版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85696984.html

    نېمىنى پەلسەپە دەيمىز؟

    ئاپتور: جۇ جىفاڭ


    نېمىنى پەلسەپە دەيمىز؟ دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابى چوقۇم بىر قىسىم ئاساسلىق ئېھتىياجنى قاندۇرالىشى كېرەك.
    بىرىنچىدىن، ئالدى بىلەن ئۇ، پەلسەپە ئىلمىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكىنى شەھرىلىشى ھەم شۇنىڭغا مۇناسىپ ئېنىقلىمىنى بېرىشى كېرەك.
    ئىككىنچىدىن، ئۇ پەلسەپە بىلەن باشقا پەنلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىيالىشى لازىم.
    ئۈچىنچى، ئۇ چوقۇم ھەممە ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتقان پەلسەپە نەزىرىيىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى لازىم.
    تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتىكى دائىم ئۇچىرايدىغان بىرنەچچە تۈرلۈك جاۋاب ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

    (1) پەلسەپە بىلىمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت.
    «پەلسەپە بىلىمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت» دېگەن بۇ ئىبارە «پەلسەپە» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئېتمولوگىيىلىك شەرھىسىدۇر. تەتقىقاتلاردا پەلسەپە(philosophy) ئىبارىسىنى گېرىكچە سۆز بولۇپ، ئۇ «philem» بىلەن «sophia» ئىبارىسىدىن بىرككەن، مەنىسى «بىلىم ئىزدەش»،«بىلىمنى سۆيۈش»تۇر دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىبارە «پەلسەپە بىلىمنى سۆيمەكتۇر، سەن پەقەت بىلىمنى سۆيسەڭ پەلسەپىنى ياخشى ئۈگىنەلەيسەن» دېگەندەك نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەم ئوخشىمىغان شەرھىلەشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان.

    (2) پەلسەپە كىشىنى ئەقىللىق قىلىدىغان پەن.
    بۇ ئالدىنقى ئېنىقلىمىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى. ئالدىنقى ئىبارىدە پەلسەپە بىر خىل «پائالىيەت» دەپ قارالغان. كېيىنكىسىدە بولسا پەلسەپىنى بىر خىل ئىلىم دەپ قارىغان. لېكىن ئو ئوخشاش قىيىنچىلىقلا يولۇققان. يەنى ئۇنىڭدا،«بىلىمى بارلارنىڭ ھەممىسى ئەقىللىقتۇر»، «كىشىنى ئەقىللىق قىلالمىغان ئىلىم ئىلىم ئەمەس» دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ يەردە، پەلسەپە بىر خىل ئىلىم دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇنى ھېچنىمە دېمىگەن بىلەن باراۋەر.

    (3) پەلسەپىنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ساپ نازىرىيىۋى ئۇقۇمدۇر.
    گېگىل پەلسەپىنىڭ تەتقىقات ئوبىيېكتىنى بىر پۈتۈنلۈك، مۇتلەقلىق ياكى ئىلاھدىن ئىبارەت دەپ شەرھلىگەن. بۇ يەردىكى ئوبىيېكىت ھېچقانداق چەكلىك نەرسە ياكى قىسمەن نەرسە ئەمەس. بەلكى ئاداقى نەرسىدۇر. پەلسەپىدىكى ۋاستە ئۇقۇمدىن ئىبارەت. ئۇقۇمنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىرى، ئۇ سەزگۈ ۋە تۇيغۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مەيدانغا كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇقۇمنىڭ ئۆزىدە ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق شارائىتىدا مۇستەققىل ئىشلىتىلىدۇ. ئۇقۇمنىڭ ئاداققى پرىنسىپى بارلىق ئىدىيىگە سىڭىپ كىرىش ۋە ئۇنى تەقسىملەشتۇر. مەيلى سەزگۈ ياكى تۇيغۇ بولسۇن بولار ئابىستىراكىتلىق تەپەككۇردىن ئىبارەت. ئۇقۇم بولسا كونكىرتلىقنىڭ كېڭىيىشىدۇر. يەنى ئۇنىڭ ئۆزىدىلا كونكىرتلىق بولۇپ، ئو ئومۇملۇق بىلەن كونكىرتلىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدىن ئىبارەت. ھەر بىر ئۇقۇم باشقا ئۇقۇملار بىلەن ماھىيەتلىك باغلىنىشلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۆزىدە ئورگانىك باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان ئۇقۇم قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرگەن سېستىما. پەلسەپىنىڭ مېتودى بولسا ئۇقۇملارنىڭ قانات يايدۇرۇلىشىدۇر. مۇشۇنىڭغا تايىنىپ بىر خىل پەلسەپەۋى قاراش باشقا بىلىملەردىن پەرقلەندۇرىلىدۇ .

    (4) پەلسەپە لوگىكىدىن ئىبارەت.
    لوگىكا تەجىربىچىلىك تەرەپدارلىرى بىلەن بۇرۇنقى ئانالىزچى پەيلاسوپلار پەلسەپىنى بىر خىل پائالىيەت دەپ قارىغان. يەنى تىلنى لوگىكىلىق ئانالىز قىلىدىغان پائالىيەت دەپ قارىغان. ئۇلار پەن بىلەن سەنئەت پەلسەپىنى چەتكە قېقىپ، «پەلسەپە بىلەن نېمە ئىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئۇ پەقەت لوگىكا بىلەن ئوخشاش بىر ئۇسۇلدۇر يەنى لوگىكىنىڭ ئۆزىدۇر، ئەگەر لوگىكا بىلەن لوگىكاشۇناسلارنىڭ ئۆزى ھەپىلەشسە، پەيلاسوپلارغا قالىدىغىنى پەقەت لوگىكىلىق ماھارەت بىلەن تىلنى ئانالىز قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ قاراشقان. بۇنىڭدا، ئىنكار قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مېتافىزىكىلىق ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ تىلنى ئانالىز قىلسا، ئۇنىڭدا شەرھلىنىدىغىنى مىتافىزىكىلىق ھۆكۈمدۇر. بۇنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق. ئىنكار قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ تىلنى ئانالىز قىلسا، بۇنىڭدا ئىلمىي ھۆكۈملەر ئېنىقلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ پەلسەپە ئونىۋېرسال لوگىكاغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارالغان.

    (5) پەلسەپە بولسا پەلسەپە تارىخىدۇر.
    «پەلسەپە بولسا پەلسەپە تارىخىدۇر» دېگەن بۇ ھۆكۈمنى شەرھىلەشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئېتىماللىقى بار. بىرى، ئۇ پەلسەپىنى ئۈگۈنىش مېتودى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ پەلسەپە بولسا پەلسەپە تارىخى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى پەلسەپە تارىخىنى ئۈگۈنىش ئارقىلىق پەلسەپىنى ئۈگەنگىلى ياكى ئۇنى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك. يەنە بىرى، ئۇ پەلسەپە ھەققىدىكى ئېنىقلىما بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى پەلسەپە بولسا پەلسەپە تارىخىدىن ئىبارەت. بۇ ھۆكۈم بىر ئېنىقلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزمۇنى مۈجىمەل، ئەگەر ئۇنى پەلسەپە ئۈگۈنىشنىڭ ۋاستىسى دېيىلسە، ئۇنىڭدا بىر تەرەپلىمىلىك بار.

    (6) پەلسەپە پەلسەپىۋى مەسلىدىن ئىبارەت
    كۆپ قىسىم ئەنگىلىيىلىك ۋە ئامىرېكىلىق پەيلاسوپلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەلسەپە پەلسەپىۋى مەسلىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى ئاساسلىقى يىرىك ئەسەر شەكلى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىلمىي ماقالە شەكلى بىلەن نامايەن قىلىنغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب پەلسەپىنى پەلسەپىۋى مەسىلە بىلەن باراۋەر، دەپ قارىغانلىقىدىندۇر. بۇ ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى پەلسەپىۋى مەسلىلەرگە جاۋاب بېرىش بولۇپ، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئەمەس. شۇنىڭدىن كۆرۈپ يېتىشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، پەلسەپە پەلىسەپىۋى مەسىلە ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىن ياكى پەلسەپىۋى مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت. پەلسەپىۋى مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە ماركىسىزملىق پەلسەپە مۇۋاپىق جاۋاب بەرگەن.

    (7) پەلسەپە سىستېمىلاشقان ۋە نەزىرىيىۋىلەشكەن دۇنيا قاراشتۇر.
    بۇ ماركىسىزمچىلارنىڭ پەلسەپىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسىدۇر. بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۈچ خىل شەرتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئېنىقلىما پەلسەپىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بەرگەن. دۇنيا قاراش بولسا دۇنيا ھەققىدىكى تۈپ نۇقتىنەزەر بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى، ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ئورنى، ئادەم بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئاساسلىق قاراشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيا قاراش دېگنىمىز-ئالەم نەزىرىيىسى، كىشىلىك قاراش، قىممەت قاراش ۋە مېتود قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن كىشىدە بۇنداق پەقەت قاراشلا بولسىلا پەلسەپە ھېسابلانمايدۇ. بۇنداق قاراشتا چوقۇم نەزىرىيە بولۇشى ھەم ئاساسى پاكىتلىرى بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئۇ چوقۇم نەزىرىيىۋىلەشكەن ۋە سېستىمىلاشقاندىلا پەلسەپە ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇ ئاساسلىق نەزىرىيە بولغىنى ئۈچۈن تەبىئەت پەنلىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ ھەم باشقا پەنلەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلۇشۇپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە باشقا كونكىرت پەنلەردىن پەرقلىقتۇر. پەلسەپە ھەققىدىكى بۇنداق چۈشەنچە گېگىلدىن بۇيانقى پەلسەپە تارىخى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە. بىز دېمەكچى بولغان پەلسەپە تارىخى بولسا تارىختىن بۇيانقى يۇقارقىدەك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر ۋە بۇنداق ئىزدىنىشلەردىن بارلىققا كەلگەن نەزىرىيە سىستېمىسىدىن ئىبارەت. مۇشۇنداق پەلسەپىلا ئەڭ ئاساسلىق پەلىسەپىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «پەلسەپىۋى مەسىلىلەر» دېمەكلىكنىڭ ئۆزى دۇنيا قاراش مەسىلىلىرى دېگەنلىك بولىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «پەلسەپە تەرمىنلىرى كارتىسى» 2008-يىللىق2-سانى)
    http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2008-10/28/content_36859.htm
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسىچۇ؟

    ئاپتورلىرى:
    گاۋ خەندوڭ، گاۋ يەنفېڭ


    پەلسەپە ئالدى بىلەن پەيلاسوپنىڭ ئىجتىمائىي ھەققانىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغان ساپ نەزىرىيىۋى تەپەككۇر پائالىيىتى ۋە بۇنداق پائالىيەتتىن ۋۇجۇتقا چىققان نەتىنجىدۇر. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، پەلسەپە بىر خىل نېگىزلىك ئۇقۇملار تەنقىدى بىلەن ساپ نەزىرىيىۋى تەپەككۇر پائالىيىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتۇر. بۇنداق پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى: ئادەمنىڭ بىلىشىنى يېڭىلاش ۋە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئادەمنى ئۆزگەرتىش ھەم يەنە مۇئاپپىق يۇسۇندا دۇنيانىغىمۇ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. پەلسەپە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىلتىزى بولسا ئادەمنى ئۆز ماھىيىتىدىن ھالقىتىش. پەلسەپە ئادەمنىڭ روھى ئېھتىياجىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مەھسۇلات. پەلسەپە مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ئىنسانىيەتكە مەڭگۈ ھەمرا بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئازاتلىقى ۋە ھۆرلۈكى دەل پەلىسەپىنىڭ مەڭگۈلۈك نېگىزلىك تېمىسىدۇر. پەلسەپە نەزىرىيىسىنىڭ تەمىن ئېتىدىغىنى بىر خىل ئالاھىدە پورماتسىيىدىكى بىلىم.
    پەلىسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدە
    پەلسەپەنىڭ ئېنىقلىمىسى يوق ئەمەس بەلكى ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ئاداقى ئېنىقلىمىسى يوق.
    بىرىنچى، ھەقىقىي پەيلاسوپ پەقەت ئوقۇملارنى ئوينىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى سىنايدىغان مۇتەخەسىس ئەمەس. بەلكى ئۆزگىچە خىسلەتكە ئىگە، نەزىرى ئۆتكۈر، مۇستەققىل ھەم چوڭقۇر پىكىر قىلالايدىغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، كۈچلۈك تەنقىدى ئاڭغا ئىگە ئادەتتىكى ئادەم.ئۇ يۇقىرى نەزىرىيىۋى تەپەككۇرى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ھەقىقەت قارىشى بولغان نەزىرىيە پائالىيەتچىسىدۇر.
    ئىككىنچى، باشقا ھەرقانداق پەنگە ئوخشاش پەلىسەپىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىدىغان ساھەسى ۋە تەپەككۇر قىلىدىغان ئوبىيېكتى بار. پەقەت بۇ «ساھە» بىلەن «ئوبىيېكىت» بىر ئاز ئالاھىدىرەك.
    ئۈچىنچى، پەلسەپە ھەرگىزمۇ كىشىلىك تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئايرىلغان ساپ ئابىستىراكىت بولغان مۇلاھىزە ئەمەس. ئۇمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ئاۋۋال ئادەمنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دۇنيانى مۇئاپپىق يۇسۇندا ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
    تۆتىنچى، بارلىق پەنلەر ۋە بارلىق مەدەنىي ئەسەرلەرنىڭ ئادەمنىڭ ئېڭىغا تەسىر قىلىش رولى بار. پەقەت پەلىسەپىلا ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ئوبىيېكىت قىلىپ تۇرۇپ، بىۋاستە ھالدا ئادەمنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدغان پەندۇر.
    بەشىنچى، پەلىسەپىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئىقتىدارى بار. بىرى، شەكىللىنىپ بولغان قاراشلار(ئىدىيىلەر سېستىمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەكشۈرۈپ تەنقىد قىلىش. يەنە بىرى، يېڭى قاراشلار ئۈستىدا ئىزدىنىدۇ ۋە ئۇنى ھۇجۇتقا چىقىرىدۇ.
    ئالتىنچى، ئادەتتىكى ئادەم پەلسەپە ئۈگەنسە چوقۇم يېڭى ئاڭغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ روھى مەۋقەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
    يۇقىرىقى ئالتە تەرەپ پەلسەپە كارىدورىنى يورۇتۇپ بېرەلىشى مۇمكىن.
    دىمەك، پەلسەپىگە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. پەلسەپە ئىنسانىيەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىتى ۋە بۇرچىنى ئۆزلىكىدىن زىممىسىگە ئالغان پەيلاسوپلارنىڭ يېڭى ئەمىلىيىتى بىلەن باغلانغان، يېڭى بىلىملەر بىلەن بىرككەن، يېڭىچە روھىيەت بىلەن تەكشۇرۇشكە ئاساسلانغان ھالدا، ھازىرقى كىشىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى قاراشلار ۋە ئىدىيە سىستېمىلىرىنى تەنقىدلەنگەندىن كېيىن، ئىزدىنىش يولى ئارقىلىق مەيدانغا چىققان يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىدىيە سىستېمىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇدىئا قىلغان نەزىرىيقۋىي تەپەككۇر پائالىيىتى ھەم بۇنداق پائالىيەتنىڭ نەتىنجىسىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، پەلسەپە ئىدىيە ئۈستىدىكى تەنقىد بىلەن ساپ نازىرىيىۋى تەپەككۇرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان تەپەككۇر پائالىيىتىدىن ئىبارەت.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «پەلسەپە تەرمىنلىرى كارتىسى»،2008-يىللىق2-سان)
    http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2008-10/28/content_36850.htm
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: