版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85160126.html

    ياڭ زىڭشىن زادى قانداق ئادەم؟

     
    ياڭ زېڭشىن 1863-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مېڭزى ناھىيىسىدە بيۇكىرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
    1889-يىلى يىگىرمە ئالتە يېشىدا بېيجىڭدا دۆلەتلىك كېجۈي ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، جىنشى ئۇنۋانىنى ئېلىپ ئەمەلدار بولغان ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭۋېي ناھىيىسىدە ئامبال، خېجۇ ۋىلايىتىدە ۋالىي، گەنسۇ ھەربىي مەكتىپىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.
    ياڭ زېڭشىن 1907-يىلى 44 يېشىدا، شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى باش مۇپەتتىشى ليەن كۈينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭغا چىقىپ، شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.
    1912-يىلى شىنجاڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرى ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالغان ياڭ زېڭشىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، يەرلىك خەلقنى قۇل قىلىش، تالان-تاراج قىلىش ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شۇملۇقلارنى قىلغان.
    ياڭ زېڭشىننىڭ «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ، بىخودلۇقتا تىزگىنلەش» سىياسىتى ھەممىدىن ۋەھشى بولۇپ، ئۇ ھوقۇق تۇتقان ئون يەتتە يىل ئىچىدە، ھېچقانچە قۇرۇلۇش قىلمىغان، مەدەنىي مۇئەسسەسە، ئاخبارات ئورگىنى قۇرمىغان. بىر پارچىمۇ گېزىت چىقارمىغان. تىياتىرخانا، مەدەنىيەت يۇرتى، كىتابخانا دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    ياڭ زېڭشىننىڭ ئون يەتتە يىل ئىچىدە قىلغان ئىشى:
    1916-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مايتاغدا قۇرغان چاقپەلەك بىلەن ئايلاندۇرۇپ كىرسىن چەككىلەيدىغان بىر دۇكان،
    1918-يىلى تۇرپاندە قۇرۇلغان ئوتتۇز ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش زاۋۇتىغا بەرگەن قەرز،
    1925-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان توقۇمىچىلىق شىركىتىگە بەرگەن رۇخسەت ۋە شۇيىلى ئېچىلغان شوپۇرلۇق مەكتىپىدىنلا ئىبارەت بولغان.
    ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىنىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش، يەرلىك مىللەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق ئېكىسپىلاتسىيە قىلىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1920-يىلى موڭغۇل-قازاق مەكتىپى ئاچقان، بۇ مەكتەپكە يۇقىرى تەبىقىغە مەنسۇپ موڭغۇل، قازاق بايلىرىنىڭ باللىرىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇچە ئوقۇتۇپ، ئۇلاردىن ئۆز ھاكىمىيىتىگە سادىق موڭغۇل، قازاق ئەمەلدارلىرىنى يېتىشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولىدىغان دېپلوماتىيە ۋە سودا مۇناسىۋىتى ئېھتىياجى ئۈچۈن، 1924-يىلى رۇسچە قانۈن-سىياسەت مەكتىپى ئېچىپ، بۇ مەكتەپتە ئەشەددىي كاللا كېسەرلەرنى يېتىشتۇرمەكچى بولغان.
    ياڭ زېڭشىننىڭ يۇەن شىكەيگە يازغان خېتى
    ياڭ زېڭشىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندا، مائارىپنى راۋاجلاندۇرماسلىقنى بىر مۇھىم مەزمۇن قىلغان. ئۇ «نادانلارنى باشقۇرۇش ئوڭاي، باستۇرۇشمۇ ئوڭاي» دەپ قارىغان. خەلقنىڭ بىر نەرسە بىلىپ قېلىشىدىن قورققان، ھەتتا ئىچكىرىدىكى گېزىت-ژورناللارنىڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مەتبۇئات بۇيۇملىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
    بىز بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋىن فىرەننىڭ(1910-1986)(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىلمىي مۇدىرى)«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 8-سانىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدا ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ بۇزۇلۇشى» دېگەن ئەسلىمە ماقالىسىدىكى بىر-ئىككى ئابزاسنى نەقىل كەلتۈرسەك بولىدۇ.
    ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:
    «تارىختا ئۆتكەن فېئودال مىلىتارىسىتلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نىسبەتەن سىياسىي جەھەتتە: ‹ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش›، مەدەنىيەت جەھەتتە: ‹نادانلاشتۇرۇش› سىياسىتىنى قوللانغانىدى. ‹ئىستىغپار ھۇجرىسى خاتىرىلىرى›دە، مەن ياڭ زېڭشىننىڭ يۇەن شىكەيگە يازغان بىر ئاسما خېتىنى كۆرگەنىدىم. ئۇنىڭدا ‹چەنتۇلارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپى راۋاجلاندۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىدىيىسى قوزغىلىدۇ. بۇ چوقۇم شىنجاڭنى قالايمىقانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ› دېيىلگەن.
    1934-يىلى ئەتىيازغىچە شىڭ شىسەينىڭ دوبەن مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى بېشىغا ياغاچ تاختىغا ئويۇلغان:
    يىراق شەرقتىن كەلدىم بۇ ياققا،
    چىڭ ساقلاپ تۇرىمەن غەربنى.
    قالدۇرىمەن بىلىمسىز، نادانلىقتا،
    پادىشاھقا بوي سۇندۇرىمەن خەلقنى.
    -----دېگەن مەزمۇندىكى خەت ئېسىلغانىدى)

    دوبەن مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي باغچىسىدا ياڭ زېڭشىن يازغان:
    ‹جۇمھۇرىيەت ئەمدىلا قۇرۇلغانىدى،
    ئۇيالماي ئاتاشتى ھەممە جايدا خاقان بىز دەپ،
    جۇڭيۈەن(ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك) تالاشلىرىدىن مۇستەسنا ئۆزۈم،
    گۈزەللىكتە ئەلا ئىدى چېگرام مېنىڭ،
    لەشكەر باشلاپ كەلدىم جەنۇپتىن شىمالغا،
    ئايلاندۇرىمەن بۇلارنى ئۇزاققىچە نادان پۇقراغا›
    -----دېگەن مەزمۇندىكى بېغىشلىما ئېسىلغانىدى.

    ئۇنىڭ بېغىشلىمىلىرىنى بىرلەشتۈرگەندە، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەنگىنى فېئوداللىق بۆلۈپ باشقۇرۇش، سىياسىي جەھەتتە، قېرىنداش مىللەتلەرگە نىسبەتەن قۇراللىق باستۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە نادانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئاڭسىز، ساۋاتسىز ھالەتتە مەڭگۈ ئىپتىدائىي تۇرمۇشتا قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. كومپارتىيە شىنجاڭغا كېلىپ، ئىشنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىن باشلىغانىدى.»
    بىز تەقدىرىمىزنىڭ ئارغامچىسىنى ئون يەتتە يىل ئالقىنىغا ئېلىۋالغان بۇ سىياسىي سېھرىگەرنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بىلەن ئۆتكۈزگەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قېتىملىق سۆھبىتىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئۇنىڭ سۇيىقەستىنى ۋە رەزىل ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىمىز.
    بىر قېتىم خان ياڭ زېڭشىننى بېيجىڭغا چاقىرتىپتۇ. ياڭ ئوردىغا كىرىپ خانغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپتۇ.
    خان ئۇنىڭدىن تازا رازى بولماپتۇ:
    «سەن ۋاقتىدا ھوشۇڭنى تاپ، بولمىسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالارسەنمىكىن؟»دەپتۇ غەزەپلەنگەن ھالدا.
    «بۇ نېمە دېگەنلىرى؟» دەپ سوراپتۇ ياڭ ھەيران بولۇپ.
    خان كەسكىن قىلىپ شۇنداق دەپتۇ:
    «شىنجاڭ-يېڭى يەر ھەم مۇرەككەپ جاي. ئەگەر بىرەر توپىلاڭ بولۇپ قالسا، سېنىڭ ئون مىڭ چېرىكىڭ نېمە قىلالايدۇ؟ سەن دەرھال چېرىكنى كۆپەيتمىسەڭ بولمايدۇ.»
    ياڭ زېڭشىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ-دە:
    «خان ئالىيلىرى، مەنچە بولسا مۇشۇ ئون مىڭ چېرىكنىمۇ تارقىتىۋېتەيمىكىن دەيمەن. شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەرنى چېرىك بولمىسىمۇ باشقۇرغىلى بولىدۇ» دەپتۇ.
    «بۇ نېمە دېگىنىڭ؟» دەپتۇ خان ھەيران بولۇپ ھەم «چېرىكى يوق ئەمەلدار ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
    «بىزنىڭ ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرالايدۇ» دەپتۇ ياڭ ئىشەنچ بىلەن.
    «ئېيتە قېنى، جەمئىيەتنى قانداق باشقۇرىسەنكىن؟» دەپتۇ خان قىزىققان ھالدا.
    «مەن خەلققە دىنىي ئەركىنلىك بېرىمەن ۋە باشقا سورىغان نەرسىلەرنى بېرىمەن» دەپتۇ ياڭ.
    خان يەنە: «ھەممىنى بېرىۋەرسەڭ، بىر كۈنى ئۇلار سەندىن ‹ھوقۇقىڭنىمۇ بەر› دەپ سورىمامدۇ؟» دەپتۇ.
    «ئۇ خەق ‹ھوقۇقىڭنى بەر› دېمەيدۇ، چۈنكى مەن ھەممىنى بەرگەن بىلەن، مائارىپنى بەرمەيمەن» دەپتۇ ياڭ.
    «مائارىپنى بەرمىگەننىڭ نېمە پايدىسى؟» دەپ سوراپتۇ خان مەنسىتمىگەن ھالدا.
    ياڭ ناھايىتى ھۇزۇرلانغان ھالدا شۇنداق دەپتۇ:
    «مائارىپى يوق مىللەت-كۆمتۈرۈپ قويغان قازاننىڭ ئاستىدىكى قوڭغۇزغا ئوخشايدۇ، جاھان مۇشۇ دەپ يۈرۈۋېرىدۇ. نادان خەلقنى باشقۇرماق ئاسان. ئۇلارنى قويغا ئوخشاش خالىغان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، مەن ئۇلارغا مائارىپنى بەرمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان ھەر قانداق ئىقتىدارلىق ۋە ئەقىللىق كىشىنى دەرھال نەزەربەند قىلىمەن، بىر باھانە تېپىپ يوق قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئامالىم بار. ئىككى ناداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئازراق بىر مەنسەپنى تاشلاپ قويىمەن. ئۇ: ‹مەن ئالىمەن› دەيدۇ، بۇ: ‹مەن ئالىمەن› دەيدۇ، ھەرگىز بىر-بىرىگە ئۆتۈنمەيدۇ، ھەتتا دۈشمەنلىشىدۇ، ئاندىن مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ بىر-بىرىنى چاقىدۇ، ئۇ كەلسىمۇ، ‹سېنىڭ توغرا، چىڭ تۇر› دەيمەن. بۇ كەلسىمۇ، ‹سېنىڭ توغرا، چىڭ تۇر› دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى توختىماي ئېلىشىپ، ھەر ئىككىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە ‹شەپقەتچى خۇدا› دەپ بىلىدۇ… مەن يۇرتنى ئەنە شۇنداق سورايمەن…

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/yang-zingshin-qandaq-zadi-adem.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: