版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85602601.html

    ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى


    پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن!
    ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن رەسۇلۇللاھقا ئاللاھنىڭ سالام ۋە رەھمىتى بولسۇن!
    ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارغا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:
    «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» (سۈرە ھۇجۇرات 13  ئايەت)

    ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پۈتۈن نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان، ئۇنى ھۆرمەتلىك قىلغان، ئۇنى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار قىلغان، ئۇنى زېمىننى ئىسلاھ قىلىپ گۈللەندۈرۈشكە ۋەكىل قىلغان، ئۇنىڭغا ئىلاھىي تەكلىپ ئامانىتىنى يۈكلىگەن ۋە ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۇرۇپ؛
    ئاللاھ تائالا ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئالەملەرگە رەھمەت، قۇل قىلىنغانلارنى قۇتقۇزغۇچى، تاغۇتلار ۋە خۇدالىق دەۋاسى قىلغۇچىلارنىڭ نەيرەڭلىرىنى پاش قىلغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن، بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا باراۋەرلىك ئېلان قىلغان، ئىنسانلارنى پەقەت تەقۋا بىلەنلا بىر-بىرىدىن ئارتۇق قىلغان ۋە ئاللاھ بىر جاندىن ياراتقان ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەرق ۋە دۈشمەنلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنى تەستىقلاپ؛
    ئىسلام ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىنسانلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا ھېچبىر نەرسىنى شېرىك قىلماسلىققا، ئاللاھنى قويۇپ بەزىسى بەزىسىنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىققا چاقىرغان؛ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرمىتىنىڭ ھەقىقىي ئاساسىنى بېكىتكەن ۋە ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن ئازات قىلىشنى ئېلان قىلغان خالىس تەۋھىد ئەقىدىسىگە مەھكەم ئەگىشىپ؛
    دىننى، جاننى، ئەقىلنى، مالنى، ئىپپەتنى ۋە نەسلىنى قوغداشنى پەرز قىلغان، پۈتۈن ھۆكۈم ۋە پوزىتسىيىلىرىدە ئوتتۇراھال ۋە ئالەمشۇمۇل بولغان؛ روھ بىلەن ماددىنى، ئەقىل بىلەن قەلبنى بىرلەشتۈرگەن، ئىدېئالىزم بىلەن رېئالىزمنى بىرلەشتۈرگەن، غايىچىلىك بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقنى بىرلەشتۈرگەن، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان، شەخسىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بىلەن ئاممىۋىي مەنپەئەت ئارىسىنى كېلىشتۈرگەن، بىر-بىرىگە قارشى گۇرۇھلارنىڭ ھېچقايسىسىنى زىيانغا ئۇچراتماستىن ۋە تاجاۋۇز قىلدۈرماستىن، ئۇلار ئارىسىدا ئادىللىق ئۆلچەملىرىنى قۇرغان، مەڭگۈلۈك ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بارلىق ھۆكۈملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ؛
    ئىنسانلارغا دۇنياۋى ھەققانىيەت مەدەنىيىتىنى مىراس قالدۇرغان، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى بىرلەشتۈرگەن، ئىلىم بىلەن ئىماننى بىرلەشتۈرگەن، بۈگۈن ھەم بۇ ئۈممەتنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئېقىملار ۋە داۋالغۇشلار ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغان ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە يېتەكلىشى ھەمدە پەقەت ماددا بىلەنلا ئورالغان مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك مۈشكۈللەرنى ھەل قىلىشى ئۈمىد قىلىنغان ۋە ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى ئۈممەت قىلغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەتتىكى رولىنى تەكىتلەپ؛
    ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تەئەللۇق پائالىيەتلىرىگە، ئىنسانلارنى ھەر تۈرلۈك ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇملاردىن قوغداشنى نىشان قىلغان، ئىسلام شەرىئىتىگە مۇۋاپىق ئىززەت-ئابرۇيلۇق ھايات كەچۈرۈشتىكى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغان ھالدا تۆھپە قوشۇپ؛
    ماددىي ئىلىملەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ ھېلىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئىمانى كۈچكە ۋە ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىچكى تۈرتكىگە ئاساسلىنىشقا قاتتىق موھتاج ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھالدا؛
    ئىسلامدىكى ئومۇمىي ئەركىنلىك ۋە ئاساسىي ھوقۇقلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىدىن بىر پارچە بولۇپ، ئۇنى تەلتۆكۈس ياكى بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھېچكىمنىڭ قادىر بولالمايدىغانلىقىغا، ۋە ئاللاھ ساماۋى پەيغەمبەرلىكنى ئاياغلاشتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىگەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئىبادەت، سەل قاراش ياكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىش دىنغا ئىنكار قىلغانلىق بولىدىغان، ھەر بىر كىشى ئۆزى يالغۇز ۋە ئۈممەت بىرلىكتە ئۇنىڭدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ئىلاھىي تەكلىپ بولغان ھۆكۈملەرنى بىلمەسكە سېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەر تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئېلان قىلىدۇ:

    بىرىنچى ماددا:
    (1) پۈتۈن ئىنسانلار بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرىدۇر، ئۇلارنى بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقى بىرلەشتۈرىدۇ، ئىنسانلار ئىنسانىي ئىززەت-ئابرۈيدا، تەكلىپ ۋە مەسئۇلىيەتتە باراۋەردۇر، ئۇلار ئىرقى، رەڭگى، تىلى، جىنسى، دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ۋە باشقا ئېتىبارلار سەۋەبى بىلەن پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ، توغرا ئەقىدە ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ.
    (2) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ ياقىدىغىنى ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ئەڭ پايدىلىق بولغانلاردۇر، ئىنسانلار پەقەت تەقۋا ۋە ئەمەلى-سالىھ بىلەنلا بىر-بىرىدىن ئەۋزەل بولىدۇ.

    ئىككىنچى ماددا:
    (1) ھايات ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتىدۇر، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش ھەققى، ھەر بىر كىشى، جەمئىيەتلەر ۋە دۆلەتلەر بۇ ھەقنى ھەر تۈرلۈك تاجاۋۇزدىن قوغدىشى كېرەك، شەرئى سەۋەب بولماستىن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
    (2) ئىنسانلارنى قىسمەن ياكى كوللېكتىپ شەكىلدە ئۆلتۇرىدىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ھارام قىلىنىدۇ.
    (3) ئىنسانلار ھاياتىنى ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئاسراش شەرئى مەجبۇرىيەتتۇر. شەرئى سەۋەب بولماستىن بالىنى ئالدۇرىۋېتىش جايىز بولمايدۇ. توي قىلىش، نەسىل قالدۇرۇش ۋە تۇغۇش قاتارلىق ئىشلارنى زۆرۈرىيەتسىز پۈتۈنلەي چەكلەشكە بولمايدۇ.
    (4) مېيىتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش لازىم. ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، شەرئى دەلىل-ئىسپات بولماستىن مېيىتنى پارچىلاش ھارام بولىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا كېپىل بولۇشى ۋاجىبدۇر.

    ئۈچىنچى ماددا:
    (1) قوراللىق توقۇنۇش ياكى ئۇرۇش ھالىتىدە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان قېرى كىشى، كىچىك بالا ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، كېسەل ۋە يارىدارلارنىڭ داۋالىنىش ھوقۇقى بار، ئەسىرلەرنىڭ يېيىش، ئىچىش ۋە كىيىش ھوقۇقى بار، ئۆلۈكلەرنى پارچىلاش ھارام. ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇرۇش ئايرىۋەتكەن ئائىلىلەر بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
    (2) دۈشمەننىڭ دەرەخلىرىنى كېسىش، زىرائەت ۋە ھايۋانلىرىنى ھالاك قىلىشقا بولمايدۇ. ۋە يەنە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە زاۋۇتلىرىنى، جىددى شەرئى زۆرۈرىيەت بولماستىن، بومباردىمان قىلىش ياكى پارتىلىتىش ئارقىلىق ۋەيران قىلىشقا بولمايدۇ.

    تۆتىنچى ماددا:
    ھەر بىر ئىنساننىڭ ھۆرمىتى بار، ھاياتىدىمۇ ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغداش ھوقۇقى بار، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۇنىڭ جەسىتىنى ۋە قەبرىسىنى قوغدىشى لازىم.

    بەشىنچى ماددا:
    (1) ئائىلە-جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر، ئائىلىنىڭ ئاساسى-توي قىلىشتۇر، ئەر ياكى ئايالنىڭ ئۆزى خالىغان كىشى بىلەن توي قىلىش ھوقۇقى بار، ئىرقى، رەڭگى ياكى گراژدانلىقىغا چەكلىمە قويۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى توسۇشقا بولمايدۇ.
    (2) دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ توي قىلىش ئالدىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىشى، توي قىلىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇشى، ئائىلىنى قوغدىشى لازىم.

    ئالتىنچى ماددا:
    (1) ئاياللار ئىنسانلىق ئىززەت-ئابرۈيدا ئەرلەر بىلەن باراۋەردۇر، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى بولغاندەك ھوقۇقلىرى بار، ئۇلارنىڭ مەدەنىي كىشىلىكى، ئۆز ئالدىغا مال-مۈلۈك تۇتۇش، ئۆز ئىسمىنى ۋە نەسەبىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى بار.
    (2) ئائىلىنىڭ نەپىقىسىنى كۆتۈرۈش ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.

    يەتتىنچى ماددا:
    (1) ھەر بىر بالىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ ئاتا-ئانىسى، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئۈستىدە بېقىش، تەربىيىلەش، ماددىي، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ھوقۇقى بار، شۇنىڭدەك، ھامىلە ئاياللارنى ۋە قورسىقىدىكى بوۋاقنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋاجىپ بولىدۇ.
    (2) ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولغانلار ئەۋلادىغا بېرىدىغان تەربىيە تۈرىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە. تەربىيىنى تاللاشتا شەرىئەت ھۆكمى ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئەۋلادىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە كەلگۈسىنى كۆز ئالدىدا تۇتۇش ۋاجىپ .
    (3) ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭمۇ شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق بىر-بىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار.

    سەككىزىنچى ماددا:
    ھەر بىر ئىنساننىڭ گراژدانلىق ھوقۇقى بار. ئۇنى بۇ ھوقۇقىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

    توققۇزىنچى ماددا:
    ھەر بىر ئىنسان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتە شەرئى سالاھىيەتكە ئىگە، ئەگەر سالاھىيىتى يوقالسا ياكى كېمەيسە، ۋارىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

    ئونىنچى ماددا:
    (1) ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر، تەلىم-تەربىيە جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر، شۇڭا دۆلەتنىڭ تەلىم-تەربىيە يولىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى، جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەر تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى، كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى تونۇشىغا، كائىناتنىڭ ھەقىقەت ۋە سىرلىرىنى ئېچىپ ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسىغا ئىشلىتىشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
    (2) تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرى بولغان ئائىلە، مەكتەپ، ئۇنىۋىرسىتىت، ئاخبارات ساھەلىرى ۋە باشقا ئىدارىلەرنىڭ ئۈستىدە ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى ئۆستۈرىدىغان، ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى كۈچەيتىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەپ قوغدايدىغان پروگراممىلار ئارقىلىق ئىنسانلارنى دىنىي، دۇنياۋى جەھەتتە  تەكشى ۋە تولۇق تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ ئۇلار ئۈستىدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەققىدۇر.

    ئون بىرىنچى ماددا:
    ئىنساننىڭ ئىسلامغا كىرىشى تەبىئىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن چىقىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەر قانداق بىر ۋاستىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك، بىر كىشىنىڭ دىنىنى باشقا دىنغا ياكى دىنسىزلىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاجىزلىقى، كەمبەغەللىكى ۋە بىلىمسىزلىكىدىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

    ئون ئىككىنچى ماددا:
    (1) ئىنسان ھۆر تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ھېچقانداق كىشىنىڭ قۇل قىلىش، ئېزىش، خارلاش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ھوقۇقى يوق، ئاللاھدىن باشقىغا قۇللۇق قىلىنمايدۇ.
    (2) ھەر تۈرلۈك بېسىۋېلىش ۋە ئىستېلا قىلىش قەتئىي ھارام قىلىنىدۇ، ئىستېلا قىلىش-ئىنسانلارنى ۋەھشىيلەرچە قۇل قىلىشنىڭ بىر تۇرىدۇر. ئىستېلا ئاستىدا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار.
    (3) ئىشغال ئاستىدا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ھەر خىل ئىشغال ۋە ئىستېلادىن قۇتۇلۇش يولىدىكى كۈرىشىگە بارلىق دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا ۋە تەبىئىي بايلىقىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار.

    ئون ئۈچىنچى ماددا:
    ھەر بىر ئىنسان شەرىئەت دائىرىسىدە مەملىكىتى ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرۈش-تۈرۈش ۋە تۇرىدىغان جايىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەمدە بېسىمغا ئۇچرىغاندا باشقا دۆلەتتىن باشپاناھلىق تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار، باشپاناھلىق تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىش بولمىسا، پاناھلىق تەلەپ قىلىنغان دۆلەت ئۇ كىشىنى خاتىرجەم بىر يەرگە ئورۇنلاشقۇچىلىك قوغدىشى لازىم.
     
    ئون تۆتىنچى ماددا:
    ئىشلەش ھەممە كىشىنىڭ ھەققى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشلەشكە كۈچى يېتىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئىنسان ئۆزىنىڭ ۋە جەمئىيىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۆزىگە لايىق ئىش تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقى ۋە سالامەتلىكىكە ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىشچىلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا سېلىش، مەجبۇرلاش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ياكى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىغا لايىق ئادىل ھەق ئېلىش ھەمدە كېچىكتۈرمەستىن ئېلىش ھوقۇقى بار، ئۇلارنىڭ لايىق بولغان مەنسەپكە ئۆسۈش، ئىش ھەققىنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقى بار، ئىشچىلار ئىخلاس بىلەن پۇختا ئىشلىشى كېرەك. ئەگەر ئىشچىلار بىلەن ئىش ئىگىلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ چىقسا، دۆلەت بىتەرەپ ھالدا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادالەت بىلەن تۈزىشى ۋە ناھەقچىلىكنى يوقۇتۇپ ھەقنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
     
    ئون بەشىنچى ماددا:
    ھەر بىر ئىنساننىڭ بېسىمدارلىق قىلماستىن، ساختىپەزلىك قىلماستىن، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زىيان ئۇرماستىن قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش ھوقۇقى بار.

    ئون ئالتىنچى ماددا:
    (1) ھەر بىر ئىنساننىڭ شەرئى يول بىلەن (شەخسىي ياكى باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىپ) مال  مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بار. ھەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان ئۇرماستىن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان تەقدىردە ھېچقانداق كىشىنىڭ مۈلكى تارتىپ ئېلىنمايدۇ، ئەگەر ئېلىش زۆرۈر تېپىلسا ئادالەت بىلەن بەدىلىنى نەق تۆلەپ بېرىپ ئېلىنىدۇ.
    (2) قانۇنىي ئىسپات بولمىغان ھەر قانداق ئەھۋالدا مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئۇنى تارتىۋېلىش ھارام بولىدۇ.

    ئون يەتتىنچى ماددا:
    ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي، سانائەت ۋە تېخنىكا جەھەتتە ياراتقان ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار ھەم بۇنىڭغا ھەسسە قوشقان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئەدەبىي مەنپەئەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مالىيە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ھوقۇقى بار، بۇ ئىجادىيەتلەرنىڭ شەرىئەت ھۆكمىگە ۋە ئەخلاقىي قىممەتلەرگە زىت كەلمەسلىكى شەرت.

    ئون سەككىزىنچى ماددا:
    (1) ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇزۇقچىلىقتىن، ئەخلاقىي رەزىللكتىن پاك، مەنىۋى كىشىلىكىنى بەرپا قىلىشقا ئىمكانىيەت بولغان مۇھىتتا ياشاش ھوقۇقى بار. جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا بۇ ھەققىدىن پايدىلىنىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىشى لازىم.
    (2) ھەر بىر ئىنساننىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدىن ھەم موھتاج بولغان ئاممىۋى ياردەملەرنىڭ ھەممىسىدىن مۇمكىن بولغان مىقداردا پايدىلىنىش ھوقۇقى بار.
    (3) دۆلەت ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ھوقۇق يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي، تەلىم-تەربىيە، داۋالىنىش ۋە باشقا ئاساسلىق ھاجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئون توققۇزىنچى ماددا:
    (1) ئىنسانلار شەرىئەت ئالدىدا باراۋەر، ھاكىم ۋە مەھكۇم ئوخشاش.
    (2) بارلىق ئىنساننىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئېلىنغان.
    (سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھەر بىر ئىنساننىڭ ھوقۇقى.)
    (1) ھەر بىر ئىنساننىڭ جېنى، مېلى، دىنى، ئائىلىسى ۋە ئىپپىتىنى ھەر قانداق دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراشتىن قوغداپ خاتىرجەم ياشاش ھوقۇقى بار.
    (2) ئىنسان ئۆز ئۆيى، ئائىلىسى، مال-مۈلكى ۋە خەت ئالاقىسى قاتارلىق شەخسى ھاياتىدا مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بار، جاسۇسلۇق قىلىشقا، ئۇنى ماراشقا، ئۇنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دۆلەت ئۇنىڭ ئىشلىرىغا باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئارىلىشىپ كاشىلا قىلىشىدىن قوغدىشى لازىم. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
    (3) ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆينىڭ ھۆرمىتى بار، ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيگە كىرىش ياكى قانۇنسىز يول بىلەن كىرىشكە بولمايدۇ. ئۆينى چېقىش ياكى مۇسادىرە قىلىش ياكى ئۆيدىكىلەرنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بولمايدۇ.

    يىگىرمىنچى ماددا:
    (1) جاۋابكارلىق شەخسىي بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ قانۇن تېكىستىگە ئاساسلانماي تۇرۇپ جىنايەت ۋە جازا بەلگىلەشكە بولمايدۇ. 
    (2) جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەر قانداق ئادەم جىنايىتى ئىسپانلانغىچە گۇناھسىزدۇر. سوت مەھكىمىسى ئادىللىق بىلەن ئۇنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
    (3) ھەر قانداق شەكىلدە ۋە ھەر قانداق مەقسەت بىلەن ئىنساننى گۆرۈگە ئېلىش ھارامدۇر.

    يىگىرمە بىرىنچى ماددا:
    ھېچقانداق بىر ئىنساننى قانۇنسىز قولغا ئېلىش، ئەركىنلىكىنى چەكلەش، سۈرگۈن قىلىش ياكى جازالاشقا بولمايدۇ، ھېچقانداق ئىنساننى جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن ئازابلاشقا بولمايدۇ، ئىنسانغا ئۇنى خارلايدىغان، يۈزىنى تۆكىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھېچقانداق ئىنساننى ئۆز رازىلىقسىز تېببىي ياكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە زورلاشقا بولمايدۇ، ئۆز رازىلىقى بولغاندىمۇ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىنى ھالاكەتكە ئۇچراتماسلىق شەرت. شۇنداقلا يەنە ئىجرائىيە ئورگانلىرىغا بۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغان ئالاھىدە قانۇنلارنى تۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

    يىگىرمە ئىككىنچى ماددا:
    (1) ھەر قانداق ئىنساننىڭ شەرىئەت پرىنسىپىغا زىت كەلمەيدىغان شەكىلدە بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىش ھوقۇقى بار.
    (2) ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا دىنغا دەۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ھوقۇقى بار. ئۇ بۇ ئىشلارنى باشقا شەخسلەر ۋە جامائەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق. دۆلەت ۋە جەمئىيەت بۇ ھەقتە يېتەرلىك ياردەم ۋە ھىمايە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
    (3) ئاخبارات كەم بولسا بولمايدىغان جەمئىيەتنىڭ ھاياتىدۇر، ئۇنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، گۈزەل ئەخلاققا دەخلى يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەتنى بۆلگۈنچىلىككە، پارچىلىنىشقا ۋە زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ۋە ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ھارام بولىدۇ.
    (4) ئىرقى ئايرىمچىلىق ۋە مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللىي كەمسىتىشكە ئېلىپ بارىدىغان قۇتراتقۇلۇقلار چەكلىنىدۇ.

    يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا:
    (1) ئىنساننىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆر بولىشى زۆرۈر. مەنسەپ بىر ئامانەتتۇر، مەنسەپتىن پايدىلىنىپ ئىستىبداتلىق قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش قەتئىي ھارام قىلىنىدۇ.
    (2) ھەر بىر ئىنسان ئۆز مەملىكىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتە ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. ھەمدە ئۇنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئاممىۋى خىزمەتلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار.

    يىگىرمە تۆتىنچى ماددا:
    بۇ باياننامىدا بەلگىلەنگەن بارلىق ھوقۇق ۋە ھۆرىيەتلەر ئىسلام شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە باغلىقتۇر.

    يىگىرمە بەشىنچى ماددا:
    بۇ باياننامىنىڭ ھەر بىر ماددىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاشتا بىردىنبىر مەنبە-ئىسلام شەرىئىتىدۇر.
    ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر بۇ باياننامىدە بەلگىلەنگەن ھۆكۈملەرنى تەتبىقلاشقا ئالاقىدار بارلىق ئىجرائىيە خىزمەتلىرىنى ئۆتەيدۇ.

    بۇ باياننامە 1990-يىلى 5-ئاۋغۇست قاھىرەدە ئېلان قىلىنغان.
    ئابدۇلئەھەد ھاپىز تەرجىمىسى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: