版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36802217.html

    يەركەندە بىر دىلرابا كۆردۈم


    ساداقەتجان ھاجى


    كېلىپ يەركەن دىيارىغا گۈزەل بىر دىلرابا كۆردۈم.
    نازاكەتلىك بويىنى رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئارا كۆردۈم.

    ئاماننىسا خېنىم ئىسمى، مىسالى تاش گۈزەل جىسمى،
    لېكىن روھى ئۇنىڭ قۇشتۇر، كۆيۈپ ئۆچمەس لاۋا كۆردۈم.

    ئاجايىپ ئىشتىياق بىرلە ساتار چالمىش مۇقام توۋلاپ،
    مۇقاملار سېھرىدىن قاخشال ۋۇجۇدۇمغا داۋا كۆردۈم.

    تۇرۇپتۇ بەرق ئۇرۇپ گۈللەر بولۇپ كۈي ئەۋجىگە تەڭكەش،
    نە گۈل. قۇشلار ناۋاسىدىن سېھىرلەنگەن ھاۋا كۆردۈم.

    ئاسانمۇ روھىغا ئەلنىڭ سىڭىپ كەتمەك بولۇپ بىر كۈي؟
    ئاڭا ئىشقى بىدار جەننەت ۋىسالىنى راۋا كۆردۈم.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1993-يىل. قەشقەر.
    بۇ شېئىرنى كۆچۈرۈپ باشقا توربەتلەرگە يوللىماڭ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: