版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38635998.html

    يۈز پەيلاسوپنىڭ ھىكمەتلىرى(3)


    (3)ئىزوپ
    (تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋالقى 640-يىلدىن 560-يىلغىچە)


    فرىگىيەلىك دانىشمەن ئىزوپنىڭ پىشانىسىگە تەقدىر قۇللۇق قىسمىتىنى پۈتكەن ئىدى. ئىزوپ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى مىلادىدىن ئاۋالقى 600 - يىللارغا توغرا كېلىدۇ. تارىخىي مەنبەلەرگە كۆرە، ئىزوپ تۆت يۈزگە يېقىن مەسەل يازغان. ئىزوپنىڭ نامى بىرىنچى قېتىم ھېرودوت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىردە ياشىغان) ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

    ھېرودوت ئىزوپنى تونۇلغان  مەشھۇر تارىخىي شەخس سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ ۋە ئۇ توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
    «1»  ئىزوپ مەسەلچى ئىدى.
    «2»  ئۇ سەماس ئارىلىدىكى لەدمان ئىسىملىك كىشىنىڭ قۇلى بولغان.
    «3»  ئىزوپ تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋالقى 560-يىللارغىچە ياشىغان.
    «4» ئۇنى نامەلۇم سەۋەبكە كۆرە دېلفەدە ئۆلتۈرگەن.

    «ئىزوپنىڭ تىرىكلەرگە ۋەسىيىتى»

    <1>  ئەڭ ئاۋال تەڭرىنى مۇناسىپ تەرزدە ئۇلۇغلا. ئاندىن پادىشاھنى ئىززەت قىل. چۈنكى پادىشاھ ۋە تەڭرى ھۆكمى   باراۋەردۇر. ئۇستازىڭنى ئاتا - ئاناڭ قاتارىدا ھۆرمەتلە. ئاتا - ئانىنى ساڭا تەبىئەت ئاتا قىلغان بولسا، ئۇستازىڭ سېنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازىڭدىن ئىككى ھەسسە مىننەتدار بولۇشۇڭ كىرەك.
    <2>  كەلگۈسى ئىشلار ئۈچۈن سالامەتلىكىڭنىڭ ياخشى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىڭنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ئىستىسەڭ، ھەر كۈنلۈك تائامىڭ سۈپەتلىك ۋە يېتەرلىك بولسۇن.
    <3>  بىئەجەل ئۆلمەي دىسەڭ، شاھ سارىيىدا ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەت.
    <4>  قېرىغاندىمۇ ئىلىم ئۆگىنىشتىن ئۇيالما. ھەرقانداق سەۋەپكە كۆرە، كېچىكسەڭمۇ ئىلىم ئالماقلىق ئەۋزەلدۇر.
    <5>  پۇلۇڭ كۆپ بولسا قۇۋانما، ئاز بولسا قايغۇرما.

    ئىزوپ مەسەللىرى:

    <1>  ئوت ئىلاھى پرومىتىي لايدىن  ئادەم ياسىغاندا، سۇ ئورنىغا كۆز ياشلىرىنى ئىشلەتكەنمىش. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانغا كۈچ بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش پايدىسىزدۇر.  ئىنساننى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى يۇمشىتىپ خاتىرىجەم قىلىپ، ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك. ئەنە شۇ چاغدا ھەرقانداق كىشىدە شۇبھىسىز رەھىم - شەپقەت ۋە مىھرىبانلىق تۇيغۇلىرى ئويغۇنىدۇ.
    ***
    <2>  بىر ھۆكۈمدار ئىزوپتىن سورىدى:
    - نىمە سەۋەپتىن دانىشمەنلەر بايلارنىڭ ھوزۇرىغا بارىدۇ؟ بايلار دانىشمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا بارمايدۇ؟
    ئىزوپ شۇنداق جاۋاپ بەردى:
    - بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، دانىشمەنلەر ئۆزلىرىگە نىمە كىرەكلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. دۆلەتمەنلەر بولسا بىلمەيدۇ. ئەگەر بىلسە ئىدى، مال - دۇنيانىڭ غېمىدە ياشىمىغان بولار ئىدى ۋە دانىشمەنلىكنىڭ پېيىدە يۈرەر  ئىدى.

    زېۋىس ۋە يىلان

    زېۋىسنىڭ تويىغا ھەممە ھايۋانلار تاپقىنىغا يارىشا سوۋغات ئېلىپ كېلىشتى. يىلانمۇ ھەم گۈل چىشلىگەن پېتى سۆرىلىپ كەلدى. زېۋىس يىلاننى كۆرۈپ شۇنداق دىدى:
    - مەن باشقىلارنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىمەن. ئەمما سېنىڭ چىشىڭدىكى گۈلنى ئالمايمەن.
    بۇ مەسەلدىن خۇلاسە شۇكى: يامان ئادەملەرنىڭ ياخشىلىقىدا ھەم خەتەر بار.

    قېرى بىلەن ئەجەل

    بىر قېرى ئورماندا ئوتۇن كېسىپ، ئۇنى ئۆيىگە سۆرەپ ماڭدى. يول بەك جاپالىق ئىدى. قېرى ھالىدىن كېتىپ، ئوتۇننى تاشلىدىدە، ياراتقۇچىدىن ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ يالۋۇردى. شۇ ھامان ئەجەل ھازىر بولدى ۋە قېرىدىن نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى يادىغا ئالغانلىقىنى سورىدى. قېرى ئەجەلگە شۇنداق جاۋاپ بەردى:
    - ئوتۇنىمنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن چاقىرغان ئىدىم.
    بۇ قىسسەدىن شۇنى ھىس قىلىمىزكى، ئىنسان ھەرقانچە بەختسىز بولسىمۇ، ھايات يەنىلا شىرىندۇر.

    *****
    شاھلارغا يا  يېقىنلاشماسلىق كىرەك. ياكى ئۇلارغا پەقەت ياقىدىغان سۆزلەرنىلا قىلىش لازىم.


    *****
    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    ******************************


    历史上的今天:

    قۇۋانچ ئەۋجى 2009年04月29日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: