版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85080810.html

    پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

    ----- يازغۇچى ئالىم ئاتەخانغا ئوچۇق خەت

    ئەمىن ئوسمان
    (ئۆزبەكىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى)




    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    يازغۇچى ئەمىن ئوسمان 1945-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ نىزامى نامىدىكى تەشكەنت دۆلەت پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى تۈگىتىپ، دەسلەپ «گۈلىستان» ژۇرنىلىدا، كېيىنچە ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ياش گۋاردىيە» نەشرىياتىدا، ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىئو كومىتېتىنىڭ ئەدەبىي-دراماتىك ئاڭلىتىشلار بۆلۈمىدە، غوپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. كېيىن ئۇ ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىسى بولغان.
    ئەمىن ئوسمان سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۆزبەكىستان ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە ئىجادىيەت ماۋزۇسى بىلەن تونۇلغان تالانتلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «مېھرىگىيا» ناملىق رومانى، «تىللا چاناق»، «يالقۇن»، «كۆڭۈل كۆزى»، «ئاغىنە» قاتارلىق بوۋستلىرى، شۇنداقلا بىر قاتار ھېكايە ۋە پوبلىستىك ماقالىلىرى كىتابخانلار ئىچىدە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ «پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟» ناملىق ماقالىسىنى مۇشتىرىلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟

    ئەمىن ئوسمان
    (ئۆزبەكىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى)


    ئالىمباي! تۈنۈگۈن سىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سوراپ قالدىڭىز. ئىمان-ئېتىقادلىق ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىز خىرەلىشىپ قالغانمۇ، قانداق؟ دەرھال بىرنەرسە دېيىشكە پېتىنالمىدىم. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى قىيناۋاتقان بۇ مەسىلىدە، مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان بولسىڭىز كېرەك.
    دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھازىر شۇنچىلىك چىگىشلىشىپ كەتكەنكى، ئۇنى پەقەت ئورتاق پىكىرلىشىش يولى بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىن. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» دەپ بىكار ئېيتىشمىغانغۇ؟ ھازىر كۆپچىلىك پەقەت ئۆز تەشۋىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ قايغۇسىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
    شۇڭا بىز نە خۇدادىن، نە بەندىدىن قورقمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىككە باشچى بولۇۋالغانلىقىغا، تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان، مەرىپەتكە ئۈندەيدىغانلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ پاك بولمايۋاتقانلىقىغا كۈنۈكتۇق.
    پەرۋاسىزلىق قارىشى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى. قەيەردە پەرۋاسىزلىق قارىشى ھۆكۈمران ئىكەن، ئۇ يەردە ئادالەت تەنتەنە قىلىشى، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت كۆرسىتىشى، ئۇلارنىڭ يۈكسەك غايىلەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
    شەرق مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرىنىڭ «خوببول ۋەتەنى مىنەل ئىمان»، يەنى «ۋەتەننى سۈيۈش ئىمان-نىشانىسىدۇر» دېگەن سۆزى بار.
    ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن ئىمانلىق، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش كېرەك.
    ۋەتەن دېگىنىمىز بىر پارچە زېمىن.
    ئۇنداق بولسا شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك؟
    ئېتىقادلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن يالغۇز ۋەتىنىنى ياكى خەلقىنى سۆيۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ.
    بارچە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقادنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ.
    «كىمكى ئۆزىنى تونۇسا، خۇدانى تونۇيدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. ئۆزىنى تونۇمىغان ئادەم ۋەتىنىنىمۇ، خەلقىنىمۇ سۆيمەيدۇ.
    بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشى كېرەك.
    مەرىپەتلىك ئادەم، ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق ھەممە نەرسىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ، دىنغىمۇ، تارىخقىمۇ، ئۆرپ-ئادەتلەرگىمۇ ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ،
    ئەپسۇسكى، بىزدە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. ھازىرغىچە تارىخىمىزنى، ئۇلۇغ ئالىملار ھاياتىنى، ئەدەبىياتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تار قىلىپىمىزغا سېلىپ ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ ھازىرغىچە ئۆزىمىزنى تونۇمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ، ۋەھالەنكى، «ئوگىنيوك» ژۇرنىلى سەھىپىلىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى، شۇ جۈملىدىن دىننىمۇ چەتلەپ ئۆتمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلىۋاتىدۇ.
    «‹ئىنجىل› شۇنداق تارىخىي ئابىدىكى، بۇ كىتابسىز ئۆتمۈشتىكى تارىخنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىلىرىنىمۇ بىلىش مۇمكىن ئەمەس»-دەپ يازدى دىنپىروپىتروۋىسكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كوممۇنىزم كافېدىراسىنىڭ دوتسېنتى س.ئى. ژوك.
    بىز بولساق «قۇرئان»نىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆگىنىش تۈگۈل، بۇ كىتابتا نېمىلەر يېزىلغانلىقىغا قىزىقىشتىنمۇ قورقىمىز.
    بۇ قورقۇش قاچان پەيدا بولدى؟
    نىمىشقا ئادەم ئادەمدىن قورقۇشى كېرەك؟
    دىن ئاشۇنداق تەلىم بېرەمدۇ؟
    ئاخىر، ھەممىمىز بىلىدىغان «ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر يارىتىلغان»، دېگەن دانا پىكىر بارغۇ؟
    ھەممە كىشى تەڭ ئىكەن، ئۇنداقتا نېمىشقا بىر خەلقنىڭ ۋەكىلى ئېيتقان پىكىرنى ئىككىنچى خەلقنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ؟
    بۇنىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟
    قورقۇش!
    قورقۇش--ئىمانى زەئىپ، ئېتىقادسىز ئادەملەرگە خاس خۇسۇسىيەت.
    تارىختىن مەلۇمكى، مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەبۇ رەيھان برونى، ئىبىن سىنا، ئەل-خارەزمې، ناۋايى قاتارلىق ئۇلۇغلار ئىمانلىق، ئېتىقادلىق بولغىنى ئۈچۈن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتالىغان. ئەپسۇسكى بىز بۇلارغا مۇناسىپ ۋارىس بولالمايۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىرمۇنچە باشقا سەۋەبلەر قاتارىدا ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىقى توسقۇنلۇق قىلماقتا. نەتىجىدە بىزنىڭ شەخسىيىتىمىزمۇ، ئەدەبىياتىمىزمۇ، ئوتتۇرا سەۋىيىدىن نېرى ئۆتەلمەيۋاتىدۇ.
    توغرا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1923-يىلىدىن تاكى 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مىسلى كۆرۈلمىگەن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ۋەتەن ئۈچۈن، يېڭى غايە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بىرمۇنچە كىشىلەر تەقىپ قىلىندى، قامالدى، سۈرگۈن قىلىندى، ئېتىلدى. ئۇرۇشتا تاسادىپىي ياكى مەجبۇرىي ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەجەل لاگىرىغا ئەۋەتىلدى.
    بۇ يەردە شەرق مۇتەپەككۇرلىدىن جامى كەلتۈرگەن مۇنۇ ھېكمەتنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق: «ئادەملەر كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ بىر زالىمغا كۆڭۈل بەرسە، ئۇنىڭ يولىنى ئېتىشنىڭ چارىسىنى كۆرمىسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئازاب چېكىدۇ».
    توغرا، تارىخ ھەققىدە چەتتە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئاسان. ئەگەر 30-يىللاردا ياشىغان بولساق ئېھتىمال بىزمۇ بۇ ۋەقەلەردىن چەتتە قالمىغان بولاتتۇق. لېكىن بىز، ۋاقىتلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ھەيرانلىقتىن ياقىمىزنى تۇتماي تۇرالمايمىز. بىز خۇدانى رەت قىلىپ، دىنى ئېتىقادلارنى ئەيىبلەپ، ئۆزىمىز ساختا خۇدا ياساپ چىقتۇق، ئۇنىڭغا چوقۇندۇق. مىخائىل ئىساكوۋىسكى، ماكسىم رىلىسكى، ئالىكسى سوركوۋ، خەمىت ئالىمجان، غاپۇرغولام قاتارلىق چوڭ شائىرلار ستالىننى مەدھىيەلەپ شۇنداق ئەسەرلەرنى ياراتتىكى، ھەتتا ھازىرغىچە خۇدامۇ بۇنچىلىك ماختىلىپ تەرىپلەنمىگەن بولسا كېرەك.
    مەن بۇ يەردە مەشھۇر كومپوزىتور ئىيساك دۇنايۋىيسكىنىڭ `1949-يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە خېتىدىن قىسقا نەقىل كەلتۈرىمەن: «ستالىن يالغۇز بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭلا ئۇلۇغ ئادىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ، ئۇلۇغۋارلىق، بۈيۈكلۈك ۋە مەشھۇرلۇقنىڭ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تىمسالىدۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن زامانداش، ئەقەلىسى ئۇنىڭ ئىش پائالىيىتىدە كىچىككىنە خىزمەتداش بولغىنىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى بىز(بولۇپمۇ ياشلار) ستالىندەك ئادەم بىلەن بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى، بىر ئاسمان ئاستىدىكى زېمىندا بىللە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.»
    بۇ ئادەمنى خۇداغا ئايلاندۇرۇش بولماي نېمە؟
    ۋەھالەنكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ستالىن مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن بۇ بۈيۈك كومپوزىتور ئۆز جېنىغا قەست قىلدى.
    كاۋكاز تارىخىنى يازغان ئالىم گوسينوۋ «بەشەر قۇياشى» ئىنئام قىلغان مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز بېغىدىكى دەرەخقە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.
    فاديېۋدەك تالانتلىق يازغۇچى ئۆزىنى ئاتتى.
    چولپان، پىترەت، ئىلبېكنىڭ نامىغا قارا چاپلىغانلار، ئابدۇللا قادىرى، ئوسمان ناسىرلارنى ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلار، مەقسۇد شەيىخزادىنى تا ئۆلگۈچە ئازابلىغانلار، خەمىت سۇلايماننىڭ ئون بەش يىللىق ئۆمرىنى سۈرگۈندە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغانلار تېخىچە ئارىمىزدا يۈرۈپتۇ.
    ئۇلار ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەيىبىنى دەۋرگە ئارتىپ خەلقتىن ئەپۇ سورىغىنى يوق. ئۇلار ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىنىپ، پەخرىي ئۇنۋانلارغا ئېرىشىپ، سورۇنلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، مۇنبەرلەردە چىرايلىق نۇتۇقلارنى سۆزلەپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار كېچىلىرى خاتىرجەم يېتىپ ئۇخلايدۇ. سىزدەك، ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇپ ئازابلانمايدۇ.
    ئالىمباي! لېنىن ئاساس سالغان جەمئىيەتنىڭ داھىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىملەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزم ھەققىدە قانداق تېتىقسىز پىكىرلەرنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىز ئەمدى روشەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. لېنىن دىندارلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارىغىنى ھالدا، كوممۇنىستلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا سادىق، ھەر تەرەپلىمە پاكىز ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ تەلىم بەرگەنىدى. ئەپسۇسكى، لېنىندىن كېيىن دۆلەت ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە نەزەر سالساق تېنىمىز شۈركىنىدۇ.
    ستالىن ئەشەددىي قانخور، كاللا كېسەر بولۇپ چىقتى.
    ژىدانوۋ، مولوتوۋ، بىرىيا، يىژوۋ، ۋورىشلۇۋ، مىكويانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكتە ستالىندىن قېلىشمايدىغانلىقى، قىرغىندىن تاسادىپىي ئامان قالغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولدى.
    ستالىندىن كېيىن تەختكە چىققان خروششېۋ مەملىكەتنى پۈتۈنلەي پاراكەندە قىلىۋەتتى. يېزا ئىگىلىكىنى، بولۇپمۇ چارۋىچىلىقنى ئىزدىن چىقاردى. ئادەملەرنى بىر پارچە قارا نانغا زار قىلىپ قويدى.
    برېژنېۋنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى سۆزلەشكە كىشىنىڭ تىلى بارمايدۇ. ئۆزىنىڭ تەمەخور ۋە شۆھرەتپەرەس بولغىنى يەتمىگەندەك، كۈيئوغلىنىڭ پارىخورلىقىنى، قىزىنىڭ مەملىكەت بويلاپ ئالتۇن، تىللا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دېمەمسىز، تېخى؟
    تورغۇنلۇق دەپ نام ئالغان ئاشۇ يىللاردا بىز «داھى»نى قارىتىپ قويۇپ، «سىزنىڭ غايىلىرىڭىزدىن روھلىنىپ بىز ئالەمگە ئۇچۇۋاتىمىز، يېڭى يەرلەرنى ئېچىۋاتىمىز، كىتابلار يېزىۋاتىمىز» دەپ تەخسىكەشلىك قىلدۇق.
    بۇ ئادەملەرنى تېخى يەر يۇتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ ھوشۇقى ئالچا. ئۇلار ئەمدى ئاشكارلىق نىقابى ئاستىدا «قايتا قۇرۇشقا كىرىشىپ، مېھنەتكەش» دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇنداق كىشىلەرنى كۆرۈپ ماركىسنىڭ «خۇدا ئادەمنى ئەمەس، ئادەم خۇدانى ياراتقان» دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي تۇرالمايسىز.
    راستىنى ئېيتقاندا بىز كۆپ خۇدالارنى، رېسپوبلىكىلاردا بولسا بىرمۇنچە كىچىك خۇدالارنى ياراتتۇق، ئۇلارغا چوقۇندۇق. ئۇلار مەنسەپتىن چۈشۈشى ياكى ئۆلۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ چىركىنلىكلىرىنى پاش قىلىپ، ئۈستىگە كىر-يۇندا چاچتۇق.
    سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادا خۇدانى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغان دۆلەت، لېكىن بىز خۇدانى ئىنكار قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالدۇقكى، ئىلاھسىز بىر كۈنىمىزمۇ ئۆتمىدى. (ئېھتىمال، ئادەمنىڭ تەبىئىتى كىمگىدۇر چوقۇنۇشقا، كىمدىندۇر مەدەت ئېلىشقا ماسلاشتۇرۇلۇپ يارىتىلغان بولسا كېرەك.) نەتىجىدە ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئادەملەرنى خۇددى يۇنانلارنىڭ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرنى خۇدالار قاتارىغا قوشقىنىدەك مەبۇدىغا ئايلاندۇرۇپ ئالدۇق. ئاشۇ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرمۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن ئەجەپلىنىپ: «مەن خۇدا بولسام، نېمىشقا مۇنداق ئۆلىمەن» دېگەنىكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ستالىن ئۆلگەندە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەملەر: «ياق، بۇنداق زات ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بىزنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭسىز بىز فاشىزمنى يېڭەلمىگەن بولاتتۇق» دەپ خىتاب قىلغان. ئەسلىدە ئەنە شۇ ئامما، پاك دىل ساددا ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى مەملىكەتنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ بالا-قازادىن ساقلاپ قالغان، تۆككەن قانلىرى، بەرگەن قۇربانلىرى ھېسابىغا ئۇرۇش ئاپىتىنى دەپنە قىلغانىدى.
    ئۆزبېكىستاندا تا 50-يىللارغىچە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىر ئەسلەپ كۆرۈڭ:
    ھەممە ئىمانلىق ئېتىقادلىق ئادەملەر سوراقسىز ئېتىلدى، ئەرەب يېزىقىنى بىلگەن ۋە شۇ يېزىقتىكى كىتابلارنى ئوقۇغان ئادەملەر يوقىتىلدى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر ئاياغ-ئاستى قىلىندى، مىللىي غۇرۇر كەمسىتىلدى. ھەتتا ئاتمىشىنچى يىللاردا توي-تۆكۈنلەردە كاناي-سۇناي چېلىش كونىلىق قالدۇقى سۈپىتىدە تەقىقلەندى، يەتمىشىنچى يىللاردا پارتىيىلىك كىشىلەر بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرغىنى ئۈچۈن تەشكىلىي خازاغا ئۇچرىدى. سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلگەن ئاتىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇتقان ياكى قەبرىستانلىققا بېرىپ كۆز ياش تۆككەن ئادەملەر شەرمەندىلەرچە ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ ئەخمەقلىقلەرنى خەلق ئەمەس، بەلكى رېسپوبلىكىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ئويلاپ تاپتى. ئاشۇ چاغلاردا ئەسقەد مۇختەردەك ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز، مۇشۇنداق بولمىغۇر ھەرىكەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆز سەپداشلىرىنى قوغدىسا بولماسمىدى؟ ئۇ چاغلاردا يەنە ئابدۇللا ئارىپوۋتەك تۇنۇلغان تالانتلىق شائىرمۇ جاسارەتلىك قەلەمكەشلىرىنى ياقىلاپ ئەمەس، نوپۇزلۇق رەھبەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان شېئىرلارنى يازدى. ئەمدى ئۇ كىچىك داھىلار يوق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق ئۇلار قاماقتا. ئەمدى بىز بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىزئ مەن دۆلەت جىنايەتچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان شەراپ رەشىدوۋ ھەققىدە ئەسەر يازغان مىرموھسىن، ئۇنى ئەسەرلىرىگە پىروتوتىپ قىلىپ ئېلىپ ئۇنىڭ ساخاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھەمىت غۇلام، «كەشمىر قوشىقى» غا سۆز بېشى يېزىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغىنى ئۈچۈن بېشى كۆككە يەتكەن تۇراپ تۈلە ۋە باشقا ئونلاپ قەلەم ساھىپلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە توۋا قىلمايۋاتقانلىقىغا، خەلققە ئەمەس رەھبەرلەرگە يېقىشى ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشاشنىڭ پاجىئەلىرىنى ئېچىپ، ياشلارنى ھوشيارلىققا ئۈندىمەيۋاتقانلىقىغا ئەجەپلەنمەيمەن. ھەركىمدىن ئۆزىگە يارىشا نەرسە تەلەپ قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە. رۇس يازغۇچىلىرى ئوتتۇزىنچى يىللاردا قارىلانغا قەلەمكەشلەرنى ئاقلاش، چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ خەلققە تونۇتۇشىنىڭ غېمىنى يەۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزبېك ئەدىپلىرىنىڭ نېمىلەر قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىمامسىز. ئارىمىزدا ھازىرغىچە چولپان، پىترەتلەرنى ئاقلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلار، ھەتتا بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئىجاد قىلغان بابوردەك بۈيۈك ئاللامىغا ئۆزىچە باھا بېرىپ قارىلايدىغانلار بار. سىز بولسىڭىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سورايسىز، ئېتىقادنى قويۇڭ، ئارىمىزدا ۋىجدانى پاك ئادەم تېپىلامدۇ، دەپ سوراڭ. ئېھتىمال بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىش ئاسانراقدۇر. ئالىمباي! نېمىشقىدۇر بىزدە ۋىجدانسىز ۋە خىيانەتچى دېگەن ئىبارىلەر پەقەت سودا خادىملىرىغىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرت، كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سوزىدىغان، جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن جان-دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىرىمۇ بار. ئەپسۇسكى، مەن زىيالىيلارنىڭ، ھەتتا يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا باشقىلارغا چىندىن، ئىچى كۆيۈپ ياردەم قىلىدىغان بىرەر مەرتنى ئۇچراتقىنىم يوق. ئۇستاز ئايبەكنىڭ ياشلارغا سەمىمىي ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق. م. پىرىيشۋىن قېرىغان چېغىدا نەشرىياتنىڭ باشلىقىغا تېلېفون بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا تۆت ياش يازغۇچىنىڭ كىتابىنى چىقىرىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، تىۋار دوۋىيىسىكىنىڭ ۋ. تىندىرياكوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى، ف ئابراموۋنىڭ، چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى جاپادا بېسىپ چىقارنلىقىنى، باشقا بىرمۇنچە قەلەمكەشلەرگىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپتىن ناھايىتى كۆپ ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى تىرىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قايسى بىرى بۇ زاتى مۇبارەكلەرگە ئوخشايدۇ؟ ناھەتكى ئۇلار ئالىيجانابلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا؟ ۋەھالەنكى، شەرق مۇتەپەككۇرلىرى: «ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرگىن»، دەپ تەلىم بېرىدۇ. نېمىشقا بىز بۇ مىزانغا ئەمەل قىلالمايمىز؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم ئۆز مەنپەئەتى، ئۆز ھۇزۇر-ھالاۋىتىنىلا ئويلايدۇ؟ ئاخىر، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا بەرىكەت بېرىلىشىنى، بېخىلنىڭ بېغى كۆرمەسلىكنى ھەممە كىشى ئوبدان بىلىدىغۇ، نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ... قويۇڭ، بىھۇدە سوئاللار بىلەن بېشىڭىزنى قاتۇرماي، بۇنىڭ سەۋەبى ئايان: ئىمان ۋە ئېتىقاد يوقالغان.
    سىزنىڭ ئۆتكەندە ئارگېنتىنالىق يازغۇچى خولىئو كورتا سارنىڭ «ئىزمو-ئىز» ھېكايىسى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلىگەنلىكىڭىز ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھېكايە قەھرىمانى ئۆتمۈشتە ياشىغان بىر كلاسىك شائىر ھەققىدە بەكمۇ ئاجايىپ ئەسەر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى بىرمۇنچە چۇقان-سۈرەنگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنى يوقىرى لاۋازىم بىلەن ئالىي مۇكاپاتقا تەۋسىيە ئېتىشمەكچى بولغان پەيتتە ئەسەر قەھرىمانى ئۆزى كۆككە كۆتۈرگەن ھېلىقى كلاسسىك شائىرنىڭ ئەسلىدە ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ۋە مۇناپىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مەشۇقىغا ئۆز قولى بىلەن يازغا خېتىنى كۆرىدۇ-دە، ھەممە ئىمتىيازلاردىن ۋاز كېچىپ، كلاسسىك شائىرنىڭ ساتقىن ۋە مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشقا كىرىشىدۇ.
    بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ھاياتىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئېشىپ-تېشىپ يېتىپتۇ. تۈنۈگۈنلا تەڭدىشى يوق ئالىيجاناب، ئاجايىپ تەشكىلاتچى دەپ كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن كىشىلىرىمىز بۈگۈن دۆلەت جىنايەتچىسى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە بىزنىڭ بىرەر يازغۇچىمىز كورتا سارنىڭ قەھرىمانىدەك ئۆز روھىيتىنىمۇ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ پىكىر تەسەۋۋۇرىنىمۇ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، ئۆزىگە قارشى، ھازىرغىچە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ناتوغرا سىياسەتلەرگە قارشى بىرەر ئىش قىلغىنى يوق. ياق، مەن ئۇنداق قەلەمكەشلەرنى خاتا قىلغىنى ئۈچۈن تىز پۈكۈپ كۆز ياش تۆسۇن دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە ئاشۇ يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى يول قويغان خاتالىرى، تەمەخورلۇقى تۈپەيلىدىن يۈز-ئابرويىنىڭ تۆكۈلگەنلىكلىرى مىسالىدا ياشلارنى ھوشيارلىققا ئۈندەشلىرى لازىم، دەپ ھېسابلايمەن. بۇنىڭدىن يالغۇز ئەدەبىياتىمىزلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادىمىزمۇ مەنپەئەت كۆرىدۇ، ئادالەت تىكلىنىدۇ. ۋىجدانىمىز پاكلانمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا كىرى كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۆزى ھالاللىق ۋە پاكلىققا تاشلانغان بىر قەدەم بولىدۇ. بۈگۈنكى ئاشكارىلىق، پۈتۈن ئىتتىپاق 19-پارتىيە قۇرۇلتىيى بەلگىلەپ بەرگەن يول شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي ھۈججىتىدە: «ئاشكارلىق، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد ئاخىرقى ھېسابتا خەلق مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ سىياسىي تەركىبىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ھاياتلىقىنى، مەنىۋى ساغلاملىقىنى نامايىش قىلىدۇ»، دېيىلىدۇ.
    تۈنۈگۈن سىز تونۇلغان بىر ئالىمنىڭ تېلېۋىزوردىكى مۇناپىقانە چىقىشى ھەققىدە كۆيۈنۈپ تۇرۇپ گەپ قىلغان ئىدىڭىز. مەن ئۇ چاغدا گېپىڭىزگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كۆيۈنىشىڭىزنى قىزىققانلىق ۋە ياشلىقتىن بۇلۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدىم. ئالىمباي، كىملەرگىدۇر ياخشى كۆرۈنۈپ تۈزۈكرەك ئەمەلگە ئېرىشىشتىن باشقا قايغۇسى بولمىغان بۇ ئادەمدىن باشقا نېمە كۈتۈش مۇمكىن؟ ئەسلىدە پەن دوكتورى، ئاكادېمىك بولغان ئادەم خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئاكادېمىك ساخاروۋنىڭ، ۋىگاسوۋنىڭ يادرو فىزىكىسى ساھەسىدىكى كەشپىياتلىرىنى ھەممە بىلىدۇ. پروفېسسور نازىمە دېھقان خوجايىۋانىڭ ئىلمىي ئىزلىنىشلىرى، خەلق سالامەتلىكىنى ساقلاش يولىدىكى ئىشلىرى ماختاشقا سازاۋەر، ئاكادېمىك ئاتابېك ئىشانوۋنىڭ تارىخىمىزنىڭ قارا چاپلانغان سەھىپىلىرىنى ئېچىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، لېكىن سىز ئېيتقان ھېلىقى ئالىم پەنگە، خەلققە نېمە بەردى؟ ئۇنىڭ قايسى بىر ئەسىرى قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلدى؟ تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ ئالىم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى ھۆججەتلەر ئاساسىدا يىرىك ئەسەر يېزىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇ ئىشقا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلىمىمۇ، قابىلىيىتىمۇ يېتىدۇ. لېكىن يازمايدۇ، يازالمايدۇ! قايسىدۇر بىر نائەھلى تارىخىمىزنى يۈز قېتىم ساختىلاشتۇرسۇن، نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ئىنسانىيەتكە نى-نى ئاللامىلارنى بەرگەن ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ ساۋاتلىق تۈركى خەلقىنى يالغۇز رۇس ئالپاۋىتىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن ساۋاتسىزغا چىقارسۇن، ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى مەدەنىي ھاياتىمىزدا ئىلغار ئىشلارنى قىلغان، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغان جەدىتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىنى ئۆگىنىش تەقىقلەنسۇن، ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ھەمزە بىلەن بىللە ئونلاپ تالانتلىق شائىرلارنىڭ بولغانلىقىنى ئەتەي سىر تۇتسۇن، بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ خەلق كېۋەزگە سېپىلگە ئونلاپ زەھەرلىك دورىلاردىن قىرىلىپ كەتسۇن، ئۇ ئادەمگە بەرىبىر. مۆھتەرەم ئاكادېمىك ھەممە نېمىگە كۆز يۇمۇپ تىلىنى چىشلەپ يۈرۈۋېرىدۇ. ئىش قىلىپ ئورنىدىن، ھۆرمەت-ئېتىبارىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولىۋېرىدۇ.
    قاچانكى ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆلسە، ئىمان-ئېتىقادتىن ئايرىلسا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى پەرۋاسىزلىق مەسخۇشلۇقى ئىگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەدەبىي ھاياتىمىزدا ئاشۇنداق مەسخۇشلۇق ھۆكۈم سۈرىۋاتمامدۇ؟ بىز ماختاپ، كلاسسىكقا چىقىرى قويغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھېچقانداق مەنىۋى پەزىلەتلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېچكىم يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتمامدۇ؟ نى-نى پەن دوكتۇرلىرى، پەن كاندىداتلىرى ئالىممەن، دەپ مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئەدەبىي تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي مەدداھلاردۇر. ئۆتكەن يىلقى يىللىق پىروزا مۇھاكىمە يىغىلىشىدا سىزنىڭ ئېيتقان پىكىرلىرىڭىزدىن بەكمۇ خۇشاللاندىم. ۋەھالەنكى، يىغىن رەئىسى سىزگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئالدى بىلەن نوبىل مۇكاپاتى ئېلىڭدە، ئاندىن باشقىلارغا ئەقىل ئۆگىتىڭ، دەپ لوقما سېلىپ گېپىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكان بەرمىدى. شۇ چاغدا سىز تەنقىدچى ئومورزاق ئولجابايىۋقا: «سىز مېنىڭ ئەسىرىمنى ھېكايە ئەمەس، دېگەندىن كۆرە، بۇ نەرسە ئوغرىلانغان دېسىڭىز خۇشال بولاتتىم. سەۋەبى بۇ ھېكايەمنى كورتاسارنىڭ «ۋەسۋەسە» ناملىق ھېكايىسىغا تەقلىد قىلىپ يازغانمەن» دېدىڭىز. «ۋەسۋەسە» جاھان خەلقىلىرىنىڭ ئونلاپ تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ سۆيۈپ ئوقۇلسۇنۇ، ئۆزبېك ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسى بولغان ئادەم ئاشۇ روھتا يېزىلغان ئەسەرنى ھېكايە ئەمەس، دەپ ھېسابلىسۇن. بۇ نېمە؟ پىكرى مەجرۇھلۇقىمۇ ياكى ساۋاتسىزلىقىمۇ؟ بىز تا ھازىرغىچە بىر چاغلاردا يېزىلغان ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى سەۋىيىسىدە پىكىر قىلىپ كىلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزغا ۋىجدانەن يانداشمىغانلىقىمىزنىڭ، زىممىمىزگە ئادەملەرنى مەرىپەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېمىشقا بىزدە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ سەۋىيىسى بۇنچىلىك تۆۋەن؟ ئېھتىمال ئەدەبىياتىمىز تەنقىدتىن تۆۋەن تۇرىدىغاندۇ؟ ئېھتىمال نېمىشقا بىز ھەرقانداق ئېھتىماللارنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇپ، بار مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئۆزىنى ئادىل باھالىمايمىز؟ ياكى ۋە ئاستاپىيىۋنىڭ «مېنىڭ قارىشىمچە تەنقىدچى قاراۋۇل ۋە سۈپۈرگۈچى بولۇشى، ئەدەبىي مەدانىمىزدىكى ھەرخىل ئەخلەت-چاۋالارنى تازىلىشى كېرەك. لېكىن مەن ئونلاپ دوكتۇر ۋە ئاكادېمىكلار ئىچىدىن مۇنداق ئىشقا لايىق بىرمۇ تەنقىدچىنى تاپالمىدى» دېگىنىدەك، بىزدە ھەقىقىي تەنقىدى يوقمۇ؟
    ئالىمباي! ئاندىرسىننىڭ يالىڭاچ پادىشاھ ھەققىدىكى چۆچىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭدا قىپيالىڭاچ پادىشاھ «كىيىمىڭىز نېمانچە چىرايلىق، ئۆزىڭىزگە نېمىدېگەن ياراشقان» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر مەرت تېپىلىدۇ-دە، پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ بىزمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسمىزمۇ؟ كېيىنكى چاغلاردا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۆزبېكىستان خەلق يازغۇچىلىرى مىرموھسىن، ئىبراھىم رەھىم، پروفېسسور ھاپىز ئابدىسەمەتوۋلارنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم. ئۇلار ئاشكارلىقىنى، شەخسىي تەلەپ-دەۋالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نومۇسسىزلىق قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ بىلسە كېرەك. يېشى يەتمىشكە بېرىپ، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياسى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خەلققە ئېيتىدىغان زۆرۈر گەپلىرى، كۆڭۈل ئارزۇلىرى، يۈرىكىنى ئازابلايدىغان ئۈكۈنۈشلىرى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ چوڭ، ئومۇمىي دەردلىرى، خەلققە يەتكۈزىدىغان ئارمانلىرى يوقمىدۇ؟ بۇ نەرسىلەرنى ئويلىسىڭىز مېڭىڭىزگە سانجىق تۇرۇپ، يۈرىكىڭىز ئېزىلىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئويلىماي ئىلاجىڭىز يوق. چۈنكى بۈگۈنكى ئاشكارلىق شۇنىڭغا ئۈندەيدۇ. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بىزدىن كېيىنكىلەر ھېلىقى يالىڭاچ پادىشاھنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالمىسۇن، شەخسىي دەۋا ۋە ئاغرىنىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيەتنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللانسۇن، ئادەملەرگە تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزسۇن.
    ئادەم ۋىجدانىنى قىينايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەمەخورلۇقتىن تارتىشى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەسلىكى كېرەك. تەمەخور خۇددى سۆڭەك تۇتقان ئىگىسىنىڭ ئالدىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرغان ئىتقا ئوخشايدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ھېچقاچان، ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىپ، ۋىجدانى بىلەن ياشايدۇ. يەر يۈزىدە بىر ئىمانلىق ئادەم بار ئىكەن، قىيامەت بولمايدۇ، دېگەن گەپ بار. مەن بۇ گەپكە ئىشىنىمەن. تېخى قىيامەت بولمىغانىكەن، ئەتراپىمىزغا خالىس كۆز تاشلىشىمىز، ئېتىقادلىق كىشىلەرنى كۆرسەك بېشىمىزغا كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.
    ئېتىقاد ئىنساننى پەسلىكتىن، ھەرقانداق تەمەدىن، رەزىللىكتىن ساقلايدىغان ھىدايەت نۇرى! لېكىن بۇ نەرسە ھەممە كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ئۆزىگە راۋا كۆرگەن نەرسىدىن باشقىلارنىمۇ تېزرەك بەھرىمەن قىلىشقا ئالدىرايدۇ.
    ئالىمباي! يەتمىش يىلدىن بېرى يالغان-ياۋداقلار بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ ياشىدۇق. ياسالغان خۇدالارغا چوقۇنۇپ، رەزىل، گۇناھلىق قىلمىشلارغا پاتتۇق. كېلىڭ، ئەمدى ئاشكارىلىق، تەڭلىك شامىلى كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە «ھەقىقەتنى، غاپىل، ناھەق نەرسىلەرگە ئوراپ يوشۇرماڭلار، ئۇنى خەلقتىن پىنھان تۇتماڭلار» دېگەن دانا ھېكمەتكە ئەمەل قىلىپ كىشىلەر قەلبىگە ئېتىقاد نۇرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشايلى. يەر يۈزىدە ئارنومۇسنى بىلىدىغان، ئىمانلىق ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى تىلەيلى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (ئۆزبېكىستاندا چىقىرىلىدىغان «ياش كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 3-سانىدىن مۇھەممەت پولات نەشىرگە تەييارلىغان، «تەڭرىتاغ»، «ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: http://ketmenbay.blogspot.com
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: