يوللىغۇچى:admin يوللانغان ۋاقتى:دېكابىر - 11 - 2013 ئىنكاسسىز

مۇھەممەدئەمىن قۇربانى

ئابدۇقادىر داموللام ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچ

مۇھەممەدئەمىن قۇربانى «ئىشقى»

قوغۇن پىششىقى كۈنلىرىنىڭ بىرى ، داموللىنىڭ بالا – چاقىلىرى ئاتۇشقا خامان ئېلىشقا كەتكەن بولۇپ ، ئۆيدە پەقەت شاگىرتى باقى ئاخۇنلا قالغانىدى .
داموللام كەچنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ، باقى ئاخۇنغا رۇخسەت بەردى ۋە ياندىكى ئۆيىگە كىرىپ بەخىرامان ئۇخلاپ قالدى .
داموللىنىڭ دەرۋازىسى تاقالغىچە بولغان ئارلىقتا قانداقتۇر بىر سايە ئاتخانىغا كىرىپ مۆكۈۋالغانىدى . بۇنى داموللاممۇ ، باقى ئاخۇنمۇ تۇيمىغانىدى . داموللامنىڭ ھەر كىچىسى بىر قېتىم تاھارەت سۇندۇرۇشقا چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ قارا سايە داموللامنىڭ تاھارەتكە چىقىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى .
يىرىم كىچىدىن ئۆتكەندە داموللام يۆتەل ۋە ئاياغ تىۋىشى بىلەن مېھمانخانا ئۆيدىن چىقىپ ، ئارا ئېشىكنى ئېچىپ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى . قارا سايە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپلا قىلىپ ئاتخانىدىن ھويلىغا ، ئاندىن مېھمانخانا دەھلىزىگە كىرىپ مۆكۈندى . بۇ ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان داموللام تاھارەتتىن بىكار بولۇپ ، ئارا ئىشىكنى تاقىدى – دە ، ئۆيگە ئاياغ تاشلىدى . ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا ، داموللام ئۇزۇن ئىچ كۆڭلەكتىن باشقا كىيىم كەيمىگەنىدى .
داموللام دەھلىز ئىشىگىدىن كىرىپ ، مېھمانخانىغا ئاياغ تاشلىماقچى بولغىنىدا “چىم“ قىلغان يىقىمسىز بىر سىزىم داموللامنى قاتتىق ئەندىكتۈرىۋەتتى . ئۇيقا ئارلاش ، ئويسىز ھالەتتە كىرىۋاتقان داموللام ئەمدىگىنە ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك بېقىنىنى تۇتىشىغا ، قارا سايە پىچىقىنى تارتىۋالدى .داموللامنىڭ قوللىرى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قىنىغا مىلەنگەنىدى . ئۆزىگە پىچاق سېلىنغانلىقىنى بىلگەن داموللام قارشىسىدا تۇرغان قاتىلغا “ئىپلاس“ دېگىنىچە ئېتىلدى .بىراق ، كۆزلىرىگە قان تولغان قاتىل تەمتىرەش ياكى قىزىش تۈگۈل ئەكسىچە غالجىرلىق بىلەن داموللامغا ياندى .داموللام قاتىلغا قارىغاندا كۆپ سېمىز ھەم دوغىلاق كىشى بولسىمۇ ،لېكىن قاتىل داموللامدىن ياش ھەم كۈچتۈڭگۈر ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداقتۇر بىر روھ ئۇنى تىخىمۇ ئەسەبىيلەشتۈرىۋەتكەنىدى . داموللام دۈشمىنىنى ھەر قانچە بىسىشقا جۈرئەت قىلغان بولسىمۇ ،لىكن قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ، قاتتىق ھالسىراپ كەتكەنىدى . بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاتىل داموللامنىڭ قورسىقىغا يەنە بىر پىچاق سىلىپ ، ئۇنىڭ قورسىقىنى يىرىۋەتتى . داموللام گۈپپىدى يىقىلدى – دە ،ھۇشىدىن كەتتى . ئارلىقتا بىر نەچچە قىتىم “باقى ئاخۇن“ دەپ ھالسىز توۋلىغان بولسىمۇ ، لىكىن قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن باقى ئاخۇن ھېچنىمىنى تۇيمىغانىدى .
داموللامنىڭ ھالسىزلانغىنىنى كۆرگەن قاتىل مۇرادىغا يەتكەندەك بولۇپ ، كەلگەن يولىچە بەدەر تىكىۋەتتى .
داموللام غەرق قان ئىچىدە ياتاتتى . ئارىلاپ – ئارىلاپ بوش ئاۋازدا ئىڭرايتتى ۋە خارقىرايتتى . بىراق ، بۇ تۈن كېچىدە قېرىشقاندەك داموللامنىڭ ھالىغا يەتكۈدەك ھېچ ئىنسان چىقمىغانىدى پەقەت تاڭغا يېقىن ئۆگزىگە تاھارەتكە چىققان ھەقەمسايىسى بۇ خاقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىدى – دە ،دەررۇ باقى ئاخۇننى توۋلاپ ئويغاتتى . باقى ئاخۇن داموللامنىڭ قىشىغا كىرگەندە بۇ مۇبارەك زات ئاللىقاچان جان ئۈزگەنىدى. بۇ دەھشەتلىك پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان قۇلۇم – قوشنىلار دەررۇ شەھەرلىك جىيسا (ساقچى)
ئىدارىسىغا چېپىشتى .
شەھەر بايلىرىدىن ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن ئاخۇن پاششاپ قاتارلىق شەھەر قوغداش خادىملىرى ھە- ھۇ دېگىچىلا داموللامنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كىلىشتى ھەمدە دەررۇ ئەھۋالنى ئېگىلەشكە كىرىشتى . ئۆينى تەكشۈرۇۋاتقاندا ھويلىدىن بىر تۆمۈر قىسقۇچ تىپىلدى . “ئوغرىلارنىڭ ئەزرائىلى“ دەپ داڭ چىقارغان زۇنۇن پاششاپ قىسقۇچنى ئالغان پىتى ئۇدۇل تۆمۈرچىلەرنىڭ قېشىغا يۈگۈردى .
سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قىسقۇچنىڭ شەھەردىكى مەلۇم تۆمۈرچىنىڭ قىسقۇچى ئىكەنلىكى ، ئۇنى تۈنۈگۈن كۈندۈزدە ئەھمەت مەزىننىڭ ئارىيەتكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى .
زۇنۇن پاششاپ قول ئاستىدىكى مىرشاپ ، چاكەردىلەرنى ئېلىپ ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنى كىيىم ۋە بەدەنلىرىدىكى قان داغلىرىنى يۇيۇۋاتقان يىرىدىن تاپتى . پۇت – قوللىرىغا كىشەن سىلىپ بەگلىك ئورۇن بولغان دىڭزا تۈرمىسىگە قامىدى . ئۆمەربەگ ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى . چۈنكى ، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئەھمەت مەزىنگە يول كۆرسەتكۈچىلەر ئادەتتىكى ئادەم ياكى كىچىك بىر ئورۇن ئەمەس ئىدى .
ئۆمەر بەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار ئۈندىمەيلا ئۇدۇل شەھەرنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان “كاتتا كىشى“ نىڭ ئالدىغا باردى . ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىنى بىر – بىرلەپ ئىقرار قىلدى . ئۆمەرباي بۇ ھادىسىگە چېتىشلىق “ئۇلۇغلارنىڭ“ ئىسمىنى ئوچۇق ئېيتمىغان بولسىمۇ ، لىكىن “كاتتا كىشى“ نىڭ چىرايلىرى سارغىيىپ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى . بۇ سىر ئاشكارىلانسا شەھەردە قانداق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ چىقىشى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى . شۇڭا ئۇ دەررۇ ئەقلىنى جورۇپ چۆچەكتەك ئىككى يامبۇنى بەگ بىلەن پاششاپنىڭ ئالدىغا قويدى . پەۋقۇلاددە چىگىش ھەم خەتەرلىك دېلودىن گاڭگىراپ تۇرغان ئۆمەر باي بىلەن زۇنۇن پاششاپنى، شەھەر كاتتىسىنىڭ بۇ كاتتا سوۋغىسى تېخىمۇ چىڭ ئىسكەنجىگە ئالدى . سوۋغىدىن كىيىن قويۇلغان شەرتلەرگە 2 كىشىنىڭ ماقۇل كەلمەسلىكى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كېرەكلىكى ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جېكىلەندى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يوشۇرۇن بىر سىرغا ئايلاندى . ئەھمەت مەزىن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سوراقلىرىدا داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئىشنى پىلانلىغۇچىلار ، بۇيرۇق چۈشۈرگۈچىلەر ھەققىدە ھېچنىمىنى ئاشكارىلىمىدى . ئەكسىچە داموللامغا بىرمۇنچە بەتناملارنى چاپلاپ ، ئۇنى داموللامنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەپلىرى قىلىپ كۆرسەتتى .
دەل شۇ كۈنلەردە داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئوقۇشتا ئىدى .
دادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئۇنى ئوقۇشنى يىرىم يولدا توختىتىپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر قىلغانىدى .ئابدۇلئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ ھەقىقى قاتىلىنى تىپىپ جازالاشنى ھۆمۈمەت تەرەپتىن قەتئى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن ئەھمەت مەزىننىڭ تەرسالىقى بىلەن بۇ داۋادىن زېرىككەن ھۆكۈمەت ئاقىۋەتتە ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بەردى .
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇندى . ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بىرىش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇقارارغا قارشى ھالدا ھەقىقى قاتىللارنى تېپىپ جازالاپ بېرىشتەك ھەققانى تەلىپىدە چىڭ تۇردى . مەزىن ئاخىرى ھەممىنى ئقرار قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن قەشقەر كاتتىلىرى سۈڭگۈتىۋەتكەن سوۋغا – سالامدىن تىلى تۇتۇلغان ئۈرۈمچىدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇ سىرنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى .
قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىننى سولاقتىن بوشىتىلىپ قويۇپ بىرىلدى .
بۇ “غالىپ“ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل – ئاھانەت ، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بىرىپ جان باقتى . روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە يىگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ھەتتا ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يىيىشكە باشلىدى . نەتىجىدە ئەنە شۇ ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۆلدى .
مەنبە: “شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى“ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ 1999-ﻳﯩﻞ 4-ﺳﺎﻥ

نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئەمىن
domperidone



خەتكۈچلەر: