版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36801850.html

     

    كەلدى نورۇز باھارنى باشلاپ


    ساداقەتجان ھاجى



    كەل ئوينايلى گۈللەر ئارا، گۈلشەنلەر ئارا.
    كەلدى نورۇز نەۋباھارنى باشلاپ شۇدەم يار.
    يېشىللىققا چۈمدى دۇنيا بولۇپ دىلرەبا
    چۈمدى قۇياش نۇرىغا ھەم بۇ ئانا دىيار.

    بىز تاش ئاتساق ئويغانمىغان بۇلاقلىرىمىز
    بۇگۈن نورۇز كۈيى بىلەن ئويغۇتار بىزنى.
    مۇز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن قوشاقلىرىمىز
    دولقۇنلىتار يېڭىباشتىن ئارزۇيىمىزنى.

    كەل بىتاقەت قىلماي مېنى، پۈتتى شېئىرىم.
    بىللە تۇرۇپ تاشلايلى بىز نورۇز بۇلاققا.
    ئىككىمىزنىڭ يۈرەك سۆزى شۇدۇر ئەزىزىم.
    ئېقىپ بارسۇن ئىككى دەريا بويلاپ ئۇزاققا.

    («قەشقەر گېزىتى» 1997- يىل 3- ئاينىڭ 29 – كۈنى.)

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    باھار تۇيغۇلىرى

    (تۈركۈم شېئىرلار)


    ساداقەتجان ھاجى


    باھار شاتلىقى

    يار مەڭزىدەك قىزارغان ئۇپۇق
    قۇچىقىدا كۈلىدۇ قۇياش.
    نورۇز بۇلاق كۈيلەيدۇ جۇشقۇن
    ناۋالارغا بولۇپ ئاھاڭداش.

    نۇر ئىچىدە كۈلەر ۋىلىقلاپ
    يار ۋەسلىدەك ئېچىلغان غۇنچە.
    مىھرى بىلەن يەرنى قۇچاقلاپ
    سۇلار ئاقار چاچرىتىپ ئۈنچە.

    يوپۇرماقلار شاختا ئەركىلەپ،
    قۇچقاچلارنى ئوينار ئۇچۇرۇپ.
    كۆڭۈلدە زوق قوزغار شاماللار
    چېچەكلەرنىڭ ھىدىنى ئۇرۇپ.

    يىراقلارغا كەتكەن تۇرنىلار
    ئۇۋىسىغا كىلەر قايتىشىپ.
    كۆكنى قۇچار ناخشا-قوشاقلار،
    يۇلتۇزلاردەك ئۇچار يايرىشىپ.

    كۈلەر- كۈلەر شۇ قەدەر ئوماق
    باھارىنى تاپقان كائىنات.
    كۈلۈپ ئۆتەر تاكى بىر ئۆمۈر
    باھار بىلەن باشلانغان ھايات!


    ئۈمىد

    قۇچاقلىشى بىلەن قۇياشنىڭ
    شىرىن چۈشتىن ئويغاندى دەريا.
    نۇر جىلۋىسى چاقناپ مەڭزىدە
    ئاقتى سۆيگۈ باغرىدا گويا.

    دولقۇنلارغا مىنگىشىپ ۋىسال
    كۈيلىرىنى بارار ياڭرىتىپ.
    قىرغاقلاردا تەلمۈرۈپ تۇرغان
    مەجنۇنتالغا ئۈمىد بەخش ئېتىپ.


    مۇھەببەت

    يۈرىكىگە پىچىرلاپ يەرنىڭ
    سۆيگۈ پۇراپ تۇرغان تىنىقتا.
    ناخشىسىنى ئوقۇپ باھارنىڭ
    سۇلار ئېقىپ كىلەر ئېرىقتا.

    ئەركىلىتىپ چىمەن- چېچەكنى
    ئېسىپ ھەم گۈل بوينىغا مارجان.
    سۆيۈپ كېلەر ئېتىز-قىرلارنى
    مۇھەببەتنى قىلىپ نامايان.

     
    لەرزان ئۇچۇپ كېلەر شوخ شامال
     
    ھىدلىرىنى پۈركۈپ باھارنىڭ،
    چېچەكلەرگە بېرىپ خۇشپۇراق.
    لەرزان ئۇچۇپ كىلەر شوخ شامال
    يۈرەكلەردە قوزغاپ ئىشتىياق.

    ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ دەريانىڭ،
    دولقۇنلارغا ئۆگىتىپ ناخشا.
    لەرزان ئۇچۇپ كىلەر شوخ شامال
    كۈي ياڭرىتىپ شۇنچە كەڭ تاشا.


    شائىر ئارزۇسى

    خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان شائىر
    شېئىرىنى تاشلاپ بۇلاققا
    دەريا بولۇپ باھار ناخشىسى
    ئاقسۇن دەيدۇ ئۇزاق-ئۇزاققا.

    شاماللاردا سەگىگەن شائىر
    شېئىرىنى ساماغا تاشلاپ
    پەرۋاز قىلىپ نورۇز ناخشىسى
    كەلسۇن دەيدۇ باھارنى باشلاپ.
     
    خۇشپۇراقتىن خۇش بولغان شائىر
    شېئىرىنى چېچىپ گۈللەرگە
    چۈمسۇن دەيدۇ پۈتكۈل كائىنات
    باھار ئېلىپ كەلگەن كۈيلەرگە.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1989-يىل 3-ئاي. قەشقەر)
    «قەشقەر گېزىتى» 1989-يىل 3-ئايلىق سان

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    بۇ شېئىرلارنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: