版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85446911.html

    دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى

    ئەرلەر قانچەلىك پۇل تاپالايدۇ؟


    جۇڭگودا ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇل گۈزەللىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇل بولمىسا ئەرلەرنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە دەسمايىسى بولمايدۇ.
    بىراق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە بۇ خىل ئەھۋال يوق.
    بەزى دۆلەتلەردە ئەرلەر پۇل تېپىشقا باش قاتۇرمايدۇ، ناھايىتى بىغەم ۋە ئەركىن ياشايدۇ، بەزى دۆلەتلەردىكى ئەرلەر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئىشلىسىمۇ يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ.
    ئۇنداقتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەرلەر زادى نەچچىلىك پۇل تاپىدۇ؟


    (1) ئامېرىكىدا
    ئامېرىكا ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا 270 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى.


    (2) ئەنگىلىيەدە
    ئەنگىلىيە ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 379 مىڭ 860 يۈەن خەلق پۇلى، لوندۇننىڭ بولسا 446 مىڭ 160 يۈەن.


    (3) ليۇكسېمبۇرگدا
    ليۇكسېمبۇرگ دۇنيادىكى ئەرلەر تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە خىزمەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان دۆلەت. ليۇكسېمبۇرگدىكى ئەرلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 716 مىڭ 685 يۈەن.


    (4) مالاۋىدا
    مالاۋى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 يۈەن ئەتراپىدا، يىللىق كىرىمى 3375 يۈەن ئەتراپىدا.


    (5) جۇڭگودا
    گەرچە دۆلىتىمىز دۇنيادىكى يېڭى ئالاھىدە ئىقتىسادىي دۆلەت بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ مائاشى يەنىلا تۆۋەن. ياساش كەسپىنىڭ سائەتلىك مۇئاشى 4.35 يۈەن، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ 3.15 يۈەن، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ 3 يۈەن. بۇ ھەر يىللىق كىرىمنىڭ 7800 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.


    (6) رۇسىيەدە
    ئۇدا سەككىز يىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى باشتىن كەچۈرگەن رۇسىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 19مىڭ 605 يۈەن.


    (7) ئاندوررا بىلەن موناكادا
    بۇ ئىككى كىچىك دۆلەتتە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ بولۇشى ھاجەت ئەمەس. ئاندوررادا 71 مىڭ 882 نوپۇس، موناكادا 32 مىڭ 671 نوپۇس بار بولۇپ، ئىشسىزلاردىن بىرەرىمۇ يوق، بۇ خىل ئەھۋال تىنچ ئوكياندىكى نوفۇك ئارىلىدىمۇ ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى 2114.


    (8) پولشادا
    پولشا ھۆكۈمىتى 2400 يۈەن خەلق پۇلىنى ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مۇئاش قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىق مۇئاشى 3000 يۈەن ئەتراپىدا.


    (9) بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنادا
    بۇ ئىككى دۆلەت ھازىر ياۋروپادىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، %45.5 كە يەتكەن.


    (10) زىمبابۋېدا
    ياخشى خەۋەر: بۇ يەردىكى مەمۇرلارنىڭ مۇئاشى %300 ئاشقان؛
    يامان خەۋەر: ئىشسىزلىق نىسبىتى %80 كە يەتكەن. بۇ يەردە 50 مىڭ زىمبابۋى پۇلىغا بولكا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.


    (11) ناۋرۇدا
    بۇ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ يەر ئورنى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئەرلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %90 كە يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىشسىزلىق نىسبىتى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    *******************
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2010-11-25)
    *******************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: