版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38401966.html

    يۈز پەيلاسوپنىڭ ھىكمەتلىرى(2)


    (2)مىلىتلىك فەلىس

    (مىلادىدىن ئاۋۋالقى 625-يىلدىن 547-يىلغىچە)

    مىلىتلىك فەلىس - ئۆز زامانىسىدىكى يەتتە دانىشمەننىڭ بىرى بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يەتتە دانىشمەننىڭ ئىچىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان. ئۇ بىرىنچى بولۇپ تەبىئەت ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن. قۇياشنىڭ تۇتۇلىشى ئاينىڭ توسۇۋىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ بايقىغان. دىئامىتىر ئايلانمىسىنى تەڭ ئىككىگە بۆلۈشنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. فەلىس ھەم ئاستىرونومىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ، قۇياش تۇتۇلىشتىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن.
    فەلىس مىسىر ئىھراملىرىنى ئۇنىڭ سايىسىغا قاراپ ئۆلچىگەن. ئۇ يالغۇزلۇقتا ياشاپ، دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان.

    ئۇنىڭ مەلۇم بولغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
    (1) «قۇياشنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە»
    (2) «تەڭكۈنلۈك ھەققىدە»
    (3) «سىتسىرون شۇنداق گۇۋالىق بېرىدۇ»
    (4) «پەلسەپە فەلىستىن باشلىنىدۇ. ئۇ بىرىنچىدۇر»

    * * *
    قەدىمقى قوليازمىلاردا فەلىسنىڭ خېچىرى بىلەن سادىر بولغان مانا بۇ ۋەقە ھىكايە قىلىنىدۇ:
    «ئۈستىگە بىر نەچچە قاپ تۇز ئارتىلغان خېچىر دەريادىن كېچىپ ئۆتۈۋاتقاندا، بىخەستەلىكتىن تېيىلىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ھۆل بولغان تۇز ئېرىپ، خېچىرنىڭ يۈكى يەڭگىللەپ قالىدۇ. شۇندىن كېيىن خېچىر ھەر قىتىمقى دەريادىن كېچىپ ئۆتۈش سەپىرىدە ئاتايىن سۇغا بىر چۈمۈلىشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ. نىھايەت، فەلىس خېچىرنىڭ بۇ ھىلىسىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇڭ سىلىنغان قاپلارنى ئارتىشنى بۇيرۇيدۇ. خېچىر نائىلاج بۇ ھەييالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ »


    فەلىسنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر:

    ★ ھەممە نەرسىنىڭ باشلىنىشى - سۇدۇر.
    ★ تەڭرى ھەممە نەرسىدىن قەدىمىيدۇر. چۈنكى ئۇ يارىتىلمىغان.
    ★ يەر سۇدا سۈزىدۇ.
    ★ خۇدانىڭ نە باشلىنىشى، نە ئاخىرلىشىشى بار؟ ئۇ - كائىناتنىڭ تەپەككۇرى. كائىنات جانلىق ۋە ھەر دەمدە ئىلاھىي سىرلارغا تولغاندۇر.

    ★ دىئالوگ:
    س: ئەڭ گۈزەل نەرسە نىمە؟
    ج: ئادەم. چۈنكى ئۇ تەڭرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
    س: ئەڭ تىز نەرسە نىمە؟
    ج: ئەقىل. ئۇ ھەممە نەرسىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ.
    س: ھەممىدىن داناراق نەرسىچۇ؟
    ج: ۋاقىت. چۈنكى ۋاقىتلا ھەممە نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
    س: ھەممە ئۈچۈن ئەڭ ئومۇمىي نەرسە نىمە؟
    ج: ئۈمىد. چۈنكى ئۇ ھىچنىمىسى يوقلاردىمۇ مەۋجۇددۇر.
    س: ئەڭ كۈچلۈك نەرسە نىمە؟
    ج: زۆرۈرىيەت. چۈنكى ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
    س: ئەڭ قىيىن نەرسە نىمە؟
    ج: ئۆزىنى بىلىش.
    س: ئەڭ ئاسان نەرسىچۇ؟
    ج؛ ئۆزگىلەرگە مەسلىھەت بېرىش.
    س: كىمنى بەختلىك ساناش مۈمكىن؟
    ج: تېنى ساغلام، روھىي جەھەتتىن خاتىرىجەم ۋە قابىلىيەتلىك كىشىنى كىمنى بەختلىك ساناش مۈمكىن.
    س: بەختسىزلىككە بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئاسان يولى نىمە؟
    ج: غەمكىنلەرنىڭ سەندىنمۇ يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇش.

    ★ مەن ئۈچ نەرسە ئۈچۈن تەقدىردىن مىننەتدارمەن:
    بىرىنچىدىن، ھايۋان ئەمەس، ئىنسان بولۇپ تۇغۇلغىنىم ئۈچۈن.
    ئىككىنچىدىن، ئايال ئەمەس، ئەركەك بولۇپ تۇغۇلغىنىم ئۈچۈن.
    ئۈچىنچىدىن، ۋارۋار ئەمەس، ئېللىنلىك بولغىنىم ئۈچۈن.

    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    &&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: