئېتىپ تاشلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئابلا كەتمەننىڭ ئوغلى ئابدۇكىرىم دىگەننى قورال-ياراغ ئۇستىسى ھاۋاز چوڭ دىگەن كىشى مىنىڭ تۇققۇنىم دەپ ئولىمدىن قۇتقۇزىپ قالدى.
مافۇيۇەن پىدائىيلارنى ئالداپ قولغا چۇشۇرگەندىن كىيىن، پىدائىيلارغا ياردەملەشكەن « ئامىن » چىلارنى پىلۇمۇتقا تۇتۇپ جازالىدى ۋە ئۇچ كۇنلىك ھەربىي ھالەت ئىلان قىلىپ، بارلىق قۇشۇنلىرىغا بولاڭ-تالاڭ قىلىشقا، ئۇچرىغاننى ئېتىشقا بۇيرۇق بەردى. شەھەر كۇچىللىرىغا پىت تارىغاندەك تاراپكەتكەن تۇنگانلار بىرىنجى قەدەمدە تىجارەتچىلەرنىڭ دوكانلىرىنى بۇلاشتى، ئىككىنجى قەدەمدە ئۆيلەرگە باستۇرىپ كىرىپ بولاڭ-تالاڭ قىلدى، ئۇچرىغان ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۇردى ۋە چاناپ تاشلىدى. ئۆيلەرنى بۇلىغاندا دەسلەپ يىڭىراق ئۆيلەردە بۇلاڭچىلىق قىلغان بولسا، بارا-بارا ئومۇميۇزلىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، بۇلىغان ماللىرىنى كەمبەغەللەرگە كۇتۇرگۇزىپ ئېلىپ كەتتى. ئىشى تۇگىگەندە ئۇلارنىمۇ ئېتىپ تاشلىدى. ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئۆي ئىگىللىرىنى تۇتۇۋىلىپ ئالتۇن-كۇمۇش، پۇل، سائەت بەر دەپ قىستىدى، خەلقلەر ئۆزىدە بار نەرسە-كىرەكلەرنى بىرىپ تۇگۇگەن چاغدا يەنە قانائەت قىلماي، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى باغلاپ تۇۋرۇككە ئەسىپ ئوردى، تۇمۇر قىززىتىپ ياقتى، پۇتكۇل شەھەرنى دات-پەريات قاپلىدى. بىرىنجى قىتىم كىرگەنلەر بولاپ-تالاپ چىقىپكەتسە، ئىككىنجى قىتىم كىرگەنلەر ئاۋالقىلارنىڭ كىرگەنلىگىنى ھىساپقا ئالماي يەنە قىينايتى، قالغان-قاتقانلارنى بولايتى، ئۇچىنجى، تۆتىنجى قىتىم كىرگەنلەرگە بەرگۇدەك نەرسە قالمىغاندا ئۇلارنى ئۆلتۇرۇپ تاشلايتى. بۇ ۋەھشىيلەر بولاڭ-تالاڭ قىلىپلا قالماستىن، خۇتۇن-قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلدى. خۇتۇن-قىزلارنى ئاتا-ئانىسىغا، ئەرلىرىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ نۇمۇسىغا تەگدى. بۇ قىرغىنچىلىققا يىڭىشەھەردىكى ماجەنساڭ قۇشۇنلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى، ئالتە ئايغىچە يىڭىشەھەر مۇھاسىرىسىدە قامىلىپ ئازاپ چەككەن بۇ ئەسكەرلەر، قۇلىدا تۇمۇرنىڭ سۇنىقى بولمىغان بىگۇناھ شەھەر خەلقىدىن ئۆچ ئىلىپ دەھشەتلىك قىرغىن يۇرگۇزدى.
تاڭ ئېتىشىقا يىقىن ھەرقايسى ئۆيدە ئۆلگەن ئۆلۇكلەرنى ئىشىك ئالدىغا ئاچىقىپ ياتقۇزىپ قويدى، بۇ ئىككىنچى كۇنى كىلىدىغان ۋەھشىيلەرنىڭ يۇلىنى تۇسۇش ئۇچۇن چارە ئىدى. بۇ چارە راستىنلا ئۇنىملىك بولدى، ئىككىنجى كۇنى كەلگەن بولاڭچىلار ئۆلۇك بار ئۆيگە كىرمەي قايتىپ كىتىشتى. دەھشەتلىك 6-فىۋرال كۇنى ئاشۇنداق خەۋىپلىك ئۆتكەن بولسىمۇ، پاجىئە تەخى تۇگىمىگەن ئىدى. شۇ كچىسى تاڭ يۇرىغىچە ھەممە ئەتراپتىن مىلتىق، پىلۇمۇتلار ئېتىلىپ تۇردى. 7-فىۋرال كۇنى بولاڭ-تالاڭ يەنە داۋام قىلدى، لىكىن ئەھۋال تۇنىگۇنكىدەك دەھشەتلىك بولمىدى، چۇنكى بۇ كۇنى ماجەنساڭنىڭ ئادەملىرى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۇستىگە بولايدىغانغا پەقەتلا ئەسكى يوتقان، تەكىيلەردىكى توزغاق، سامانلارلا قالغان بولغاچقا، ئەسكەرلەرگە ئانچە پايدا بەرمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قوي، كالا، ئاتلىرىنى بولاڭ-تالاڭ قىلدى. 7-فىۋرال كۇنى چۇش بولغاندا، تۇنىگىن تەسلىم بولغان پىدائىيلارنى دوتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا ئەلىپ كەلدى، بۇلارنى ئوراپ ماڭغان قۇراللىق قوغدىغۇچىلار سەينانىڭ ھەممە تەرىپىگە يىيىلىپ، ئەسىرلەرنى تامنىڭ ئالدىغا ئىككى قاتار قىلىپ تىزدى. بۇگۇن ئۇلارغا ھۇكۇم ئىجرا قىلماقچى بولغان ئىكەن، ئاز ئۆتمەي شەھەر ھاكىمى ياقۇپبەگ لاۋسى بېشىدا قارا پوسما، ئۇچىسىدا قارا لەمبۇقتىن تىكىلگەن جاجازا چاپان، ئايىقىدا قارا مەخمەلدىن تىكىلگەن لاتا خەي…كىيىنگەن ھالدا غەربىي يولدىن كىرىپ كەلدى. ئاندىن قەشقەر شەھرىنىڭ قورچاق مۇھاپىزەت قۇماندانى ئىبراھىم لوزوڭ باشچىلىقىدا شەھەر مۆتىۋەرلىرىدىن بىر تۆركىم كىشىلەر كىلىپ ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئورۇن ئەلىشتى. بىرچاغدا يامۇل ئىچىدىن مافۇيۇەن چىقىپ كەلدى، يۇرىت كاتتىللىرى ئورنىدىن تۇرۇپ سالام ئۇچىن قوللىرىنى كۆكسىگە قۇيۇپ تەزىم قىلدى، مافۇيۇەن كۆپچىلىككە قاراپ « خەلقنى بۇلايدىغان، جەمىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ئىسيانچىلارغا قاتتىق جازا بىرىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ جىنىنى تىلەشنىڭ ئۇزىمۇ جىنايەت ئىكەنلىگىنى » ئوقتۇردى. ئۆزبەكلەرنىڭ پىشىۋاسى ئەھرارخان تۇرەم ئورنىدىن تۇرۇپ قايتا مۇراجەت قىلىپ « بۇلارنى ياخشى ئادەم قىلىش ئۇچۇن كاپالەت بىرىمەن » دىۋىدى، ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا بىر بۇيرۇق بىلەن پىدائىيلارنى پىلىمۇتقا تۇتۇپ قىرىپ تاشلىدى. بۇ 40 كىشىدىن ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىرسى ئۆلۇكلەر ئارىسىدا يىتىۋەلىپ كىيىن قىچىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالىدى، قالغان كىشىلەر قانغا بويىلىپ ئۆلىپ تۆگەشتى.
ھەربېي ھالەت بۇيرىقى ئۇچ كۇن دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئىككىنجى كۇنى ( 7-فىۋرال ) قاراڭغۇ چۇشۇشكە يىقىن بۇيرۇق ئېلىپ تاشلاندى. كۇچىلارغا ئادەم چىقىرىپ « ئەل ئامان » دەپ جاكار سالدۇردى. ئەسكى داسلارنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ، ئاۋاز چىقىرىپ، ھەربىي ھالەتنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، بولاڭ-تالاڭنىڭ ئەمدى توختىغانلىقىنى ئۇنلىك ئاۋازلار بىلەن جاكارلىدى.
8-فىۋرال كۇچا-كۇچىلاردىن ئۆلگەن ئۆلۇكلەرنىڭ تاۋۇتلىرى چىقىشقا باشلىدى، بامدات نامىزىدىن باشلانغان ئۇزىتىش پىشىنغىچە يىرىم كۇن داۋام قىلدى. ئۆلگەن ئۆلۇكلەر كۆپ بولغانلىقتىن پاششاپلار ھارۋىلارغا قاتلاپ بېسىپ قەۋرىستانغا ئاپىرىپ چوڭ ئورەك كولىتىپ، ئۆلۇكلەرنى ئۇستى-ئۇستىگە قۇيۇپ كۆمۇپ تاشلىدى، شەھەردىكى ئۆلۇكلەرنى ئۇزىتىش، تاۋۇت كۇتىرىش باھانىسى بىلەن تىرىك قالغان ئەرلەر شەھەر تىشىغا چىقىپ كەتتى.
7-فىۋرال كۇنى قەشقەر شەھرىدە ماجوڭيىڭ ۋە مافۇيۇەن تەرىپىدىن قىلىنغان چاپ-چاپتا ئۆلتۇرۇلگەن ئادەم زادى قانچە؟ بۇ ھەقتە ئىنىق مەلۇمات يوق. لىكىن، شىۋېد مىسسئۇنېرلىرى كۇچىلارغا ئادەم چىقىرىپ ئۆلگەن ئۆلۇكلەرنى كۆزدىن كۇچىرىپ تىزىملىغان ئىدى، شۇلارنىڭ تىزىملىغان سانى ھازىرچە ئاساسلىق سان بولۇپ كەلمەكتە. شىۋېد مىسسئۇنىرلىرى چىقارغان ئادەملەر ھىيىتگاھ مەيدانىدىن ئۆتۇپ شەرقىي يولدىكى زەيكەش مەھەللىسىگە يىتىپ كەلگۇچە تىزىملىغان ئۆلۇكلەرنىڭ سانى 4508 چىققان، بۇ سان ئېنىق سان ھىساپلىنىدۇ. 1956-يىلى جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سايرانى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ زالىدا سۆبەت يىغىنى ئاچقان ئىدى. يىغىندا 7-فىۋرال قەشقەردە ماجوڭيىڭ قىسىملىرى يۇرگۇزگەن قەتلىئام توغرىسىدا سۆز بولغاندا، يىغىنغا قاتناشقان بارات ئاخۇن خەلپىتىم ( تۇكۇر ) شىۋېد مىسسىئۇنىرلىرى تىزىملىغان 4508 ئادەمنىڭ تىزىملىگىنى ئۆز كۇزى بىلەن كۆرگەنلىگىنى ئۆتتۇرىغا قويدى، بەزىلەر مۇلاھىزە قىلىپ شۇ قىتىمقى قىرغىندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 مىڭچە دەپ پەرەز قىلىشتى، ھەر ھالدا شىۋېدلەرنىڭ تىزىملىغان سانى بىر قەدەر ئەمىلىي سان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بىر شەھەردىن شۇنچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلتۇرۇلگەنلىكى ھەرقانداق ئادەمنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ.

مۇھەممەتئىمىن قۇربانى ( ئىشقى ) « قەشقەر تەزكىرىسىدىن تەرمىلەر » قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1999-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى 1-باسمىسىدىن ئېلىندى

تورغا يوللىغۇچى: دولان
cheap Motilium



خەتكۈچلەر:

بۇ يازمىغا ھازىرچە بىر تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. تورجان مۇنداق يازغان:

    خەتلەر نورماك كۈرۈنمىدى، تەڭشەپ قويسىڭىز بولغىدەك .