ئۆركىشى شېئىرلىرى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]
_べ Tag:ئۆركىشى 2010年11月12日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/83528389.html
نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆركىشى شېئىرلىرى
ئۇستاز كەتتى قۇياشنى قوغلاپ
نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆركىشى
ئەنە گۈللەر ئېيتماقتا ناخشا،
شاماللارنىڭ كېلەر تىۋىشى.
ئويغانماقتا ئۇيقۇدىن ئاستا
بۇ كەچكۈزنىڭ سارغايغان چۈشى.
يوپۇرماقلار سۆزلەر ھىكايە،
زىمىن ئۇنى تىڭشار جىمغىنە.
ئۇستاز كەتتى قۇياشنى قوغلاپ،
بىر چىغىر يول بويلاپ ئۇ يەنە.
كىم تېرىيدۇ ئىزلىرىدىن گۈل؟
ئادرىسىنى سورار قاي كارۋان؟
بور توزانى سىڭگەن چاچلىرى
يازار ئۈنسىز بىر ئۇلۇغ داستان!
گۈلللەر جىمجىت، دەرەخلەر مۇڭسىز،
نۇر ئۆمرىگە يازار شەجەرە.
ھەر مىنۇتتا مىڭ كۆيەر ئۇستاز،
ھەر مىنۇتتا يانار مىڭ مەررە.
كەچكۈز غەمسىز سىقار قولۇمنى،
شولا تۆكەر بىر يارقىن سەھەر.
ئۇستاز كەتتى قۇياشنى قوغلاپ،
بىر رىۋايەت تۆكمەكتە گۈللەر.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلىنىڭ --يىللىق 7-8-سانى. 77-بەت. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
收藏到:Del.icio.us