版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/160009737.html

    گىرمانىيە «ياۋرۇپاچە ئىسلام» بەرپا قىلماقچى


    گىرمانىيە ئوسناباۋ خەۋىرى:
    گىرمانىيە ئىلگىرى خىرىستىئان دىنىنى ئۆزگەرتكەن، (يەنى دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىرىستىيان يىڭى دىنى-پىرۇتىستانىت مەزھىپىنى پەيدا قىلغان. -تەرجىماندىن)، يەنى كېلىپ ھازىرقى پاپىنى ئاپىرىدە قىلغان دۆلەت. ھازىر ئۇلار يىڭى بىر ئىلاھى قانداشلىق تىپىدىكى دىن - ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىۋاتىدۇ، لىكىن بۇنىڭ كەلگۈسى تىخى ئىنىق ئەمەس.
    مۇخبىر شىمالدىكى بۇ كىچىك شەھەر ئوسناباۋدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئازادە دەرىسخانىسىدا 30 غا يىقىن مۇسۇلمان ئىمامنىڭ پىرافىسسۇر سۆزلىگەن يىڭى بىلىملەرنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس گىرمانىيەدىكى ۋەزىپىدىكى ئىماملارغا جەمىيئەتنى ئسىلاھ قىلىش ۋە گىرمانىيەنىڭ ئاساسى قانۇنىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلغان بىر قىتىملىق يىڭى دەرسلىكى بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى ئىسلام دىنىدىكى دىن ئۈگەنگۈچىلەرگە گىرمانىيەنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تارىخنى بىلدۈرۈش ھەم مۇشۇ ئىماملار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى نورۋىگىيەدە يۈز بەرگەن قورقۇنۇچلۇق پارتىلىتىش ۋەقەسى دۇنيانى چۆچۈتتى، چىكىدىن ئاشقان ئوڭچىل تەلۋە،ئىسلامغا قارشى ئۇنسۇر بىرونۋىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پارتىلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، 98 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ مۇشۇ ھەركىتى ئارقىلىق ياۋرۇپادا ئىسلاملىشىشقا قارشى ئوت ئاچتى. بۇ ئىش ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سالدى، گىرمانىيەنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتىش پىلانىدا يەنە موھىم نوقتا بولۇپ، نۆۋەتتىكى جىددى مەسلىگە ئايلاندى.
    پۇخ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەكشۈرشىگە ئاساسلانغاندا ھازىر ياۋرۇپادا 44 مىلىيۇن مۇسۇلمان بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسنىڭ %6 نى ئىگەللەيدىكەن، نوپۇسنىڭ ئىشىش سۈرئىتىگە قارىغاندا 2030-يىلى ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى نوپۇسنىڭ %8 نى ئىگەللەيدىكەن. ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمانلار رايۇنى ياۋرۇپالىقلار ھەزىم قىلالمايدىغان مەدەنىيەت توپى بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرىپ -ئادىتى ۋە دىنىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشماقتا، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئوڭچىللار بۇ ئىشلارغا چىداپ بولالماي ئارقا -ئارقىدىن مۇسۇلمانلارغا قارىتا تىرورلۇق ھۇجۇمى قىلماقتا، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە قوغلىۋىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

    ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،شۇ دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋەتمەكچى بولۇپ ئۇلارغا قارىتا سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدىنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگەرتىش ئىلىپ باردى. لىكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى ئاھايىتى ئاز بولۇپ، ياۋرۇپا جەمىيىتى بۇ قاتتىق سۆڭەكنى يۇتۇۋىشكە ئامالسىز قالدى. ئۆتكەن يىلى كۈزدە گىرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل بايانات ئېلان قىلىپ ئاسلىماتسىيە سىياسىتىنىڭ ئۈزۈل -كىسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىنلا فىرانسىيە زۇڭلىسى ساركوزى ۋە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرۇن گىرمانىيە زۇڭلىسىغا ئوخشاش ئەپسۇسلۇقنى ئىپادىلىدى.
    يىقىندا گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىماملارغا قارىتا تەربىيلەشنى يولغا قويۇپ يىڭىچە بىر يول تىپىشنى ئارزۇ قىلدى.

    ئۇلار ئىماملارغا ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى ئۈگىتىپ، ئۇلارغا ياۋرۇپا قىممەت قارشى ۋە غەرىپ جەمىيەت ئىلمىنى، دىنى پائالىيەت ۋە يۇسۇنلارنى ئاستا-ئاستا سىڭدۈرۈپ،ئاخىرىدا ياۋرۇپاچە ئىسلام بەرپا قىلماقچى بولدى.
    گوللاندىيەدە ھۆكۈمەت مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللاندى. يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە سورۇنلىرىنى ئىجارە ئىلىپ، مەسچىتلەردىكى ئىماملارنى شۇ يەر مائارىپى بىلەن تەربىيلەپ ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى.
    فىرانسىيەدە بۇخىل تەربىيلەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپلەر ياردەملىشىپ بىجىردى. خۇددى فىگارۇ گىزىتىدە ئىيتىلغاندەك: - فىرانسىيە ھازىر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىماملارنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.
    نورۋىگىيەدىكى ئوسلۇ ئۇنۋىرىستىتى نۆۋەتتە شىۋىتسارىيەدىكى ئۇپسالا ئۇنۋېرىستېتى بىلەن ھەمكارلىق ئىمزالاپ، بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ مەسچىتلەردىكى ئىماملاردىن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ياۋرۇپا مەدىنىيىتى ۋە ئىدىيە مائارىپى بىلەن تەربىيلەپ، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇلارغا لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىشنى قارار قىلدى. بۇ كىنىشكە ئۇلارنىڭ ئىماملىق سالاھىتىنى ھازىرلىغانلىق بەلگىسى بولۇپ، مۇشۇ كىنىشكە بىلەن ھەر قايسى مەسچىتلەرگە بېرىپ ئىماملىق قىلسا بولىدىكەن.
    ئوسلۇ ئۇنۋېرىستېتى ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى تىرىگ. ۋىل مۇنداق دېدى: - نورۋىگىيەدە يۈز بەرگەن تىرۇرلۇق ۋەقەسى ئۇلارنىڭ ئىماملارنى تەربىيلەش ئىشىنى تىزلەشتۈردى بۇ ھەم دەۋىرنىڭ تەقەززاسى.

    گىرمانىيە ھۆكۈمىتى 5 چوڭ ئالىي مەكتەپكە 4 مىلىيون مەبلەغ سېلىپ مەخسۇس گىرمانىيەدىكى ئىماملارغا قارىتا ئىدىيە تەربىيلەش سىنىپى ئىچىپ مەخسۇس تىزىس تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. مەسلەن ھازىر ئوسناباۋ تەجىرىبىسى ھەر قايسى مەكتەپلەر سىناپ قوللىنىدىغان ئۈلگىگە ئايلاندى، نۇرغۇن مەكتەپلەر ئوسناباۋغا كىلىپ تەجىرىبە ئالماشتۇردى. ئۇلار مەكتەپتە سالاپەتلىك كىيىنگەن ئىماملار ھەم يۈزنى ئورىۋالغان ئاياللانىڭ ئەستايىدىل دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
    كۇرسانتلارنىڭ ئىچىدىكى گىرمانىيەنىڭ غەربىدىن كەلگەن ئىماملارنىڭ ۋەكىلى سەرمان. ياۋۇز بىر قىتىملىق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ ئۇ گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا كەڭچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىمەكتە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: - ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەيدۇ. بىزنىڭ ئاشكارە مۇھاكىمە يىغىنىمىز نۇرغۇن قىززىققۇچىلارنى جەلىپ قىلدى. ئۇلار كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ ئىسلام دىنىغا بولغان قارشىنى ئۆزگەرتتى،ئاداۋەتلىرىنى يوقاتتى.
    نۇرغۇن ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالار ھازىر گىرمانىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ گىرمانىيەدە مەڭگۈلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلالايدۇ. شەرقىي-غەربىي گىرمانىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا گىرمانىيە زۇڭتۇڭى ۋۇرفۇ پۈتۈن مەملىكەتكە سۆزلىگەن تىلېۋىزىيە نۇتىقىدا: - ئىسلام دىنى گىرمانىيەگە تەۋە دىن دېگەن بىر ئىغىز سۆزى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ۋە مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان، لىكىن كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    گىرمانىيە ھۆكۈمىتى 1970-يىلدىن باشلاپ سىرتتىن نۇرغۇن ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلغان، ئىزچىل ئۇلارغا قارىتا ۋاقىتلىق ياللاش سىياسىتىنى قوللانغان. لىكىن بۇ ئىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، گىرمانىيەدە توي قىلىپ بالىلىق بولغان، ياۋۇزنىڭ دادىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا گىرمانىيەدە ھازىر 4 مىلىيۇن 300 مىڭ مۇسۇلمان بولۇپ،ئۇلارنىڭ 3دىن 2 قىسمى تۈرك. ياۋۇز كىچىك چىغىدا تۈركىيەگە ئەۋەتىلىپ ئىسلام مەسەنىيىتىنى ئۈگەنگەن، كىيىن گىرمان ئەدەبىياتى ۋە تۈرك ئەدەبىياتىنى ئۈگەنگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر مەسچىتنىڭ ئىماملىقىغا تەكلىپ قىلىنغان.

    ئومۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا گىرمانىيەدىكى ئىسلامنى خاتا چۈشىنىش ۋە كەمسىتىشتىن نارازى، مەسىلەن ئۇنىڭ يانچۇقىدا بىر پارچە گىزىت بار بولۇپ ئىچىدە ئىسلامغا دائىر بىر ماقالە بار، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: -كۆپ قىسىم گىرمانىيەلىك ئىسلامغا قارىتا گۇمان نەزىرىدە قارايدۇ. يەنە تىخى بىر خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە %60 تىن كۆپرەك گىرمانىيەلىك مەسچىتلەرگە سەلبىي نەزەردە قارايدۇ.
    گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىماملارغا قارىتا تەربىيلەش ئېلىپ بېرىشى مۇسۇلمانلار رايونىدا ياخشى ئىنكاسقا ئىرىشتى. كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار كوللىكتىپى بۇ ھەركەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئىسلامنىڭ تىزرەك گىرمانىيە جەمىيىتىگە قوبۇل قىلىنىشىنى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنلۇق قوبۇل قىلىنىپ بۇندىن كىيىن قايتا كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىقىنى ئۆمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە گىرمانىيەدە 900دىن كۆپرەك مەسچىد بولۇپ بۇلارنىڭ 3دىن بىرىدىن كۆپرەكىگە تۈركىيىدىن تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەر ئىماملىق قىلىدۇ، ئۇلار گىرمان تىلى بىلمەيدۇ، لىكىن، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ گىرمانىيە مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغانلىقكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. لىكىن مۇسۇلمان رايونىدا چوڭ بولغان بالىلار ئارسىدا مەدەنىيەت ئايرىمىچىلىقى مەۋجۇت.
    تىل توسالغۇسى سەۋەبىدىن ئىماملار بىلەن خەلق ئارسىدا ئالاقە قىيىنچىلىقى پەيدا بولۇپ بەزى زىدىيەتلەر پەيدا بولدى. بۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت دىن ئىدارىسى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋال.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «نور ئىسلام تورى»
    مەنبە: «شىنجاڭ نىدا تورى»(2011-09-05)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://xjnida.com/ji/1/703.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: