شىنجاڭ تارىخىدىن يىلنامەلەر - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:تارىخ   2010年11月12日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/83467461.html

    «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»دىن يىلنامەلەر

     

    (1) مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە: زوروئاستىر(ئاتەشپەرەستلىك) دىنى شىنجاڭغا كىرگەن.
    (2) مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە: بۇددا دىنى شىنجاڭغا كىرگەن.
    (3) مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە: شامان دىنى شىنجاڭغا كىرگەن.
    (4) مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى: باتۇر تەڭرىقۇت ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلىتىنى قۇردى.
    (5) مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلى: خەن سۇلالىسى قۇرۇلغان.
    (6) مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى: خەن سۇلالىسى ئەمەلدارى جاڭ چيەن بىرىنچى قىتىم غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە كەلگەن.
    (7) مىلادىدىن بۇرۇنقى 119-يىلى: خەن سۇلالىسى ئەمەلدارى جاڭ چيەن ئىككىنچى قىتىم غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە كەلگەن.
    (8) مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى: خەن سۇلالىسى غەربى يۇرتنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربى يۇرت باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان. شۇندىن تارتىپ شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولغان.
    (9) 73-يىلى: شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بەنچاۋ ئەمەلدار ۋە لەشكەرلەردىن 36 كىشىنى باشلاپ غەربى يۇرتقا يۈرۈش قىلغان.
    (10) 91-يىلى: بەنچاۋ غەربى يۇرتقا باش قورۇقچىبەگ بولۇپ تەيىنلەنگەن.
    (11) 220-يىلى: جۇڭگۇ تارىخىدىكى چوڭ داۋالغۇش، چوڭ بۆلۈنۈش دەۋرى بولغان «ۋىي، جىن ۋە جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى» باشلانغان. بۇ دەۋر 360 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ دەۋردە غەربىي يۇرتنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش ئىشلىرى ئۈنۈملۈك بولمىغان.
    (12) 487-يىلى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم قەبىلە بولغان قاڭقىللار تۇرپان ئويمانلىقىدا قاڭقىل بەگلىكىنى قۇرغان.
    (13) 552-يىلى: تۇرك خانلىقى قۇرۇلغان.
    (14) 581-يىلى: سۈي سۇلالىسى قۇرۇلغان.
    (15) 583-يىلى: تۈرك خانلىقى شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.
    (16) 618-يىلى: تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان.
    (17) 630-يىلى: تاڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈرك خانلىقىنى يوقۇتۇپ، غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىنى باشلىغان.
    (16) 640-يىلى: تاڭ سۇلالىسى قۇچۇ بەگلىكىنى يوقۇتۇپ، قۇچۇدا ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان.
    (18) 646-يىلى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى قۇتلۇق ئىلتەبىر تۇنجى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى قۇرغان.
    (19) 657-يىلى: تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈرك خانلىقىنى يوقۇتۇپ، غەربى يۇرتنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرگەن.
    (20) 702-يىلى: تاڭ سۇلالىسى غەربى يۇرتتا بەشبالىق باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان.
    (21) 745-يىلى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى كۆلبويلا ئۆزىنى «قۇتلۇق بىلگە خاقان» دەپ جاكارلاپ، موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان.
    (22) 755-يىلى: تاڭ سۇلالىسىگە قارشى «ئۆڭلۈك-سۆيگىن توپىلاڭى» يۈز بەرگەن. توپىلاڭچى قوشۇن لوياڭنى بېسىۋىلىپ، چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلغان. تاڭ سۇلالىسى خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ تاڭ شۇەنزاڭ ئالاقزادە بولۇپ، سىچۇەنگە قېچىپ كەتكەن.
    (23) 757-يىلى: ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ھەربىي قوشۇن چىقىرىپ، «ئۆڭلۈك-سۆيگىن توپىلاڭى»نى تىنجىتىشقا ئاتلانغان.
    (24) 762-يىلى: ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قوشۇنلىرى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلىپ، «ئۆڭلۈك-سۆيگىن توپىلاڭى»نى ئۈزۈل-كېسىل تىنجىتىپ، پايتەخت چاڭئەن ۋە لوياڭلارنى قايتۇرۇۋىلىپ، تاڭ سۇلالىسىنى بىر قىتىملىق زور ھاكىمىيەت كىرىزىسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان.
    (25) 790-يىلى: تۈبۈتلەر(ھازىرقى زاڭزۇلارنىڭ ئەجدادى) تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىۋالغان.
    (26) 840-يىلى: ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى گۇمران بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ غەرپكە كۆچكەن.
    (27) 848-يىلى: غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى بۆلىكى خېشى كارىدورىغا كېلىپ ماكانلىشىپ، كەڭسۇ(گەنسۇ)نى ئىگەللەپ، گەنجۇدا بارگاھ قۇرۇپ، ئەنشى ئۇيغۇر خانلىقىنى(«گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇرغان.
    (28) 866-يىلى: غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا كىلىپ، پانتىكىننىڭ باشچىلىقىدا ئۇرۇش قىلىپ، تۈبۈتلەرنى غەربىي يۇرتتىن قوغلاپ چىقىرىپ، قۇچۇنى مەركەز قىلغان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان.
    (29) 870-يىلى: غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىلىپ، قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرغان.
    (30) 907-يىلى: تاڭ سۇلالىسى گۇمران بولغان.
    (31) 932-يىلى: قاراخانىلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى سۇتۇق بۇغراخان سامانىلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.
    (32) 955-يىلى: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋاپات بولۇپ، ئاتۇشنىڭ مەشھەد دىگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان.
    (33) 960-يىلى: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا بۇغراخان قاراخانىلار خانلىقى تەۋەسىدىكى 200 مىڭ چىدىرلىق تۇركلەرنى ئىسلام دىنىغا مەجبۇرى ئىتىقاد قىلدۇرغان.
    (34) 1001-يىلى: قاراخانىلار خانلىقى ئۇدۇن خانلىقىنى يوقاتقان.
    (35) 1008-يىلى: تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخرى، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي دۇنياغا كەلگەن.
    (36) 1069-يىلى: ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەردە «قۇتاتقۇ بىلىك» دىگەن مەشھۇر داستانىنى يىزىپ تاماملىغان.
    (37) 1074-يىلى: ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرى باغداتتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىگەن مەشھۇر ئىلمىي ئەسىرىنى يىزىپ تاماملىغان.
    (38) 1124-يىلى: قىتانلار غەربى يۇرتقا كىلىپ، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قارا قىتان خانلىقىنى قۇرغان.
    (39) 1206-يىلى: موڭغۇللارنىڭ ئاقساقىلى تېمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ. موڭغۇل خانلىقىنى قۇرغان ۋە ئۇ «چىڭگىزخان» دەپ ئاتالغان.
    (40) 1209-يىلى: قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى موڭغۇل خانلىقىغا بەيئەت قىلغان.
    (41) 1218-يىلى: موڭغۇل خانلىقى قارا قىتان خانلىقىنى يوقۇتۇپ، غەربى يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.
    (42) 1271-يىلى: چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلايخان بېيجىڭنى ئىشغال قىلىپ يۇەن سۇلالىسىنى قۇرغان.
    (43) 1348-يىلى: چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن تۇغلۇق تىمۇرخان ئالمالىقنى مەركەز قىلىپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنى قۇرغان.ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە 160 مىڭ موڭغۇلنى زورلۇق بىلەن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلدۇرغان.
    (44) 1368-يىلى: مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان.
    (45) 1514-يىلى: چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن سۇلتان سەئىدخان يەركەن خانلىقىنى قۇرغان.
    (46) 1644-يىلى: چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان.
    (47) 1678-يىلى: يەركەن خانلىقى ئاپپاق خوجا باشلاپ كەلگەن جۇڭغار خانلىقى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.
    (48) 1755-يىلى: چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار خانلىقىنى يوقۇتۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.
    (49) 1759-يىلى: چىڭ سۇلالىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئاكا-ئۇكا خوجىلار(خوجا جاھان ۋە خوجا بورخانىدىن)نىڭ توپىلاڭىنى تىنجىتىپ، شىنجاڭنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرگەن.
    (50) 1762-يىلى: چىڭ سۇلالىسى غەربى يۇرتتا ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى قۇرغان.
    (51) 1820-يىلى: ئاپپاق خوجا ئەۋلاتلىرىدىن جاھانگىر خوجا چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەربى يۇرتتىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى توپىلاڭ كۆتەرگەن.

    (داۋامى بار)
    2007-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى.قەشقەر.

    ****************************
    «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» دەرسلىك كىتابىغا ئاساسەن تۈزگۈچى: كەتمەنباي. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىسىڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ.
    ****************************


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: