版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85695649.html

    كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش--سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىدۇر

    ئاپتور: ئابلىكىم ئالاۋۇدۇن


    پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش پۇقرالار بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە پۇقرا بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش−مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنى ھەم پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.
    دۇنيا تارىخىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى قانۇن 1215-يىلى ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيادىكى 140تىن ئارتۇق دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بېكىتكەن. 1948-يىلى12-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نى ماقۇللىغان. 1966-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغان. شۇندىن ئېتىبارەن خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ۋە ئەھدنىنامىلەر داۋاملىق مەيدانغا كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ.
    ئېلىمىزدە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇرۇن «كىشىلىك ھوقۇق» ئۇقۇمى تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغان نەرسە ھېسابلىناتتى. پارتىيە 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لاھىيىسى ۋەكىللەرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ، بۇ ئۇقۇم تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇننىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە، ئېلىمىزدە بۇ ساھەدىكى تەتقىلاتلار باشلاندى. 2005-يىلىغا قەدەر دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئىمزالاشقان كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلىرىنىڭ سانى20 نەچچىگە يەتتى. بۇنداق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش--خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق سەھنىسىدە جۇڭگونىڭ ئاكتىپ رول ئويناش ھەققىدىكى ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى دۇنيا ئەھلىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلىغانلىقىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ۋە يېڭىدىن مەيدانغا چىقىرىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار ماددىلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

    «كىشىلىك ھوقۇق» دېگىنىمىز--ئادەملەرنىڭ جەمئىيەتتە ئۆز ماھىيىتىگە خاس تىرىكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىنى ۋە تەرەققىي قىلىش ئەركىنلىكىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشقا قارىتىلغان. بۇ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.
    «كىشىلىك ھوقۇق» ئۇقۇمىنىڭ مەنتىقىسى بىلەن «ھوقۇق-ئىمتىياز»، «قانۇنىي ھوقۇق» ھەم «پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى» دېگەنلەر ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرق بار. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدۇ.
    بىرىنچىدىن، ھوقۇق بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز رىياللىقىغا ئاساسەن مەلۇم ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى شۇغۇللانماسلىق ئىختىيارلىقى تاللاشنىڭ كۆرسىتىدۇ. مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى، ئەدەپ-ئەخلاق ھوقۇقى، ئادەت ھوقۇقى ۋە قانۇنىي ھوقۇق دېگەنلەر بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرى ھېسابلىنىدۇ. قانۇنىي ھوقۇق بولسا دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇق بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىۋاتقان ھوقۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھوقۇق شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ئىككىنچى، «كىشىلىك ھوقۇق» بىلەن «پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى»دا پەرق بار. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ. پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى بولسا دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن، مەزكۇر دۆلەتنىڭ پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئىگە شەخسنىڭ بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق بولسا شەخسنىڭ ئۆز ماھىيىتىگە يارىشا جەمئىيەتتە تەرەققىي قىلىش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئىختىيار ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشقا قارىتىلغان. شۇڭا، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ چەك- چېگرىسىمۇ بىرقەدەر كەڭ. ئۇ، قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان ھوقۇقلاردىن باشقا مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى، ئەدەپ-ئەخلاق ھوقۇقى، ئادەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ھەم شەخس تەۋە بولۇپ تۇرىۋاتقان قەۋم ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە خەلقئارالىق خارەكتىرگىمۇ ئىگە. پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەممە دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بار. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەزمۇنى بولسا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇنلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، بۇ دۆلەت ئىمزالاشقان خەلقئارالىق ئەھدىمانىلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن چەك- چېگرالاردىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى بولسا بىر ئەلنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە ئۇنىڭ بېكىتىلىشى بەك كونكىرت بولىدۇ ھەم نۇرغۇنلىغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەردىن ھاسىل بولغان مۇكەممەل قانۇنىي سىستىما ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ھوقۇق-ئىمتىياز، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي ھوقۇق، پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى دېگەنلەر ئۆز ئارا بىقىنىدىلىق مۇناسىۋەتتىكى بىر بىرىگە مەنسۇپ بولغان ئۇقۇملاردۇر.

    كىشىلىك ھوقۇق ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ياشاش ئۇسۇلىنى تاللاش ئختىيارلىقىنىڭ چېكىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇنى بىر خىل ھوقۇقتىن ئىبارەت دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل قاراش ئاسانلا مۇھىت ۋە ھايۋانات قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار: «ھوقۇق پەقەت ئىنسانلارنى ئاساس قىلغان تەپەكەككۇرنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئەمىلىيەتتە، ئادەمدىن باشقا، پۈتۈن ئالەممۇ ئوخشاشلا قوغدىلىشقا مۇھتاج» دەپ قارايدۇ. مەيلى ئۇلار قانداق قارىسۇن، بۇنداق قاراشلارنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش بولۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، مۇھىتنى قوغداش، ئېكىلوگىيە مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش دېگەنلەرنىڭ ئاداققى روھى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى مەقسەت قىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق دېگنىمىز--ئادەمنىڭ ھوقۇقى. ئادەمنىڭ «ئادەم» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب--ئۇنىڭدا ئىدراك ۋە ئىجتىمائىيلىقنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بۇ تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ قەدىر- قىممىتى، ئىجتىمائىي ئورنى دېگەنلەر بىلەن زىچ باغلانغان. بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئۇنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىيياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەت ئۆز قوينىغا ئالمىغان، كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان، قىممەت- ئىتىبارى يوق ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئىنتايىن مۇشكىل بىر ئىش. «كىشىلىك ھوقۇق»− دەل مۇشۇنداق ئادەمنى ئادەملىك سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭ قىممەت ئېتىبارىنى قوغدايدىغان ھوقۇقتىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بىز تىلغا ئېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دائىرىسىنى تەپسىلى تۈرلەرگە ئايرىشقا توغرا كەلسە، ئۇ−دېھقانلارنىڭ ھوقۇقى، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇقى، ئىشلەمچىنىڭ ھوقۇقى، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، بالىلارنىڭ ھوقۇقى، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇقى، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقى، ھەر خىل ئاپەتكە ئۇچىراۋاتقانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك تۇرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، پۇقرالاردىكى «ئاساسلىق ھوقۇق» دېگەنلەر «كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. پۇقرالارنىڭ «ئاساسلىق ھوقۇقى»نىڭ قوغدىلىشى ئەمىلىيەتتە «كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ قوغدىلىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلىكنىڭ ئۆزى پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر.

    دۆلىتىمىز پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ ھەقتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپتىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
    بىرىنچى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى. ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى دېقانلاردىن ئىبارەت. دېھقان يۇكىنىڭ ئېغىر، كېرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە بىر قىسىم جايلاردىكى دېھقانلار بىلەن يېزا- كەنت تەشكىلى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى دېگەنلەر خېلى يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىشنى كۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئاساسلىق مەسلىلەردۇر. شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېزا بىلەن شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۈزۈلمە جەھەتلەردىكى پەرقمۇ چوڭىيىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىسلاھات قىزغىنلىقىنى سوۋىدى. بۇنداق باۋارەرسىز تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدە، ھەرقايسى جايلار ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ھۇقۇق-ئىمتىيازلىرىدىن (ئىقتىسادى ھوقۇقى، تەربىيىلىنىش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش ھوقۇقى، پەن- مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى) بەھرىمان بولۇشى جەھەتتە زور پەرقلەر كېلىپ چىققىتى. بۇنداق پەرق ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىدە بەكىرەك گەۋدىلەندى.
    ئىككىنچى، جەمئىيەتتىكى ئاجىز- ئاۋارە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسى. جەمئىيەتتە ھازىر ، نامرات رايونلاردىكى نامرات دېھقان-چارۋىچىلار، شەھەرلەردىكى ئىشسىزلار، تۆۋەن كاپالەتلەندۈرۈشتىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار، تىلەمچىلەر، زەھەر چەككۈچىلەر، ئىسلاھات ۋە ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە مەنپەئەتى چەتكە قېقىلىۋاتقانلار، مېيىپلار، ئىگە-چاقىسى يوق يېتىم-يىسىرلار، ياشانغانلار، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسلىلەر بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا. بۇ مەسىلىلەر دەل ۋاقتىدا، دۇرۇس يوللار بىلەن ھەل قىلىنماسلىقى تۈپەلىدىن، ئاخىرىدا ئۇ، جەمئىيەت ۋە رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەھدىد يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىللارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
    ئۈچىنچى، چىرىكلىك مەسىلىسى. چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ بېرىشى− ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىمىزدىن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىمىزنىڭ تېخى مۇكەممەللىشىپ، سىستېمىلىشىپ بوللالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سەپەرۋەر قىلىنغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ چېرىكلىك مەسىلىسى يوقالماي ئەكسىچە بارغانسىرى ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. چېرىكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇز قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دۇكىلاتىدىن قارىغاندا، خەلق ئاممىسى بىناكارلىق ئورۇنلىرى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى، داۋالاش تارماقلىرى قاتارلىقلار ساھەلەرنى ئاساسلىق چىرىكلىك بازىسى،دەپ قارايدىكەن. چېرىكلىك ئەۋج ئالسا جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ نورمال تىرىكچىلىكىگە تەسىر قىلىپلا قالماي يەنە دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
    تۆتىنچى، مەمۇرىيەت ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر. مەمۇرىيەت ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى سىياسەت ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تارقاق بولۇشى، كەسىپ سۇبيېكىتلىرىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، قانۇن ئىجرا قىلىش مۇددىئاسىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن باغلىنىپ قېلىشى، شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزمەسلىك ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ. ئاۋامنىڭ نارازىلىقى ئۇلارنىڭ «ئاساسلىق ھوقۇق-مەنپەئەتكە دەز كېتىۋاتقانلىق»ىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
    بەشىنچى، ئەدلىيىدىكى ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسى. ئەدلىيە ساھەسىگە قارايدىغان بولساق، ئەدلىيە خىزمىتىدە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى كۈچەيتىش بىلەن ئەدلىيىنىڭ مۇستەققىللىقى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى دۇرۇس ھەل قىلىش، يەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئاپىراتلىرىنىڭ سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى توسۇپ قېلىش دېگەنلەر ئەدلىيىنىڭ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەخىرىسىز خىزمەتلەر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
    ئىجتىمائىي ئادىللىق دېگەنلەر سوتسىيالىستىك دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ۋە زامانىۋېلىشىشنىڭ بەلگىسىدۇر. ئەگەر سىياسەت ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىۋاتقان ساھەلەردە ئادىللىق ئېڭى يوقۇلۇپ ئىجتىمائىي ئادىللىق ئىشقا ئاشمىسا، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ياكى باشقا ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدىن سۆز ئېچىش قىيىن. ناۋادا، جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىق ئەھۋاللىرى داۋاملىق كۆپەيسە ھەم ئۇزاق مۇددەتكىچە ھەل قىلىنمىسا، پۇقرالار پىسخىك جەھەتتىن بەرداشلىق بېرەلمايدۇ. جەمئىيەتتە پۇقرالارنىڭ «ھەق-داد»ىنى سورايدىغان جاي تېپىلمىغاندا، ئەقىلغا سىغمايدىغان بەزى پاجىئەلەرنىڭ سادىر بولۇشى تۇرغان گەپ . ئاقىۋەتتە پۈتۈن جەمئىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.
    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، جەمئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان يۇقىرىقى مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ نېگىزى ئاخىرىدا بېرىپ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك مەسىلىلىرىگە تاقىلىدۇ. دېمەك، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاداققى تەلىپى ۋە زامانىۋىي دېموكىراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسىدۇر.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:
    (1) ليۇ دېجيا، چىيەن جېن: «يەرشارىلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى جۇڭگونىڭ دېموكىراتىك قۇرۇلىشى»، چوڭچىڭ نەشىرىياتى، 2005-يىل،4-ئاي.
    (2) لى شىگۇاڭ، گو شياۋكې: «كىشىلىك ھوقۇق دوكىلاتى ئوقۇشلۇقى»،چىڭ خۇا ئونىۋېرستېتى نەشىرىياتى، 2007-يىل 4-ئاي.
    (3) جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى: «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ھۆججەتلىرى»، يېڭى دۇنيا نەشىرىياتى، 2003-يىل2-ئاي .

    (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2010-03/30/content_141201.htm
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: