ھەقىقەت، ئالتۇن، گۈزەللىك، ئۈمىد - [نەسىرلىرىم]

    _べ Tag:ئىجادىيىتىم   2009年04月02日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37368198.html

    ھەقىقەت، ئالتۇن، گۈزەللىك، ئۈمىد
           
    (نەسىرلەر)


    ساداقەتجان ھاجى


    (1) ھەقىقەت ۋە ئالتۇن

    ھەقىقەت- ئالتۇندۇر، ئالتۇنمۇ- ھەقىقەتتۇر.
    مەرتلەر بايلىقنى دوست تۇتمىسا، بايلىق نامەرتلەرنى تاپىدۇ.
    پۇل قارا نىيەتلەرنىڭ قولىدا بولسا، مۇھتاجلىق ئاق كۆڭۈللەرنى مەسخىرە قىلىدۇ.
    ياخشىلار قانائەتچان بولسا، ئاچكۆزلۈك- يامانلارنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەبۇدقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
    ھەقىقەت مەڭگۈ ھەقىقەت بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالتۇن تاج كىيىپ، ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىشى كىرەك.

    (2)  ھەقىقەت ۋە گۈزەللىك

    گۈزەللىك- دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىدا، ھەقىقەت- دەرەخنىڭ يىلتىزىدا. ئەگەر يىلتىز قۇرۇسا يوپۇرماق تۆكۈلەر، لېكىن يوپۇرماق تۆكۈلسە يىلتىز يەنە كۆكلەر.
    گۈزەللىكنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرار، چۈنكى ئۇ ئاشكارىدۇر.
    ھەقىقەتنى كۆڭلىمىز سېزىپ تۇرار، چۈنكى ئۇ مەخپىدۇر.
    گۈزەللىك چىرايلىق خوتۇنغا ئوخشايدۇ، ناز- كەرەشمە بىلەن كۈلۈپ تۇرىدىغان.
    ھەقىقەت بوينى قاتتىق ئەرگە ئوخشايدۇ، دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرىدىغان.
    شۇڭلاشقا گۈزەللىك ئاسان خاتالىشىدۇ. ھەقىقەت چىرايلىق بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ.
    ئەگەر گۈزەللىك ھەقىقەت بىلەن توي قىلسا، يىلتىزى مەڭگۈ قۇرىماس. خۇددى دەرەختەك ياپ- يېشىل تۇرار. ھەقىقەتمۇ گويا گۈزەللىك كەبى كۆز ئالدىمىزدا ئاشكارا بولار.
    ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشى- پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەللىكىدۇر.

    (3)  ئۈمىد

    جەننەت- بىزنىڭ ئۈمىدىمىزدۇر. ئۈمىد- بىزنىڭ جەننىتىمىزدۇر. ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار مۇقەددەس كىتاپلارنى ئوقۇپ بېقىڭلار.
    ئارىمىزدا پەرىشتىدەك ئادەملەر بار. ئۇلار بىزدىن پاكىز، بىزدىن ساغلام، بىزدىن خۇشھال، بىزدىن ئۇزاق ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قاردەك ئاپئاق ساقىلى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە. تەۋرەنمەس ئىتىقاد مانا مۇشۇنداق مۆجىزىلەرنى ياراتقان.
    مەن سىلەرگە بىر ئېغىز ئۇلۇغ سۆزلەي: ئۈمىد- ماھىيەتتە بىزنىڭ ئىمانىمىزدۇر.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «تۇرپان گېزىتى» 1997-يىل 12-نويابىر)
    باشقا توربەتكە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: