يوللىغۇچى:admin يوللانغان ۋاقتى:دېكابىر - 11 - 2013 ئىنكاسسىز

تونۇلغان ئەدىب ۋە تارىخچى مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى (ئىشقى)

مۇختەر مامۇت مۇھەممىدى

كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىب ۋە تارىخچى مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى، 1914-يىلى قەشقەر شەھرى ئەنجان كوچىسىدا قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق مەزگىلىدە دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان.

1921-يىلىدىن 1931-يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەردە، كىيىن بوغالتىرلىق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1935-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئاتلىق 6-دېۋىزىيە باش شىتابىدا ھېساۋات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانعان. 1938-يىلدىن 1947-يلىغىچە جۇڭگۇ-سوۋېت شىرىكچىلىكىدىكى يەرلىك ماللار شىركىتىدە، 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مالىيە بۆلىمىدە، 1951-يىلدىن 1954-يىلىغىچە خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ قەشقەردىكى 13-دېۋىزىيىسىدە ئىشلىگەن. 1955-يىلدىن 1980-يىلىغىچە جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلۇق مەمۇرى مەھكىمە ۋە قەشقەر مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ئورگان مالىيە خىزمىتىنى ئىشلىگەن. شۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك1-خەلق دوختۇرخانىسىدا بوغالتىرلىق خىزمىتى قىلغان .

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى بالىلىق چاغلىرىدا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىق جايلاردا مەدداھ-ۋائىزلار سۆزلىگەن جەڭنامىلەر ۋە تارىخى ۋەقەلىكلەرنى ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىغان. ئەلشىر نەۋائى، شاھ مەشرەپ قاتارلىق كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. مانا مۇشۇ بىلىملەرنىڭ تۈرتكىسىدە، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر ئالىم، ئۆلىمالارنىڭ ئىجادى پائالىيەتلىرى، ئىلمى ئەمگەكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، تۆھپىلىرىنى شۇنداقلا ئۇلار ياشاپ ئۆتكەن دەۋرلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرلەپ ماڭغان .

ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى، ئىلمى ئەمگەكلىرى ۋە ئىجادى پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ نامىنى مىللى ئەدەبىيات تارىخمىزغا كىرگۈزۈشكە ئاساسلىق تۆھپە قوشتى ھەمدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1916-يىل «شۇرا» ژورنىلىدا بىسىلغان «ئەدەبىي بىر مۇسابىھە» ناملىق ماقالىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ئابلىز ئۆمەر بىلەن بىللە يازغان ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدىكى «مەرىپەت يۇلتۇزى ھەققىدە قىسسە» ناملىق تارىخى پوۋېسىتى 1989-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئەمەتخان قوشاقچى قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ھاياتى، قوشاق ئىجادىيىتى ۋە ئىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ «ئاپەتلىك يىللارنىڭ بىگۇناھ قۇربانى» ناملىق ئوچېرىكىدا قەشقەردىكى ئاتاقلىق تېۋىپ ھېپىزىخان مەخسۇمنىڭ تېۋىپلىق ھاياتىدىكى ئىش-ئىزلىرى، خەلق ئارىسىدىكى نام-شۆھرىتى، تۆت كىشىلىك گوروھنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەتلىرى يېزىلغان، قاراڭغۇ زۇلمەت، تەتۈر پەلەك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان .

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى ئۇزۇن مۇددەت قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەشقەر شەھرىدىكى تارىخى شەخسلەر، مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى، مازارلار، بىر قىسىم تارىخى ئۇزۇن مەدرىسلەر، رەستىلەرنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «قەشقەردىكى يادىكارلىقلاردىن تەرمىلەر» ناملىق كىتاب قەشقەرنىڭ تارىخ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا خىلى ئىلمى قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭ «يىقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ماجەنساڭ ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم» ، «قەشقەردىكى ھەزرەت سەيلىسى»، «چەتنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى كۆرەش»، «قەشقەر تارىخىدىكى فېۋرال پاجىئەسى»، «مافۇشىڭ (ماتىتەي) توغرىسىدا ئەسلىمە» قاتارلىق ئەسلىمە ۋە ماقالىلىرى «مەرىپەت يۇلتۇزى ھەققىدە قىسسە» دېگەن پوۋېسىتى «شىنجاڭ تارىخى ماتىرياللىرى»، «شىنجاڭ تەركىزىچىلىكى»،قەشقەر تارىخى ماتىرياللىرى»، «قەشقەر كونا شەھەر ئەدىبىياتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، جەمىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى، بەزى ماقالىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە « ئۆتمۈشنىڭ زارى» ناملىق تۆت قىسىملىق 4000 مىسرالىق تارىخى داستانى، «1930-يىللاردىكى قەشقەردە ئۆتكەن ئۆزبىك قوشۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى»، «ئىستىقبال سەۋدالىرى»، «يۈرەك دولقۇنلىرى»، «تارىخى ئەسلىمىلەر» …  قاتارلىق تارىخى، ئىلمى قىممەتكە ئىگە ئاز كەم 50 پارچە ماقالىسى ئىلان قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ 400 بەتتىن ئارتۇق«ئاچچىق كۈنلەر خاتىرىسى»  ناملىق ئەسلىمىسى «مەدىنىيەت زور ئېنقىلابى» مەزگىلىدىكى تىنتىش ۋاختىدا نۇرغۇن گېزىت، ژورنال، كىتابلىرى بىلەن بىللە ۋەيران قىلىندى.

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى تارىخ ساھەسىدىلا ئەمەس، ئەدىبىيات ساھەسىدىمۇ خېلى چوڭقۇر ئىزدەنگەن، ئۇ 40 نەچچە يىللىق ئىجادىيىتى جەريانىدا «ئۆتمۈشنىڭ زارى»، «نۇمۇس داغلىرى»، «قانلىق دراما» قاتارلىق داستان، پوۋېسىت، 6000 مىسرادىن ئارتۇق شېئىر ۋە چۆچەك يازدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر   قىسىمى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىندى ۋە رادىئو ئىستانسىلىرىدا ئاڭلىتىلدى.

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى 1990-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 76-يىشىدا بەخىتكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى
Motilium without prescription



خەتكۈچلەر: